|
|
|
|
ئورىئون ئالەم كېمىسىنىڭ سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى
بىلىمخۇمار
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى
مەن تۈنۈگۈن « يېڭى ئالەم كېمىسى ئورىئوننى سىناق قىلىش بىر كۈن كېچىكتى» دېگەن يازما ئارقىلىق، ئورىئوننى سىناق قىلىش بىر كۈن كېچىككەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدىم. ئورىئوننىڭ سىنىقى بۈگۈن باشتىن-ئاخىر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، ئۇ كالىفورنىيە ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8:29 دە تىنچ ئوكياننىڭ كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سان دىئېگو شەھىرىگە 960 كىلومېتىر كېلىدىغان يېرىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتىپ چۈشتى. ھەمدە ئامېرىكىنىڭ سان دىئېگودىكى دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پاراخوتلىرى ئورىئوننى سۇدىن سۈزۈپ ئېلىپ، سان دىئېگوغا يۆتكەپ كەلدى.
ناسا بۇنىڭدىن خېلى بۇرۇنلا بۈگۈنكى سىناقنىڭ پۈتۈن جەريانىنى كومپيۇتېردە ھەسابلاش ئارقىلىق كىنو قىلىپ ئىشلەپ چىققان بولۇپ، بۈگۈن ناسا تېلېۋىزورى بۇ سىناقنىڭ نەق مەيدان كۆرىنىشلىرى بىلەن ھېلىقى كىنونىڭ ھەر ئىككىسىنى ئەتىگەندىن باشلاپلا تارقىتىپ تۇردى. بىز ناسا تېلېۋىزورىنى ئۆزىمىزنىڭ ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپلا كومپيۇتېر ئارقىلىق كۆرەلەيدىغان بولۇپ، مەن بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ، بىر تەرەپتىن ئۇ پروگراممىلارنى كۆرۈپ تۇردۇم. ھەمدە ناسا تېلېۋىزورىدا چىققان كۆرىنىشلەردىن خېلى كۆپ رەسىملەرنى چىقىرىۋالدىم. تۆۋەندىكىسى ئاشۇ رەسىملەرنىڭ بىر قىسمى.
شۇنداق قىلىپ، ناسانىڭ بىر يېڭى دەۋرى بۈگۈن باشلاندى.
|
|
|
|
|
|