ئانا
يۈرىكىڭنى چوغ قىلىپ تۇرۇپ،
پۇشۇرغانتىڭ مەن ئۈچۈن تۇخۇم.
قەنتتەك تاتلىق ئاشلىرىڭنى مەن،
ئىچكەنىدىم يۇتۇملاپ، يۇتۇم...
قاداق باسقان قوللىرىڭ بىلەن،
باشلىرىمنى سىيلايتتىڭ ئىللىق.
ئېتىزلىققا كەينىمدىن تاماق،
كۆتۈرەتتىڭ شۇ پېتى، ئىسسىق.
چاك - چاك يېرىق پۇتلىرىڭ مېنىڭ،
بەختىم ئۈچۈن يېرىلغان ئىدى.
ئۆتەلمەيتتىڭ بىر كۈن خاتىرجەم،
بولمىسا گەر بالاڭنىڭ ھىدى.
نۇر تارىغان كۆزلىرىڭ ئانا،
يوللىرىمغا قاراپ ئۆتكەنغۇ؟
ئۇيغۇر تىلى تىلىڭدا تاتلىق،
چۈشلىرىمنى سوراپ ئۆتكەنغۇ؟
ئۇچتۇم يىراق - يىراقلارغا مەن،
يۈرىكىڭنى تىلىملاپ يېدىم.
چۈشلىرىمگە كىردىڭ تالاي رەت،
يېگىنىمنى زەھەركەن دېدىم.
ئۇچۇپ باراي يېنىڭغا بۈگۈن،
قۇچىقىڭغا تاشلىناي بىر رەت.
مەن ھىدىڭنى پۇرىۋالغۇچە،
توختاپ تۇرسۇن جاھان بىر نەپەس،
بەرسۇن ماڭا بىر نۆۋەت پۇرسەت.
ئانىلارنىڭ بارىدا ھەركىم،
قەدىرلىسۇن، يەتسۇن قەدرىگە.
ئانىلارنىڭ مېھرىنى مەڭگۈ،
چاڭ قوندۇرماي باسسۇن قەلبىگە.
ئانا دېگەن سۆزلەرمۇ بۈيۈك،
ئانا ئۈچۈن جان پىدا بولسۇن.
جاھاندىكى ھەممە ئانىلار،
كۆزلىرىدە نۇر جۇلا بولسۇن.
پەرزەنتىگە قىلىپ دۇئالار،
يولغا سالار ئىسسىق ياش بىلەن.
كەلگىنىدە يەنە سەپەردىن،
بىكەتلەردە تۇرىدۇ جەزمەن.
ئانا، ئانا، سۆيۈملۈك ئىنسان،
يۈرىكىڭلار سوقسۇن تائابەت.
مېھرىبانىم باغرىڭدا تۇرۇپ،
بالىلىرىمغا تىلەي ھىدايەت.
جانبەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Janbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-9-9 02:23 PM