بالىلارغا پۇل بىرىپ تاماق يىگۈزۈش توغرىمۇ؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' \! x' n4 A6 c; |/ Vئايشەم سادىر
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: r# _: p1 v! J& p6 A0 Z4 s
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 t7 j' e* u: }; {. _9 Q6 l- [
قايسى بىر كۈنى ئۇدۇل قوشنام ئۈيىگە چاقىرىپتۇ، مەن بالىلىرىمنىڭ كىرىشىگە ئۈلگۈرتۈپ، چۈشلۈك تامىقىنى تەييارلاپ قۇيۇپ، تىزدىن ئاشۇ قوشنامنىڭ ئۈيىگەكىردىم. مەن كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئىككى بالىسى مەكتەپتىن قايتىپ كەلدى. ئۇلار خۇددى ئىشت قوغلاپ كەتكەندەك ھاسىراپ، ھۈمۈدەپ مۈرىسىدىكى بوخچىسنى چۈرۈپ ئېتىۋېتىپ، ئۆيدىكى شۇنچە كۆپ مىھمانلارنى كۈرۈپ تۇرۇپمۇ ھىچ پىسەنتىگە ئالمىغاندەك، «ئاپا!ئاپا! تاماق پىشتىمۇ؟»ـدەپ كەينى ـ كەينىدىن ۋاقىرغىلى تۇردى. ئانىسى ـ ۋاي بالام! مىنىمۇ يەپ كەتمەڭلار يەنە!ئارقاڭلاردا مىھمان بار،«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! » دەپ سالام قىلىپ كىرىڭلار!
ـ «ۋاييەي! ئاپا! بولە!بولە!تولا گەپ قىلماي،قورساق ئېچىپ كەتتى دەۋاتساق، سالام قىل دەيسىنا!سالام قىلغۇدەك ھالىمىز يوق! 5 ـ قەۋەتكە چىققىلى ئاران كۈچىمىزيەتتى، يا 1ـ قەۋەتكە چۈشمۈدۇق، پۇتىمىزنىڭ كۈچى يوق، خۇددى يىلى چىقىپ كەتكەن بالۇندەك ساڭگىلاپلا قالدۇق دىگىنە؟».
ـ «ھە! بالام ئەتىگەندەئۇبدان ناشتا قىلىڭلا، دىسەم ئەخلەت يىمەكلىكنى يىگىلى ئالدىراپ، ئىككى يۇتۇم چاي ئىچىپلا سائەت توشمىسىمۇ، بىر سائەت بۇرۇن مەكتەپكە بېرىۋالدىڭلار! » نەدە ئەخلەت يىمەكلىك بولىدۇ؟بىز يا ئەخلەتخانىدىن تىرىپ يىمىسەك» بالىلار غۇدۇڭشىۋاتاتتى. :«پۇلبەرمىسەم مەكتەپكە بارمىساڭلار، پۇل بەرمىسەم تاماق يىمىسەڭلار، پۇل بەرمىسەم ئىشقا بۇيرىسام ماڭمىساڭلار، ئوقۇساڭلار خۇددى ماڭا ئوقۇپ بىرىدىغاندەك».
كىرگەن مىھمانلار نىڭ ھەممىسى بىر ـ بىرىمىزگە قارىشىپلا قالدۇق. بالىلارنى مۇشۇنداقمۇ تەربىيلىگەن بارمۇ؟:«چاقى بۇزۇقنىڭ خانىسى بۇزۇق، ئانىسى بۇزۇقنىڭ بالىسى بۇزۇق » دەپ ، بالىلارنى تەربىيلەشتە ھەممىدىن مۇھىمى ـ ئانا تەربىيسى، ئاندىن ـ جەمئىيەت تەربىيسى، مەكتەپ تەربىيسىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ تەربىيسى بولمىسا، بالىلارنىڭ ئەخلاقى تەربىيلىنىشى ياخشى بولمايدۇ. بالىلارغا ئەنئەنىمىزنى ئۈگەتمىسەك ،ھېلىقىدەك ئۆيگە خۇددى كالىدەك ئۈسۈپ كىرىدۇ. تەربىيە كۈندە بولمىغاندىكىن، ئۇ ئىككى بالىدىنمۇ ئاغىرىنغىلى بولمايدۇ دە؟ .چۈنكىئ انا بولغۇچى ھەر كۈنى بەرمىگەن تەربىيەنى ،ئاشۇ بىر قېتىمدىكى مىھماننىڭ ئالدىدىلا تۈزۈتۈپ بۇلالامدۇ؟ بالىلارنى مىھمان ئالدىدىلا تەربىيە بىرىپ ،باشلاپ كەتسەك بۇلامدۇ؟ بالىلارنىڭمۇ ئۈزىگە چۇشلۇق غورورى باردە! ئۇلار ئۆيدىكى مىھمانلارنىڭ يېنىدىن تىزاراق چىقىپ كىتىشكە ئالدىراۋاتسا.
ئۆيدىكى مىھمانلار ئەمدىلا تاماق يىيىش ئۈچۈن ئېغىزىنى ئاپارغاندا، بالىلىرى تاماقنى چالا ـ بۇلا يەپ مەكتەپكە ماڭغانتى، ئاپىسى:«ۋاي جېنىم بالىلىرىم! پۇل بىرىمەن، ئاشنى پاكىزە يېۋېتىڭلار!».
ـ«ئاپا!گىپىڭ راست ـ ھە! ئەمسە ئالدى بىلەن پۇل بەرسەڭ ئاندىن قاچىدىكى تاماقنى پاك ـ پاكىز يېۋىتىمىز».
ـ «ۋاي جېنىم بالىلىرىم تاماق يەيدىغانلا ئىش بولسا مانا پۇل!»
بىز بولساق :«ئاش يىسەڭ مىنىڭ قوسۇغۇمغا يەمسە؟يىمىسەڭ ئولتۇر!سائەت توشمىسا ماڭدۇرمايمەن،بالدۇر مەكتەپكە بېرىپ، بىر ـ بىرىڭلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، بىزگە ئىش تېپىپ بىرىسىلە.كىتاپ كۆرۈڭلار،دەرس تەكرارلاڭلار!ئارم ئېلىپ ئۇخلاڭلار!»-دەپ ئۆيدىنمۇ چىقارماستۇق، دىگەن ئويلارنى ئويلاپ ئېغىزىمىزغا بىر كاپام ئاش سالماي، بۇ ساھىپخان قوشنىمىزنىڭ ئاغزىغا، قىلغان گەپلىرىگە، قىلىقلىرىغا قاراپلا قالدۇق.
توۋا! بۇ قانداق بالا تەربىيلەش بولدى ئەمدى؟ ھەي! مىنىڭ بالام بولىىدىغان بولسا...
2014. 12. 5 -كۈنى كورلا
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# ^* F8 T+ ?" H0 B بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-5 12:37 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" F* n* H/ t% i! R+ ~
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 b5 R, Y+ _8 P4 A$ @7 K) V/ |' J