ھىجران
يىغلايمۇ كۈلەيمۇ كۆرگەنلىرىمدىن،
بۇ غېرىپ باشىمغا كەلگەنلىرىدىن.
ئويلىسام ئاتمىش يىل ياشاپ بولغاندەك،
ئۆزۈممۇ ھەيرانمەن تۇتقان يۇلۇمدىن.
ۋاز كىچىپ كىتەلمەي ياكى يىتەلمەي،
يىغلاپلا ياش تۇكۇپ ئۈتۈپ دۇنيادىن.
ۋىسالسىز بۇ سۆيگۈم ئاخىرى چىقماس،
مۇستەسنا مەڭگۈگە خۇش كۈلكىلەردىن.
ئەمەستۇر بۇ دۇنيا مەڭگۈگە باقى،
ھەم شۇنداق ئازاپمۇ مەڭگۈلۈك ئەمەس.
گەر ئۆتمۇش ئەسلىسەڭ بەرسىمۇ ئازاپ،
ئامال يوق ئۇنتۇماق ئۆلمەكتىنمۇ تەس.
ئازابىم يەتكۇچە دەردىم بەكمۇ كۆپ،
بۇ ئاجىز تەنلىرىم ئىگىلدى يادەك .
يوللىرىم ئىگىز-پەس ماڭماق بەكمۇ تەس،
تۇيۇلدى بۇدۇنيا ماڭىلا تاردەك.
بىز ئۇچقان ئىلەڭگۈچ تۇرۇپتۇ يالغۇز ،
بىز ماڭغان چىغىر يول قاپتىغۇ غېرىپ.
مەنمۇ ھەم بىچچارە بوپ قالدىم مىسكىن،
ئاشىغىم ئېپ كەتكىن دەتلەرنى كىلپ.
مەن ئۈچۈن تاڭ ئاتقان كۈندۈزۈم يوقتۇر،
ھەر كۇنۇم قاراڭغۇ زۇلمەتكە تولغان.
ئەسلەيمەن سەبىيلىك بالىلىقىمنى،
بىر چاغلار مەنمۇ ھەم غەمسىز شات كۈلگەن.
ۋە لىكىن شۇكۇرلەر ئېيتىمەن رەببىم،
ئۆتكۈزگەن ھەربىر تۈن-كۈنلىرىم ئۈچۈن.
مەن ئۈچۈن ئنئامدۇر ئازاپلىرىممۇ.
بىر ئۆمۈر ۋاختىمنى ئالسىمۇ پۇتۇن.
ئويلىسام ھاياتىمىزدا ئۇچراتقان ، بىز ئۈچۈن ئۇنتۇلماس ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ، مۇھەببەت ۋە ئازاپنىڭ نىملىكىنى ھىس قىلدۇرغان ھەرقانداق بىر ئادەم ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن سوۋغىسىكەن .
ئۇ ئادەم بىزگە مەيلى بىر ئۆمۈرلۇك مۇھەببەت بەرسۇن مەيلى بىر ئۆمۈرلۇك ئازاپ بەرسۇن قۇبۇل قىلماي ئامالىمىز يوقكەن ، ئاللاھنىڭ ئۇلارنى بىزگە ئۇچراشتۇرشىدا مەلۇم سەۋەپلەر بولغىنىدەك بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايرىۋىتشىدىمۇ مەلۇم سەۋەپلەر بۇلشى مۇمكىن....
ئۇلۇغ رەببىم ،مەن ئۈچۈن بەرگەن ھەربىر سوۋغىلىرىڭ ئۈچۈن چەكسىز شۇكۇرلەر ئېيتىمەن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-24 09:13 PM