|
|
|
|
قاراڭغۇ چۈشكەندە ئاجرىشىمىز پېڭ يەنخۇا بىر ئەر-ئايال بار بولۇپ، تويدىن كېيىن داۋاملىق جېدەللىشىپ ئۆزلىرىنى قويىدىغان يەر تاپالماپتۇ. دائىم «ئاجرىشىمىز» دېگەن سۆزنىلا قىلىدىكەن،لېكىن ئاغزىدا دېگەن بىلەن ئۇلار ھەقىقىي ئايرىلىپ كەتمەيدىكەن. ئوغلى ئۇلاردىن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان «جېدەللىشىپ ئايرىلماسلىق»نىڭ سىرىنى سوراپتۇ. ئاپىسى ئوغلىغا ئېيتىپ بېرىپتۇ:ئەمەلىيەتتە، ئۇلار توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا چوڭ بىر تالاش-تارتىش يۈز بېرىپ، ئىككەيلەننىڭ ھېچقايسىسى گەپ ئاڭلىغىلى ئۇنىماپتۇ، ئۆزىنى بېسىۋالالماي خەلق ئىشلار ئىدارىسىگە بېرىپ ئاجراشماقچى بوپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىكىلەر ئىشتىن چۈشۈپ بوپتۇ. ئۆيگە قايتىۋاتقان يولدا بىر چوڭ بۆرە ئىت پايپاسلاپ يۈرگەن ئىكەن، دادىسى ئاپىسىنى تارتىپلا كەينىگە ئۆتكۈزىۋاپتۇ. شۇ چاغدا ئاپىسى دادىسىدىن ھەرگىزمۇ ئايرىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپتۇ، ھالبۇكى دادىسى ئاپىسىنى ھەقىقەتەن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈپ يېتىپتۇ. ئەمما ئىككەيلەن ئالدىراڭغۇ بولغاچقا يەنە بىردەمدىلا سوقۇشۇشتىن ساقلىنالمايدىكەن. شۇڭا ئىككەيلەن كېلىشىپ، بۇندىن كىيىن قانچىلىك ئاچچىقلىنىشتىن قەتئىينەزەر قاراڭغۇ چۈشكەندىلا ئاجرىشىمىز دېيىشىدىغان بوپتۇ، چۈنكى قاراڭغۇ چۈشكەندە خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىكىلەر ئىشتىن چۈشۈپ كەتسە رەسمىيەتنى بېجىرەلمەيدىكەن. لېكىن ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندىلا ئىككىيلەن تۈنۈگۈنكى جېدەلنى ئۇنتۇپ قالىدىكەن. ئوغلى ئاڭلىغاندىن كېيىن چۈشىنىپ كۈلۈپ كېتىپتۇ. بىر قانچەكۈندىن كېيىن ئۇ يەنە ئاپىسىنىڭ تېلىفونىنى قوبۇل قىپتۇ. ئاپىسى تېلفوندا غەزەپلىنىپ:«بۇ كۈنلەردە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتۈشكە ھەقىقەتەن ئامال بولمىدى...»دەپتۇ. ئوغلى سائەتكە قاراپتۇ، 18دىن 40 مىنۇت، جىددىيلەشكەن يۈرىكى يەنە جايىغاچۈشۈپتۇ. مەنبە: «ھېكايىلەر»ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 1-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى. ئوكيان تورىدىن لوقمان تەرجىمە قىلدى. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' z" K7 n, O2 H1 a0 H& ?# ?% K
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا okyan2014 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-6 05:03 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% ]6 e, s1 @& M# S9 cبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. H' G* {) Q3 H
|
|
|
|
|
|