|
|
|
|
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 12- ئاينىڭ 5- كۈنى كەچ سائەت 30؛5 دە ، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئون بەشىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى داۋاملىق ئۆزمەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا، جىلىن ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى يىڭى چەتئەللىك ئەزا سىباستئان تېلفىر مەيدانغا چىقتى، بىراق مۇسابىقە ھالىتىگە كىرەلمەي ئىپادىسى ياخشى بولمىدى، ئەڭ ئاخىرىقى ھالقىلىق ۋاقىتتا قارشى تەرەپ چەتئەللىك ماھىرى جونىس ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ چۇشۇرۇپ ئاخىرى 110-111 نەتىجە بىلەن رەقىبى جىلىن كوماندىسى تەرىپدىن مەغلۇپ قىلىندى. شىرئەلىجان مەيدانغا چىقماي دەم ئالدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى ئاندىرى بىراچ 33 نومۇر، 14 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 9 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 7 قىتىم توپ تارتىۋالدى؛ قىرانبېك ماقان 23 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ سىباستئان تېلفىر 13 نومۇر، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جۇ چى 18 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ليۇۋېي 14 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 12-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا شەندۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
|
|
|
|
|
|