سالام خەت
ئىسمىڭىزنى يازار يۈرىكىم،
كۈنى مىڭ رەت كۆڭۈل بېتىمگە.
باغدا گۈللەر بىرەر گۇۋاھلىق،
سىزگە يازغان سالام خېتىمگە.
كىچىلىرى ئايدىن سورايمەن،
كۈندۈزلىرى سىزنى تاپالماي.
يۇلتۇز تۆكەر ئەلەملىك كۆز ياش،
يا باغرىغا مىنى باسالماي.
شاماللارمۇ سۆيۈپ مەڭزىمگە،
ھەسرىتىمنى ئۆچۈردى بىر-بىر.
گاھ كۆيدۈرسە مىنى ئىشقىڭىز،
گاھ تومۇزدا تىترەتتى دىر-دىر.
ساداقىتىم نۇر بولۇپ سىڭگەن،
كىچىلىرى يازغان خېتىمگە.
ياق دىسىڭىز مەيلىڭىز،ئەمما-
شەك كەلتۈرمەڭ مۇھاببىتىمگە.
سەمىمى ئەسكەرتىش: بۇ شېئىرنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقى مەن ۋە مىسرانىم مۇنبىرىدە، رۇخسەتسىز كۆچۈرۈپ تارقاتمىغايسىز، رەھمەت.
مەنبە: ئابلەت ئوسمان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-23 08:59 PM