بۈگۈن بىرەر ئىشنىڭ كۆڭلىڭىزدىكىدەك بولمىغانلىقىدىن ئۆزىڭىزنى نەس باسقان ئادەمدەك ھېس قىلدىڭىزمۇ؟ ئەمما ئەڭ نەس باسقىنى سىز ئەمەس.
ئامېرىكا «كالفورنىيە تەكشۈرۈش گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كالفورنىيە ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى بىر قېتىملىق ئورمانلىققا كەتكەن ئوتنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن، بىر جەسەتنى بايقاپ قالغان. جەسەت ئورمانلىقتىكى ئوت ئاپىتىنىڭ ئەڭ ئېغىر بولغان يېرىدە بايقالغان. ئۆلگۈچى ئەر بولۇپ، يۈزىگە نىقاب، ئۇچىسىغا سۇغا چۆكۈش كىيىمى، پۇتىغا رېزىنكە پالاقچە كىيىۋالغان بولۇپ، دۈمبىسىگە سۇدا نەپەسلىنىش ئەسۋابى ئېسىۋالغان ئىكەن. جەسەتنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا بۇ كىشى كۆيۈپ ئەمەس، بەلكى ئىچكى زەخىم سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن.
بەدىنىدە سۇغا شۇڭغۇش ئەسۋابلىرى بار ئادەم قانداق بولۇپ ئورمان ئوت ئاپىتىدە ئۆلۈپ كەتكەندۇ؟ تەكشۈرگۈچىلەر بۇ ئىشنى ئايدىڭلاشتۇرماقچى بولغان.
ئۇلار ئاخىرى ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئېنىقلاپ چىققان.
ئورماندا ئوت ئاپىتى بولغان كۈنى ئۆلگۈچى ئورمانلىقتىن 20 مىل يىراقلىقتىكى دېڭىزدا سۇغا شۇڭغۇپ، دەم ئېلىشنىڭ پەيزىنى سۈرۈۋاتقان ئىكەن. ئورمانلىقتىكى ئوت ئاپىتى ئېغىر بولغاچقا، ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسى تىك ئۇچار ئايرۇپىلاننى ئىشقا سېلىپ، سۇنى ئوت ئاپىتى ئەڭ ئېغىر رايونغا تۆكمەكچى بولغان.تىك ئۇچار ئايرۇپىلان چوڭ سۇ قاچىلاش ئەسۋابى بىلەن دېڭىزدىن سۇنى ئېلىپ، ئورمانلىققا ئاپىرىپ تۆككەن... شۇنداق، دېمىسەممۇ بىلىپ بولدىڭىز، بۇ نەس باسقان كىشى، ئەسلىدە تىنچ ئوكياندا سۇغا شۇڭغۇپ ئويناۋاتقان ئىدى، ئويلىمىغان يەردىن جاننى ئالىدىغان 300 فۇت ئېگىزلىكتىن ئورمانلىقتىكى ئوت ئاپىتى ئەڭ ئېغىر يەرگە پاقىچىلاپ سۇ ئۈزۈپ چۈشۈپ كەتكەن.
ھە؟ ئۆزىڭىزنى يەنىلا نەس باسقان دەپ ئويلاۋاتامسىز؟ بولىدۇ، بىز يەنە «فلورىدا كۈندىلىك گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قاراپ باقايلى:
بىر ئەر ئۆز ھويلىسىدا موتوسىكلىتىنى رىمونت قىلىۋاتقان ئىدى، ئايالى بولسا ئاشخانا ئۆيدە تاماق ئېتىۋاتاتتى. ئەر ئېھتىياتسىزلىقتىن موتوسىكلىتنى ئوت ئالدۇرۇپ، تېخى ماي تەپكىسىنى كۈچەپ دەسسىۋېتىپتۇ، بەختكە قارشى قولى تۇتقۇچتا بولغاچقا، موتوسىكلىت ئۇنى سورەپ ئۆينىڭ دېرىزە ئەينىكىنى چېقىپ ئاخىرىدا پول ئۈستىگە يىقىلىپتۇ.
ئايالى تاشقىرقى ئۆيدىكى چېقىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ يۈگۈرۈپ چىقىپ قارىسا، ئۆيدىكى ئۈستەل ئورۇندۇقلار ئۆرۈلگەن، يولدىشىنىڭ بېشىدىن قان ئېقىۋاتقان ئىكەن. ئايال دەرھال قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرتقان. قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ئېرىنى ئېلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆيدە قېلىپ چېقىلغان بۇزۇلغان نەرسىلەرنى يىغىشتۇرغان.ئۇ ئالدى بىلەن موتوسىكلىتنى ھويلىغا ئىتتىرىپ چىقارغاندىن كېيىن، قەغەز بىلەن پولدىكى ماي قالدۇقلىرىنى سۈرتۈپ، ئاندىن قەغەزنى تازىلىق ئۆيىدىكى تەرەت تۇڭىغا تاشلىغان.
ئەر دوختۇرخانىدا بېشىنى تاڭدۇرۇپ، يارىسى ئېغىر بولمىغاچقا ئۆيىگە قايتىپ كەلگەن. بىر ئازدىن كېيىن تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ ھاجەت قىلماقچى بولغان ۋە كەيپىياتى ناچار بولغاچقا تاماكىدىن بىر تال چەككەن، ئاندىن تاماكا قالدۇقىنى تەرەت تۇڭىغا تاشلىغان. ئەمدىكى ئىشنى سىزمۇ بىلدىڭىز، ئايال ئاشخانا ئۆيدە تۇرۇپ پارتلىغان ۋە يولدىشىنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان. يۈگۈرۈپ تازىلىق ئۆيگە كىرسە يولدىشى ئىڭرىغىنىچە يەردە ياتقان، ئىشتانلىرى تىتىلىپ، ساغرىسىمۇ كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن ئىكەن. ئۇ قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنى يەنە بىر قېتىم چاقىرتقان.دوختۇرخانا ئالدىنقى قېتىمقى ماشىنىنى يەنە ئەۋەتكەن بولغاچقا، قۇتقۇزغۇچى خادىم ناسولكىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋېتىپ بۇ قېتىمقى ئىشنىڭ جەريانىنى سورىغان، ئەھۋالنى ئۇققان بىر خادىم كۈلكىسىنى تۇتالماي قالغان، بۇ دەل پەلەمپەيدىن چۈشۈۋاتقان چاغ بولغاچقا، پۇتى سىيرىلىپ كېتىپ ناسولكا قولىدىن چۈشۈپ كېتىپ، نەس باسقان ئەرنىڭ بىر بىلىكى سۇنۇپ كەتكەن.
نېمە؟ يەنە ئۆزىڭىزنى نەس باسقان دەپ يۈرۈۋاتامسىز؟ ئېسىڭىزدە بولسۇن، سىز ئەڭ نەس باسقان ئەمەس، سىزدىنمۇ ئۆتەر نەس باسقان ئادەم تېخى نۇرغۇن.
1. ئالياسكىدا بىر ماي پاراخوتىدىن ماي ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، بىر دېڭىز يىلپىزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 80 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى كەتكەن. ئەڭ كۆپ خىراجەت كەتكەن ئىككى دېڭىز يىلپىزىنى تەنتەنىلىك بىلەن بىلەن دېڭىزغا قويۇپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ بىر مىنوت بولماي، كىشىلەر ئۇلارنىڭ ئوركا كىتىنىڭ قۇرسىقىغا كىرىپ كەتكىنىگە قاراپلا قالغان.
2. بىر ئايال ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ قارىسا يولدىشى ئاشخانا ئۆيدە غال-غال تىترىگەن ھالدا ئۆرە تۇرغان. ئەرنىڭ بېلىدە بىر تال توك سىمى توك چەينەك بىلەن چېتىشلىق ئىكەن. يولدىشىنى توك تېپىۋەتكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئايال، دەرھال ئىشىك كەينىدىكى كالتەكنى ئېلىپ، يولدىشىنى توكتىن ئاجرىتىش ئۈچۈن كۈچىنىڭ بارىچە ئۇرغان، نەتىجىدە ئەرنىڭ بىلىكى سۇنۇپ كەتكەن. ئەمما ئۇنى توك سوقمىغان بولۇپ، بېلىگە تاقىۋالغان ھەردەم تىڭشىغۇچتىكى مۇزىكىغا مەست بولۇپ تولغىنىپ ئويناۋاتقان ئىكەن.
3. كاي ۋالاجىت ئىسىملىك ئىراقلىق تېرورچى بومبا سېلىنغان پاسولكىنى بىرەيلەنگە ئەۋەتىپ بەرگەن. ئەمما پوچتا ھەققى يەتمىگەنلىكتىن، پوچتىخانا «پوچتا ھەققى يەتمىگەنلىكتىن پاسولكا ئىگىسىگە قايتۇرۇلسۇن» دېگەن تامغىنى ئۇرۇپ قايتۇرۇۋەتكەن. نەتىجىدە، ئۇ بومبىنىڭ ئىشىنى ئۇنتۇپ پاسولكىنى ئېچىپ ئۆزى پارتلاپ يارىلانغان.
شۇنداق، تۇرمۇشتا ياكى ئۇنداق ياكى مۇنداق پېشكەللىلەرگە ئۇچراپ تۇرىمىز. شۇ ئىشلار ئۈچۈن، پەرىشان بولغان، بېشىمىز قاتقان، خۇرسىنغان چېغىمىزدا، ئەتراپىمىزدا بىزدىنمۇ بەك قىيىنچىلىقتا يۈرۈۋاتقانلارنى ئويلاپ قويۇش كېرەك.بەلكىم قارشى تەرەپنىڭ نەزىرىدە ئۇنىڭ سىزچىلىك ئامىتى كەلگەن بولسا تەڭرىگە رەھمەت ئېيتقان بولاتتى. شۇڭا ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، ئەڭ نەس باسقىنى سىز ئەمەس. خالىدە ئوسمان تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-5 04:31 PM