ئۇستازىم
قەلبىڭ دەريا ،مېھرىڭ قۇياشتۇر،
تۇرقۇڭ ئاددى باغۋەن قاياشتۇر.
بىلدۈردۈڭ سەن نىشان قاياقتۇر،
دىلغا ماياك ئەزىز ئۇستازىم.
تەپتىڭ بىلەن نۇرلاندى دىللار،
ئېلىپ كەتتى ياشلىقنى يىللار،
ئازدۇر ساڭا ئالقىشلىق تىللار
ئەجرىڭ ئالتۇن ئەزىز ئۇستازىم.
باچكىلىرىڭ ئۇچۇرما بولۇپ،
كۆكتە ئۇچتى قۇۋەتكە تولۇپ.
شەرەپ قۇچتى جەڭدەيۇلقۇنۇپ،
شام -چىراقسەن ئەزىز ئۇستازىم.
ئاقنى ئاق دەپ كۆرسەتتىڭ يولنى،
بوستان قىلدىڭ گىياھسىز چۆلنى.
بىزلەر ئۈچۈن قۇرۇقداپ ھۆلنى،
جاپا چەكتىڭ ئەزىز ئۇستازىم.
چاچلىرىڭ ئاق قامىتىڭ قىيا،
ياشىنىپسەن جاپايىڭ زىيا.
ھەمراھىڭ شۇ قەلەم ۋە سىيا،
گويا مەشئەل ئەزىز ئۇستازىم.
مەنبە:ئۆز قەلىمىم