شىرىندۇر بۇ ھايات ئۆتسەممۇ ساقلاپ
مېھرىلىك قەلبىمدە باقىمەن ساڭا،
يوق ئاڭا يۈرەكتە ئۆزگىچە قاراش.
گاھىدا مۇڭلىنىپ قالساممۇ شۇنداق،
دىلىمدىن چۈشۈنۈپ بارمەندە ساقلاش.
بەرگىمنىڭ قانىتى بىلىمەن سىنى،
ھەرنەپەس ئىلكىدە ئىسمىڭنى ئاتاپ.
كۆزلىرىم ياشلىنىپ قالسىمۇ گەرچە،
شىرىندۇر بۇ ھايات ئۆتسەممۇ ساقلاپ.
تىڭىرقاپ تۇرماستىن ماڭىمەن داۋام،
تاۋلىنىپ بەردەمدە يۇمران ئىرادەم.
چۈشۈنۈپ قالىسەن بىركۈنى شۇنداق،
چوغ گۈلى ئېچىلدۇرغان مېھرىمدىن ھەم.
ئەقىدەم سىمىلداپ تۈكلەر بەرقىمدىن،
روھىمدىن سۇغۇرۇپ ھىجران دەشتىنى.
ئۈششۈككە يەم بولماس ئۈمۈد-ئىشەنچەم،
جۇدۇنلۇق مىنۇتتىن ئېچىپ يوللارنى.
قۇياشتەك مېھرىمدىن تۇغۇپ مىڭ باھار.
ئورايمەن گۈللەرگە قەلىب خانەڭنى.
ۋاقىتنىڭ ئۆتشىدە ئۆزگەرمەس قەلبىم،
مىڭ يىللار ئۆتسىمۇ ساقلايمەن سىنى.
مەنبە قەلىمىم