مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7834|ئىنكاس: 43

سىرلىق قىز ‹ۋەھىمىلىك ئەسەر› داۋامى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4139
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 11:00:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  19 -باپنىڭ  داۋامى
كۆڭلۈم بەكلا پەرىشان بولغاچ  موماي ئۈگەتكەنلەرنى يادىلاش پەقەتلا خوش ياقمىدى ،   شۇڭلاشقا ھارۋىنىڭ يان تەرپىدە ئولتۇرپ قۇملۇقنىڭ كېچە مەنزىرسنى كۆزەتكەچ ماڭدىم .
قۇملۇقتا كېچە ناھايىتى جخمجىت بۇلىدىكەن   ،   ئازتولا  قاراڭغۇ  كېچىدە  ياۋايى ھايۋانلارنىڭ بىر-بىرنى قوغلۇشۇپ يۈرگىندىن باشقىنى ئاڭلىمايدىكەنسىز .
پەقەت توشقان ، جەرەن قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار كۈندۈزى ئۇخلاپ كېچىسى ئۇزۇقلىندىغان بولغاچقا كېچلىرى ئۇياقتىن -بۇياققا چېپىپ يۈرشىدىكەن .

مەن كىچىگىمدىن تارتىپ ياۋايى ھايۋانلارغا  بەكلا ئامراق ،  شۇڭلاشقىمۇ  ياز كۈنلىدى   ئۆيۈمدە  قىرغاۋۇل  ،  ياۋا توشقان  قاتارلىق  نۇرغۇن ھايۋانلارنى بېقىپ  كۆڭلۈمنى خوش قىلاتتىم .
قىش بولدىمۇ ئابباس ئىككىمىز  كۈندە جاڭگال  دەسسەيمىز   دەپ چىقىپ كېتەتتۇق   ،  قىش كۈنلىرى ئاساسەن دىگدەك كۈنلىرىم   جاڭگاللىقتا ئۆتتەتتى ، زۇمرەت بىلەنمۇ  ئوۋغا چىققاندا ئەختەم مازرى ئەتراپىدىكى   توغراق ئارسىدا تۇنۇشۇپ قالغان.
ئانناڭنى  يەنە زۇمرەت  ،  خىياللىرىم  ئەگىپ  كىلىپ يەنە زۇمرەتنى تاپتى .
زۇمرەت ئېسىمگە كىلشى بىلەن كەيپىياتىم بۇزلۇپ ئوۋغام قايناپ قالدى.
بولدى بۇ خىيالنىمۇ  سۈرمەپتىمەن   ، ئەڭ ياخشىسى يېتپ ئۇخلاي.
ھەي ئۇكام   يېرىم كېچە بۇلاي دەپ قاپتۇ  ،   نەدە توختاپ ئارام  ئالىمىز   ؟؟؟؟
گەپ قىلە   ،  ھەرقانچە  بولسىمۇ   كېچىچە ماڭماسمىز  ؟؟  سەنمۇ چارچىدىڭ  ،  شۇڭا بىردەم ئۇخلىۋالغىن ..
بۇ ھاراملىق نىمانچە  يوغانلىق قىلدىغاندۇ  ؟؟؟   نىمە دەپ ئادەم ياراتمايدىغاندۇ  ؟؟
نەچچە ئېغىز گەپ  قىلسام بىرئىغىز  گەپ قىلسا ئۆلەمدۇ دەيمەن .
ئەسلىدىنلا كەيپىياتىم ناچار بولغاچ ماۋۇ ساخلاندىنىڭ  گەپلىرمگە پىسەنتمۇ قىلماسلىقى   سەپرايىمنى ئۆرلەتتى.
ئاچچىغىمدا  بۇھاراملىقنىڭ كۆتىگە بىرنى تىپىپ  ئۇچۇرۋېتىپ  ھارۋىنى ئۆزەم ھايدىماقچى بۇلۇپ  ، شۇنداق تېپەي دەپ تۇرسام ،    ئۇ ھارمى  ئىچىمدىكىنى بىلگەندەك  ئېغىز ئېچىپ قالدى .

مەن ھازىر مۇھىم بىر ئىشنى  قىلۋاتىمەن ،  شۇڭا سەن  چارچىغان بولساڭ يېتىپ ئۇخلىۋال  .
ئۇ بەزگەك شۇنداق دەپ قۇيۇپلا  يەنە جىمىپ  كەتتى .
قانداق قىلساڭ   قىلمامسەن   !!!  سەت  ھارمى  ،   ئەمدى ساڭا  گەپ قىلدىغان ئېغىزىممۇ  يوق  .
شۇنداق دەپ  غۇدۇڭشۇپ  قۇيۇپ   كۆزۈمنى يۇمدۇم .
كۈندۈزدىن ئېيچىشىپ  يۇمۇلۇپ كەتكەن كۆزلۈرۈم ئەمدى   نىمە بولدىكىنە ،؟؟   ھېچ ئۇيقا يوق .


ئۇيقا كەلمىسمۇ  زورىلاپ  ئۇخلاش ئۈچۈن كۆزۈمنى چىڭ يۇمۇپ چاپان بىلەن بېشىمنى يېپىپ  ياتقان ئىدىم  ،  قاچانلاردا كۈچۈم يۇمۇلۇپ قالدىكىن  بىلمىدىم .
كۆزۈم ئەمدى ئۇيقىغا بېرىشىغا  قۇلۇقۇمغا بىر غەيرى ئاۋاز ئاڭلاندى  ،  بۇ ئاۋاز بىر تۇرۇپ  ئېشەكنىڭ قۇناق يىگەن ئاۋازىغا ئوخشىسا  يەنە بىر تۇرۇپ   ئىتنىڭ سۈڭەڭ يىگەندە چىقارغان ، قاراس ، قۇرۇس ئاۋازىغىمۇ ئوخشاپ قالاتتى.

بېشىمغا ياپقان چاپاننى تارتىۋېتىپ  ئىككى يېنىمغا قاردىم  ، بىراق ھېچكىم يوق  ،  ھارۋىمۇ  نۇرمال ھالەتتە مېڭىۋېتىپتۇ .
ئورنۇمدىن تۇرۇپ يەنە ھېلىقى ئاۋازنى ئاڭلىدىم  ، دە ،  دەرھال دىققىتىمنى يىغىپ ئاڭلاپ باققاندىن كېيىن   بۇئاۋازنىڭ  دەل  ھېلىقى ھارۋىنى ھەيدىگەن ھارامىق  تەرپىدىن چىقارغان ئاۋاز ئىكەنلىكىنى بايقىدم .
ھەي،   ھەي  !    نىمە يەۋەتىسەن  ؟؟   قورسىقىڭ ھەرقانچە ئېچىپ كەتكەن بولسىمۇ  ئىشەك قۇناق يىگەندەك  يىمەي ،ئادەمدەك بىر ئىش قىلە .
ئاچچىغىمدا   ئۇنىڭغا ۋارقىراپ قۇيۇپ يەنە  ياتماقچى  بولدۇميۇ   ،  بىراق ھېلىقى بالىدا  ئازراق نۇرمالسىزلىقلارنى  بايقىغاندەك  بۇلۇپ  ئۇنىڭغا يەنە سەپ سالدىم .
قارغانسىرى  گۇمانلىرىم كۈچىيىپ   ھارۋىنى ھەيدەۋاتقان  باشقا بىردەك ھېس قىلىپ قالدىم .

ئۇنىڭ زادى كىم ئىكىنلىگىنى  بىلىپ بېقىش ئۈچۈن    مۆرىسدىن كاپپىدە  تۇتۇپ   ، كۈچەپ تارتقان  ئىدىم  .
سەن   ؟؟    ھېلىقى ھاراملىق  قولىدا  نىمىنىڭ سۆڭىكى ئىكەنلىگىنى بىلمىدىم  ،توملىقى   بىلىگىم  دىن  چوڭراق  بىر سۆڭەكنى تۇتۇپ تۇراتتى.
ئۇنىڭغا بۇنداق  قاراپ تۇرىۋېرىشتىن  قورقۇپ   ،  يەنە ئاۋالقىدەك چاپانغا بېشىمنى بۈركەپ جايىمغا كېلىپ  يېتىۋالدىم.  

ئېسىت  نىمە قىلاتتىم    ،  بۇ  ھارمىنىڭ مۆرىسدىن  تارتىپ  ،    شۇنداق قۇرقۇش  ، ھەم ئەنسىزلىك  ئىچىدە   تىترەپ  يېتىپ  تاڭ ئاتاي  دىگەندە  ئۇخلاپ  قاپتىمەن  .....   

20-باپ    قېرى جىن   

مەن قانچىلىك ۋاقىت ئۇخلىغانلىقىمنى  بىلمەمەن  .
  كۆزۈمنى ئاچسام  ئاللا قاچان تاڭ ئېتىپ بولغان ئىكەن .  
ھارۋىنىمۇ توختىتىپ قويغان ئىكەن ،  بېشىمنى كۆتۈرۈپ كۆزۈمنى قىسىپ ئەتراپىمغا نەزەر سالدىم ، ھېلىقى شۇمتەكمۇ ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتى ،  كۆزۈمنى ئۇۋلىغاچ يۈزۈمنى يۇيۋېلىش ئۈچۈن ھارۋىدىن چۈشۈتۈم.
بۇ نىمە ئىش ئەمدى ؟؟  كېچىدىن ھەرخىل ۋەھىمىلىك خىياللارنى سۈرگەچكىمۇ ؟؟  ياكى ھارۋىكەش  شۇمتەكنىڭ كۆتۈرۋالغان سۆڭىكىدىن  قورقۇپ كەتتىممۇ  ؟؟يۈزۈمنى يۇيغاچ ئېغىز-بۇرنىمنى قوقاق بېسىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم .

ھەي ...  نىم ئىش بۇ ئەمدى ؟؟؟
مەن ئاخشام ھېچ قورققاندەك قىلمىغان   ؟؟  ئەجىبا بۇ قوقاقلار  ؟؟؟؟؟؟؟؟
مەن بۇرۇن جىندىن قورققاتتىم ، بىراق ھازىر جىندىن  ئانچە قورقۇپ كەتمەيمەن  .  
ئەلۋەتتە ئۆلۈمدىن قورقمىغان يەردە  ئۇنچىلىك  پىس-پاس  جىنلار نىمە ئىدى  ....
بۇنداق دىسەم  مېنى  پوچى  ، دەپ  ئويلاپ قالماڭ   !!!!!!!!!
مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش  ئىنسان  شۇڭلاشقا جىننى  ، ياكى باشقا قورقۇنۇچلۇق ئىشلارنى كۆرگەندە  سۈر بېسىپ  ئانچە مۇنچە  تەرلەپ  كېتىشىم تەبى ئەھۋال  ، لىكىن مەن ئۆلۈمدىن ھەرگىز قورقۇپ قالمايمەن   . زۇمرەت گۈلباھارنى تۇتۇپ كەتكەندىن بېرى  ، ئىدىيەمدە  تەييارلىق  قىلىپ قويغانمەن ،  شۇڭلاشقا  ھەرقانداق ئىش بولسۇن ، مەيلى ھاياتىمغا خەۋىپ يەتسۇن   ،  مەن ھەرگىز  چىكىنمەيمەن ،  شۇنداقلا پۇشايمانمۇ قىلمايمەن  .
يۈزۈمنى يۇيۇپ بولغاندىن  كېيىن ئەتىراپقا نەزەر سېلىشقا باشلىدىم   ،  ھارۋا قاچانلاردا  توختۇتۇپ قۇيۇلغانلىقىنى بىلمەيمەن ،  ھېلىقى شۇمتەكمۇ  يوق ،    ھارۋىنى سۆرەپ ماڭغان  كالا   ،   بىر تۈپ قېرى  توغراقنىڭ شاخلىرنى مەزە قىلىپ  يىمەكتە ئىدى  ، بىچارە  كالا  چارچاپ كېتىپسەندە  ؟؟  ھېلىمۇ  سەن توختىماي يول يۈرۋاتقىلى  خېلى بولدى  . كالىغا بەكلا ئىچىم ئاغرىپ   ئۇنىڭ  توغراق شاخلىرنى   ، يىرىك تىللىرى بىلەن ، يۆگەپ ئېغىزغا ئەكىرىپ  چايىمايلا  يالماپ يۇتىشلىرغا قاراپ  ئۇ ماڭقىنى ساقلىغاچ  بىردەم ئولتۇردۇم .

بىراق خېلى ئۇزاق ساقلىغان  بولساممۇ ھېلىقى شۇمتەك  كۆرۈنمىدى   .
ئورنۇمدىن  تۇرۇپ  يىراقلارغا نەزەرسالدىم ، پۈتۈن ئەتىراپ يەنىلا شۇ قۇملۇق .

ھۇ ھاراملىق   نەگىمۇ  كەتكەن بولغىيتىڭ  ؟    مېنى ئەنسىرتىپ.
ئۇنى ئىزدەپ باقماقچى  بولغان بولساممۇ  نەدىن ئىزدەشنى  بىلمىگەچكە ئويلۇنۇپ   تۇرۇپ قالدىم .
خېلى ئۇزاققىچە ئويلاشقان بولساممۇ ئۇ ھاراملىقنى ئىزدىگەندىن كۆرە  ، جايىمدا  ئولتۇرۇپ ساقلاشنىڭ  توغرا ئىكەنلىگىنى ھېس قىلىپ  ، ئۇنى ئىزدەش نىيتىمدىن ياندىم.
ئۇنى ساقلىغاچ ھارۋىنىڭ ئەتىراپىدا ئۇياقتىن- بۇياققا   مېڭىپ  ۋاقىت ئۆتكۈزمەكچى  بولدۇم .
بىراق بۇنداق نىشانسىز  ئايلىنىپ يۈرۈشتىن زېرىكىپ  ،  ئۇنى ساقلىغاچ ناشتا قىلاي  دەپ  ھارۋىغا چىقىپ  ، ئاخشام يېرىمىنى يەپ  قۇيۇپ قويغان نېنىمنى  غاجىلاشقا باشلىدىم .
ناننى غاجاۋېتىپ  كۆزۈم ھېلىقى ماڭقىنىڭ  ئەسكى خۇجۇنىغا چۈشۈپ  قالدى ،  ئىچىدە نىمە بارلىقغا قىزقىپ ،ئاختۇرۇپ باقماقچى بولدۇم .
خۇجۇننى قولۇمغا ئېلىشىم بىلەن تەڭلا  يۈرگۈم يەنە ئەنسىز  سۇقۇشقا باشلىدى  ...
خوجۇننى يىشىۋاتىمەن ،   نىمىشقىدۇر  ھوجۇدۇمنى  شۇنداق بىر  ۋەھىمە  چىرمىۋالدى  ،  مەن خۇجۇننى ئاچساملا  ئىچىدىن قورقۇنۇشلۇق بىرەر  نەرسە چىقىپ قالدىغاندەك  بىلىنىپ   يۈرگۈم  ئېغىزىمغا تىقىلىپ   يەنە ئاچچىق  قارا تەرگە چۆمدۈم.

ئىنساننىڭ  تەبىيتى شۇنداق بولامدۇ   ، ۋەياكى  مەن شۇنداق تەلۋىمۇ   بىلمىدىم  ،  باشقىلار قىلما دىگەن  ئىشنى شۇنداق قىلىپ باققۇم كېلىدۇ .
قورقۇنۇچ ئىچىدە  ئەسكى خۇرجۇننى ئاچتىم .
بىراق نەدە  ئۇنداق قورقۇنۇچلۇق نەرسە بولسۇن ،  جۇرجۇن ئىچىدىن  بىرتوقاي ئىت غاجاپ تاشلىۋەتكەن ، ئەسكى   سۈكەڭ  چىقتى .
ۋاي ئانناڭنى   نىمىلەر بۇ    ؟؟  
ئۆزەمچە  كۈلگۈم كىلىپ خۇرجۇننىڭ ئېغىزنى ئېتىۋاتتاتتىم  ، باياتتىن  ياقى ساخىلاپ تۇرسام كەلمىگەن  شۇمتەك ،   ئالدىمدا  پەيدا بۇلۇپ قالدى.
مېنىڭ نەرسىلىرمنى  نىمە  دەپ ئاختۇرسەن ؟؟؟
شۇ تاپتا ئۇنىڭ چىرايى  بەكلا ئۆزگۈرۈپ كەتكەن  ئىدىكى  ، ھازىرلا كېلىپ مېنى چىشلىۋالدىغاندەكلا  بىلنىپ   ،  ئۇنىڭ چىرايىغا  قاراشتىن سەل قورقۇپ قالدىم.
قارسام سەن يوق تۇرسەن ، شۇنچە  ساقلىسام كەلمىدڭ   ،  ئىچىم پۇشۇپ ئېچىپ ساپتىمەن  ، مېنى كەچۈرگىن .

ھېلىقى ساراڭ  ھاراملىق گېپىمنى ئاڭلاپ   يىغلاشقا باشلىدى  ،   يىغلاۋېتىپ  مېنىڭ نەرسىلىمنى  نىمىشقا ئاختۇرسەن دىگەن سۆزنى تەكرالاپ  تۇراتتى.
خاپا بولمىغىن   ، ئەمدى ھەرگىز   ئۇنداق قىلمايمەن  ، ساڭا  ۋەدە  بىرەي  .....
مىنىڭ نەرسىلىرمنى نىمىشقا ئاختۇرسەن  .......ھۈھۈھۈھۈھۈ............

مە  تېخى ئۆزەمنى  نەچچە ۋاقىتتىن  بېرى  بەكلا كۆپ  يىغلاپ  كەتتىم  دەپ ئويلاپ قاپتىمەن  ، ئەسلى يىغلاش دىگەن مۇنداق بولىدىكەن  .
ئۇ ھاراملىق  ئەتىگەن  سەھەردە  يىغلاشقا باشلىغان   ، تاكى كۈن تىكلەشكەنگە  قەدەر توختىماي  يىغلاۋەردى  ،  مەن تولا يالۋۇرۇپ  ئېغىزىمنىڭ  بىرقات  تېرىسى چۈشۈپ قالاي  دەپ قالغانغا قەدەر يالۋۇرۇپ  ،ئاخىرى بولالماي  توختاپ قالدىم.

تۇرۇپ  ئويلاپ قالدىم ،  بۇ شۇمتەككە  چىرايلىق گەپ تەسىر قىلمايدىكەن  ، بۇنداق يالۋۇرغاندىن  كۆرە ئۇرۇپ تىللاپ  قورقۇتۇپ  ، مەجبۇرىيىغلاشتىن توختىتاي دىگەن نىيەتكە كەلدىم .

ماڭا  قارا  ھاراملىق   ،   مەن يا ئۇ سۈڭەكلىرڭنى يەۋالمىدىم ، نىمە بېشىمنى ئاغرىتىپ ماڭقاڭنى  ئېقىتىۋېرىسەن ؟؟؟؟!!!!!!!!!  ئەمدى  يىغلاشتىن توختىمايدىغان  بولساڭ  ھە،   ھىم   .   
يىغلىما   !!!!!!!!!!!!!!   يىغلىما  دەيمەن  !!!!!!!!!..........
ھېي  سىنى يىغلىما دەۋاتىمە   ،  يىغلىما!! ئاچچىقتىن بۇغۇلۇپ قالايلا دىدىم ، تولا ۋارقىراپ كانايلىرىم قۇرۇپ كەتتى ،لىكىن بۇ ھارمى پەقەت توختىماي  ،مېنى تېخىمۇ جىلە قىلۋەتتى.
   قانداق نىمە سەن  ، ؟  بولدى ئەمدى  توختاپ قالغىن ، سىتوپ !!!!!
ئەمدى توختىمىساڭ مەندىن رەنجىمە   ھە ..  شۇتاپتا چىشلىرمنى غۇغىرلىتىپ ، ئاچچىغىمنى چىشىمدىن ئالدىم ، بىچارە چىشلىرىم ، مېنىڭ چىشلەشلىرمگە پايلىماي تاسلا قالدى تۈكۈلۈپ كەتكىلى .
مېنىڭ ساراڭلىغىم تۇتۇپ قېلىشتىن بۇرۇن  ھۇشۇڭنى تېپىۋال ، ھېلى بىكار  ئېڭەكلىرىڭدىن   قاس چىقىرۋېتىمەن   جۇما   ،   يىغا دىگەننى شۇچاغدا  يىغلايسەن .
كۆرىڭە  بىكاردىن  يىغلاپ كەتكىننى  ماۋۇ ، قوڭتاجى  ھاراملىقنىڭ  .

ئالدىغا مۇشتۇمنى تۈگۈپ بېرىپ  ، بېشانىسدىن  نۇقىلاپ  تۇرۇپ تازا ھەيۋە قىلدىم  .
بىراق   ھەي ، تولىمۇ  ئەپسۇس  ،  بۇ ساخلانى  مەن  ۋاقىرغانسىرى   تېخىدىمۇ بەك ئەۋزەيلەشكە باشلىدى .
ئاچچىغىمدا تەستەك بىلەن نەچچىنى سالايمۇ دىدىم  ، بىراق  بۇ شۇمتەك  ،  تاياقتىن قورقىدىغاندەك   ئەمەس .
قانداق قىلىشنى بىلمەي بېشىم قېتىپ  تۇراتتىم  ، توساتتىن  بۇ ساخلاندى  ،  قالايمىقان   چۈشنىكسىز  بىىرنىملەرنى  دەپ توۋاشقا  باشلىدى  .
ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ  يۇقۇرلىقىغا  قاراپ  ھەيران بۇلۇپ  تۇرۇپلا قالدىم.
ئۇ ساخلاندى ،  خېلى ئۇزاققىچە  قالايمىقان  ۋارقىراپ  بىركەمدە  يەنە يىغلاشقا باشلىدى .
ۋاي  ساراڭ  شۇم ،   بولدى ئەمدى سەن بىلەن ماڭمايمەن .
نىمە قىلساڭ قىل  ،  ، يىغلامسەن   ،  كۈلەمسەن   ، ياكى ئۈلەمسەن     .
نىمە  قىلساڭ قىل  .  ھۆ  تويدۇم ،  ساڭا تەسلىم بولدۇم .  
مەن ئەمدى  كېتىمەن ، خوش  !!!!
كەينىمگە  شۇنداق ئۆرۈلۈپ  چۆچۈپلا  كەتتىم.
كەينىمدە سان-ساناقسىز   ، جانلىقلار  ماڭا  قاراپ تىكىلگىنچە تۇراتتى .
ئۇلارنىڭ بەزىسى   ئادەمگە  يەنە بەزىلىرى  ھايۋانغىمۇ  ئوخشاپ قالاتتى .
ھايۋانغا ئوخشايدىغانلىرى  ئالدىدا ، ئادەمگە ئوخشايدىغان پاخپاق باشلىرى  كەينىدە  ،   ھېلىقى ھايۋان سۈرەت مەقلۇقلار ماڭا قاراپ  خىرىس قىلىپ ھازىرلا ئېتىلىپ كىلدىغاندەك  ،  ئىشقىلىپ ئۇلارنىڭ پەيلى بەكلا ياماندەك قىلاتتى .

بۇلار كىملەر  ؟  ھازىر ھېچكىم يوق ئىدى ، بۇلار قانداقچە بۇ يەردە پەيدا بۇلۇپ قالدى ؟؟؟
ئېتتىكلا  ئۆرۈلۈپ  ھېلىقى ھاراملىققا قاردىم ،   ئۇ  شۇم   ئەتىراپىدىككى   بەت-بەشرىلەرگە  قاراپ   بىرنەرسىلەرنى دەۋاتقاندەك قىلاتتى.

20-باپ  قېرى  جىن    نىڭ  داۋامى  
ھېلىقى  ھارمى ئورنىدىن  دەس تۇرۇپ، ماڭقىسنى قولىنىڭ ئالقىنى  بىلەن شارتتىدە  قىلىپ سۈرتىۋەتتى   ، دە   مەن تەرەپكە كېلىشكە باشلىدى .
ئۇ ھارمىنىڭ مەن تەرەپكە يېقىنلاپ كېلىۋاتقىننى كۆرگەن  باشقا  مەخلۇقلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ   ، قىستاپ كېلىپ ماڭا تېخىمۇ يېقىنلاشتى .
شۇتاپتا  بۇ خۇمسىلار  چوڭ چەمبەر ھاسىل قىلىپ مېنى قورشىۋېلىشتى.
قاندق قىلسام بولار ؟؟   بۇلار ئادەم ياكى باشقا ھايۋان بولسىغۇ   جان تىكىپ  ئېلىشىپ باقسام  بولار ئىدى  .
بىراق بۇلار چۇققۇم  جىن  .   جىن بىلەن ئادەم ئېلىشقان نەدە  بار؟؟

بېشىم بەكلا قاتتى  ، ئەگەر ئۇلار مېنى  پۇتى دەسسىمەس  ، قۇلى تۇتماس قىلىپ  قويسا  قانداقمۇ  قىلار مەن ؟؟
بىچارە گۈلباھار  سېنى قۇتقۇزغىلى بارالماي قالارمەنمۇ  ؟؟
ئويلىغانسىرى كۆڭلۈم بۇزۇلدى ، باشقا ئامال قىلالماي   ئاپامنىڭ ئۆگەتكىنى بويىنچە  ئۆزەم  بىلدىغان ئايەتلەرنى ئۇقۇشقا باشلىدىم .
ھېلىقى   ھاراملىق  مەندىن ئىككى قەدەم يىراقلىققا  كىلىپ توختىدى  .
ئۇنىڭ زادى نىمە مەقسىدى بار ؟  مېنى زادى قانداق  قىلماقچى ئىكەنلىگىنى  بىلمىدىم  ،  لىكىن  ئۇنىڭ مېنى بوش قۇيۋەتمەيدىغانلىقى كۆڭلۈمگە ئايان .
تۆنۆگۈندىن بېرى تولا  ئوقۇپ ئېغىزىم كۈنۈپ قالدىمۇ   بىلمىدىم  ،ئايەت ئۇقاي دەپ  ئويلىغان بولساممۇ ، ئۆزۈممۇ سەزمەستىن ئايەتنى توختۇتۇپ  قۇيۇپ   ھېلىقى موماي ئۆگەتكەن چۈشنىكسىز نىملەرنى ئۇقۇپ كەتتىم.
ئۇقۇغاندىممۇ  ناھايىتى يۇقۇرى ئاۋازدا  ئۇقۇدۇم ، ئۇقۇغانسرى  روھلىنىپ  بار كۈچۈم بىلەن ئۇقۇدۇم .

يادىلغانلىرمنى بىرنەچچە  قېتىم ئۇقۇشۇمغا  ھېلىقى  بىزگە ئەگىشىۋالغان  خوراز يەنە ئالدىمدا  پەيدا بولدى ،  خورازنى كۆرۈپ  بەدەنلىرىم  يەنە تىكەنلىشىپ كەتتى .
بۇ قېتىم خوراز  بىلەن مېنىڭ ئارلىقىم  بىرمىتىرمۇ كەلمىگەچكىمۇ  قورقۇنۇچ كۈچىيىپ تىلىم گاچچىلىشىقا باشلىدى ،  شۇنداقتىمۇ ئوقماسلىققا  ئامال يوق .
ماڭا نىم كۈن بۇ ؟؟  ئەتراپىمدا  ئىككى قەدەم ئارلىقتا   بىر-بىردىن بەت-بەشرە  نىملەر مېنى قورشىۋېلىپ ماڭا    ھەيۋە قىلىپ تۇردۇ ،  بۇ ئاز كەلگەندەك  ماۋۇ زىراپدەك ئېگىز  قېرى خوراز  .
قېچىپ كېتەي دەپمۇ ئويلاپ باقتىم، بىراق   قېچىشقا ھېچ پۇرسەت يوق .
شۇتاپتا  يەنە بىر قېتىم  تەس كۈنگە قالدىم  ، شۇنچە ئويلاپمۇ قۇتلۇشنىڭ چارىسنى تاپالماي  كۆزۈمنى يۇمۇپلا  يەنە ھېلىقى  چۈشنىكسىز  نەرسىلەرنى ئۇقۇشنى داۋاملاشتۇردۇم .
ئۇقۇغانسىرى  كۆزلۈرۈم  ئېيچىشىپ ئۇيقا بېسىشقا  باشلىدى ،  بۇنداق چاغدا ئۇخلاپ ئۇلارغا يەم بوپ كەتمەي دەپ  ئويلاپ كۆزۈمنى ئېچىشقا شۇنچە تىرشقان بولساممۇ بىراق،  كۆزۈمنى پەقەتلا ئاچالمىدىم .
ئاچقان تەقدىردىمۇ بىردەمدە يۇملۇپ قېلىۋاتاتتى.
   شۇڭلاشقا كۆزۈمنى ئاچالمىساممۇ ئۇخلاپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆزەمنى سەگەك تۇتۇشقا تىرشىپ  ئۇقۇۋاتقان ئىدىم  .
توساتتىن كۆز ئالدىمدا  ئاجايىپ بىر مەنزىرە  پەيدا بولدى .
چۈش كۆرىۋاتقان ئوخشايمەن   ، دەپ ئويلىدىم  .  بىراق ئادەم ئويغاق تۇرۇپمۇ چۈش كۆرەمدۇ ؟؟

ئالدىمدا  ھېلىقى ماڭقا  ھازىرلا مېنى   ھېلىقى سۆڭەكنى غاجىغاندەك  غاجاپ يەۋىتىدىغاندەك ئەلپازدا ماڭا تىكىلگىنچە قاراپ تۇردۇ ،  ھېلىقى  مەخلۇقلار ئۇنىڭدىن  بۇيرۇق كۈتىۋاتقاندەك ئۇنىڭ كەينىدە  سەپ تۈزۈپ تۇرماقتا.
؛ئۇشتۇمتۇت  ھېلىق  خۇراز  ناھايىتى ئۈنلۈك  ئاۋازدا  چىللاپ  ئارقىدىنلا  ھېلىقى  بەت-بەشرە مەلۇقلارغا قاراپ  ئېتىلدى .
مەن نىم قىلارىمنى بىلمەي  ، جېنىمنىڭ  بارىچە ھېلىقى سۆزلەرنى ئۇقۇۋاتىمەن .
خوراز ئۇلارغا ئېتىلغان ھامان ھېلىقى گۇيلار  تەرەپ -تەرەپكە قېچىپ كېتىشتى ،  خوراز ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كىتىپ  بىرھازادىن  كېيىن  ،  بىرنەرسىنى  چىشلەپ كىلىپ ئالدىمغا ئ تاشلىدى.
مەن ئىتتىكلا خوراز تاشلىغان نەرسىگە  قاردىم ،     توۋا  چاچلىرى  قاردەك ئاقارغان ،  ئەمما ئاقارغان چېچى  بەكلا ئۇزۇن بولغاچقا  خۇددى ھىجاپلانغان ئايالدەك ، چىرايىنىڭ ئالدى كەينىنى پەرىق ئەتكۈسىز دەرجىدە ، كۆڭلۈمدە  بۇ بىر قېرى  جىنكەن  دەپ ئويلىدىم ، بىراق  بۇ چىشى جىنمىدۇ  ، ياكى ئەركەك جىنمىدۇ ؟؟.............

بۇلىۋاتقان  بۇنچە كۆپ  ئىشلارغا  ھەكلا  ھەيران قالدىم .
توۋا  بۇزادى  چۈشۈممۇ ئوڭۇممۇ   ؟؟
كۆزۈمنى ئېچىشقا يەنە بىر ئورۇندۇم ،    بىراق بۇ قېتىم كۆزۈمنى ئاسانلا ئېچىۋالدىم .
كۆزۈم ھەم يۇملۇپمۇ قالمىدى.
كۆزۈمنى ئېچىپلا  ھەيرانلىغىم  تېخىمۇ كۈچەيدى ، نە خوراز ، نە   باياتتىن  بېرى مېنى قورقۇتۇپ  ئىشتىنمغا سىدۈرۋەتكىلى  ئازلا قالغان  ھېلىقى باخپاق باش  مەخلۇقلار ھېچ يەردە كۆرۈنمەيتى،  پەقەت ھېلىقى  ھاراملىقلا   يەنە ئاۋالقىدەك  ماڭقىسنى ئېقىتقىنچە  يىغلاپ   ئولتۇراتتى.
خوراز  ئالىمغا ئەكىلىپ تاشلىغان نەرسىنى ئىزدەپ  يەرگە قاردىم ،   دەل ھېلىقى ئاقباش ياتقان  يەردە  ،  بىرقارسام   كەسلەنچۈككە ئوخشاپ قالدىغان  بىر نەرسە جان تالشىپ ياتاتتى.
كاللامدا يەنە بىر سۇئال  ئەگىشكە باشلىدى  ، ھېلىقى خوراز زادى   نېمە ؟؟   ھېلىقى مەخلۇقلار زادى نەگە كەتتى؟؟
بۇ ئىشلارنىڭ تېگىگە يىتەلمەي  يەنە ھېلىقى ھاراملىقتىن سوراشقا مەجبۇرى بولدۇم ،  بىراق  ئۇ ھارمى سۇئالىمغا جاۋاپ  بەرمەي ،   ئاستا ئورنىدىن  تۇرۇپ بىرسى سۆرىگەندەك  ھارغىن قەدەملىرى بىلەن   ھارۋا تەرەپكە قاراپ  ماڭدى .
مەنمۇ بۇ كىچىك جىندىن ئارتۇق سۇئال سوراپ ئولتۇرماي ،   ئۇنىڭغا ئەگەشتىم!!!!!!!!


ئەسسالاممۇ  ئەلەيكۇم   مىسرانىم  ئەھلى  ، كەمىنە  heslirim   ھەممىڭلارغا ئوتلۇق  سالام .
نەق گەپكە كەلسەك ،  سىرلىق قىز ناملىق  ئەسرىمنىڭ سىناق نۇسقىسنى  نەچچە ئاي بۇرۇن سىناق تەرىقىسدە مىسرانىم مۇنبىرگە يوللىغان ،  ئەپسۇس  كېيىن بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى ئەسەرنىڭ داۋامىنى يوللاش مۇمكىن بولماي قالدى.
شۇ چاغدا مەنمۇ چۈشەنچە بېرىپ ئەسەرنىڭ داۋامىنى ۋاقتىنچە يوللىيالمايدىغانلىقىم توغرىسدا ئىنكاس يازغان.
شۇڭا بۈگۈن  داۋامىنى ھوزۇرۇڭلارغا  سۇندۇم .
داۋامى ئىنكاس  شەكىلدە داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا  !!!!!!


ئەسكەرتىش  ؛ بۇ قوليازمام   ئۆزەمنىڭ   ئىجادىيتىم، ھازىر سىسناق نۇسقىسنى ئېلان قىلۋاتىمەن .
ھەراقانداق مۇنبەر  ۋە سالونلارنىڭ كۆچۈرۈپ چاپلىۋېلشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ .‹ يېڭى چاك-چاك مۇنبىرى ، ئىپتىخار مۇنبىرى ۋە مىسرانىمدىن باشقا مۇنبەرلەر كۆزدە تۇتىلدۇ ›



ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103386
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 373
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 442 سائەت
تىزىم: 2014-2-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 01:01:32 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشتىن كۆرەلمىگەنلىكىم ئۈچۈن ئازراق ئەپسۇسلاندىم ، يانفۇندا زىيارەت قىلىۋاتقاچقا ئاپتۇرنىڭ باشقا تېمىللىرىنى ئىزدەپ تېپىش سەل قۇلايسىزكەن ، داۋامىنى يوللاپ بولۇپ ھەممە قىسمىنىڭ ئۇلىنىش ئادىرسىنى تەمىنلىسىڭىز دىگەن ئۈمىدتىمەن ، (ئەلۋەتتە كۆزگە ئاسانراق كۆرۈنگۈدەك يەرگە)

خۇدايىمنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇن، بۈگ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60479
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4716
تۆھپە نۇمۇرى: 685
توردا: 310 سائەت
تىزىم: 2011-10-14
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 01:02:48 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف… ئاخىرنى يازمايدىغان ئوخشايدۇ دەپ بەك كۆڭلۈم  يېرىم بولغان ، بۈگۈن قارسام چىقىرىپسىز…تۇلىمۇ مىننەتتار بولدۇم، ئەسىرىڭىز بەك ياخشى چىقپتۇ ،بولسا داۋىنىمۇ بەك سوزىۋەتمەي  يېزىۋېتەرسىز…

گەر يۈرەك بولسىمۇ بىر پارچىلا گۆش،
نى ئوتتا كۈيۈپ بولمايدۇ  خازان.
گە ئۇندا بولسىدى بىر پارچە پولات،
مەۋجۈتلىكىگە بولماستى  ئمكان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 1344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12155
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 4588 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 09:23:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئشخانىدا  ئۆزۇم  يالغۇزتۇم  بۇگۇن  يالغۇز  جمجىت ئولتۇروپ ئوقۇم تىترەك  بىسىپ كەتتى  دىسە  ۋايجان ...............

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 575
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2086
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 117 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 09:35:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولغىدەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101241
يازما سانى: 744
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3833
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2013-12-23
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 10:50:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ بېشىنى ئۇقۇماپتىكەنمەن ، مەزمۇنى ياخشىكەن ،داۋامىنى تېزراق يوللارسىز.

مېھرىماھ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99346
يازما سانى: 468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 760
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 480 سائەت
تىزىم: 2013-11-8
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 12:10:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بېشىنىمۇ تېپىپ ئۇقۇساق بۇلغۇدەك ..........

قەبرىسىگە ئۇزۇق-تۈلۈك ئېلىۋالماي كىرگەن كىشى كىمىسىز دېڭىزغاكىرگەن كىشىگە ئوخشاش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103728
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 463
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 95 سائەت
تىزىم: 2014-2-18
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 12:17:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز ئىپتىخاردىكى سۇمرۇغ  شۇمۇ

ئاللا بەندىللىرىڭنىڭ گۇنايىنى ئوزۇڭ كەچۇر (ئامىن)

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4139
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 03:31:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
halisman يوللىغان ۋاقتى  2014-12-6 12:17 PM
سىز ئىپتىخاردىكى سۇمرۇغ  شۇمۇ

ئۈستىدىككى ئەسكەرتىشنى  تۇلۇق ئۇقۇماپسىزدە قېرىندىشىم .
شۇنداق  مەن ئىپتىخاردىككى سۇمرۇغ .
بۇ ئەسرىمنى ئۆزەمنىڭ چاك-چاك مۇنبىردە ئېلان قىلدىم .      داۋامىنى  ۋاقىت يار بەرسىلا  داۋاملىق يوللاپ تۇرمەن .
ئەسەرنىڭ  بىرنجى باپتىن باشلاپ 28  -باپقىچە  تۇلۇق نۇسقىسى  www.qakqak.biz   
مىسرانىمغىمۇ  ھەركۈنى بىر باپتىن يوللىنىدۇ.

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89457
يازما سانى: 944
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2274
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 311 سائەت
تىزىم: 2013-1-2
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-7 06:02:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياۋ پانا   ئاخىرى  يېزىلدى ما ئەسەرنىڭ ئاخىرى    قاچانلا  قارسام  يوق داۋامى     



داۋامىغا  تەشنامەن   تىزراق   يىزىۋېتەسىز   قەلەم ئگسى

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش