ئانا
(1)
ئاھ قەدىرلىك ئانا ، سەن نەقەدەر ئۇلۇغ ، نەقەدەر ئالىيجاناپ ھە!
سەندىكى بۇ ئۇلۇغلۇق ۋە ئالىيجاناپلىقىنىڭ ئىزنالىرىنى ھىچ كىشى بىسىپ بولالمايدۇ . چۈنكى ئۇلۇغلۇق ھەم ئالىيجاناپلىق ئىنسانىيەت روھىنىڭ سىماسى . چىن قەلىپ ، چىن يۈرەكلەرنىڭ شەيداسى .
ئانا ھەر بىر كىشىدە چىن قەلىپ ، چىن يۈرەك ، چىن سۆيگۈ ، چىن مۇھەببەت ، ساداقەتمەنلىك ، ئالىيجاناپلىق ، سەمىمىيلىك بولمايدىكەن ھەر بىر ئىنساننىڭ روھى دۇنياسى تىخمۇ قاراڭغۇ ، دىلى تىخمۇ نۇرسىز بولغان بولىدۇ .
ئادىمىيلىك ، ئەخلاقلىق نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا، چىن يۈرىكىڭدىن چىققان مۇشۇ سۆزلەرنى ئەينى ۋاقىتتا ماڭا ئىيتقان ئىدىڭ . ئانا بۇ سۆزلەر ھازىرمۇ ئىىنىق ئىسىمدە ، مانا مۇشۇ سۆزلەرنى ھەر قىتىم ئويلىغىنىمدا سىنىڭ نۇرلۇق چىھرىڭ ، ئەنە ئاشۇ قاپقارا ئۇزۇن چاچلىرىڭ ، سەمىمىيەتنىڭ روھىيتى بولغان خىيالچان كۆزلىرىڭ كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ . قاپقارا چاچلىرىڭ بولسا خۇددى شامالدا يەلپۈنۈۋاتقان ، مەزمۇت تىك تۇرۇۋاتقان ئاشۇ سۆگەت دەرەخلىرىنىڭ شاخلىرىدەك پۇلاڭشىپ ھەقىقى ئۇيغۇر ئانلىرىمىزنىڭ سىماسىنى نامايان قىلىۋاتىدۇ ئانا .
ھەر قانداق ئانىلار ھەم ئاتىلار ئۆز پەرزەنتىلىرى ئۈچۈن تىتىنم تاپماي ئىشلەپ ئۆزىنىڭ قانچىلىك ھارغانلىقىنىمۇ ھىس قىلالمايۋاتىدۇ . چۈنكى ئاشۇ جاپاكەشلەر ئۆزىنىڭ باللىرى ئۈچۈن غەم يەيدۇ ئەمەسمۇ .
ئانا ، مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا بىز ئۆز كۆڭلىمىزنى خۇش ئىتىپ بۇزۇپ چىچىش ، ئەيىش ئىشرەت ، ئويۇن تاماششالاردىن قالمايۋاتىمىز . مانا ئۇلۇغ ئانىلارنىڭ جاپا مۇشەققەتكە بەرداشلىق بىرىشى پەرزەنتىلىرى ئۈچۈن پەقەت بىزدەك پەرزەنتىلىرى ئۈچۈن ئەمەسمۇ ئانا!
لىكىن بىز نىمە قىلۋاتىمىز . بىز بولساق بارلىق ئازاپلارنى سىلەرگە يۈكلەۋاتىمىز ، جاپا مۇشەققەتنىڭمۇ نىمىلىكىنى ھىس قىلالمايۋاتىمىز .
بىز تىخى ئۇچىۋاتىمىز ھارماي ئۇچىۋاتىمىز . ئۇچۇشنى بىلسەك پەسكە چۈشۈشنى بىلەلمەيۋاتىمىز !
كۆكتە ئەركىن پەرۋاز قىلىپ ئانىلارنىڭ بىزگە بەرگەن ئىشىغا توپا چېچىۋاتىمىز !
(2)
چۈنكى ئانا بىز ھازىر سەمىمىيلىك ،ئالىيجاناپلىقىنى ئەمەس بەلىكى ھاكاۋۇرلۇق ، ئەيىش ئىشرەت ، بۇزۇپ چىچىشلارنى قوغلىشۋاتىمىز .
ئەدەپ ئەخلاق ، ھايا نومۇسلارنى قايرىپ قويۇپ سىلەرنىڭ يۈزۈڭلارغا سەت ئىش قىلۋاتىمىز .
ئانا بىزنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىمىز ، ئالىيجاناپسىزلىقىمىز تۈپەيلىدىن بىزگە كەلگەن ئاۋارچىلىقلار ، مۈشكىلاتلار ، ھىرىپ چارچاشلارمۇ ئاز بولمايۋاتىدۇ .
(3)
ئانا مەن ئۇچۇشنى بىلىپ ، چۈشۈشنى بىلمىگەن مۇشۇ ۋاقىتتا ، يۈرۈكۈم دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتىدۇ .
مەن ئەمدى چۈشەي دەپ تۇرغىنىمدا بىرىنىڭ ئىسمىمنى توۋلىغىنىنى ئاڭلىدىم . بۇ توۋلاش ماڭا ئەڭ ئىللىق ھەم ئەڭ سۆيۈملۈك ئاڭلاندى .
بۇ توۋلاشلارنى قۇلاق سىلىپ ئاڭلىغىنىمدا سىنىڭ يۇرىكىڭ مىنى توۋلاۋاتىدۇ .
بالام ، قەيەردە سەن ! سەن كۆزۈمدىن ئۇچتۇڭ . سىنى سىغىنىش ئىلكىدە ئۇغلاپ غەپلەت ئۇيقۇدىن ئويغاندىم ، يەنىلا سەن يوق . توۋلىدىم ، ئۈنسىز يىغلىدىم ، يولۇڭغا قاراپ كۆزلىرىم تىشىلەي دىدى :
سىغىنىش ئىلكىدە يۈرەك باغرىم ئىزىلدى ! توۋلاش يىغلاشلىرىم ھىچنىمىگە دال بولالماي ، ئاغرىپ يىقىلدىم .
مەندەك ئاناڭنى ئۇنۇتتۇڭمۇ ؟ ئانا سىنىڭ مۇشۇ سۆزلۈرۈڭ يۈرەك باغرىمنى ئەزدى . ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئاشۇ خاتالىقلىرىم ئۈستىدە كۆپ ئويلانغان بولساممۇ بىراق يەنىلا سىنىڭ مەن ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىڭگە ، قىلغان ئەجرىڭگە جاۋاپ قايتۇرالمايمەن دە !
(4)
ئانا ، سىنىڭ ماڭا بەرگەن ئاشۇ ئىسسىققىنە بىر چىنە ئىشىڭنى ، بولۇپمۇ ئۆزۈڭگە قالدۇرماي سەن ئىچكىن بالام ، تاتلىقىم دەپ مىنى ئەركىلىتىپ بەرگەن ئاشۇ قىززىق ئېشىڭنى بەكمۇ سىغىندىم ئانا :
ھازىر ئاغرىپ يىتىپ قالدىڭ . كۆز ئالدىڭنى قاراڭغۇ زۇلمەتلەر قاپلاۋاتىدۇ . سەن ساق سالامەت ۋاقتىڭدا بىر جىڭ گۆش ئىلىپ يىگۈزەلمىگىنىمگە ئىچ ئىچىمدىن ، ئۆز ئۆزۈمگە نەپرەتلىنىش تۇيغۇسى پەيدا بولىۋاتىدۇ .
ئانا ، توققۇز پەرزەنىت بىر ئانىنى باقالمايدۇ . بىر ئانا توققۇز بالىنى بىقىپ قاتارغا قوشىدۇ دىگەن بىر ئىغىز گەپنىڭ مەنىسىنى ئەمدى ھەقىقى چۈشىنىپ يەتكەن بولساممۇ ، بىراق مىنىڭ ساڭا بىر جىڭ گۆش ئىلىپ يىگۈزمىگىنىمگە ئەمەس بەلكى سىنىڭ ماڭا بەرگەن ئاشۇ بىر چىنە قىزىق ئىشىڭغا ، توپا چېچىپ شۇ ئاشنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلىكىمگە تولىمۇ ئاچچىقىم كىلىۋاتىدۇ .
مىنىڭ قىلغان ئاشۇ خاتالىقلىرىمنى كەچۈرۈشىڭنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن ئانا.
مەنبە : ئۆز قەلىمىم . (可爱的我 )