ماڭا قاراپ كۈلسەڭ جانانىم ،
چىن يۈرەكتىن كۈلدى دەپتىمەن.
بولدى قىلاي قاش ئاتماي ئەمدى،
بۇ كۆڭلىمنى بىلدى دەپتىمەن.
ئويلاپ سىنى شۇنچە ئاق كۆڭۈل،
چىن قەلبىدىن سۆيدى دەپتىمەن.
بارلىقىمنى ئاتاپ مەن ساڭا،
يالقۇنتاغدەك كۆيدى دەپتىمەن.
مەن سىنى جانىم ئاسماندا كۈرۈپ،
خۇددى نۇرلۇق ئايكەن دەپتىمەن.
كۆز ئالدىمدىن ئۆتسەڭ نازلىنىپ،
ئەجەپ ئوماق، تايكەن دەپتىمەن.
خاتا ئويلاپ قاپتىمەن سىنى ،
چىن قەلبىڭدىن سۆيمەپسەن مىنى.
خەير-خوش دەپ كەتكىنىڭدە يار،
زار-زار يىغلاپ دەرتتە قاپتىمەن.
مەنبە :ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-20 01:18 PM