مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1437|ئىنكاس: 6

پەن تېخنكا دەۋرى ۋە كەلگۈسىمىز [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37634
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 9740
تۆھپە نۇمۇرى: 1265
توردا: 2303 سائەت
تىزىم: 2011-4-15
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 01:30:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپتورى:پەرھات ئەمەت
ھازىر تەرەققىيات دەۋرىگە كىردۇق،بۇنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئەتراپىمىزدىكى ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرۋاتقان مۇھىتقا قاراپلا جەزىم قىلالايمىز. يېڭلىقلارۋە كۆزىمىزنى ئالا چەكمەن قىلىۋاتقان بۇ نەرسىلەر  بىلەن ئەش ھوشىمىزنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز كېرەك.چۈنكى بۇلار پەقەت تەرەققىياتنىڭ دەسلەپكى باشلانمسى.شۇڭلاشقا ئاز تولا پەن تېخنكا تەرەققىياتنى كۆرۇپ ھەممىگە ئېرشتۇق دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك،پۇرسەتنىڭ ئەمدى يېتىپ كېلىۋاتقانلىقنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشمىز كېرەككى دۇنيا يەنە بىر قېتىم يېپەك يولىغا قايتىپ كەلدى. تەليمىزگە  بۇ يولنىڭ بىر ئۆتەڭلىرىدە بىز بار.ئەمدىكى گەپ بىز بۇ پۇرسەتنى
چىڭ تۇتۇپ پەن تېخنكىدا تەرەققى قىلىشمىز،تەبئىي پەن نەتجىلرىىمىز بىلەن دۇنيا بىلەن بىر گەۋدىلشىشمىز زۆرۇر.
جەمئىيەت تەرەققياتنىڭ قانۇنىيەتلىرى بولىدۇ،بۇلار بەزىدە ئاجايىپ بولىدۇ،ئىلىگىرى غەرب تەرەققى قىلغان ئىدى،كېينچە ئامىرىكا قۇرۇقلىقى تەرەققى قىلدى،،،بۇ  بىر دەۋردىن كېيىن ياپون،كورىيە  جوڭگو ۋە ئىران، قاتارلىق شەرقتىكى دۆلەتلەر تەرەققى قىلشقا باشلىدى،،،قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا،،ھاۋادىن سۇغا ئاندىن يەنە قۇرۇقلۇق يولىغا قاراپ تەرەققى قىلىۋاتقان دۇنيا سودا كارىدورىنىڭ ئاجايىپ ئالمىشىشى بىزگىمۇ پۇرسەت ئاتا قىلىۋاتقانلىقىنى كىشلەر بىلەمدىغاندۇ؟ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن پەرىقىمىز خۇددى بىزگە مۆھۈر بولۇپ بېسلىپ كەتكەندەك بۇ تەرەپلەر ھامان ئارقىدا قالىدىغاندەك ھېس قىلاتتۇق لىكىن ھازىر تەرەقققيات بارا بارا غەربىي رايوندىكى چىگرا رايونلارغا قاراپ سىلجىماقتا،يېقىندا مايۇن شىنجاڭغا كەلدى دېگەن خەۋەرلەر ئۇندىداردا پەيدا بولۇپ قالدى.بۇ بىر ئاددى مىسال مېنىڭچە، ئەلى بابانىڭ قۇرغۇچىسى مايونمۇ تۇيۇقسىز بىزنىڭ گۈزەل شىنجاڭنى كۆرگسىى كېلىپ بۇ ياقلارغا ئۆتۈپ قالمىغاندۇ؟ كەلگۈسىگە يىراقتىن نەزەر تاشلايدىغان سەگەك كارخانچى تەرەققىياتنىڭ بىر ئورۇندا پىرقىرغۇچتەك پىرقىرمايدىغانلىقىنى ئۇنىڭ ئورنىنىڭ يۆتكلىپ تۇردىغانلىقى ئۇنىڭغا ناھايىتى ئايدىڭ.   شۇنداق،  ئۇيغۇرلارنىڭ ئالىمى، پەيلاسوپ ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن بۇرۇنلا يىپەك يولى بەلبغىنىڭ كەلگۈسىدە ،تەرەققىيات پۇرسىتىگە تولدىغانلىقى سۇ ۋە ھاۋا سودا يولىدىن ئەرزان بېخەتەر بولغان قۇرۇقلۇق يولىغا قايتىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئاقىلانە تەسەۋۋۇرلىرى مانا ئەمدى رېئاللىقتا بولىۋاتىدۇ.  ئۇزاق زامانلار ئاۋۋالقى ئاتا بۇۋىلىرىمىز تۆگىلەرگە مىنىپ، كولدۇرما ئاۋازلىرنى ياڭرىتىپ  شەرق- غەرب ئارىسدا قاتنىغان ئىكەن شۇ  تۆگىلەرنىڭ  ئالتۇن چۇلۋىرى ئۇزاق زامانلار ئۆتۈپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يەنە بىزنىڭ قۇلىمىزغا قايتا تېگىپ قالسا كېرەك،قاراڭ، بىز بولساق بۇ ئۇزاققا سوزۇلغان يىپەك يولدىن ئىبارەت سودا كارىۋنىغا قوشۇلۇشتەك بۈيۈك بىر مەنزىرە ئالدىدا تۇرغان بولۇشىمز مۇمكىن. بۇنداق ئالتۇن دەۋرىدە  پۇرسەت+تىرشچانلىق=غەلبە دېگەن فورمىلانى ئېسمىزدە چىڭ تۇتۇش كېرەك.
شۇڭلاشقا ئەمدى شىركەت زاۋۇت قۇرىۋەرگەن بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ،،ئەمدى بۇ شىركەت كارخانلارنىڭ دەرىجىسدە سەل پەل كۆتىرەش كېرەك،تېخىمۇ زور تەرەققى قىلىش ئۈچۈن يۇقىرى پەن تېخنىكنى بىلىشمىز،زامانىۋى سودىدا قانداق قىلىپ نەپ ئېلشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئويلىنىپ شۇنىڭ كويىغا چۈشۈش كېرەك. بۇ دەۋردىكى سودا ئەزىنگە ئېلىپ قىممتىگە سېتىش ئەمەس،پۇلغا پۇل قونسلا ھېساب بولدىغان ئىش ئەمەس،،،بۇلارنى كارخانا دەيمىز،كارخانا مەدەنىيتى دەيمىز،،ئىچكى قىممەت يارىتىش،ئىلمى پىلان.سودا ئىدىيسى دېگەندەكلەر بىلەن رۋاجلىندىغان سودا دەۋرى ئەلۋەتتە. بۇلار ئۈچۈن يەنىلا بىزگە ئەزىمەتلەر كېرەك.ئەزىمەتلەر قانداق مەيدانغا كېلىدۇ؟
ھازىر ،ناخشچىلارغا ،مۇزىكا ھەۋەسكارلىرىغا تالانت سەينالىرنى، ھەرخىل پراگرامملارنى ئېچىپ بېرىۋاتىمىز، بۇلارنىڭ ھەممسى ئەل تەشنالىقى ئەمەس بەلكى  مەنىۋى ھەشەمەتچلىك بىلەن ۋەزىيەتنىڭ تەققەززاسىنىڭ  بىرىكىشى ئەلۋەتتە. بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكەت, ئاۋازلىرى ئارقىلىق ھەرقانچە قىلىپمۇ دۇنياغا  تونوتالمايمىز، مەيلى بۇلار ئىجادى بولسۇن خاھى سەنئەت مىراسلىرىمىز بولسۇن،بۇ باشقىلارغا بىر ۋاقتلىق ھاياجان خۇددى ئسل  بىر نوموردىن كېيىن كىشلەر چاۋاك چېلىپ بولغاندىن كېيىن كۆپۈكتەك يوقاپ كېتىدىغان ئۆتكۈنچە ھېس تۇيغۇ ئاتا قىلالايمىز، مانا بۇنى ئاجىزلىق دەيمىز، بىز ئاجىز تۇرۇپ يەنە ئاجىز نەرسىگە قول ئۇزاتساق بولماس، سۇدا ئىقىپ كېتىۋاتقان ئادەم پاخالغا قول ئۇزاتسا چۆكۈپ كېتىدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ چوقوم بىر ئۇچى مۇستەھكەم دەرەخ شېخى بولامدۇياكى مۇستەھكەم قىيا تاشقا بولامدۇ شۇنىڭغا ئېسلىشى كېرەك.دۇنيا رېئال بولغان ئىكەن ،رېئاللىقتىكى ئىنسانلارنىڭ كۈتكەن يېردىن چىقىدىغان نەرىسلەر يەنى ھەركۈنى كشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان نەرىسلەرگە ئىگە  بولغاندا ھەمدە شۇلارنى ئىختىرا قىلغاندا ئاندىن دۇنيا ھەركۈنى بىزنى چۈشەيدىغان  ئېسدە چىڭ تۇتىدىغان بولىدۇ.شۇڭلاشقا ئىشنى كىچكىتىن باشلاپ پەن تېخنكا كۇرۇسلىرىنى ئىلىم پەن كۇرۇسلىنى ئېچىشمىز، بالىلارغا ئويۇنچۇقلارنى تەييار ئالدىغا تاشلاپ بەرمەي ئىلكتىرۇنلۇق ئويۇنچۇقلارنى ياسالايدىغان قىلالىشمىز.ئىلكتىر ماتور ئارقىلىق ھەرىكەتلىندىغان  ئاددى ناھايىتى قوپال بولسىمۇ ئۆزلىرى ياسىغان ئويۇنلارنى ياساشقا يېتەكلەيدىغان ئىجادىكار بالىلار كۇرۇسلىرىنى ئېچىپ بالىلارنىڭ تەييار قونچاقلارنى ئوينايدىغان،چېقىلىشقا چۈرئەت قىلالمايدىغان قورقۇنچاق،تېلۋوزورداكارتون فىلىم كۆرۇشكە ئامراق بالىلار قىلىپ قويماسلىقىمىز كېرەك.ھازىر كومپيوتىر دەيمىز يانفۇن دەيمىز بۇلارمۇ پەن تېخنكا مەھسۇلاتى.
يانفۇن تۇرمۇشمىزىدىكى مۇھىم قورالغا ئايلنىپ قالغانلىقى ئېنىق،ئۇنىڭ ئەسلىدىكى پەقەت سۆزلىشش قورالى بولۇشتىن ئىبارەت بىر تەرىپى ئاللىقاچان ھالقىپ ئەقىلى ئىقتىدارلق بولۇش تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلىپ ،كۆپ ئىقتدارلىق بولۇش قاراپ يۈزلەنمەكتە.
بۈگۈنكى كۈندە يانفۇن ھەۋەسكارلىرى دېگەن ئاتالغۇمۇ پەيدا بولدى.يانفۇن تۇرمۇشمىزغا زادى قانداق تەسىر كۆرسىتۋاتىدۇ دېگەنلەرنى ئويلاشقا كىشلەرنىڭ چولىسى تەگمەيلا قالماي ئۇنىڭغا بارغانسىىرى باغلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. مېنڭچە يانفۇن تەرەققى قىلغانسىىرى ئۇنىڭ ئەسلىدىكى سۆزلىشىش ئىقتىدار بىر چەتتە قىلىپ يانفون  باشقا نەرسىلەرگە ياكى ئۇنىۋرسال بىر ئىلكتورۇنلۇق ئويۇنچۇققا ئايلنىپ قېلىشى شۇنىڭ بىلەن باشقا بىر خىل سۆزلىشىش قورالى چىقىشى مۇمكىن،دېمەك يانفون دېگەن بىلەن ئۇنىڭمۇ مودىدىن قالىدىغان ۋاقتى بولىدۇ.چۈنكى ھەرقانداق پەن تېخنكا مەھسۇلاتنىڭ يېڭلىنىپ تۇردىغانلىقى ئېنىق كەلگۈسىدە بەلكىم بىز ئوي خىياللىرىمنى گەپ- سۆزلىرىمىزى يانفۇنسىز،يانفۇننى ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ ھەتتا ۋاكۇم ھالەتتە بولسمۇ يەتكۈزەلىشىمىز مۇمكىن،بەلكىم بىز ئاڭسىز تەپەككۇرنىڭ ئاجايىپ قۇدىرىتى ئاستا ئاستا تونوپ قېلشىمىز مۇمكىن. دېمەك ئىنسانلارنىڭ ئايغا چىقشى خەۋەرلەردىكى ئىش بولسا يېقىن كەلگۈسىدە ئاي شارىغا بېلەت سېتلىشى مۇمكىن،بىز يەنە بىر نىشان مارىس،ۋىنىرالا ئۈستىدە ئىزدىنشمىز مۇمكىن،
بەلكىم بىز يېقىن كەلگۈسىدە ئەينەكتەك سۈزۈك كومپيوتىرلارنى ئىشلتىشمىز مۇمكىن،..
بەلكىم سىز ھە دېسلا پەن تېخنكا دەيسىز،ئاشۇلارنى بىز ئىشقا ئاشۇرغان چېغىمزدا بىز كىم بولىمىز؟پەن تېخنكا تەرەققى قىلسلا ئىنسانلار ماشىنلىشىپ كەتسە ئۇ چاغدا ئىنسان دېگەننىڭ نېمە قىممىتى بولسۇن داۋاتقانسىز؟ ياق،ئاشۇنداق تەرەققى قىلغاندىمۇ بىز يەنىلا ئەمەت بىلەن سەمەت بولىۋىرىمىز، بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتى ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا قارىشى چىقمايدۇ،ئىنسانلار تەبئەتنى قانچە تونۇپ يەتكەنسىرى،،ئۆزلىرىنمۇ شۇنچە تونوپ يېتەلەيدۇ.
شۇڭلاشقا  بىز پەن تېخنكا ،تەبىئى پەن بىلىملىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا رەسىمى ھالدا ئەھىمىيەت بېرشكە تېگشلىك دەۋر يېتىپ كەلمەكتە.


2014.12.4


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   soygum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-5 02:17 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105468
يازما سانى: 331
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1361
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2014-3-30
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 12:36:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ما گەپلەرگە مەن قوشۇلىمەن

تارىخى كۆمۈلگەن مىللەتنىڭ كەلگۈسى قاراڭغۇ بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 524
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1875
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 940 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 12:56:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز،بىر كىشى مەلۇم بىر كەسىپنى قېتىرقىنىپ  ئۇگۇنۇپ مەلۇم بىر چوڭقۇرلۇققا يەتكەندە ئاندىن  ئۆزىنىڭ بىلمەيدىغان بىلىملىرىنىڭ ھەقىقىتەن كۆپ ئىكەنلىگىنى ھىس قىلالايدۇ،سۇغا كىرىپ باقمىغان كىشى ئۇنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەلىگىنى بىلەلمىگەندەك،ھىچنىمىنى بىلمەيدىغان كىشى خۇددى ھەممە نەرسىنى بىلىدىغاندەك ھىس قىلىپ يېڭى بىلىملەرنى ئۇگۇنۇشكە قىزىقمايدۇ.بۇ ھايات بىز ئۇچۇن بىر ئۇگۇنۇش پۇرسىتى،بىزدە تىنىقلا بولىدىكەن ئۇگۇنۇشنى،ئىزدىنىشنى توختۇتۇپ قويماسلىق كېرەك.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ablimitt + 108 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 540
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2006
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 01:14:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەرەققىيات

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 111129
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 49
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2014-11-22
ئاخىرقى: 2014-12-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 01:24:52 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
21-ئەسىر پەن تېخنىكا، تەرەققىيات دەۋرىدۇر.

ئىي ئۇلۇغ اللە ئۆمرۈمنڭ ئۇزۇن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 2473
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10414
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 293 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 02:06:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلگنسىرىم   دۆتلىگىمنى ھىس قىلدىم


باشقىسى باھانە

شاھزاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 1352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7949
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 09:49:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست دەپسىز ، ئۇلۇغ پەيلاسوپ ، مۇتەپپەككۈر ئالىمىمىز ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن 30 يىللار ئىلگىرىلا « كەلگۈسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ » دەپ بىزنى ئويغاتقانىدى ...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش