مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2848|ئىنكاس: 18

تۇز: ھارام لوقما يېگەننىڭ قىسمىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 4651
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43801
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 15963 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 02:00:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                         ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

سۇئال : يالغۇز ئوغلۇمدىن ھېچنىمىنى ئايىمىدىم . ئالى ئوقۇش ئورۇنلىرغا قىينالماي كىردى . ماشىنا ، ئۆي ئېلىپ بەردىم . خەجىگە رازى بولغۇدەك پۇل بەردىم . لېكىن ئوغلۇم يۈزۈمگە ئاياغ قويۇپ ، ئىككى بالىلىق خوتۇن بىلەن ياشاپ يۈرۈپتۇ . ئۇنى بۇ يولدىن قەتتى قايتۇرالمايۋاتىمەن . ئەركەك تۇرۇپ ھەر كۈنى بۇقۇلداپ يىغلايمەن .......



جاۋاب: سىز يىغلاشنى داۋام قىلىڭ . يىغلاۋىرىڭ ! پەقەت « ئەمدى نېمە قىلىمەن ؟» دەپ ئەمەس ، ئىستىغپار ئېيتىپ ، ياراتقۇچى ئاللاھدىن گۇنايىڭىزنىڭ مەغپىرەت قىلنىشىنى تىلەپ توۋا قىلىپ يىغلاڭ . كەچۈرىشىنى ھەقتىن چىن قەلبىڭىزدىن تىلەپ يىغلاڭ ! شۇنداق قىلىشىڭىز زۆرۈر! چۈنكى سىزنىڭ گۇناھلىرىڭىز ئورنىغا بالىڭىز چاتاق كەتتى . بالىنى سىز پاتقاققا پاتۇردىڭىز ! يۈركىنى شەيتانغا سىز ئۇۋا قىلىپ بەردىڭىز !


بىرىنچىدىن ، ئۆزىڭىزنىڭ تاپقان مال- دۇنيا پۇللىرىڭىزغا كىشىنىڭ ھەققى ئارلاشقان . بايلىق پۇلدىلا دەپ ئايرىمايلا تېپىۋەردىڭىز ، ئېلىۋەردىڭىز ! سىز بالىڭىزنى سوراقلاشتىن ئاۋال ئۆزىڭىزنى تەپتىش قىلىڭ !
ئىككىنچىدىن ، ئاتا- ئانىڭىزغا قايسى دەرجىدە پەرزەنتلىك قىلغان ئىدىڭىز ؟ دائىم ئىزدەرمىدىڭىز ؟ گەپلىرىگە قۇلاق سالارمىدىڭىز ؟ يوقلاپ تۇرارمىدىڭىز ؟ قېنى ئېيتىڭچۇ نەچچە قېتىم كۆزلىرىنى ياشلاتقان ئىدىڭىز ؟ پەرزەنت سۈپىتىدە خىزمىتىنى قىلىپ دۇئاسىنى ئالغانمىتىڭىز ؟
ئۆچۈنچىدىن ، مۇشۇ كۈنلەردىچۇ ؟ بالىڭىزنى ماشىنىلىق ، ئۆيلۈك قىلىشتىن ئاۋال ، ئاكا - ئۇكا ، ئاچا - سىڭىل قېرىنداشلىرىڭىزغا قانچىلىك مېھرى كۆرسەتتىڭىز ؟ ئۇلاردىن ئەنسىرەپ يوقلاپ تۇرۋاتامسىز ؟ ياق ! سىز ئۇنداق قىلمىدىڭىز . قېرىنداشلىقنىڭ ئاساسى شەرتلىرىنى ئۇنۇتتىڭىز . قېرىنداشلىق مېھرىنى ، قىرىنداشلىق ئىلمىنى يوقاتتىڭىز ! ئايالدا ئاياللىق ئىلمىي ، ئەرخەختە ئەركەكلىك ئىلمىي بولماس ئىكەن ، ئۇلاردىن كېلدىغىنى پەقەت زىياندۇر . سىز مۇشۇ دۇنيالىقىزدا بىرلا ئىلىمگە ____ پۇل تىپىشلا ئىلمىگە ئىخلاس قىلدىڭىز ، ھالال - ھارىمىنى پەرىقلەندۈرمىدىڭىز ! ئايرىمىدىڭىز ! سىزدە يىگىتلىك ئىلمى ، ئادىمىلىك ئىلمى يوق سەۋەبلىك ، مۇشۇنداق كۆزىڭىزدىن ياش قۇرىمايدىغان بەختسىز ئەركەك بولۇپ تۇرۇپسىز .


سىز پۇل تىپىشتا ھالالدىن تىپىپ ، بالىڭىزغا ئۈلگە بولۇپ ، مېھنەتكە كۆندۈرشىڭىز ، ئۈگىتىشىڭىز كېرەك ئىدى . بالىڭىزغا ماشىنا ئەمەس ، ماشىنا ئېلىش ئۈچۈن ئەجرى قىلىپ پۇل تېپىشنى ئۈگتىشىڭىز كېرەك ئىدى . ئادىمىلىك پەزىلەتنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن كاسىسى قاداق بولۇپ كەتكۈچە كىتاب ئوقۇشقا دەۋەت قىلىپ يىتەكلىشىڭىز زۆرۈر ئىدى . ھېچ بولمىسا يېرىم پۇلنى ئىشلەپ تاپتۇرۇپ ، يىرىمنى سىز قوشۇپ ماشىنا ، ئۆي ئېلىپ بىرىشىڭىز دانالىق ئىدى . ئەگەر ئەجر قىلىپ ، ئەجرنىڭ قەدرىنى تونۇپ ، بىر نەرسە ئالسا ، سىز ئېيتقان نالايىق ئىشلارنى قىلماس ئىدى . سىز ھەر تەرەپتىن بالىنى ئاق بىلىققا ئايلاندۇردىڭىز ، باشلامچى بولدىڭىز . ھازىر بالىڭزدا ماشىنا بار ، ئۆي بار ، پۇل بار ___ خەۋپ يوق ! ئەتىگە ئۇنىڭ پۇلى ، ياكى سىزنىڭ پۇلىڭىز تۈگىسە ، ياكى سىز ئاخىرەتكە يول ئالسىڭىز ، ئەنە شۇ چاغدا پاجىئە يۈز بىرىدۇ . ئەنە ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگەشكەنلەرمۇ ئۇنى تەرك ئىتىدۇ . ئۇنىڭ پۇلىغا ئۇچۇپ شىرنىسىغا قونۇدىغانلارمۇ تاشلاپ ئۇچۇپ كىتىدۇ . ئۇ چاغدا ئۇ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالىدۇ . چۈنكى سىز ئۇنىڭغا ئىرادە ، سەۋر ، شۈكرانىنى ئۈگەتمىگەن ! شۇڭلاشقا ئۇ ئەسكى كىشىلەر قىلقىنى يۇقتۇرۇپ ، ئەلمىگە چىدىماي ھەم بىكارچىلىقتا لاغايلاپ نەشى چىكىشلەر ، ھاراق ئىچىشلەر باشلىنىدۇ !


سىزگە ئاچچىق نەسىھەتىم شۇكى  ئۈگۈتۈم شۇكى ، ئەگەر سىز ئوغلىڭىزغا سەرپ قىلغان پۇللىرىڭىزنى ھالال تاپقىنىڭىزدا بالا ئاينىماس ئىدى . يامان يولدا بولماس ئىدى ، كۆزلىرىڭىزنى ياشلىماس ئىدى !  بەلكىم ، مەن پۇلنى ئوغۇرلاپ ياكى بۇلاڭچىلىق قىلىپ تاپمىدىم دىيشىڭىز مۈمكىن ، شۇنى بىلىڭكى ، ئەجر قىلماي ، بىراۋنىڭ نارازى بولۇپ بەرگىننى ، قولىڭىزدىكى ھوقۇق ئىمتىيازدىن پايدىلنىپ تەرسىز تېپىلغان ئۆلجىنى ، ھەر خىل يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ قايرىۋالغان ،ئايرىۋالغان دارامەتلەرنى بالىڭىزغا خەجلەپ يېدۈرۈپ - كەيدۈرۈپ قويغانسىز . سىز سەۋەبلىك كىمدۇر نارازى بولۇپ يىغلاپ يۈرۈپتۇ .....
شۇنداق ، بۇرادەر ، بىكاردىن - بىكارغا بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغىنىڭىز يوق ، توۋا قىلىڭ ، توۋا قىلىڭ ! چىن دىلىڭىز ، چىن ئىخلاسىڭىز بىلەن توۋا قىلىڭ ! بۇمۇ ئىبادەتتۇر !


بالىڭىزنى ھازىر ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىڭ ، مۇشۇ ھاقىتتا ئۇنىڭ كۆزى كور ، قۇلقى گاس ! نەسىھەت قىلسىڭىز قوبۇل قىلىشى سەل مۈشكىل . ئۇ ئەمدى تاكى پېشانىسى تامغا دوققىدە ئۈسسۈلۈپ ، بۇرنى قانىمىغىچە ھەر گىز ياخشى نەسىھەت تەسىر قىلمايدۇ . سىز ئەمدى ناتوغرا ئىشلارنى قەتتى قىلماي ، توغرا ئىشلارنى ، ساۋابلىق ئىشلارنى كۆپ قىلىپ ، ياراتقۇچى ئاللاھدىن گۇنايىڭىز تىلەش بىلەن بىرگە ، ئوغلىڭىزنىڭ توغرا يولغا چۈششىىنى ، ناتوغرا يولدىن يىنىشىنى ئەسدايىدىل تىلەڭ ! ئاتا دۇئاسى بالا ئۈچۈن ئىجابەت بولىدۇ ، ئىنشائاللاھ .

(جاۋابىم سىزگە سەل ئىغىراق كەلگەندۇر ، بەلىكم . دەردىڭىزگە شېپا كېرەك بولسا ، سۆزلىرىمنى ئاچچىق دورىكەن دەپ بىلىڭ ۋە ئاچچىق بولسىمۇ قوبۇل قىلىڭ ! )



مەنبە : ھايات دەرياسىدىن ساۋاقلار
مۇنبەرگە يوللىغۇچى : تۇز
2014- يىلى 12- ئاينىڭ 6- كۈنى ئەزىزانە شەھرى قەشقەر



ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
saman-yoli + 100 ئىبرەتلىك داۋاقلار
ablimitt + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 110   باھا خاتىرىسى

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87058
يازما سانى: 1166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3383
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 373 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 03:18:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىزىڭدىن تىكەن ئۇنسە ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانجىلىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4656
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 824 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 03:52:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى چوڭقۇر ياخشى تىمىنى يوللاپسىز. پەرزەنتلەرنىڭ يامان يولغا مېڭىپ قېلىشىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇئەييەن مەسئۇلىيىتى بار، ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنتلەرنى ياخشى تەربىيلەش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىسا، مۇشۇنداق يامان ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. «ئاتا باشلىمىغاننىڭ پودىقى چوڭ، ئانا باشلىمىغاننىڭ ئەمچىكى» دەيدىغان ماقال-تەمسىلمۇ  مۇشۇنىڭدىن كېلىپ چىققان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107189
يازما سانى: 597
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2040
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 169 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 03:56:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجىرىڭىزغا رەخمەت !

"/ئارتۇق گەپ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15156
يازما سانى: 1895
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13138
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 3901 سائەت
تىزىم: 2010-10-25
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 04:09:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىڭىزنىڭ مەزمۇنى ناھايتى ياخشى ئىكەن، ھەقىقەتەن بالىلارنىڭ قانداق چوڭ بولۇشىدا ئاتا- ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان جاۋاپكارلىقى بار...

باتۇر بىر ئۆلىدۇ، قورقۇنچاق مىڭ.....!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 878
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 530 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-5-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 04:23:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئېسىل تىما بوپتۇ  رەھمەت .

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111063
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 59
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2014-11-20
ئاخىرقى: 2015-1-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 04:46:50 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەرھەق تەربىيىلىك جاۋاپ بوپتۇ

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10517
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 295 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 05:03:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە  دىن باشقىغا ياش تۆكمەيمەن

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1090
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 977 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 10:03:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىلارنى ياخشى تەربىيلىمەي كىيىن ئۇلاردىن رەنجىگەنننىڭ پايدىسى يوق .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13794
يازما سانى: 1563
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5746
تۆھپە نۇمۇرى: 1992
توردا: 849 سائەت
تىزىم: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 10:45:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەردىكى لەر بىراق لا ئوڭشۇلۇپ كىتىدىغان بوپتۇدە !!

ئۆلۈم يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈك باشلىنىشى !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش