پارچىلار
يىغلىدىڭ ئورنىغا كەلمەس ھىچنىمە،
ئۆمۈر ئۇ توختاۋسىز ئاققان بىر كېمە.
ئانچىكى تىرىشماي شۇنچە پەرىشان ،
مەن ئەجەپ تەلەيسىز بەندىمەن دېمە.
* * * * * * * * * * * * * * * *
قۇياشنىڭ نۇرلىرى ھەممىگە ئورتاق،
دېمەيدۇ ئايمۇ ھەم نۇر چاچمايمەن ياق.
زۇلمەتتە قالدىم دەپ يۈرگىچە ئىنسان،
قاراپ باق كۆزۈڭنى باستىمۇ چاپاق .
* * * * * * * * * * * * * * * *
يىغلىتىپ قويىدۇ بەزى- بەزىدە ،
قانەئەت بولمىغاچ بەرگەن نەرسىدە.
ئويلىغىن نە سەۋەپ يىغلايمەن ھامان،
ئەمەستۇر يىغلاتقان ھايات ئەسلىدە .
* * * * * * * * * * * * * * * *
شۇنداق كۈن كېلىدۇ باشقىلار ئۇچۇپ،
كېتىدۇ دەرقەمدە زەپەرلەر قۇچۇپ .
چۈشەنگەن چېغىڭدا-مىشچانلىق يامان،
قالىسەن بىر كۈنى پۇرسەتنى تۇتۇپ .
* * * * * * * * * * * * * * * *
پۇتلىشۇر قەدەمدە توساق ھەم قاشا ،
تىرىشقان قاتمۇ-قات داۋانلار ئاشا .
بولمايدۇ ئېرىشىش ئۇنچىلىك ئاسان ،
جەبرى ھەم جاپادا كۈلۈپرەك ياشا .
* * * * * * * * * * * * * * * *
ئەپچىلەم يازمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-25 02:00 PM