مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 416|ئىنكاس: 6

سەن ئۈچۈن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62971
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4238
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 137 سائەت
تىزىم: 2011-10-31
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 05:17:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   

سەن ئۈچۈن


(ئىپىك نەسىر)

  

(1)
  بەش يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا، ھەربىر قېتىم ئۆيدىن ئايرىلىدىغان چاغدا بىرەر قېتىم كۆڭلۈم يېرىم بولۇپ يىغلاپ باقمىدىم، چۈنكى سەن ئۈچۈن، سەۋەبى مەن بارغان ئۇ شەھەردە،ئۇنۋېرسېستا سەن بار ئىدىڭ......

(2)

  ئالىي مەكتەپنىڭ 2-يىللىقىغا چىقىپ يېڭىدىن كوت-كوت نومۇر ئىلتىماس قىلىپ ئالدىم، سەۋەبى سەن ئۈچۈن، دەرس يوق چاغلاردا سەن بىلەن كوت-كوت ئارقىلىق كۆرۈشۈش ئۈچۈن.....

(3)

  ئايدا ئىككى يېرىم يۈەنلىك سۇيۇق تاماقنى كۆپ يەپ بەش يۈەن پۇلنى ئىقتىساد قىلىپ تېجەپ تېلفۇن نومۇرۇمنىڭ كوت-كوت كەسپىنى ئاچتۇردۇم، سەۋەبى سەن ئۈچۈن، مەكتەپنىڭ ئېلىكتورونلۇق كۈتۈپخانىسىغا كىرەلمىگەن چاغلاردا ، سەن بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن.
(4)
  ھەر قېتىملىق دەرس ۋاقتىدا سىنىپقا چىقىشقا ئالدىرايتتىم، سەۋەبى يەنىلا سەن ئۈچۈن، چۈنكى تاڭ سەھەردىكى ئاللاھنىڭ سلامىنى بېرىدىغان تۈنجى كىشىم سەن بولىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتىم، سىنىپقا كىم كىرسە بېشىمنى دەرھال كۆتۈرۈپ قارايتتىم، 60-بولۇپ كىرسەڭ تاكى سەن كىرگىچە قارايتتىم.

(5)
  ياتاقتا ئۇزاق ئولتۇرالمايتتىم،سەۋەبى يەنىلا سەن ئۈچۈن، چۈنكى ئىشلىرىمنى تېز تۈگۈتۈپ چىقسام، سەن ماڭا ئۇچراپ قالىدىغاندەك تۇيغۇ بار ئىدى، شۇڭا كەينىمدىن ئىت قوغلىغاندەك ئىشلارنى قىلىپ بولۇپ ئىنتايىن تېز سۈرەتتە ياتاقتىن چىقاتتىم. يۈرىكىم، كۆزلىرىم مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار ئىچىدىن سېنى ئىزدەيتتى، مەن دەئىم سېنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدىكى بىر مىنۇتلۇق كۆرۈنىشىڭنى كۆرەلەيتتىم، ھەرىكىتىمنى توختاتقان دەل شۇ پەيتتە، پىشانەمدىن تەر ئېقىۋاتقانلىقىنى، پۇتلىرىمنىڭ سىرقىراپ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلاتتىم.

(6)
  ئۇنۋېرسېتنىڭ ئېلىكتورونلۇق كۈتۈپخانىسىغا كىرىپ يۈرىكىم، كۆزلىرىم يەنىلا سېنى ئىزدەيتتى، سەۋەبى يەنىلا سەن ئۈچۈن، سېنى تاپقان چاغدا سېنىڭ چىقىپ كەتمەسلىكىنى تىلەپ تۇرۇپ كوت-كوتنى ئاچاتنى-دە، سېنىڭ خەت يېزىشىڭنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن سېنىڭ باشقىلار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىڭنى كۆرگەندە ئۈمىدسىزلىناتتى، شۇ دەقىقىدە كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشاتتى، قاراڭغۇدا قەيەرگە مېڭىشنى پەرق قىلالمايتتى، ھەربىر نېرۋا، ھەربىر ھۈجەيرە قېتىپ قالغانىدى.....
(7)

  بۈگۈن ساۋاقداشلىرىمىز ئالدىدا يىغلىۋەتكىلى تاس قالدىم، بىلەمسەن سەۋەبى يەنىلا سەن ئۈچۈن، چۈنكى خالىدە مۇئەللىم خۇددى مېنىڭ يۈرەك تىۋىشىمنى ھېس قىلىۋالغاندەك مېنىڭ كۆزۈمگە قاراپ تۇرۇپلا:« روزى ئىسمايىل كېتىپ قالسا قانداق قىلامىز » دېگەنىدى يۈرىكىم ئامبۇر بىلەن قىسقاندەك مۇجۇلۇپ ئاغرىپ كەتتى، سەن شۇ چاغدىكى يۈرەك تىۋىشىمنى ھېس قىلالمايسەن، مۇئەللىمنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ يىغلىۋەتكىلى تاس قالدىم، كۆز چاناقلىرىمغا كېلىپ قالغان ياشلىرىمنى مىڭ تەستە يوق قىلدىم......

(8)
  سېنىڭ گېپىڭنى قىلىشىۋاتقان كىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار بىلەن ئەھۋال سورىشىپ بولۇپلا ئۇلارنىڭ بىللە ئولتۇرۇش تەكلىپىنى رەت قىلىپ يالغۇز ئولتۇراتتىم، سەۋەبى يەنىلا سەن ئۈچۈن، چۈنكى سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاڭلىسام گەپلىرىم قولاشمايتتى، قوللىرىم ئەپلەشمەيتتى، ساڭا بولغان كۆڭلۈمنى ئاشكارىلاپ قويۇشتىن خىجىل بولاتتىم، سەن بىزدىن ئايرىلدىغانغا يېقىن سېنىڭ ئىسمىڭ تۇرسۇن، مەھەللەڭنىڭ نامىنى ئاڭلىساممۇ كۆزلىرىمدىن يامغۇر تۆكۈلەتتى.
(9)
  بۈگۈن ئەتىگەندە ئەنۋەرجاننىڭ سۆزلىرى مېنى ئارامسىزلاندۇردى، سەۋەبى يەنىلا سەن ئۈچۈن ، چۈنكى سەن ياتاقداشلىرىڭ ئالدىدا:« دادام دېگەن گۇي مېنىڭ چەتئەلگە چىقىدىغىنىمنى ئاڭلاپ ئاغرىپ يېتىۋالدى، ئەگەر ئۇ مەكتەپ رەھبەرلىرىگە ماقۇللۇق بەرمىسە، مەنمۇ بارالمايمەن» دەپسەن. مەن ساڭا ئوخشاش ئۆزىنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇش پۇرسىتى ياراتقان ئاشۇ جاپاكەش دادىنى «سەھرالىق» دەپ ياراتمايدىغانلىقىڭ، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈنمەيدىغان، ساۋاقداشلىرىغا شەخسىيەتچىلىك قىلىدىغان يىگىتكە كۆڭلۈم چۈشۈپ قالغىنى قىزىق-دە.....
(10)  
     بۈگۈن مەن سېنى ئالدىدىم، سەۋەبى يەنىلا سەن ئۈچۈن، چۈنكى سەن ماڭا:«مەن چەتئەلگە چىقىپ كېتىدىغاندەك قىلىمەن، سىزدە مەندىن قىيالماسلىقتەك ئىپادىلەر يوقمۇ؟ ماڭا دەيدىغان سۆزلىرىڭىزچۇ؟ » دېگەن چېغىڭدا. مەن ناھايىتى سوغۇقلۇق بىلەن:«مۇبارەك بولسۇن، بەك ياخشى بوپتۇ، سىزگە دەيدىغان گەپ-سۆزۈم ....نېمە گەپ بولاتتى، يوق، ئەگەر سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بولغان بولسام ئىككىلەنمەي بارغان بولاتتىم، بۇ سىزنىڭ ئىستىقبالىڭىزغا پايدىلىق» دېدىم. مەن پەقەت سېنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىڭنى ئويلىدىم، ئاتا-ئانىسىدىن تانىدىغان، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈنمەيدىغان ئۆزىنىلا ئويلايدىغان شەخسىيەتچىلىك خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىپ قايتىپ كەلسىكەن دەپ ئارزۇ قىلدىم.

(11)
  مەن بۈگۈن ئوغرىلىق قىلدىم، ئوغرى، ئوغرى، ئوغرى.... سەۋەبى يەنىلا سەن ئۈچۈن....
  مەن سېنىڭ ئاينۇر توغرۇلۇق سۆزلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى سۆزۈڭنىڭ ئاھاڭىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىدىن يۈرۈكۈم بىرنەرسىلەرنى تۇيغاندەك بولدى، لېكىن ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى كىمدىن، قانداق سوراشنى بىلەلمىدىم، ئىككى يىلدىن كېيىن ئاينۇر بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى كېلىپ قالدى، ئەسلى ئۇچۇرنى ئوغرىلىقچە كۆرۈش نىيىتىممۇ يوق ئىدى، بىلمىدىم قانداق بولدى، ئېكراندا تۇيۇقسىز قايسىدۇر بىريەرلەردە كۆرگەن تونۇش نومۇردىن كەلگەن ئۇچۇرلار چىقىپ قالدى، بۇ بەلكىم ئاينۇر بىلەن ئۇچرىشىمنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ھېكمەت بولىشى مۇمكىن، بۇ مېنىڭ ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېنىقداشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىدى، مەن پەقەت سەن يازغانلا ئۇچۇرنى كۆرۈپ ئاينۇرنىڭ ئۇچۇرىنى كۆرمىدىم، سەن ئۇنىڭغا تېلفوندىلا تەلەپ قويۇپسەن، ئۇ ئۆزىنىڭ ئوغۇل دوستى بار سەۋەبلىك سېنىڭ تەلىپىڭنى رەت قىلغان ئوخشايدۇ، سەن ئۇنىڭ ھەرقانداق ۋاقىتتا يېنىڭغا كەلسە قوبۇل قىلىدىغانلىقىڭنى، ساقلايدىغانلىقىڭنى ئېيتىپسەن........سېنىڭ بۇ قارارىڭغا سەن مېڭىش ئالدىدا ئاينۇرنىڭ ئۆز ئوغۇل دوستىنى قايرىپ قويۇپ ساڭا سوۋغا قىلغان ئۈزۈكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن، سېنىڭ بىر مەزگىل ماڭا ئاكتىپلىق بىلەن تېلفون قىلىپ، كېيىن يوقاپ كېتىشىڭنىڭ سەۋەبىمۇ مۇشۇ بولىشى مۇمكىن، مەن ئىككى يىلدىن بۇيان يۈرەكلىرى بىر-بىرىگە تەلپۈنۈپ تۇرىدىغان ئىككى قەلب ئىگىسى مەيلى ئالاقە قىلىشسۇن، ياكى قىلىشمىسۇن ھامان بىر كۈنى قارشى تەرەپنى ئىزدەپ كېلىدۇ، شۇ چاغدىلا مانا بۇ ھەقىقىي مۇھەببەت بولىدۇ دەپ ئويلاپ سېنى ئۆزەم ئاكتىپلىق بىلەن ئىزدەپ باقماپتىكەنمەن، ئاقىۋەتتە ئۆزەمنى ئۆزەم تاشلاتقۇزۇپ قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ؟........
  مەن تۆت يىلدىن بۇيان سەن بىلەن تېلفون سۆزلەشسەم ھودۇقۇپ نېمە دېيىشىمنىمۇ تاپالمايتتىم، لېكىن سېنىڭ ئاينۇرغا يازغان ئۇچۇرلىرىڭنى كۆرۈپ تۆت يىلدىن بۇيانقى يۈدۈپ كەلگەن يۈكنى ئېلىۋەتكەندەك بولۇپ قالدىم، سەن بىلەن تېلفون سۆزلەشسەم كالۋالىشىدىغان تىلىم ئەسلىگە كەلدى-دە تېلفوننى قولۇمغا ئالدىم:
  -ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم كېلىشكەن يىگىت! يېقىندىن بۇيان ئەھۋالىڭىز قانداقراق، سىز تېخىچە ئاينۇرنى قوغلاپ يېتىشەلمىدىڭىزمۇ؟ بولماپتۇ، مېنىڭ پارتىدىشىم ئۇنداق قابىليەتسىز بولسا قانداق بولىدۇ؟ غەيرەت قىلىڭ، ئاينۇر ناھايىتى ياخشى قىز، بولمىسا مەن سىلەرگە ياردەم قىلاي، قانداق؟  ........
  بۇ سۆزلەرنىڭ ئاغزىمدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنىمۇ بىلەلمىدىم.....توۋا بۇ ئۇچۇرلار مېنىڭ ساڭا بولغان كۆڭلۈمنى راستلا يوق قىلىۋەتكەنمىدۇ، ياكى ياخشى ياخشى كۆرگەن ئادىمىنىڭ ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىشمىدۇ؟!.....

  
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 09:26 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72959
يازما سانى: 1509
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-1-11
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 11:31:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەن ئۈچۈن نۇرغۇن كىچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن ئىدىم بىراق بىلمىدىڭ

ئادەم ئۆزىگە تايىنىش كىرەك!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2042
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 08:42:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mastana888 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 11:31 PM
سەن ئۈچۈن نۇرغۇن كىچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگەن ئىدىم ب ...

يىنىڭىزدا بولمىغاندىكىن ئامال يوق قىرىندىشىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107858
يازما سانى: 562
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2042
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2014-6-19
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 08:43:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەن ئۇچۇن ...................................     

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107189
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2032
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 02:52:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز ،ياخشى چىقىپتۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102841
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1926
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 06:58:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېلفۇننى ھەر ۋاقىت ئوچۇق قويىمەن، سەندىن تېلفۇن كىلىپ قالارمۇ دەپ، ھەر قېتىم ئۇچۇر كەلسە چوقۇم سەندىن كەلدى دەپ ئۈمۈدلەردىن ئەللەيلىنىپ خوشال بولۇپ كىتىمەن، ئەپسۇس 10086 دىن كەلگەن ئەسكەرتىش ئۇچۇرلىرى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن يېلى قاچقان توپتەكلا بولۇپ قالىمەن.

__ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ باقاي...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102841
يازما سانى: 384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1926
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 261 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 06:58:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېلفۇننى ھەر ۋاقىت ئوچۇق قويىمەن، سەندىن تېلفۇن كىلىپ قالارمۇ دەپ، ھەر قېتىم ئۇچۇر كەلسە چوقۇم سەندىن كەلدى دەپ ئۈمۈدلەردىن ئەللەيلىنىپ خوشال بولۇپ كىتىمەن، ئەپسۇس 10086 دىن كەلگەن ئەسكەرتىش ئۇچۇرلىرى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن يېلى قاچقان توپتەكلا بولۇپ قالىمەن.

__ يەنە بىر قېتىم كۈلۈپ باقاي...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش