مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1049|ئىنكاس: 6

NASA: يېڭى ئالەم كېمىسى «ئورىئون» نى سىناق قىلىش بىر كۈن كېچىكتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82221
يازما سانى: 581
نادىر تېمىسى: 12
مۇنبەر پۇلى : 39080
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2199 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 10:00:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يېڭى ئالەم كېمىسى «ئورىئون» نى سىناق قىلىش بىر كۈن كېچىكتى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى


مەن ئۆزەمنىڭ يېقىنقى بىر يازمىسىدا ناسا بۇ يىل 4-دىكابىر كۈنى «ئورىئون» (Orion) دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېڭى ئالەم كېمىسىنى سىناق قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدىم.  بۈگۈن (4-دىكابىر) ئەتىگەن سائەت 6 دىن سەل بۇرۇن مەن خىزمەتكە مېڭىۋاتقاندا، مەن بار يەردىكى رادىئولارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئىشنى خەۋەر قىلىۋاتقان ئىكەن. ئەمما بىر سائەتتەك يول مېڭىپ ئىدارىگە كەلسەم، ئىدارىمىزگە كەلگەن كۆپلىگەن تېلېۋىزور مېدىئا شىركەتلىرىنىڭ خەۋەر تارقىتىش ماشىنىلىرى ئىدارىمىزدىن قايتىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئىشخانامغا كىرىپ، ئىدارىمىزنىڭ تور بېتىغا قاراپ باقسام، بۈگۈنكى سىناق بىر كۈن كېچىكتۈرىلىپتۇ.

بۈگۈنكى سىناقنىڭ كېچىكتۈرۈلىشىدىكى سەۋەب، ئورىئوننى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىدىغان چوڭ-تىپلىق راكېتىنىڭ بىر زاپچىسىدىن چاتاق چىقىپتۇ.  بۇ راكېتىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىش ئىشىنى چوقۇم بىزنىڭ ۋاقتىمىز ئەتىگەن سائەت 4:05 دىن باشلانغان 2 سائەت 39 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە قىلىپ بولۇش شەرت بولۇپ، بۈگۈن ناسا خادىملىرى ئاشۇ ۋاقىت ئىچىدە راكېتىنىڭ چاتىقىنى ئوڭشاپ بولالمىغان.  شۇڭا بۇ سىناق ئەتىگە كېچىكتۈرۈلگەن.  راكېتىنى ئېتىشنىڭ بۇ ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئاشۇ راكېتا ئەتىلىدىغان رايوننىڭ ئاسمىنىدىكى ھاۋارايىنىڭ ئەھۋالى كەلتۇرۇپ چىقارغان.  ئورىئوننى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدىغان راكەتا ئامەرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدىن ئەتىلىدۇ.

بۇ قېتىم ئورىئونغا ئادەم چىقمايدىغان بولۇپ، ئۇ ئالەم بوشلۇقىنىڭ 5760 كىلومېتىر ئېگىزلىكىگە چىققاندىن كېيىن، ئىككى سائەت ۋاقىت ئىچىدە يەر شارىنى ئىككى قېتىم ئايلىنىپ، ئاندىن تىنچ ئوكيانغا قايتىپ چۈشىدۇ.

ئورىئوننى لاھىيىلەپ ياساپ چىقىش ئىشى 2004-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئەگەر ھەممە ئىش پىلانلىغاندەك بولىدىكەن، ناسا 2020-يىللىرىدىن باشلاپ ئورىئوننى مارسقا، ئايغا ۋە ئاستېرويدلارغا (كائىنات ئۇچار تاشلىرىغا) ئادەم چىقىرىشتەك ئىشلارغا ئىشلەتمەكچى.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] ناسا 2030-يىللىرى مارسقا ئادەم چىقىرىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
http://bbs.izdinix.com/thread-58286-1-1.html

[2] Orion launch scrubbed for today
https://js.jpl.nasa.gov/Pages/story.aspx?ID=21456

[3] Orion
<https://blogs.nasa.gov/orion/201 ... launch-attempt/>

[4] NASA is testing Orion - a spacecraft that might someday carry people to Mars
<http://www.vox.com/2014/12/3/7322909/orion-test-flight>

تۆۋەندىكى رەسىملەر ئورىئوننىڭ ھەر خىل كۆرىنىشلىرى بولۇپ، ئۇلار يۇقىرىدىكى 3 مەنبەدىن ئېلىندى:

g01_orion.jpg

1-رەسىم: ياسىلىۋاتقان ۋاقتى

g02_orion.jpg

2-رەسىم: ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىشنىڭ ئالدىدا

g03_orion.jpg

3-رەسىم: يەر شارى ئوربىتىسىغا كېتىۋاتقاندا

g04_orion.jpg

4-رەسىم: يەر شارى ئوربىتىسىدا

g05_orion.png

5-رەسىم: يەر شارىغا قايتىپ چۈشۈش ئالدىدا



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 553
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2029
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 01:27:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەر شارىغا چۇشكىچە قىززىپ ئوت كەتكۇدەك بولاپ كىتىدىكەن ئۇ نەرسە ئىچىدىكى ئادەملەرگە تەسىرى يوقمىكىنا

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15231
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3603 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 09:03:07 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىلىمخۇمار ئاكا ئورىئوننىڭ ئالەمگە چىقىرىشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار?

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1662
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14977
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2784 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 09:14:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپوللودىن تارتىپ ئامرىكا نۇرغۇن ئالەم كېمىلىرىنى قويۇپ بەردى، تەكشۈرگۈچى ،ئىزدەنگۈچى دىگەندەك ،تېخى دېڭىز قاراقچىسى نامىلىق بىرىمۇ باردەك يادىمدا
بۇ «ئورىئون »بۇلاردىنمۇ ئىلغار ئوخشىمامدۇ مارسقا ئادەم ئېلىپ چىقىشقا پىلانلانغان بولسا ؟

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35
يازما سانى: 430
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8283
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 922 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 10:17:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ راكىتانىڭ ئىگىزلىكى ، ئېغىرلىقى قانچىلىك كىلىدۇ . پۈتۈن جەريانغا قانچىلىك مەبلەغ كىتىدۇ .
ناسا ئىدارىسىنىڭ خىزمىتى سودا خارەكتىرلىكمۇ ياكى دۆلەت ۋە تەشكىلاتلار مەبلەغ بىلەن تەمىنلەمدۇ .
دىمەكچى بولغۇنۇم شۇنچە يۇقۇرى سوممىدا مەبلەغ ئاجرىتىپ ، سۈنئى ھەمرا ۋە راكىتالارنى قۇيۇپ بەرگەنگە چۇشلۇق، ئاسماندىن بىرەر پارچە ئالتۇن ئەكىلىپ سېتىپ باقمىسا ،شۇنچە خىراجەت ۋە مائاش پۇلنى نەدىن تاپىدىغاندۇ دەيمەن .

ھەمبەھىرىمنى كۈرۈڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 09:51:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئادەمنى ئىلىم - پەنگە ئىنتىلدۈرىدىغان مەزمۇنلارنى بەك ياقتۇرىمەن ...

بىلىم - كۈچ !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22010
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5643
تۆھپە نۇمۇرى: 213
توردا: 1570 سائەت
تىزىم: 2010-12-12
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 12:12:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭ بىلىشىمچە بۇ راكىتانىڭ باشقا راكىتاغا ئوخشىمايدىغان يېرى ، راكىتا ماتورى چوڭ ، ئىتىرىش كۈچى ناھايىتى زور ، قوشۇمچە راكىتا سانى كۆپ ، يېقىلغۇ ساندۇقى چوڭ ھەجىملىك ، راكىتا يېقىلغۇسىنىڭ ياسىلىشى ئالاھىدە ھەمدە يېقىلغۇ ناھايىتى ئۇزۇن مۇساپىگە يېتىدىغان قىلىپ تەيارلانغان ...
ناۋادا بۇ راكىتا ئوڭۇشلۇق قويۇلۇپ سىناق نەتىجىلىك بولۇدىكەن ، ئۇ چاغدا بۇ مۇۋەپەقىيەت ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى ئىدارسىنىڭ يىراق مۇساپىلىق ئارىلىققا راكىتا قويۇپ بېرىش ئىشلىرىدا يېڭى سەھىپە ئاچقان بولۇدىكەن ...
بۇ تۈرگە مەسئۇل خادىملارنىڭ 10 يىللىق ئەجىرى چوقۇم مىۋە بېرىدۇ !
تېما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۈر !

سۇمبۇل چاشلار، چولپان كۆزلەر ، ئات - ئېشەكتىمۇ بار، نوچى بولساڭ تۆمۈردىن قۇشۇقچىلىك نەرسە ياساپ كۆر ، دۇنيا شۇ چاغدا سېنى ئېتىراپ قىلىدۇ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش