مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7876|ئىنكاس: 58

ئىشتىنىڭنى كىيىۋال، ئەي يىگىت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8060
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8257
تۆھپە نۇمۇرى: 346
توردا: 745 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2014-12-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 09:57:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىشتىنىڭنى كىيىۋال، ئەي يىگىت

مۇھەممەت ئابلىمىت

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۈندىدار دۇنياسىدىكى بارلىق ئەزىز قېرىنداشلار، ماۋزۇنى كۆرۈپلا كىم ئىشتىنىنى سېلىۋەتكەندۇ، دەپ ھەيران قېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭدىن بىر ھەپتە ئىلگىرى ئۈندىداردىكى دوستلار چەمبىرىكىدە ئىنتايىن قاملاشقان، كېلىشكەن، قاش ــ كۆزى جايىدا، چىرايلىق بۇرۇتى ئۆزىگە ياراشقان 25 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر يىگىتنىڭ ئەت بىلەن ئانچە پەرق قىلىپ كەتمەيدىغان رەڭدىكى بىر نېپىز كالتا ئىچ كىيمدىن باشقا ھېچقانداق كىيىم كەيمەي ئۇيغۇر خەلق ناخشىسىنى يۇقىرى ئاۋازدا قويۇپ، بەللىرىنى ئۇياققا ــ بۇياققا تولغاپ، بولمىغۇر قىلىقلارنى چىقىرىپ «ئۇسۇل» ئوينىغان قىسقا فىلىمنى كۆردىڭىز ھەقاچان. بۇ فىلىمنى كۆرگەندىن كېيىن بىر نەچچە كۈنگىچە كۆزۈمدىن ئۇيقا قاچتى. ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق خەلقنىڭ نەپرىتىنى قوزغايدىغان، كۆرگەن ئادەم ھېچبولمىغاندا «ساراڭكەن» دەپ قويىدىغان، «يالىڭاچ ئۇسۇل» فىلىمىنى مىليونلىغان ئۈندىدار ئىگىسىگە تارقاتقانلىقىنى زادىلا ئىدىيەمدىن ئۆتكۈزەلمىدىم. شۇنىڭ بىلەن قولۇمغا قەلەم ئېلىشقا مەجبۇر بولدۇم. ئۇ بۇ فىلىمنى تارقىتىش ئارقىلىق زادى نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ كۆپچىلىك مۇشۇ نۇقتىنى ئويلىشىپ باقتىمۇ بىلمىدىم، بىراق مەن بۇ فىلىمنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولغان ئىككى خىل ئامىلنى پەرەز قىلىپ باقتىم. بىرىنچىسى: بۇ يىگىت نېرۋا فۇنكىسىيەنى يوقاتمىغان نورمال بىر ئىنسان بولۇپ، بەلىكىم ئاغىنىلىرى بىلەن سۇغا چۈمۈلگىلى بېرىپ، ئۈندىدارغا تارقىتىش مەقسىتىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزى كۆرۈش ئۈچۈن ياكى قىزىقچىلىق قىلىپ (ھازىر مۇشۇنداق قىلىدىغانلار كۆپ) مەلۇم ئاغىنىسىگە تارتقۇزغان بولسا، بۇ ئاغىنىسى مۇشۇلار بىلەن بىللە ئوينايدىغان يەنە بىر ئاغنىسىگە «كۆرۈپ باق ئاداش» دەپ يوللىغان بولسا، بۇ 3 ــ ئاغىنە قوپۇپ قىزىقچىلىق قىلىپ ئاغىنىلىرىگە تارقىتىۋەتكەن بولسا، بۇ فىلىم مۇشۇنداق قىلىپ پۈتكۈل جاھانغا تارقىلىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، «ئۇسسۇل ئىگىسى» مۇشۇ سەۋەبلىك ھازىر ئۇ ئاغىنىلىرى بىلەن ئادا جۇدا بولۇپ كەتكەن بولۇشمىۇ مۇمكىن. ئىككىنچى (بۇ ئېھتىماللىق ئىنتايىن تۆۋەن دەپ قارايمەن): «ئۇسسۇل ئىگىسى» مۇشۇ فىلىمنى ئۈندىدارغا تارقىتىش شۇ ئارقىلىق تونۇلۇش، يەنى چولپان بولۇش مەقسىتى بىلەن تارتقۇزغان بولۇشى مۇمكىن. ھازىر دۇنيا مىقياسىدا مۇشۇنداق غەلىتە قىلىقلار ئارقىلىق تونۇلۇشنى ئويلايدىغانلار كۆپىيىپ كەتتى. خوش، مەن زادى نېمە دېمەكچى؟ يۇقىرىقى ۋەقەدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، مەيلى باشقىلار تارقىتىۋەتسۇن ياكى ئۆز چىقرىۋەتسۇن، مەن بۇنداق قىلىقنى چاكىنىلىق، دەپ قارايمەن. يالىڭاچ ئۇسۇل ئوينايدىغان قىزلىرىمىز ئاز كېلىپ قالغاندەك، ئەمدى يالىڭاچ ئۇسۇل ئوينايدىغان ئوغۇللىرىمىز پەيدا بوپتۇ. غەرب مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشتا شاكىلىنى تاشلىۋېتىپ، مېغىزىنى قوبۇل قىلىش پوزىتسىيەسىنى قوللىنىش كېرەك. تولۇق قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. ھەر قانداق شەيئىنىڭ، ھەر قانداق جانلىقنىڭ، ھەر بىر تۈرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھدىلىكى بولىدۇ، ئۇ شۇ ئالاھىدىلىكى بىلەنلا باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. سىز ھەممە كىيىمىڭىزنى سېلىۋەتسىڭىزمۇ ھېچكىم سىزنى غەربلىك دېمەيدۇ، سىزنىڭ چىرايىڭىز بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. يالىڭاچ ئۇسۇل ئوينايدىغان كاۋاپچىلار، يالىڭاچ ئۇسۇل ئوينايدىغان ئىچ كىيىملىك يىگىت… يەنە قانداق جايدا يالىڭاچ ئۇسۇل ئوينايدىغان يىگىتلەر چىقىدۇ، بۇنى بىر نېمە دېمەك تەس. توغرا، بىز ئۇسۇلچى، ناخشىچى خەق، بىراق يالىچاچ ئۇسۇل ئويناپ نېمە قىلىسە؟ سېنىڭ بوۋاڭ يالىڭاچ ئۇسۇل ئوينىغانمۇ يە؟

  ئۈندىداردىن ئىبارەت بۇ پەۋقۇلئاددە تاراتقۇنى بوش چاغلىمايلى، ئۇنىڭ سۈرئىتى، قاپلىنىش نىسبىتى جەھەتتە ھېچقانداق تاراتقۇ ئالدىغا ئۆتەلمەيدۇ، زامان جەھەتتە چەكلەنمەيدۇ. قولىمىز تېگىپلا كەتسە ئاقىۋىتىنى يېغىشتۇرالماي قالىمىز. «ئاداش مېنى تارتىپ قويە» دېگەن بىر ئېغىز سۆزىڭىز بىلەن ئەسلىي ــ ۋەسلىڭىزدىن، نام ــ ئابرۇيڭىزدىن ئايرىلىسىز، دوست، ئاغىنە، دېگەن ھەر خىل بولىدۇ، ھەممىسىگە ئىشىنىپ كەتمەڭ، دوست ئىچىدە دۈشمەن بار، ئاداش، ئاداش دەپ يۈرگەن ئاشۇ دوستىڭىز سىزنىڭ يۈزىڭىز تۆكۈلسە، ئابرۇيىڭىز چۈشسە، توختىماي ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقسىڭىز ئىچ ــ ئىچىدىن خۇش بولىدىغان بىر ئادەم بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا دوست تاللاشقا ماھىر بولۇپ، گەپ ــ سۆز، ئىش ــ ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان بولۇشڭىز كېرەك. بولمىسا يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ قالىسىز (مۇشۇنداق ئىش جىقلاپ قالدى).

  



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81718
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4200
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 403 سائەت
تىزىم: 2012-6-17
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 10:29:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈندىدار ئومۇملىشىپ تەرەققىي قىلىپ   بەزى قىز -ئوغۇللىرىمىزنى  كاللىسىدىن كەتكۈزۋەتكىلى تۇردى. ھەر كاللىدا ھەر خىيال دەپ ھەرقىسىم ئادەمنى ،ھەر قىسىم ئىشلارنى كۆردىكەنمىز. چىقىرۋالغان ئەقىلىيە سۆزلىرى، پاساھەتىلىك گەپلىرى ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغانلارمۇ  خېلى بار . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كۆلەڭگە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-6 10:31 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1082
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3879
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 975 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 10:29:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىشتىنىڭنى كىيىۋال ئەي ئادەملەر ؟.

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ھايا ئىنساننىڭ ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 61363
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4511
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 211 سائەت
تىزىم: 2011-10-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 10:34:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىمىسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش قىسقا فىلىملەر جىقلاپ قالدى ..
نىمىدۇ دەپ قىززىقىپ ئاچساق تېتىقسىزلىق .
نۇمۇس قىمماي كارۋاتتىكى شەھۋانى ئىشلانى چىقىرىپ قويىدىكەن .
قاراپ ئۆكىنىمىز . بۇ مىللەت نىم بولۇپ كىتىپ بارىدىغاندۇ دەپ ھەسرەت چىكىمىز .
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆز مىللىتىمىز ‹رول› ئالغان شەھۋانى فىلىملەرنى تېلفونلىرىدا ساقلىۋالدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ قالدىم .
بىز ئەسلى مۇشۇنداق مىللەتمۇ ؟ دەپمۇ قالىمەن بەزىدە .

بۇنداق ئىشلانى سۆزلىسە ھەقىقەتەن جىق ..   بىراق ئارىمىزدىكى ياخشى كىشىلىرىمىز بۇ ئىشلارنى قەتتىي توسىمىساق ، بىزدىن كىچىكلەر يامان ئۆگىنىپ قالىدۇ ...

ھايا ئىنساننىڭ ئەڭ چوڭ گۈزەللىكىدۇر !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106508
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 294
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 191 سائەت
تىزىم: 2014-4-29
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 11:10:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي توۋا ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102582
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2014-1-21
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 11:43:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا

دەرۋىش

ئۇلۇغ اللاھتىن كۆڭلىمىزگە ئىنس

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 120
يازما سانى: 12495
نادىر تېمىسى: 8
مۇنبەر پۇلى : 32513
تۆھپە نۇمۇرى: 2986
توردا: 4534 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 11:47:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىمان -ئېتىقاد،نومۇس،شەرمىي -ھايا  تۇيغۇسى تۆۋەنلىگەندە،يالىڭاچلىشىش كۆپىيىدۇ.....

رەببىمدىن ھەر بىر بەندىسىگە  مۇستەھكەم ئىمان -ئېتىقاد تىلەيمەن....

مەن بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى،مەن ئالىم تەربىيلەشتىن بۇرۇن ئادەم تەربىيلىيەلىسەم،نىشانغا يېتەلىگەن بولىمەن...

مەن دۇنياغا ئادەم بولۇپ تۆرەلگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1690
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15083
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2799 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 11:48:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sawda571 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 11:43 PM
توۋا

بۇئىشلارغا توۋا دەپ ئۈلگۈرۈپ بولغىلى بولمىدى !

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!
باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 110859
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1049
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2014-11-13
ئاخىرقى: 2015-1-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 12:15:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

رۇجەكتىن يىراقلارغا قارا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 1084
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14102
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 525 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 01:26:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نۇرغۇن ئادەملەرنى كۆردۈم ئۇچىسىدا كىيىم يوق.
نۇرغۇن كىيىملەرنى كۆردۈم ئىچدە ئادەم يوق،

<بىر دوستۇمنىڭ ئىمزاسىدىن>
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Rujak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-7 01:27 AM  


تۈنۈگۈنگە ئۆكۈنمە-بۈگۈننى چىڭ تۇت-ئەتىنى قەدىرلە
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش