"سالچىلار"، "قۇم باسقان شەھەر" قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى مەمتىمىن ھوشۇر "ئاپتۇربىلەن سۆھبەت" پىروگراممىسىدا
(4-سان)
بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى ئوقۇرمەنلەرنى ئاپتۇر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش شەرىپىگە ئېرىشتۈرۈش مەقسىدىدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى، «قۇم باسقان شەھەر»، "سالچىلار"، «نەي ئاۋازى»، «كونا ـ يېڭى ئىشلار»،«ئۆلۈككە خەت»، «سالام ھېسام ئاكا»، «ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىلى ۋارىيانتى»، «ئوت كەتكەن دەريا»، «قىرلىق ئىستاكان»، «بۇرۇت ماجىراسى»،«بۇ چۈش ئەمەس»،«نۇزۇگۇم»،«يىللارشۇنداق ئۆتكەن»،«ئىلى خەلق ناخشىلىرىنىڭ تارىخى بايانى»،«قىرلىق ئىستاكان»،«ئايخان» (16پارچە) قاتارلىق رومان، پوۋېست، ھېكايىلار توپلاملىرىنىڭمۇئەللىپى مەمتىمىن ھوشۇر ئەپەندىمنى تەكلىپ قىلىپ داڭلىق ئەسىرى"سالچىلار" ناملىق كىتابى ھەققىدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈزتۇرانە سۆھبەت ئۇيۇشتۇرماقچى. "سالچىلار" ناملىق 2 قىسىم كىتابتا ئاپتور شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ سۇ قاتنىشى تارىخىدىكى مۇھىم ئىشلارنىڭ بېرى بولغان دەريادىن پايدىلىنىپ ئادەم، ياغاچ-تاش،مال-چارۋا ۋە باشقا نەرسە-كېرەكلەرنى تۇشۇشتىن ئىبارەت خەتەرلىك بىر تارىخى تۇرمۇشنى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. سىز يۇقارقى مەزمۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك بايانلارنى ئاپتورنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلاپ ھەمسۆھبەتتە بولۇشنى خالىسىڭىز بۇقېتىمقى پائالىيەتكە قاتنىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز!
سۆھبەت ۋاقتى: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ14 -كۈنى (يەكشەنبە) چۈشتىن كېيىن 1:30 دا (شىنجاڭ ۋاقتى)
رىياسەتچى:"بىركىتاب بىر ئالەم" پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى كۈرەش بارات مۇئەللىم
ئورنى:بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى (يەنئەن يولى556 -نۇمۇر، رۈيدا چىگرا رايون دۇنيا سودا مەركىزى12-قەۋەت تىزىملىتىش ئورنى: شىنجاڭ بىلكۈچ كۇتۇبخانىسى ئالاقەلىشىش تېلېفون نومۇرى:2556408-0991
قۇشۇمچە پائالىيەت: ئاخىرىدا ئىمزالىق كىتاب سېتىش پائالىيىتى ئېلىپبېرىلىدۇ.
تىزىملىتىشھەققى:100 يۈەن (بۇ پۇل كۇتۇبخانىمىزغا كىتاب سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.)
ئەسكەرتىش: ئورۇن چەكلىك بولغاچقائوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ كۇتۇبخانىمىزغا تېلېفون ئۇرۇپ ئالدىن تىزىملىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!