|
|
|
|
تىببى مەكتەپ
تونۇشتۇق بىز تۈنۈگۈن، كىلىپ مەكتەپ قوينىغا. ئوقۇۋاتىمىز بىز بۈگۈن، كىرىپ ئىلىم ئويىغا.
نامى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ، قەشقەر تىببى مەكتەپتۇر. سورىساڭ گەر ھەر كىمدىن، بىلمەيدىغان كىشى يوقتۇر.
ئورنى بىزنىڭ مەكتەپنىڭ، قىزىل دەريا بويىدا. ئۇدۇلىمىز 6-ئوتتۇر سول تەرىپىمىز ھېيىتگاھ
ساۋاقداش بىز ھەرخىل، بىر-بىرىمىزدىن ئەشەددى. دەيمەن ئۆتسەك دوست بولۇپ، ئىناق-ئىجىل ئەبەدى.
ھەي ساۋاقداش ئاڭلاپ تۇر، پۇت-قولۇڭنى رۇسلاپ تۇر. بولۇپ ئوقۇشتا بىرىنجى، ئۆز-ئۆزۈڭنى داڭلاپ تۇر.
كىشى ئۆزىنى داڭلىسا، ئۇ ئەمەستۇر ئەخمەقلىق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەم، بولسۇن سەندە كەمتەرلىك.
بۇ ئازادە سىنىپلار، بىز ھەممە ساۋاقداشنىڭ. ئىنتىزامنى بۇزىدىغان، ئەمەستۇر بىر ئىككىڭنىڭ.
دەرىس ۋاقتىدا ئويناپ، بۇزدۇڭ سەن دىققىتىمىزنى. ئەمدى ھوشىڭنى يىغىپ، ئالمىغىن سەن ۋاقتىمىزنى،
بۇنداق تولا قاقشاتساق، مۇئەللىممۇ ئۆچ بولماق، ھەي ساۋاقداش ئويلاپ باق، بىزلەر كەلدۇق نىمە ئۈچۈن؟؟؟
ھەممىمىزنىڭ نىشانى ، پەقەت كەسىپ ئۈگۈنۈش. كەلگۈسىدە بولۇپ دوختۇر، كىسەللەرنى تۈگۈتۈش.
قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، ئوقۇيلى بىز ياخشى، كەسپىمىزنى ئۈگۈنەلمەي، بولۇپ قالمايلى باخشى.
ھەي ساۋاقداش ئوقۇيلى، نام-ئەمەلنى ئالايلى. قىززىق قاننى تەكشۈرۈپ كەسپىمىزنى قىلايلى.
ئابباس ئابلەت ئىككىنجى ئىجادىيىتى
2014-يىلى 1- نويابىر
قەشقەر
|
|
|
|
|
|