بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 e3 J {" h/ D/ S4 {
دۇردانە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ V. x+ U; m9 v+ W
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ D9 R$ D) E: d/ n2 w5 v7 O7 Nشۇ كۈندىن باشلاپ بۇ ئىككى ياشنىڭ ئوي پىكىرى خىيالى بىر –بىردىن يىراق
بولالمىدى،جەمشىت مەيلى نىمە ئىش بولسۇن قولى ئىشقا بارمايتى ،خۇددى
دۇردانەنى بىردەم ئىزدىمسە ئۇ باشقىلار بىلەن ئىزدىشىپ كىتىپ بارغاندەك
ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ھىسياتتا بولاتتى ..ھىچقانداق ئىش باشلانماي
تۇرۇپ جەمشىتتە پەيدا بولغان بۇ رەشىك ئوتى ئۇنى ئەنسىرتىپمۇ قويۋاتاتتى
ئەلۋەتتە ،،
-قانداق قىلامەن ،ئۇ مېنىڭ توي قىلغانلىقىمنى بىلسە قانداق بولار ،
مۇشۇنداق چىرايلىق قىزنى بىقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسى مەندەك
بىر تويقىلغان بالىغا قىزىنى بىرەرمۇ ،،يا رەببىم بۇ ئۆمرۈمدە ئۆزۈم ياخشى
كۆرگەن قىز بىلەن تۇرمۇش قۇرۇش ماڭىمۇ نىسىپ بولارمۇ ..
ئۇ ئويلغانسىرى يۈركى ئاغرىيتى ،ياش تۇرۇپ تۇرمۇش جەھەتتىن بۇنداق
مەغلۇپ بولۇپ كىتىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى ،،
تۇيۇقسىز كەلگەن تىلفۇن ئۇنىڭ خىياللىرنى ئۈزۈپ قويدى ،تېلفۇن ئىكرانىدىكى
ناتونۇش ئەمما يۈركىگە نەپرەت بىلەن ئورناپ كەتكەن بۇ نومۇرنى كۆرۈپ ئۇ ھەم
ھەيران قالدى ھەم ئىككىلەندى ،
-ۋەي ،،،كىمۇ ..جەمشىت ئۆزىمۇ بىلمەي قوپاللىق بىلەن تىلفۇننى ئالدى ..
-بۇۇۇ مەن نائىلە ،،جەمشىت ئەجىبا ئۇنتۇپ كەتكەن ئوخشىمامسىز ،،
-ھە ..سىزمۇ ،،
-ھەئە مەن ،نىمانچە قوپال تىگىسىز ،ئاجرىشىپ كەتكىنىمىزگە نەچچە ئاي بولمايلا
شۇنداق ئۆچ بولۇپ كەتتڭىزما ..
جەمشىتنىڭ قۇلقىغا مۇش ئۇرۇلغاندەك ئاڭلانغان بۇ ئاۋاز ئۇنىڭ بايامنىڭ ياقى يىرىم
بولۇپ تۇرغان كۆڭلىنى تېخىمۇ يىرىم قىلۋەتتى ،،
-نىمە گەپ بارتى دەڭە ،،
-ئەسلى سىزنى ئاۋارە قىلماي دىگەن لىكىن ئامالىم بولمىدى ،،ماڭا بىر ئىشتا ياردەم
قىلىڭ بولامدۇ ،،
-دەڭە نىمە ئىشتى ؟
-شۇ ماڭا ئازراق پۇل لازىم بوپ قالدى ...
جەمشىتنىڭ ئويلغىندەك چىقتى ،،نائىلە ئادەتتە پۇلدىن باشقا نەرسە دەپ جەمشىتقا
ھەرگىز تىلفۇن قىلمايتى ،،
ئۇنىڭدىن نىمە ئىشقا دەپ سوراپ باقماقچى بولدىيۇ لىكىن يەنىلا سورغۇسى كەلمىدى
-نەچچە پۇل ..
-20مىڭ يۈەن
-بولدۇ ،كارتا نومرىڭىزنى يوللاپ قويۇڭ ،،
-بولدى ،،مەن ئۆزۈم بىرىپ ئىلۋالاي ...
-ياق بولدى ،،راسىت گەپ قىلسام سىز بىلەن پەقەت كۆرۈشكۈم يوق ،مەن يىرىم سائەتكىچە كارتىڭىزغا ئۇرۇپ بىرمەن ،،.ئەمدى مېنى ئىزدىمەڭ سىز بىلەن ئالاقەم ھەم ئۈزۈلۈپ بولغان ،ئىككىمزنىڭ ئوتتۇرسىدا ھەم بالا يوق شۇڭا ئەمدى مېنى ئىزدىمەڭ ،،
ئۇ نائىلەنىڭ گىپىنى ئاڭلىمايلا تېلفۇننى قويۋەتتى ،،
شۇنداق جەمشىتكە تىلفۇن قىلغان ئۇنىڭ ئالدىنقى ئايالى نائىلە ئىدى ،،
شۇ تاپ ئۇنىڭ تىلفۇن تۇتۇپ تۇرغان قوللىرى بوش تىترەپ كەتتى ،،چىرايىدىن بولسا
ئاللىقانداق شۇملۇق چىقىپ ئاجايىپ بىرخىل كۈلكە يۈگۈردى ،،
-ئالدىرما جەمشىت بايۋەتچە سەن بىلەن بىز بۇنداق ئاسان تۈگىمەيمىز ،،
*******************************************************
سىنىڭ مېنى سىغىنغان ۋاقتىڭ دەل مېنىڭ سىنى سىغىنغان ۋاقتىم
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ B$ Y" E9 T8 W+ T
تېلۋىزور ئىكرانىغا تىكىلىپ قاراپ ئولتۇرغان دۇردانە قارىماققا بىرىلپ كۆرۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ خىيالى قەيەرلەردىدۇ ئۈزۈپ يۈرەتتى ،،مۇشۇ كۈنلەردە ئۇ نىمىشقىدۇر جەمشىتنىڭ تىلفۇن قىلىشلىرنى كۈتىدىغان ،،ئۇچۇرلىرنى ساقلايدىغان بولۇپ قالدى ،شۇنداق ئۇ شۇكۈنى ئۇنىڭ ماشىنىسىدىن چۈشۈپ قالغاندىلا ئۇنىڭ يۈركى جەمشىتنىڭ يىنىدا قالغان ئىدى ،لىكىن قىزلىق غورۇرى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى ئىتراپ
قىلىشقا ئۇنمايۋاتاتتى ،،
-قانداق قىلامەن ئەجىبا شۇش بالەنى راستىنلا ياخشى كۆرۈپ قالغاندىمەنمۇ ،ئەگەر
ئۇ بالىنىڭ ئائىلىسى ياكى ياخشى كۆرگىنى ۋەدىلەشكىنى بولسىچۇ ،ۋاز كىچەيمۇ ،
ياخشى بولارمۇ ،ئەگەردە ئۇمۇ مېنى ياختۇرسا ئۇ چاغدا نىمە دىگەن ياخشى بولار
ئىدى ھە ؟دادامنى ھەرنىمە قىلىپ قوشۇلغۇزاتتىم ،ئەگەر مېنى ئۆزبىككەن دەپ
ئۇنمىسىچۇ ..دۇردانەنىڭ خىيالى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە نىمىشقىدۇر يۈركى
ئاغرىپ كەتتى ،،
-قىزگىنەم ،نىمە خىيال قىلىپ كەتتىڭىز ،دوستىڭىز نازىلە كەپتۇ ..
ئاپىسىنىڭ تۇيۇقسىز چاقىرشىدىن ئۇنىڭ خىيال كەپتەرلىرى ئۇچۇپ كىتىپ قالدى ..
-ھە ،ۋوي جانىم قاچان كەلگەنتىڭ ،،
-مەن كەلگىلى خىلى بولدى ،،نىمە خىيال قىپ كەتتىڭ ،،
-شۇ ئۆزۈمچە ئولتۇرۇپ قاپتىمەن ،،قېنى كەلگىن مەن ساڭا شىرىن چاي ئاپچىقىپ
بىرەمەن ،،
-بولدى ئاداش ،تەييارمۇ سەن ،،
-ھە تەييار ،،مۇشۇ دەم ماڭامدۇق
-ئەلۋەتتە ،بىلسەن ،كۈن ئولتۇرماي تۇرۇپ سەن ھەم بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر قوڭغۇراق قىلىشقا باشلايدۇ ،ئۈلگۈرمەي قالىمىز ،،يەنە ساڭا دەيدىغان خوش خەۋىرىممۇ بار ،،
ئىككى قىزنىڭ چىقىپ كەتكىنگە ھەۋەس قىلىپ قاراپ قالغان دىلبەر ئاپاش ئىىختىيارسىز ئاللاھدىن تىلىدى ‹ياراتقان ئىگەم ،باشقا ئارزۇيۇم ھەم يوق ،مۇشۇ قىزىمنىڭ بەختىنى بەرگىن ›
ئىككى قىز يول بويى ھەرخىل تىمىدا پاراڭلىشىپ ماڭدى ..
-ھە راسىت نازىلە ،نىمە خوش خەۋەر ،ئىيىتقىن ،تاقەتسىزلىنىپ كەتتىم
-مەن خىزمەت تاپتىم ئاداش ،-
-ۋوي ،موبارەك بولسۇن ،قايەردىن ؟
-بىر چوڭ شىركەت ئىكەن ئاداش ،شۇ يەردە ئىشخانا خىزمىتى قىلمەن ،ئاڭلىسام باش
دىرىكتورمىز بەك قاملاشقان بالا ئىكەن ،بويتاق دىگىنە ،،ھى ھى
-ھە ،ئەسلى سىنى خوش قىلغان خىزمەت ئەمەس ،دىركتورۇڭ ھەم بويتاقلىقى دىگىنە ؟
-ئۇنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ ئاداش ،بىلسەن مېنىڭ ئائىلە شارائىتىم سېنىڭكىدەك
ياخشى ئەمەس ،شۇڭا مەن نۇرغۇن جەھەتتە ئۆزۈمگە تايانمىسام بولمايدۇ ،شۇڭا
ئۆمۈرلۈك ھەمرايىمغىمۇ ھەممە جەھەتتە يىتىشكەن بولۇپمۇ قول ئىلكىدە بار ئادەم
تاللىمىسام تىخى بولمايدۇ ،،
-لىكىن ئاداش ،سەن ئۇنداق دىسەڭ توغرا بولمايدۇ ،پۇلنى ئۆلچەم قىلغان قىزلار
ھەم بەخىتىلىك بولمايدۇ ،،
-بولدى ئاداش ،ۋاقتى كەلگەندە بىلسەن ،،
دۇردانە ئۇزۇن يىللىق دوستىنى ئەمدى چۈشىنۋاتقاندەك ،ئۇ باشقا بىرسىگە ئايلىنىپ قالغاندەك بىرخىل بولۇپ قالدى ،،
نازىلە دۇردانەنىڭ بۇ يەردىكى ئەڭ يىقىن دوستى ئىدى ،گەرچە ئۇ قىز ئۆزبىك بولمىسىمۇ دۇردانە بىلەن بەك ياخشى ئۆتەتتى ،ئەمما بۇ قىزنىڭ بۈگۈنكى دىگەن گەپلىرى دۇردانەنىڭ قەلبىگە سايە تاشلاپ ئۆتۈپ كەتتى ،،
بەلكىم شارائىت ،لىكىن ،،ئۇنىڭ گادىرماچ خىياللىرنى سايرىغان تېلفۇنى ئۈزۈپ قويدى ،،ھەئە ،تېلفۇن جەمشىتتىن كەلگەن ئىدى ،،دۇردانە ئۆزىمۇ بىلمىگەن ئاساستا ئىكرانغا قاراپ كۈلۈپ سالدى ،،
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ،،-
-ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام ،ياخشى قىز ياخشىمۇ ،،
-خۇداگە شۈكرى ،ياخشى سىزچۇ ؟
-مەنمۇ ياخشى ،مەن سىزگە قوڭغۇراق قىلمىسام ،سىز قىلمامسىز ..
-ئەلۋەتتە قىلامەن ،شۇ سزگە دەخلىسى بولمىسۇن دەپ ،،
-توۋۋا ،نىمگە دەخلىسى بولىدۇ ،،سىزگە بىر ئىھتىياجىم بار ئىدى ،،
قىنى دەڭ قولۇمدىن كەلسىلا ياردەم قىلمەن ،،
-شۇ ۋاقتىڭىز بولسا چۈشتە بىرگە تاماق يەيلى ،،
-بۇ ،،مەن بىر دوستۇم بىلەن بىرگە بازار ئايلىنۋاتقان ئىدىم ،،
-ھە ،،ئاپلا كىچىكىپ قاپتىمەن ،،ئەمسە كەچتە ،،سىز ئىشڭىزنى تۈگىتىپ ماڭا تېلفۇن قىلىڭ شۇنداق بولسۇن ئەمسە ،خوش ياخشى قىز ..
دۇردانە گىپىنى قىلىپ بولغۇچە ئۇ تېلفۇننى ئاللىقاچان قويۇپ بولدى ،،
ئۆزىمۇ بىلمەي قىلىپ سالغان بۇ قىلقىدىن جەمشىت خوش بولۇپ كۈلۈپ كەتتى
-ئامال يوق ،مۇشۇنداق قىلىنراق بولمىسام ،ئۇ قىزنى قانداق ئۆزۈمنىڭ قىلمەن ،ئاللاھىم ئۆزۈڭ ماڭا ياردەم قىلغىن ،
(داۋامى بار)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ L( u' q# B. k9 C