دائىم قەۋزىيەت بۇلۇپ قالامسىز
ئىچى قىتىش مەخسۇس بىر يىل كېسەللىك بولماي، بەلكى سەۋەبى مۇرەككەپ بولغان بىر خىل ئالامەتتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا ئارقى تەرەت ئاز ۋە قۇرۇق، قاتتىق كېلىدۇ ياكى بىر نەچچە كۈندە بىر قىتىم كېلىدۇ. ئۇ ئىككى خىل بولۇپ، بىرى ئادەتتىكى تۇيۇقسىز ئىچى قېتىش، يەنە بىرى ئادەتلەنگەن ئىچى قېتىشتىن ئىبارەت
سەۋەبى: ئۈچەي مەلۇم قىسمىنىڭ ھەرىۆىتىدە سۇسلۇق پەيدا بولۇش، ئۈچەينىڭ چىقىرىش ھەرىكىتى ئاجىزلىشىش، ئۈچەيلەردىكى غىزا جەۋھەرلىرىنى شۈمۈرۈپ قانغا ئەۋەتكۈچى كۈچنىڭ خزمىتى ئارتىپ كېتىش، ئۈچەيدىكى ھۆللۈك ئازىيىش، جىگەردىكى سەپرا ماددىسى ئازىيىش، ئۈچەي سىپازمىلىنىش، ئۈچەي پالەچلىنىش، تەستە سىڭىدىغان تاماقلارنى كۆپ يىيىش، ھورۇنلۇق قىلىش، جىسمانىي ھەرىكەت قىلماسلىق، بەدەن چىنىقتۇرماسلىق، ئاچچىق، چۈچۈمەل نەرسىلەرنى كۆپ يىيىش، بەك قويۇق چاينى كۆپ ئىچىش، تەرەتنى ۋاقتىدا قىلماي يىغىپ يۈرۈش، سۇنى كەم ئىچىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن قەۋزىيەت كىلىپ چىقىدۇ.
ئەقلى ئەمگەك قىلغۇچىلاردا باشقا كىشىلەرگە قارىغاندا ككپرەك قەۋزىيەت پەيدا بولىدۇ. ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا، خۇسۇسەن ھامىلدار ئاياللاردا قەۋزىيەت كۆپرەك بولىدۇ. بەزى ئاياللاردا قەۋزىيەت سەۋەبىدىن بالىياتقۇ ئۆز جايىدىن قوزغىلىپ ئىگىلىپ قېلىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.
ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش
1. بىر ۋاقىتتا چوڭ تەرەت قىلىشقا ئادەتلىنىش لازىم، مۇشۇنداق قىلغاندا بەدەن شۇنىڭغا ئۆگىنىپ قالىدۇ. بۇ ساقلىقنى ساقلاشقا پايدىلىق.
2. تاماقنىڭ سۈپىتى ۋە مىقتارىغا دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە خالىغان ۋاقىتتا تاماقلانماي، بەلگىلىك ۋاقىتتا تاماقلىنىشقا ئادەتلىنىش كېرەك
3. تەنھەرىكەت قىلىش،مەسىلەن: يۈگۈرۈش، توپ ئويناش، سەيلە قىلىش ۋە باشقىلار قەۋزىيەتكە پايدىلىق.
4. تاماكىنى كۆپ چىكىش مېڭە-ئەسەب ۋە ئاشقازان، ئۈچەي خىزمىتىگە يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ، قەۋزىيەتكە سەۋەبچى بولىدۇ. شۇڭا تاماكا چەكمەسلىك كېرەك
ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسىدىن ئېلىندى
تېما رەتلەپ ئەۋەتكۈچى :
شىپا ئۈندىدار :xipalih
2014-يىل 10ئاينىڭ 25 كۈنى ئەتىگەن
تور بىكەت ۋە سالون قۇرغانلارغا تەكلىپ ماقالىنى تور بىكەت ۋە سالونلىرىڭلاردا ئېلان قىلساڭلا بۇلىدۇ لېكىن تېما يوللىغۇچى ئەسكەرتىشنى ئۈنتۇپ قالمىساڭلا
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alnurum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-25 03:56 PM