مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2513|ئىنكاس: 12

ھىيىت كىلىۋاتىدۇ،قوي سۇيۇشنى ئۆگىنەيلى(تەكرار تىما) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 12:57:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |





يىقىندا بىر قانچە تورداشلىرىمنىڭ تەۋسىيەسى ۋە باشقا تىمىلاردىكى تورداشلارنىڭ ئىھتىياجلارغا ئاساسەن قوي سۇيۇسنىڭ نەزىريە قىسىمىنى تەكرار يوللاپ قۇيدۇم.زادى ئەر كىشى قۇي سۇيۇشنى بىلمىسە بەك سەت ئىش.ئەر كىشىنىڭ ئەركەكلىكى مۇشۇ چاغدا بەك بىلىنىدىكەن.تەكرار تىما دەپ ۋايسىماي بىلمىگەنلەر بىلىۋالسىكەن دەيمەن،بىلىۋالغانلار كۆپەيسە ياخشى ئەھۋال،نۇرغۇن نەچچە ھىيىتنى كۆردۈم،ھەر يوغان ئەر كىشى قاننى كۆرۈپ بۇرنىنى تۇتۇپ ئايال كىشىدەك تولغىنىپ كەتكەننى كۆپ كۆردۈم،ياكى قۇي سۇيىدىغان ئادەم تاپالماي ئىككى ئۈچ يۈز سومنى تۇتۇپ قۇي سۇيىدىغان ئادەم ئىزدەپ ئەتىراپقا تەلمۈرۈپ تۇرغاننىمۇ كۆردۈم،بۇ ئەر كىشىگە خاس ئەمەس،ئەمدى ھەربىي مەجبۇرىيەت ياكى چوڭ قارىغۇچىسى يوق ئائىلە، ،يالغۇز ئۆتىۋاتقان تۇرمۇشلۇقلار باشقىلارغا ھەق بىرىپ قىلدۇرسا بولىدۇ.قالغان ئەر زاتى پىچاق تۇتۇپ باقسا، قوي بوغۇلاپ سويالايدىغان ئەر كىشىلەر كۆپەيسە،ما خۇشنىللىرىممۇ بىر قاسساپقا،ماڭا تەلمۈرۈپ ئولتۇرماي قوينى مۇستەققىل باش كىسىپ سويۇپ باقسا خۇش بولىمەن.


            ئالدى بىلەن كىلىش ئالدىدىكى ئۇلۇغ قۇربان ھىيىتىنى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن،شۇنداقلا بارلىىق تورداشلىرىمغا چوڭقۇر سالام يوللايمەن.


                                   
دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قۇربان ھىيت بايرىمى كىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ.قۇربان ھىيىتنىڭ ئەڭ ئالاھىدە قىسىمى بولغان تەرىپى مالنى قۇربانلىق قىلىش ئىشى بولۇپ،بۇ قائىدە ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتىدۇ.دىيارىمىزدىمۇ قۇربان ھىيىتقا تەييارلىق قىلىش باشلىنىپ قالدى.مال چارۋا بازارلىرى ئاۋاتلاشتى.بايلاردىن تارتىپ ئادەتتىكى كىشىلەرگىچە ،تىجارەتچىلەردىن تارتىپ خىزمەتچىلەرگىچە ھىيتلىق ئۈچۈن مەلۇم تەييارلىقلار ئىشلەنمەكتە.

چارۋىچىلىق رايۇنلىرى ۋە يىزىلاردا كىشىلەر ئۆزلىرى باققان بەقاۋۇل ماللارنى قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن تەييارلاپ قۇيۇشتى،ئەمما شەھەرلەردىچۇ؟شەھەرلىكلەر كاتەكتەك ئۆيلەردە ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا مال بىقىش بەكمۇ قۇلايسىز،ئۇلار يانچۇقتىكى پۇلغا مال بازىرىدىن مال ئىلىپ يىزىلاردىكى ئۇرۇق تۇغقان تۇنۇش بىلىشلرىنىڭكىگە ئاپىرىپ قۇيىشىدۇ،ياكى ئۇ شارائىت بولمىغانلىرى ئەتە ھىيت دىگەن كۈنى مالنى ئىشىك ئالدىغا باغلاپ قۇيۇپ ھىيتنى كۈتىدۇ.ھىيىت نامازدىن يىنىپ كىرىپلا مال قۇربانلىقى قىلىش ئۈچۈن تەييارلىنىدۇ.يىزا ۋە چارۋىچىلىق رايۇنلىرىدىكى كىشىلەر مال سۇيۇشقا ئۇستا،ئەمما شەھەرلىكلەرچۇ؟يەنە شۇ شەھەرلىكلەر مال بۇغۇزلاشتىن قۇرقىدۇ ياكى ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.شۇڭىلاشقىمىكىن شەھەردە چۇڭ بولغان بالىلار قاننى كۆرسە تەتۈر ئۆرۈلۈپلا قاچىدىغان،ياكى بۇرنىنى ئىتىۋىلىپ قىزلاردەك قىلىق قىلىدىغان بولىۋالىدىغانلىرى ئاينىپ قالدى،مىنىڭچە ئەركەك ھىسابلانغا كىشى قۇلىدا پىچاق تۇتۇشنى بىلىشى،ھىىت بايراملاردا بىرەر مالنى بۇغۇزلاپ بىقىشى كىرەك.بىز ئۇيغۇرلاردا:كۆز قۇرۇققاق،قول باتۇر،دەيدىغان ھىكىمەتلىك سۆز بار.قىلىشنى نىىيەت قىلساقلا قىلالايمىز.

ئۇنداقتا مال سۇيۇشتىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ئىشنى قانداق ئۆگەنگىلى بولىدۇ؟
(مال بۇغۇزلاشتىن بۇرۇن دىنى ئىتىقاد بۇيىنچە تاھارەتنى چۇقۇم ئىلىپ،بىسمىللاھ دەپ مالنىڭ قىشىغا بارىمىز.مالنى ئاۋايلاپ ياتقۇزۇپ ئالدىنقى ئىككى قۇل،ئارقا سول پۇتنى (ئۈچ پۇتىنى)باغلايمىز،ئارقا ئوڭ پۇتنى باغلىمايمىز،سەۋەبى،جان چىققۇچە شۇ پۇت قاتتىق تىركىشدۇ،بۇ تىركىشىش ئارقىلىق بەدەندىكى چىقماي قالغان چالا قانلار چىقىشقا پايدىلىق .)
1-مالنىڭ قىشىغا بىرىپ يۇقارقى كۆرسەتمە بۇيىنچە مالنى ئاۋايلاپ يەرگە ياتقۇزۇپ بولغاندىن كىيىن پىچاقنى ئىتتىك قىلىپ تەكبىر ئىيتىپ قۇي ياكى كالا قاتارلىق مالنىڭ بۇغۇزىغا پىچاقنى سۈرىمىز،ئاندىن مالنىڭ جىنى چىققاندا پۇتىنى تانىدىن بۇشىتىپ سول پۇتنىڭ ئىگىلىدىغان قىسىمىدىن ئازىراق تىرىسىنى كىسىپ ئىغىزىمىز پاتقۇدەك تۆشۈپ ئاچىمىز،بۇ تۆشۈككە ئىغىزىمىزنى تىقىپ پۈۋلەيمىز،(كالا ياكى تۆگىنى پۈۋلەپ يۈرمەڭ يەنە)يەل قۇينىڭ پۈتۈن بەدىنىگە بىرىپ تازا چىڭقالغاندا ئاندىن قۇينىڭ چات ئارلىقىدىن باشلاپ مەيدە ۋە بۇينىغىچە جىرايمىز(پىچاق بىلەن تىرىسىنى ئىككى تەرەپكە ئايرىشنى كۆرسىتىدۇ)ئاندىن بىشىنى يۇلۇندايمىز.ئالدى ئىككى قولنى ئىگىلدىغان جايدىن ئۇشتىۋىلىپ سول تەرەپ بۇينىدىن باشلاپ سۇيۇشقا باشلايمىز.ئاخىرى ئوڭ تەرەپ بۇينىدا ئاخىرلىشىدۇ.ئاندىن قۇينى كۆتۈرۈپ كانار ياكى كانار بولمىسا ئارغامچا بولسىمۇ  بولىدۇ،ئارقا پۇتنىڭ پەي تەرىپىدىن ئىسىپ قۇرساق قىسىمىنى يىرىپ قىرىن ئۈچەي ئۆپكىسىنى ئالىمىز.ئۆزۈمنىڭ قوي سۇيۇش جەريانىنى سىنغا ئالغۇزغان ئىدىم،لىكىن نىمە سەۋەبكىن بىلمىدىن،پەقەتلا تورغا چىقىرالمىدىم.شۇڭا نەزىرىيە كۆرسەتمىسى بەردىم.(قىسقا ئەسكەرتىمە:تىلىمىز تەكبىر ئىيتىشقا كىلىدۇغۇ دەپلا بىسمىللا ئاللاھۇ ئەكبەر دەپلا باش كىسىشكە بولمايدۇ،ھازىر بۇ گەپنى خەن تىجارەتچىلەرمۇ بىلىدۇ ھەم دىيەلەيدۇ،شۇڭا ئاۋۋال چۇقۇم تاھارەت ئىلىش كىرەك دىگەننى تەۋسىيە قىلىمەن،ياكى نامازدىن چىقىپ تاھارەتنى بۇزماي باش كەسسىمۇ بولىدۇ،شۇڭا ناماز ئۇقىمايدىغان،ياكى دىن ئىتىقادى كەمچىل كىشىلەر بۇ نۇختىغا دىققەت قىلىش كىرەك،)

يەنە بىر گەپ:دىنى ساۋادى كۈچلۈك تورداشلارنىڭ بۇ سۇئالىمغا جاۋاب بىرىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن،يەنى،كىشىلەر پۇلغا مال سىتىۋالىدۇ،ئائىلە ئەزالىرى شۇ مالنىڭ ئەتىراپىغا جەم بولۇپ تۇرىدۇ،ياكى قۇينىڭ تۈكىنى تۇتۇپ تۇرىدۇ،ئائىلە باشلىقى(ئەر كىشى)مال بۇغۇزلاشنى بىلمىسە مال بۇغۇزلىيالايدىغان ئادەم تەكلىپ قىلىدۇ،ئۇنداقتا قۇربانلىق ئۈچۈن تەييارلانغان بۇ مالنىڭ قۇربانلىق قىلىش ساۋابى باش كەسكەن كىشىگە تەۋە بولامدۇ،ياكى مال بۇغۇزلاشنى بىلمىسىمۇ پۇلغا مال سىتىۋالغان كىشىگە تەۋە قۇربانلىق بولامدۇ؟مەن ئويلايمەن،ئەلۋەتتە مالنى ئىلىپ بىقىپ ئەجىر قىلغۇچى مال بۇغۇزلاش قۇلدىن كەلمىسە ھەق بىرىپ باشقا كىشى ئارقىلىق بۇ نىشانغا يەتسە بولىدۇ دەپ قارايمەن،لىكىن ما بىزنىڭ يۇرۇتتىكى بەزى چوڭلىرىمىز دەيدۇ:كىم چوغنى تۇتسا شۇنىڭ قۇلى كۈيگىنىدەك كىم باش كىسىپ سويسا شۇنىڭغا ھىساب بولىدۇ دەپ سالدى.قارىسام بۇ گەپمۇ تۇغرىدەك.ئەڭ توغرىسى يەنىلا مال قۇربانلىق قىلىش نىيىىتى بار ئادەم ئۆزى باش كىسىپ سويىشى تۇغرا دەپ قارىدىم.بۇ تىمىنى ئىككى ئۈچ قىتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ كۆرۈپ ئۆگىنىۋالساڭلار خۇش بولىمەن.ئۆگىنەلمەي قولۇڭلارنى،تىرىنى كىسىپ يۈرسەڭلار مەندىن كۆرمەڭلار ھە.






ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 12:58:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقا مۇنبەر تورلارغا،ئۈندىدار سالونلىرىغا ئاپتۇرنى ئەسكەرتىپ يوللىۋەتسەڭلار بولىۋىرىدۇ.تىخىمۇ كۆپ ئادەم بىلسە،كۆپ ئادەم بىر كىچىك قاسساپ بولۇپ باقسا دىدىم.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88497
يازما سانى: 549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1302
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 826 سائەت
تىزىم: 2012-12-12
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 09:18:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قىتىم قۇربانلىق قىلدىغان ۋاقىتتا قاسساپ ھەممىزنى چاقىراتتى
مەن قۇرقۇپ قىچىپ كىتەتتىم .

ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىككى يۇزى بولىدۇ،ياخشى بىلەن يامان كەلگۇسى بىلەن ئۆتمۇشى،بىرسىنى ياخشى كۆرگەن ئىكەنسىز بارلىقىنى قوبۇل قېلىشىڭىز كىرەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10799
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 09:51:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما بوپتۇ! تىما ئىگىسىگە رەھمەت!  مەن قوي سويالايمەن لىكىن ئۈچەي باغرىنى ئايرىشتا سەل قىينىلىپ قالىمەن. مىنىڭچە ھەربىر قۇربانلىق قىلغۇچى، ھېچ بولمىسا تاھارەت ئېلىپ تەكبىر ئېيتىپ قۇربانلىقنى بوغۇزلاپ، ئاندىن باشقىلارنىڭ ئادالاپ بىرىشىگە بەرسە بولامىكى.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72760
يازما سانى: 365
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4115
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 239 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-1 11:21:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە كۆپ رەھمەت .مەنغۇ نەچچە يىللار بوپ كەتتى ئۆزۈم بوغۇزلاپ ،ئۆزۈم سويۇپ كېلىۋاتىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 62163
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4103
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 752 سائەت
تىزىم: 2011-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 12:02:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولسىغۇ سۆرەتلىك بوپ كەتكەن بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى....
ئىشقىلىپ رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1028
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3712
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 10:18:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تېما يوللاپسىز ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103662
يازما سانى: 141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 370
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-2 03:18:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە قۇربانلىق مالنى ئۆزى سويالمىغان تەقدىردىمۇ ،ئۆزى «اللاھۇئەكبەر»دەپ بۇغۇزلىشى لازىم دەپ ئويلايمەن .

ئۆزەڭ توغقان بالا ئۈچۈن ئازىراقمۇ قۇربانلىق بەرمىدىڭ ،ئۇنىڭدىن شۇنچە ئاسان ۋاز كەچتىڭ ، شۇسەۋەپ سەن پەقەتلا ئوغلۇمنى تۇغقان خوتۇنسەن ،ئۆزەڭنى ئوغلۇمنىڭ ئاپىسى دېيىشكە سالاھىيىتىڭ توشمايدۇ .

سەن خۇدادىن ئۈۆز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16551
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7484
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 247 سائەت
تىزىم: 2010-11-6
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-3 05:50:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچە ئۆزى باش كەسسۇن.ئاللاھۇ ئەكبەر دەپلا قويسا بولماسمىكى.ئاللانىڭ بىر جانلىقىنى‹ ئاددىلا› گەپ بىلەن  جېنىدىن جۇدا قىلساق تازا ھالال بولماس.بىسمىللا ئاللاھۇ ئەكبەر دىيىش،رەھمانىر رەھىم دىمەسلىك ..................

تولۇقلىما مەزمۇن (2014-10-4 12:57 AM):
http://bbs.izdinix.com/thread-60077-1-1.htmlبۇ يەردە ئوقۇلىدىغان دۇئالارمۇ باركەن بىلىۋاغايسىزلەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-10-4 03:49:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
amanturk يوللىغان ۋاقتى  2014-10-3 05:50 PM
مەنچە ئۆزى باش كەسسۇن.ئاللاھۇ ئەكبەر دەپلا قويسا بولما ...

بۇ  تىما پۈتۈن بوپكىتىپتۇغۇ،تىخىمۇ تەپسىلى ئىكەن.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش