مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2476|ئىنكاس: 7

ئازغۇنلۇق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13872
يازما سانى: 624
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10433
تۆھپە نۇمۇرى: 660
توردا: 1359 سائەت
تىزىم: 2010-10-14
ئاخىرقى: 2015-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 10:28:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئازغۇنلۇق

(ھېكايە)

تۇرغۇن مىجىت قادىرى

يولدا كېتىۋاتىمەن، ساتماقچى بولغان غونجۇن كۈيلەپ قالغان بولغاچقا بىردە تىپچەكلەپ شاشلىق قىلىپ تاقلىسا، بىردە ھارۋىغا قۇشۇلغان ئىشەكنىڭ ئالدىغا ئۈتۈۋېلىپ ماڭغىلى قويمايتى. ئاچچىقىمدا ھارۋىغا سېلىۋالغان سېرىق سۆگەتنىڭ تېلى بىلەن تازا بىر ساۋاپ ئاچچىقىمنى چىقىرىپ، غونجۇننى ئەدەپلەپ پەسكۇيغۇ چۈشۈرۈپ يولۇمغا راۋان بولدۇم. بۈگۈن يېزىنىڭ بازار كۈنى بولۇپ، كەڭ كەتكەن قارماي يولدا ماشىنا، تېرەكتۇر، موتوسىكىلىتلار بىر بىرنى قوغلۇشۇپ باپكانىڭ مۇكىسىدەك ئۇ يان بۇ يانغا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. ئىشەكنىڭ بىر خىل رېتىمدا ئىشتىك تىپىرلاپ مېڭىشى، غونجۇننىڭمۇ ئەدىپىنى يىگەندىن كىيىن ئىشەكنىڭ رېتىمىغا ئەگىشىپ مېڭىشىدىن ئىبرەت بۇ جىملىق، مېنىڭ خىيال قۇشلۇرۇمنى پەرۋاز قىلدۇرۇشقا باشلىدى.

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىشقا يېقىن قالغاندا ئەر-ئايال ئىككەيلەن پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تۇرالماي قالدۇق، بىز ھەر يىلى كۈزدە پاختا ساتقاندىكى پۇلىغا تۇنجى ئالىدىغىنىمىز كىلەر يىللىق ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك سۇلىياۋ يۇپۇق، ئوغۇت، ئۇرۇق قاتارلىق نەرسىلەر ئىدى، لېكىن ئالدىنقى يىلى چوڭ ئوغلىمىزنى ئۆيلەپ، ئۆي سېلىپ ياساپ-جابدۇپ، ئايرىم ئۆيگە چىقىرىپ قويغاچقا، بارلىق پۇللارنى پاكىزلاپ قويغاندۇق، شۇڭا  ئوغۇت، سۇلىيا يۇپۇق، ئۇرۇق ئېلىشقا پۇل بولمىغاندىن كىيىن ناھىيە ۋە يېزىلاردىكى ئامانەت قەرز كاپىراتىپى، يېزا ئىگلىك بانكىسى ۋە پوچتا بانكىسىغا چاپتىم، شۇ ئارلىقتا «بى تەلەينىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ» دېگەندەك، ئۆزەمنىڭ بىخەستىلىكىدىن ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ سالاھىيەت گۇۋانامىسى ۋە توي قىلىش گوۋانامىسىنى، مەھەلە كومتېتىنىڭ تونۇشتۇرشى قاتارلىق بىر قاتار تەل بولغان ماتىرياللارنى يۇتتۇرۇپ قويۇپ، كۈنلەپ، ھەپتىلەپ چاپقانلىرىمنىڭ ھەممىسى بىكار بولۇپ خوتۇن باللىرىم ئالدىدا يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك بوشۇشۇپ، ئۈشۈك تەككەن ياپىراقتەك سارغىيىپ، تاپا-تەنە ئاستىدا قالدىم. دېھقانچىلىقتا بىر كۈن كېچىكتىڭمۇ بىر تال داننى ئاز ئالىدىغان گەپ، كونىلارمۇ شۇڭا «پۇتۇڭنىڭ ئۇچىغا چۈشكەن ئۇرۇق بىلەن بىر مېتىر يىراقلىققا چۈشكەن ئورۇقنىڭ ھەتە پەرقى بار» دەپ توغرا ئېيتقان. مەن يېزىدىكى تونۇش-بىلىش سۇلىيا يۇپۇق، ئوغۇت ساتىدىغان دوكاندارلار بىلەن كۆرۈشتىم، ئۇلار ئالىدىغان نەرسىلەرنىڭ پۇلىنىڭ يېرىمىنى بولسىمۇ بەرمىسە بولمايدىغانلىقىنى دېيىشتى، بىز خولۇم-خوشنىلاردىن ئۆتنە يېرىم قىلىش ئارقىلىق 4500 يۈەن قەرز ئېلىپ، ئۈچ مىڭ يۈەننى بىرىپ ئوغۇت، سۇلىياۋ يۇپۇق ئالدۇق، يېرىمى ھېساۋىغا مىڭ يۈەن بىرىپ كېۋەز ۋە باشقا دېھقانچىلىققا ئائىت ئۇرۇق سېتىۋېلىپ، 500 يۈەننى يەرنى ھەيدەپ، تەييارلاپ ئۇرۇق سېلىپ بىردىغان تىرەكتۇرنىڭ ماي پۇلىغا، قالدىسىنى كىيىن بىرىدىغانغا دېيىشىپ ساق-سالامەت 20 مو يەرگە كېۋەز، زىرە ۋە چۆرىسىگە، قىر بويلىرىغا قوناق سېلىپ، ئۈستىمىزدىكى بىر تاغنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندەك يېنىكلەپ قالدۇق. ئوغۇت، سۇلىياۋ يۇپۇق ۋە ئورۇق قاتارلىقلارنى بىرلا ئادەمدىن ئالغاچقا يەرنى تېرىپ بولغاندىن كېيىنلا بېرىپ قالدى ھېساپ-كىتاپنى كۈزدە پاختا ساتقاندا قىلىدىغانغا، ئۇنىڭغا مەلۇم نىسبەتتە ئۆسۈم تۆلەيدىغانغا دىيىشىپ خاتىرجەم بولدۇم، بىراق، خولۇم-خوشنىلار بىلەن قىلىشقان ئۆتنە-يېرىمنىڭ سۆلىكى بەك ئېشىپ كېتىپ يۈزىمىز چىمىرلاشقا باشلىدى، دېمىسىمۇ بۇ ئەتىياز ۋاقتىدا ئۇچار-قۇش، ھايۋاناتلارلا ئەمەس، دېھقانلارمۇ سېرىق تال بولۇپ قالدىغان بولغاچقا ئەر-ئايال ۋە بالىيىۋەتەن دىيىشىپ، سەككىز قوزۇلۇق قوي بىلەن چوڭ ئېنەكنى قۇيۇپ، ئىنەكنىڭ ئالدىنقى يىللىق موزىيى- بۇ يىل غونجۇن بولغان، ئورۇقلاندۇرساق بولغىدەك بۇ ئامىراق ئۆي ھايۋىنى سېتىشنى كۆڭلىمىز قىيمىغان ھالدا كېلىشتۇق...

«پاپ...پاپ...!» قىلغان ئاۋاز بىلەن چۆچۈپ قارىسام بازارغا كېلىپ قاپتىمەن. بۇ جانىۋىرىمنىڭ چۇغى كىچىك بولغان بىلەن تىكىراڭشىپ يولنى خېلى ئاينىتىدىغان شۇ خۇيىغا ئىچىم كۆيىدۇ دەڭە. مەن چەتتىكى بىر دەڭڭە ئېشەك ھارۋامنى چىقىرىپ ئورۇنلاشتۇرۋېتىپ، ئۇلاغ بازىرى تەرەپكە غونجۇنۇمنى يېتىلەپ ماڭدىم، ئۇلاق بازىرىغا بارغىچە 7-8 بىدىك پەرۋانىدەك ئارقامدىن ئەتىراپىمنى ئايلىنىپ كېتەلمىدى، ئۇلار دىيىشىۋالغاندەك 6000 يۈەن، 6050 يۈەن، 6100 يۈەن قىلىشتى، بىر شەيتىنىم «نەرقىگە چىقتى ساتە،» دىدىيۇ، يەنە بىر شەيتىنىم «‹ئاتام بازا، ئانام بازا› دەپتىكەن، مۇشۇ يەرگە كەلگەندىن كىيىن ئۇلاق بازىرىغا ئەكىرىپ شۇ يەردىلا ساتاي» دەپ يېزا بازىرىنىڭ چېتىدىكى ئۇلاق بازىرىغا ئېلىپ كىردىم. بۇ نەسىللىك قارا چار غونجۇننىڭ مەيدانغا كىرشى ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتتى بولغاي، بىدىكلەردىن تارتىپ، كالا ئېلىپ بېقىۋاغۇسى بار دېھقانلار، چارۋا ئېلىش خىيالى يوق، مۇنداق بازار ئايلىنىپ ئۇلاق بازىرىغا كىرمىسە كۆڭلى ئۇنىمايدىغانلارغىچە  ھەممە ئادەم ئولاشتى. غونجۇنمۇ خۇددى مېنىڭ سېتىۋاتىدىغىنىمنى، باشقا بىرسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كىتىدىغىنىنى بىلگەندەك يېنىغا كەلگەن ئادەملەرنى پۇراپ يوغان تىللىرىنى چىقىرىپ قوللىرىنى يالاپ قۇياتتى، بەللىرىنى، ساغىرلىرىنى، ھەتتە ئەمچەكلىرىنى تۇتسا چېتىنى كەرىپ بەللىرىنى ئىگىپ جىم تۇرۇشلىرى خېرىدارلارنىڭ ئىچىنى تېخىمۇ كۆيدۈردىدە، ئىككى دېھقان سالجىدەك چاپلىشىپ نەقىنى بىردەمدىلا 6650 يۈەنگە چىقاردى، مەنمۇ نەق جايىدا بولغانلىقىنى جەزمىلەشتۈرۈپ:

-بولدى كېلىشتۇق ئەكەلسىلە قولىرىنى،- دەپلا ئۇ دېھقاننىڭ قۇلىنى تۇتۇپ:

-     باش باغ ئېلىپ كەلگەنمۇ؟-دەپ سورىدىم.

-     ياق، ئۇلاق بازىرىنىڭ دەرۋازىسى تۈۋىدىن ئېلىپ باغلىۋالاي، پۇلنى بانكىدىن ئېلىپ بىرەي، بولامدۇ؟- دېدى بۇ دېھقان.

-     ماڭا پۇلنى ساق-سالامەت قولۇمغا بەرسىڭىزلا بولىدۇ.

   مەن غونجۇننى يىتىلىدىم ئۇ ئالدىمدا ماڭدى، شۇنداق قىلىپ خېلى بۇرۇنلا ئۇلاق بازىرىدىن يېنىپ چىقىپ، ئۇ نوختا، ئارغامچا ئېلىپ غونجۇننىڭ بېشىنى باغلىدى، بىز بانكىغا قاراپ ماڭدۇق،

يېزا بازىرنىڭ مەركىزىدىكى يول قىرىغا جايلاشقان ئامانەت قەرز كاپراتىۋىنىڭ تىجارەت بۆلۈمى ئالدىغا كىلىپ، مەن غونجۇننى تۇتۇپ تۇردۇم، ئۇ دېھقان يانچۇقىدىن ئامانەت پۇل كىنىشكىسىنى ماڭا كۆرسۈتۈپ:

-     پۇل ئېلىپ چىقاي،-دەپ كىرىپ كەتتى.

ئانچە ئۇزۇن ھايال بولماي قىپقىزىل يۈز يۈەنلىك پۇلدىن بىر تۇتام ئېلىپ چىقىپ مېنىڭ قولۇمغا تۇتقۇزدى ۋە:

-ساناپ بېقىڭ!

  مەن پۇلنى ساناشقا كىرىشتىم، پۇل 66 ۋاراق چىقتى، مەن پۇلنى يانچۇققا سالماي ئۇنىڭغا قارىدىم، چۈنكى پۇل 6600 يۈەن بولۇپ، ماڭا بىرىشكە تىگىشلىكى 6650 يۈندىن يەنە 50 يۈەن كەم ئىدى.

  -بولدى قىلىڭە ئەمدى، 50 يۈەنگە خوتۇن-بالىلارغا بازارلىق ئالغاچ كېتەي، قالدىسىنى خۇدايىم بەرەر.

   -ماڭا قارىڭا، گەپمۇ ئېغىزدىن چىقىدۇ، جانمۇ ئېغىزدىن دەپتىكەن، ئەر بولغاندىنكىن لەۋزىڭىزگە ئەمەل قىلىڭ!

-نىمە دەيدىكىن دەپ مۇنداقلا دەپ قويغان،-دەپ كوڭلىكىنىڭ تۆش يانچۇقۇدىكى پارچە پۇللار ئارىسىدىن 50 يۈەنلىك بىر ۋاراقنى ئېلىپ قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ، غونجۇننىڭ باش بېغىنى قولۇمدىن ئېلىپ:

-ئەمىسە غونجۇننى ئەپ كەتتىم، باھادا تالىشىپ قالدۇق، ياراتقان ئىگەم بۇ جانىۋارنى ماڭا نىسىپ قىپتۇ، رازى بولارسىز.

مەن مىڭ مەرتىۋە رازى، بىرى مىڭ بولۇپ كەتكەي ئىلاھىم!

ئۇ دېھقان مەندىنرازىلىق ئېلىپلا موزوينى يېتىلەپ يۈرۈپ كەتتى. موزايمۇ ماڭا قىيمىغاندەك، بېشىنى كەينىگە بۇراپ بىر قانچە قېتىم بوشقىنە مۆرەپ قۇيۇپ مەن بىلەن خوشلاشتى.

مەن بىر دالدىغا بېرىپ ئاخشام ئايالىم ئاتايىتەن پۇل سېلىش ئۈچۈن تىكىپ بەرگەن ئىچ مايكامنىڭ ئىچىدىكى يانچۇققا 6500 يۈەننى سېلىپ، ئىلغا يىڭنە بىلەن ئاغزىنى ھىم ئىتىپ، چوڭ يولغا چىقىپ، قورسىقىمنىڭ لازىدەك ئاچچىق ئېچىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ، ئاشپىزۇلغا بېرىپ قورساقنى ئەستەرلەش ئۈچۈن ماڭدىم. يولنىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئاشخانىنىڭ ئالدىغا كىلىشىمگە 30 ياشلا ئۆپچۆرىسىدىكى بىر جۇپ ئەر-ئايال ھە دەپ بىر نەرسىنىڭ باھاسىنى تالىشىپ كېتىپتۇ، ھېلقى چوكان:

-ئۇنداق قىلماي 4000 يۈەنگە بىرىڭە، ئەلدىن ئەلگە نەپ دەپتىكەن، مەنمۇ سودا قىلغىنىمغا يارشا ئازراق نەپ ئېلىپ قالاي...

-كەم بولىدۇ، سىز، بىز مۇشۇنىڭ سودىسىنى قىلىپ نېنىنى يەپ كەلگەنلەردىن، مەن دېگەن يەرگە ئالسىڭىزمۇ سىزگە 2-3 مىڭ يۈەن پايدا يىتىدۇ ، ئالسىڭىز مەن دېگەن يەرگە ئېلىڭ بولمىسا مەن كەتتىم...- دەپلا كەينىگە قاراپ قويماي كىتىپ قالدى، مەن ئۇنىڭ كەينىدىن سەپ سالدىم، چاچلىرى بۈدىرە، بۇرۇتلۇق، ئاق كۆڭلەك، قارا شىم، قارا خۇرۇم ئاياق كىيگەن بولۇپ، كىيىم-كېچەكلىرى شۇنداق پاكىز، ئايىقى كۇننىڭ يۇرىقىدا ۋالىلداپ ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى چاقنىتىپ تۇراتتى. مەن ئۇلارنىڭ «2-3 مىڭ يۈەن پايدا يىتىدۇ» دېگەن گېپىگە قىزىقىپ قالدىم. چۈنكى 4000 يۈەنلىك نەرسىنى ساتسا، 2-3 مىڭ يۈەن پايدا ئالدىغان ئۇنداق ئىش بولسا كىم قىزىقمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقىدەك «پۇل بولسا جاڭگالدا شورپا» دەيدىغان دەۋىردە. مەن ھېلىقى سودا قىلىشقان چوكاننىڭ يېنىغا ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى بىلمىگەندەك، گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغاندەك قىياپەتتە باردىم. ئۇمۇ مېنىڭ كىلىشىمنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ماڭا يېقىنلاشتى. مەن ئۇ چوكانغا سەپ سالدىم. ئۇ چوكان كالتە چاچلىرىنى ئاتقۇزغان بولۇپ سۆۋەتتەك پاقپايغان، قېنىق گىرىم قىلغان، كۆزلىرى توپاق كۆز، كۆزلىرىدىن نۇر يېغىپ تۇردىغان، قۇيۇق قاشلىق، كىرپىكلىرى تۆكۈلۈپ تۇردىغان، قاڭشالىق، لەۋلىرى نىپىز، گىلاستەك، مەجنۇن تالدەك زىلۋا بوي-بەستىگە ئۇزۇن ئەتلەس كۆڭلەك ئۇنىڭ چىرايى، بوي-بەستىگە يارىشا توقۇلۇپ تىكىلگەندەك ياراشقان بولۇپ، مەندەك 50 تىن ئاشقان ئادەمنىڭمۇ يۈرىكىنى بىر ئىزىدا قويمىغىدەك دەرىجىدە چىرايلىق ئىدى.

- ئاكا يانلىرىدا ئىككى، ئۈچ مىڭ كوي بارمۇ؟

مەن ئۇ چوكاننىڭ لىزىم گەپلىرىدىن ئەس ھۇشۇمنى يوقاتقاندەك بولۇپ، ئەېپىنىڭ باش-ئاخىرىنى، مېنىڭ پۇلىمنى نىمىشكە سورايدىغانلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە ئۈلگۈرمەيلا:

-بار سىڭلىم، نىمە ئىشتى؟-دەۋەتتىم.

- ئىۋۇ ئاق كۆڭلەك، قارا ئىشتان كەيگەن، بۈدۈر چاچ ،-ئۇ يىگىتنى بىگىز بارمىقىدا ماڭا كۆرسىتىپ تۇرۇپ،-بالىدا بىر تاللا چەتئەل پۇلى باركەندۇق، مەن تۆت مىڭ كوي قىلسام بەرگىلى ئۇنىمىدى، سېلى ئاق كۆڭۈل دېھقان بولغاندىن كىيىن سېلىگە 4500 يۈەنگە چوقۇم بىرىدۇ، 5000 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمىسۇن، ياندىكى پۇللىرىغا ماۋۇ 2000 يۈەننى قۇشۇپ ئەپ كەلسىلە مەن سېلىگە پۇلنى ئېلىپ كەلگەندىن كىيىن 1000 كوي پايدىسىنى بىرەي، بولامدۇ؟

«بىزدەك دېھقان خەققە ھەر بازار كۈنى بىرەر يېرىم مىڭ يۈەن ئاز پۇلمۇ، بىر يىل 12 ئاي يەر تاتلاپ دېھقانچىلىق قىلىپمۇ بەزىدە كېۋەزنىڭ شاخ-شامبىسى قالدىغان يىللار كۆپ تۇرسا، مۇشۇ توپاق كۆز خاننىڭ بانىسىدا بىر تىجارەتنىڭ يولىغا كىرىۋالسام، يەر تاتلاپ جاپا چىكىپ يۈرگىچە 10 مو يەرنى قويۇپ، بۇغداي-قوناق تېرىپ، قالغان 10 مو يەرنى ئوغلۇمغا بىرىپ، قېرىغاندا ئايالىم بىلەن ئىككەيلەن بالىلارنىڭ قۇلىغا قاراپ قالماي، جاننى گۈلدەك باقسام ئەجەپ ئەمەس» دېگەنلەر چاقماق تىزلىكىدە كاللامدىن ئۆتتى-دە، چوكاننىڭ قۇلىدىكى پۇلنى ئېلىپ، ئۇ يىگىتنىڭ كەينىدىن چاپتىم.

ئۇ يىگىتنىڭ يېنىغا بېرىپ :

- ئۇكام يېنىڭىزدىكى چەتئەل پۇلىنى ماڭا سېتىپ بەرسىڭىز؟

- سىز نىمە قىلىسىز بۇ پۇلنى؟

- مەنمۇ سىزدىن ئېلىپ چەتئەل پۇلى ئالىدىغان ئادەمگە پايدىسىغا ساتىمەن.

- ئاكا بۇ پۇلنىڭ باھاسىغا سېلى چىقىنالمايلا، ئىشلىرىنى قىلسىلا.

- مېنى پۇلى يوق كۆرۈپ قاللىما؟- دەپلا ھېلىقى 6500 يۈەننى ئېلىپ ھېلىقى يىگىتكە كۆرسىتىپ تۇرپ،- قارىڭا ئۇكام، ئەسكى توماقنىڭ ئىچىدە ئادەم بار مانا مۇشۇ پۇل-دەپ ئۇنىڭغا كۆرسەتتىم.

- 5000 كوي، بىر سىنىتمۇ كېمى يوق- ماڭىمۇ قارىماي يولىنى داۋاملاشتۇردى.

- 4000 مىڭ يۈەن بىرەي.

- 4000 يۈەنگە بىرىدىغان ئىش بولسا بۇ كەمگە مەن شەھەرگە بېرىپ بولاتتىم.

- 4500 يۈەنگە بىرىڭە، مەنمۇ پايدا يەپ قالاي، شۇ بانىدا مەنمۇ سېلەر بىلەن بىرلىشىپ تىجارەتكە كىرىشىپ، يېقىن دوسلاردىن بولۇپ قالىمىزمۇ تېخى.

- مەن دېگەن پۇلغا ئالسىڭىزمۇ سىزگە 2-3 مىڭ يۈەن پايدا يىتىدۇ ، ئالسىڭىز مەن دېگەن يەرگە ئېلىڭ، بولمىسا مەن كەتتىم.

«بۇ يىگىت باياتىنقى چوكانغىمۇ شۇ گەپلەرنى دېگەن، چۇقۇم شۇنداق پايدىسى قالدىغان ئوخشايدۇ. ئۇمۇ ‹5000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمىسۇن› دېگەنغۇ، مەيلى نەچچە پۇلغا ئالماي ماڭا پايدىسىغا 1000 كوينى بەرسىلا بولمىدىمۇ» دېگەنلەرنى كاللامدىن ئۆتكۈزدۈم ۋە:

- بولدى 5000 كوي بولسا بولسۇن، ئالاي،- دەپ ھېلىقى چوكان بەرگەن 2000 كويغا يېنىمدىكى 6500 كوينىڭ 3000 كويىنى قۇشۇپ، ئۇ يىگىتكە تۇتقۇزدۇم.

ئۇمۇ ساقالىق بىر چەتئەللىكنىڭ رەسمى بار بۈرجىكىدە 10000 سانى بار پۇلنى قولۇمغا تۇتقۇزدى. مەن يەنىلا خاتىرجەم بولالماي، ئۇ يىگىتتىن:

-     ئۇكام، باياتىن ھېلقى چوكان 4000 يۈەن بىرەي دېگەن پۇل شۇدۇ ھە!

- خاتىرجەم بولسىلا، شۇ پۇلنىڭ ئۆزى شۇ-دەپ پۇلنى خاتىرجەم يانچۇقىغا سېلىپ ماڭدى.

  مەن پۇلنى قۇلۇمدا چىڭ سىقىمداپ ھېلىقى چوكاننى تېپىش نىيىتى بىلەن 5-6 قەدەم مېڭىپراق كۆڭلۈم بىر قىسىم بولۇپ كەينىمگە قارىدىم. مەن بىلەن سودا قىلغان يىگىتنى يەنى بىرقانچە يىگىتلەر ئارىغا ئېلىۋاپتۇ، ئۇلارنى بىر يەردە كۆرگەندەك قىلدىم، ئويلىسام ئۇ يىگىتلەر باياتىنقى ماڭا 2000 كوي بېرىپ ماۋۇ پۇلنى ئېلىپ كىلىشكە بۇيرىغان چوكاننىمۇ ئارىسىغا ئېلىۋالغانلار ئىدى. ئۇلارمۇ شۇلار بىلەن تىجارەت قىلدىغانلاردۇر بەلكىم دەپ ماڭا پۇل بىرىپ چەتئەل پۇلىنى ئېلىشقا بۇيرىغان چوكاننى ئىزدەپ ماڭدىم. ئۇ قېپ قالغان جايغا كەلسەم ئۇ چوكان يوق، مىڭڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى، بانكىنىڭ تىجارەت زالىغا كىردىم، ئۇ يەردىمۇ يوق، ھېلىقى ئاشخانىغا كىردىم ئۇ يەردىمۇ يوق، كۇچىنىڭ ئۇ دوقمىشىغا، بۇ دوقمۇشىغا باردىم يەنىلا ئوخشاش. ئۇنى تاپالمىغانچە جىدىلىشىشكە، يۈرىكىم ئەنسىز سوقۇشقا باشلىدى.

   ئايالىمنىڭ ئەتىگەندە يولغا چىقىش ئالدىدا دېگەن گەپلىرى ئالدىمدىكى قاچادىكى ئاشتەك خىيالىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى « ساۋۇتاخۇن، بۇ ئاي، بۇ كۈنلەردە پۇلغا كۆزنى قىزارتمايدىغان ئادەم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بازاردا ئوغرى-يالغان كۆپ، بەك دېھقەت قىلسىلا...» مېنىڭ ئىسىمگە ماڭا پۇل ساتقان يىگىت كىلىپ ئۇنى ئىزدىدىم، ئۇمۇ يەر يۇتۇپ كەتكەندەك ئۇمۇ كۆرىنمەيتى. بىر ھازا تۇرۇپ قېلىپراق، يېزىلىق ساقچىخانا يادىمغا كىلىپ، ساقچىخانىغا يۈگەردىم.

  ساقچىخانا دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا بارسام دەرۋازا ئىتىك بولۇپ ئىككى ساقچى دۈجۈرنىلىكتە تۇرۇپتۇ، ئۇ بالىىلارغا بولغان ئىشنى بىرنىمۇ قويماي، يالغاننى قوشماي دېدىم. ئۇلار باشقا گەپ قىلماي دەرۋازىنىڭ كىچىك ئىشىكىنى ئېچىپ، بىرسى ئىشخانا تەرەپكە باشلاپ ماڭدى. ئىشخانىنىڭ ئالدىغا كىلىشىمگە ئىشخانىدىن ھېلىقى تۇنۇش چىراي يىگىت چىقىپ ماڭا قارىدى، مېنى باشلاپ ماڭغان ساقچى جايىدا توختاپ پۇتىنى جۈپلەپ، ئوڭ شاپىلىقىنى قۇلىقىنىڭ يېنىغا ئېلىپ تۇرۇپ:

  - سالام سىياسى يىتەكچى، بۇ ئاكىمىزمۇ ئالدىقى ئايدىكىدەك ئالدىنىپتۇ، دەرت ئېيتىپ كەپتىكەن سېلىنىڭ ئالدىلىرىغا باشلاپ كىرىشىم.

- چۈشەندىم، سەن ئۆز ئىشىڭنى قىلىۋەر!

      سىياسى يىتەكچى مېنى ئىشخانىسىغا باشلاپ كىردى. ئىشخانىدا ھېلىقى مېنى ئالدىغان ئەر- ئايال بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغان يىگىتلەر ئولتۇرغاندى.

مەن بولغان ئىش-ۋەقەنى ئۇلارغا تەپسىلى سۆزلىدىم. سىياسى يىتەكچى ئۇرۇندۇقنى مېنىڭ يېنىمغىراق تارتىپ تۇرۇپ:

- سىز بازارغا نىمىگە كەلگەن؟

- غونجۇننى ساتقىلى.

- غونجۇننى نىمىشكە ساتتىڭىز؟

- 20 مو يەرنى تېرىيمەن دەپ ئازراق قەرز بولۇپ قالغان، شۇنى تۆلەشكە.

- ساتتىڭىزمۇ؟

- ساتتىم.

- پۇلى قېنى؟

- شۇ... بايا دىگەندەك...

- ماڭا قاراڭ ئاكا،بېلىكىمدىن تارتىپ خىجىلچىلىقتا قارىيالمايتقىنىمنى بىلمىگەندەك ئۆزىگە قارىتىپ ماڭا مىقتەك قادىلىپ تۇرۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.  ئۇنىڭ دېيىشىچە:

ئالدىنقى يىلى ئۈچ قېتىم، بۇ يىل ئالدىنقى ئايدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئالدامچىلىق دىلوسىدىن بىرسى كۆرۈلۈپ، ساقچىلار ئالدانغۇچىلارنىڭ تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىىغا  ئاساسەن بىر ئايدىن بېرى بازار كۈنى ساقچىخانىدىكى پۈتۈن ساقچىلارنى يىغىپ، ئۇلاق بازىرى، ئاشلىق بازىرى، توخا بازىرى، مۇتو-تەرەكتۇر بازىرى، بانكا، تىجارەت ئورۇنلىرى كۆپرەك جايلارىنىڭ ئالدىى...قاتارلىق موھىم تىجەرەت ئورۇنلىرىغا ساقچىلارنى پۇقراچە كىيىندۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، بۇ ئىككى ئالدامچى مېنىڭ كەينىمگە ئۇلاق بازىردىلا چۈشكەن ئىكەن، موزاينى نەچچە پۇلغا ساتقانلىقىىمنى، يېنىمدا نەچچە پۇلنىڭ بارلىقىنى ئېنىق بىلىدىكەن، ئاق كۆڭۈل بىر دېھقانلىقىمنى، ئاسان ئالدىنىدىغانلىقىمنى پەملىگەچكە مېنىڭ سايەمدەك ئەگىشىپ بانكىغىچە كەپتۇ. ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئۇلاق بازىرىدىكى بىرەر نەرسە ساتماي، ياكى بىرەر نەرسە ئالماي ئۇنىڭ بۇنىڭ چارۋا ساتقان، پۇل سانىغان ھالەتلىرىگە زەڭ سېلىپ يۈرگەن يۇچۇن ھالىتىدىن گومانلىنىپ ئۇلارنىڭ كەينىگە ئىككى ساقچى چۈشۈپ، بانكىنىڭ ئالدىدىكى ساقچىلارغا بۇ ئىككى جىنايەت گوماندارىنى كۆرسۈتۈپ قۇيۇپ، ماڭا پۇل بىرىپ چەتئەل پۇلىنى ئېلىپ كىلىشكە بۇيرىغان چوكاننى ماڭا پۇل بىرىپ بولغاندىن كىيىن، يەنى مېنىڭ ھېلىقى يىگىتنىڭ يېنىغا چەتئەل پۇلىنى ئالغىلى ماڭغاندا قولغا چۈشۈرۈپ، ئۇلاق بازىرىدىن كەلگەن ئىككى ساقچى جىنايەت گۇماندارىنى ساقچىخانىغا يالاپ ئېلىپ كېتىپتۇ، بانكىنىڭ ئالدىدىكى ساقچىلار مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىپ، ئەر جىنايەت گوماندارىنى نەق مەيداندا قولغا چۈشۈرۈپتۇ. سىياسى يىتەكچى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا:

- ئاكا سېلە دېھقانلار ئاق كۆڭۈل، ساددا. سىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئاق كۆڭۈل، ساددىلىقىڭلاردىن پايدىلىنىپ كېتىدىغانغا مانا مۇشۇنداق پۇرسەت ھازىرلاپ بىرسلەر، ھازىرقىدەك قانۇن-تۈزۈم كۈچىيىۋاتقان، كىشىلەرنىڭ قانۇن-تۈزۈم كۆز قارىشى كۈندىنكۈنگە يوقۇرى ئۆرلەۋەتقان شارائىتتىمۇ قاماقتىكى ئەر-ئايالدەك ئالدامچى، يالغانچى، يانچۇقچىلارنىڭ تۈگىگىنى يوق، شۇڭا ئازراق نەپنى دەپ نۇرغۇن زىيان تارتىپ قېلىشتىن ساقلىنايلى، سىز قايتىپ بارغاندىن كىيىن ئۇرۇق-توققانلارغا، خۇلۇم-خوشنىلارغا، مەھەلىدىكىلەرگە بۈگۈن بولغان ئىشنى دەپ مۇشۇنداق ۋەقەلەردىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلىڭ، سىزنىمۇ سەگىتىپ قويۇش ئۈچۈن ئازراق جىرىمانە قويايلى دېگەن، لىكىن سىزنىڭ بۇ ھالىڭىزغا قاراپ ئىچىمىز سىيرىلدى، شۇڭا ھالالنى ھالال پېتىم يەپ، ھالالغا ھارامنى ئارلاشتۇرماي يىگەيسىز.- يېنىدىكى ساقچىغا قاراپ،- بۇ ئاكىمىزنىڭ نەچچە پۇلتى؟

- 3000 يۈەن.

- ساق ئېلىپ بىرىپ، يولغا سېلىپ قويۇڭلار!

ساقچى 3000 يۈەننى ساق ساناپ مېنىڭ قولۇمغا تۇتقازدى.

چەكسىز ھاياجاندىن تېتىرگەن قوللىرىم بىلەن بۇ 3000 يۈەننى قولۇمغا ئېلىپ كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياشلار تۆكۈلىشكە باشلىدى. مەن بۇغۇق ئاۋازدا:

- ساقچى ئىنىلىرىم، مۇشۇ پۇلنى ئۇ نائەھلىلەر ئالداپ ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇنىڭغا يۇرتنى تاشلاپ كەتكىلى بولمايتى، سېلەر ھۇشيارلىق بىلەن ئۇلارنى قولغا چۈشۈرمىسەڭلار ئۇلار خەجلەپ كېتىتى، شۇڭا سىلەرنى بىر مىھمان قىلىۋالاي، ئۇ سىلەرگە ئېيتقان رەھمىتىم بولۇپ قالسۇن!

- رەخمەت ئاكا! بۇ بىز ساقچىلارنىڭ قىلىشقا تىگىشلىك مەجبۇريىتى ۋە باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇليىتى، بىز داۋاملىق سىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز.

مەن ساقچى ئىنىلىرىمنىڭ بۇ ئىسىل پەزىلىتىدىن تىلدا ئىپادىلگۈسىز دەرجىدە مەمنۇن بولۇپ، ئۇلاردىن ئايرىلىشقا كۆزۈم قىيمىغان ھالدا ساقچىخانا دەرۋازىسىدىن چىقتىم.

                    2014-يىل 9-ئاينىڭ 8-كۈنى (ئاۋات )

               ئاۋات ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن: تۇرغۇن مىجىت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 01:33:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت شەكلى تەتۈر يولىنىپ قاپتۇ، پۇرسەت بولسا قايتا-بىر تەھىرلىگەن بولسىڭىز ئوقۇشقا سەل قولايسىز بولۇپ قالدى....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-17 05:34 PM  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 109708
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 449
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 46 سائەت
تىزىم: 2014-9-5
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 01:48:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت سول تەرەپكە بولۇپ قاپتۇ.....

‹‹دۇنيا مېھر -مۇھاببەت بىلەن گۈزەل››دېگەن سۆزنى ئەمىلىيەتتە ئىپادىلىگەنلەر ئەڭ گۈزەلۇر.....

ۋاقىت! قەدىمىڭنى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22604
يازما سانى: 1389
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7587
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4961 سائەت
تىزىم: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 05:16:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقچىلار ھەقىقەتەن جاپالىق ئىشلەيدۇ، يازمىدىكى ساقچىلار ھەقىقى ئەمەلىي ئىش قىلىپتۇ...

بەخىت ئۇ ئەتىراپىڭىزدىلا، ئەمما ئۇنى ھېس قىلالىشىڭىزدا!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108013
يازما سانى: 1034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3723
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2014-6-24
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 05:43:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋاملىق يوللاپ تۇرغايسىز ، ئىلھام يار بولسۇن .

مەن ھەقىقەتنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن كۆزلىرىمنى چىڭ يۇمىمەن .

قايىل قىلىش قۇرق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16357
تۆھپە نۇمۇرى: 365
توردا: 5868 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2015-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-17 07:12:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ساقچى دىگەن مانداق بولمامدۇ  مانا خەلق ئۈچۈن ئىشلەيدىغان..................................
  
كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

مائارىپ تەرەققى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19845
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6426
تۆھپە نۇمۇرى: 303
توردا: 744 سائەت
تىزىم: 2010-12-1
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-18 10:46:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن،ھازىر بۇنڭىغا ئوخشاش ئالدامچىلىق بەك كۆپىيىپ كەتتى، بولۇپمۇ بىزنىڭ ئاق كۆڭۈل دېھقان ئاكا -ھەدىلىمىز بەك ئالدىنىپ كېتىۋاتىدۇ.بۇ ئەسەر بەك ياخشى يېزىلىپىتۇ، بۇنڭىدىن كېيىن بۇنڭىغا ئوىشاش ئەسەرلەر كۆپرەك يېزىلغان بولسا بەك ياخشى بولاتتى.      

تۈنۈگۈن،بۈگۈن،ئەتە................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5563
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32156
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3365 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-19 12:02:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازمىدىكى ساقچىلار ھەقىقى ئەمەلىي ئىش قىلىپتۇ...

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش