2014-يىلى9-ئاينىڭ25-كۈنى ھەپتىگە تۆت 4
ئەدەبىيات مۇئەللىم
كېچىككەن بالىلار بىلەن پەقەت خوشى يوق دەرس ئۆتمىسە ئۆتمەيدۇكى بىزنى تىللاپ بىرىنچى سائەتتىلا ھەممەيلەننىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋتىدۇ .
بۇ مۇئەللىمنىڭ تىللاشلىرى ئەدەبى تىل بىلەن بىرلەشكەن بولغاچقا ئادەم ناھايىتى بەك نۇمۇس ھېس قلىدۇ. پەستە ئولتۇرغانلارنىڭمۇئاتا ئانىسىنلىرىنى قوشۇپ تىللىۋەتكەندىن كىيىن:-
-ئەسلى ئايال كىشى دېگەن ئاچچىقلانماي تۇرسا بولاتتى سەنلەرگە دەپ قوياي بىز بىر ئاچچىقلىساق نەچچە مىليون ھۈجەيرىمىز ئۆلىدۇ. دەپ يەنە ئاچچىقلىۋەتكەندىن كىيىنلا ئاندىن بىزگە ئارامچىلىق بار ھېلىمۇ دەرسىمىز باشقا سىنىپلاردىكىدىن 5-6سائەت كەينىدە .
ماتىماتىكا مۇئەللىمىمىز
ئەدەبىيات مۇئەللىمگە ئوخشاش ئاچچىقلىنىپ يۈرمەيدۇ ئاڭلىغانلارغا ئۆتۈپ ئاڭلىمغانلار بىلەن كارى يوق دەرس ئىنتىزامىنى بۇزغانلارنى ناھايىتى ئۆچ كۆرىدۇ لېكىن كېچىككەنلەر ۋە دەرسكە قاتناشمىغانلار بىلەن ئانچە كارى يوق پەقەت تاپشۇرۇق ئىشلەپ گەپ قىلماي ئولتۇرۇپ بەرسەكلا بولدى
لېكىن بۇ دەرستە مۇئەللىم بىزگە توردىن ئوقۇغان ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ھەرخىل قىزىقارلىق يۇمۇر ۋە سوئاللارنى تەييارلاپ كىرىدۇ بۇ ئوغۇل باللارنى گەپ قىلىشتىن توسۇشتىكى چارە بولسا كېرەك
ئۇنۋېرسال مۇئەللىم
ھەر سائەت كىرىپ قىلىدىغان گېپى ئوپمۇ ئوخشاش ئاۋۋال ئۆگىنىش باشلىقىغا يوقلىما قىلغۇزىدۇ
ھەر سائەت 2-3 بالىدىن ئۆتكەن سائەت ئۆتكەن دەرسنىڭ تېمىسىنى سورىۋەتكەندىن كىيىن:-
-<<ھەممەيلەن كىتابنىڭ XXXبېتىنى ئېچىپ كۆزىمىزدە كۆرۈپ مىڭىمىزدە ئىنكاس قىلايلى دەرس ئاخىرىدا بەزى مەزمۇنلارنى سورايمەن>> دەۋەتكەندىن كىيىن ئالما تېلفۇنىنى ئېلىپ ۋېيشىنغىمۇ بىر نەرسىلەرگە چىقىپ ئولتۇرىدۇ بىزمۇ گەپ قىلمايلا دەرسنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپ قويساق بولدى دەرس ئاخىرلاشقىلى تۇرغاندا يەنە2-3بالىىدىن دەرس تېمىسىنى سوراپ قويۇپلا چىقىپ كېتىدۇ ھەر سائەت ئوخشاش
ئىدىيە ئەخلاق مۇئەللىم
كىرىپلا كىتاپ كۆرۈشىمىزنى دەپ قويۇپلا دوسكىنى سوئال بىلەن توشقۇزىۋىتىدۇ ئاندىن كىتاپ كۆرمەي ئويناپ ئولتۇرغانلاردىن سوئاللارنى سورايدۇ ئاندىن دەرس باشلايدۇ دەرس ئاخىرىدا تېخى بىزگە ھېكايە ئوقۇپ بېرىپ
يېرىمىغا كەلگەندىلا توختىتىپ قويۇپلا تاپشۇرۇق ئىشلىگىلى سالىدۇ بۇ مۇئەللىمنىڭ ھېكايە ئوقۇش ئۇسۇلى ئۆزگىچە ھەربىر پېرسوناژنىڭ ئاۋازىنى ھەرخىل چىقىرىپ بىزنى تېخىمۇ قىزىقتۇرىدۇ شۇڭا قاچان ئىدىيە ئەخلاق ئۆتەركىن دەپ ساقلاپ كېتىمىز بىز ھەقىقەتەن بۇ مۇئەللىمگە ئامراق
داۋامىنى ئىنكاس بىلەن يورۇتۇپ بېرەي سىلەرمۇ دەپ باقارسىلە ئوقۇغۇچى باللا يوق ئەمەس ھەقچان كىينچە مۇشۇ تېمىنىڭ ئاخىرلىرىغا تەتىلدىن كىيىنكى كۈندىلىك خاتىرەمنى چىقرىمەن
مەنبە ئۆزۈم *(مىكرو)*
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-5 02:56 AM