|
|
|
|
زەينەپكە سۆز باغراش كاككۇكى كىرىۋالدىڭ شېئىرغا قاچان ،
مىسرالاردا قەلبىمنى نوقۇپ.
كىرىۋالدىڭ قەلبىمگە قاچان،
خىياللاردا لىرىكا بولۇپ .
سېغىنىپسەن قەبرىسىز مېنى،
مۇھەببەتلىك كۈيلارنى توقۇپ.
سېغىنىشقا كولىدىم قەبرە ،
چۈشلىرىمدە لېۋىڭنى چوقۇپ .
ئايرىلمىغىن ھاياتىمدىن ھەم،
شىلىم كەبى باغرىمغا يۇقۇپ.
پۇشايماندا قالما كېتىپلا ،
سەنچۈن دىلىم يارغاننى ئۇقۇپ.
كۆل بويدىكى كىچىك كەپەمگە،
ئېلىپ كەتسەم قولۇڭنى تۇتۇپ.
ئاللاھىمدىن تىلىدىم سېنى ،
رىزقىمىزغا دۇئالار ئوقۇپ .
يامغۇردىن كىيىن باغراش كاككۇكى
يامغۇردىن كىيىن
ئازابلىرىم بىخ سۈرمەكتە
يۈرەك يېشىمدىن نەمدەلگەن
مۇھەببەتنى دەپ
بىر سېنى دەپ كۆكلىمەكتە
يامغۇردىن كىيىن
كۆتۈرۈلدى كۆز قىسىپ قۇياش
نۇرى بىلەن ئىللىتار قەلبىمنى ،دىلىمنى
ئاقمىسۇن دەپ
يۈرەك يېشىمنى
يامغۇردىن كىيىن
كېسلاتا ئىچتىم
ئاچچىق يېدىم تولغاندىم ھەسرەتتە
سېنىڭ ئۈچۈن
مەن يەنە قايتا ئويلاندىم
يامغۇردىن كىيىن
قايدا سەن سۆيۈملىك جانان
بېلىمنى باغلاپ پەرۋىش قىلىمەن
كۆكلىتىمەن
قەلبىمدە ھامان.
|
|
|
|
|
|