مەلىكەنىڭ شېئىرىغا شېئىرى چاخچاق
ئۆلۈپ كەتسەڭ ئەتە ناۋادا،
يايراپ كېتەر تەنلىرىم قەۋەت،
ئازاپلىرىم تۈگەيدۇ شۇندا،
رەخمەت دەيمەن تەڭرىگە مىڭ رەت.
ئۆلۈپ كەتسەڭ ئەتە ناۋادا،
يۈرۈكۈمدە پارلايدۇ قۇياش،
ئويلىمىدىم سەن ئۈچۈن ئەسلا،
كۆزلىرىمدىن چىقىرىشنى ياش.
ئۆلۈپ كەتسەڭ ئەتە ناۋادا،
شۇ ھامانلا ئۇنتۇپ كېتىمەن.
قەلبىمدىكى ئاشۇ قىز بىلەن.
يېڭى ھايات باشلاپ كېتىمەن.
ئەسكەرتىش: شېئىرىڭىزنى كۆرۈپلا كىچىككىنە ئىلھام كېلىپ بۇ چاخچاق تۈسىدىكى قاملاشمىغان شېئىرنى يازدىم، ناۋادا رەنجىپ قالسىڭىز ئۇچۇر قىلىڭ! شۇ ھامانلا ئۆچۈرۈۋېتىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-5 08:37 PM