مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3728|ئىنكاس: 17

پادىچى بىلەن پادىشاھ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88099
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 417
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 70 سائەت
تىزىم: 2012-12-4
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 10:01:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

چۆچەك

بۇرۇن ئۆتكەن زاماندا، يىراقتىكى ماكاندا بىر پادىشاھ ئۆتكەنىگەن. ئۇنىڭ يالغۇز بىر ئوغلى دەريادا سۇغا چۆمۈلۋاتسا، تۇيۇقسىز بىر دولقۇن كېلىپ شاھزادىنى ئېقىتىپ كېتىپتۇ.

قىرغاقتا مال بېقىۋاتقان بىر پادىچى بۇئەھۋالنى كۆرۈپ قاپتۇ-دە، سۇغا سەكرەپ چۈشۈپ، مىڭبىر جاپا-مۇشەققەت بىلەن شاھزادىنى قۇتقۇزىۋاپتۇ.

پادىچىنىڭ پىداكارلىقىدىن مىننەتتدار بولغان پادىشاھ ھېلىقى پادىچىنى ئوردىغا تەكىلىپ قىپتۇ ۋە خەزىنچىنى چاقىرىپ، خەزىنىنىڭ ئىشكىنى ئىچىشقا پەرمان چۈشۈرۈپتۇ.

پادىشاھ پادىچىغا:

ئوغلۇمنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقىڭ ئۈچۈن بۇ خەزىنىدىن ئۆزۈڭ قانچىلىك كۆتۈرەلسەڭ، شۇنچىلىك مال-دۇنيا ئېلىۋالغىن، بۇ، شاھزادىنى ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزۇۋالغانلىقىڭ ئۈچۈن بېرىلگەن ئىنئامىم بولسۇن،-دەپتۇ.

پادىچىنڭ يىنىدا نان سالدىغان كونا خورجۇندىن باشقا ھېچنىمىسى يوق ئىكەن. شۇڭا پادىچى دەرھال ئۆيگە قايتىپ، ئۆيدىن يۇڭ تاغاردىن بىرنى ئېلىپ قولتۇقىغا قىسپتۇ-دە، ئوردىغا قاراپ مىڭىپتۇ. يولدا ئۇنىڭغا ئاپئاق ساقىلى مەيدىسىگە چۈشكەن، ئىككى مەڭزى ئاناردەك قىىزىل ، سالاپەتلىك بىر بوۋاي ئۇچراپتۇ. بوۋاي پادىچىغا:

-ھەي يىگىت، ئۆزۈڭدىن چوڭغا سالام-سائەت قىلىشنىمۇ ئۇنتۇپ، شۇنچە ئالدىراپ نەگە كېتىۋاتسەن؟-دەپتۇ.

-پادىشاھنىڭ ئەتۋارلىق يالغۇز ئوغلىنى ئۆلۈم گىردابىدىن قۇتقۇزۋالغاندىم، شۇنىڭ سۆيۈنچىسى ئۈچۈن مۇنۇ تاغارنى ئېلىپ پادىشاھنىڭ خەزىنىسىدىن ئىنئام ئالغىلى كېتىۋاتىمەن.

ئاپئاق ساقال بوۋاي پادىچنىڭ قولدىكى تاغارنى كۆرۈپ، كۈلۈپ كېتىپتۇ-دە، ئاندىن ئۆزنىڭ يانچۇقىدىن كىچككىنە بىر خالتىنى چىقىرىپ:

-سېنىڭ ئۇ تاغىرىڭغا جىق نەرسە سىغمايدۇ، مە، مۇنۇ خالتىنى ئېلىۋال. بۇ مال-دۇنيانى سالسا-سالسا توشمايدىغان خالتا،؛ دەپتۇ.

پادىچى بىر ئىشنىپ بىر ئىشەنمەي دەرگۇماندا قاپتۇ، لېكىن بوۋاينىڭ رايىنى قايتۇرماسلىق ئۈچۈن خالتىنى ئېلىپ پادىشاھنىڭ خەزىنىسىگە كىرىپتۇ ۋە خەزىندىكى مال-دۇنيانى ھېلىقى خالتىغا قاچىلىغلى تۇرۇپتۇ. پادىشاھ بىلەن ۋەزىرلەرمۇ خەزىنىدە كىرىپ پادىچنىڭ ھەركىتىنى كۆرستىپتۇ. پادىچى ھە دەپ ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى خالتىغا سېلىشقا باشلاپتۇ. ئاز ئۆتمەي خەزىنە يېرىملىشپ قاپتۇ. بىراق، خالتا يېرىممۇ بولماپتۇ. بۇ ھالنى كۆرۈپ ئەجەپلەنگەن پادىشاھ ينىدا قاراپ تۇرغان ۋەزىردىن سوراپتۇ.

-ھەي ۋەزىر، بۇ نېمە كارامەت؟خەزىنىمىز قۇرۇپ كېتەي دەپ قالدى، ئەمما، ئاۋۇ پادىچىنىڭ كۆزۈمدەك خالتىسى ھېچ توشمايدىغۇ؟!

-ھەي پادىشاھ ئالەم،-دەپتۇ ۋەزىر،-بۇ كارامەتنىڭ سىرنى مەن ئوبدان بىلىمەن. بۇ پادىچنىڭ ئىلىپ كەلگىنى ئادەتتىكى خالتا ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ تويماستىن نەپسىدىن پۈتكەن ئاچكۆزلۈك خالتىسى، خام سۈت ئەمگەن ئادەم بالىسنىڭ مال-دۇنياغا تويماسلىقنىڭ سەۋەبى دەل شۇنىڭدا.  شۇ ۋەجىدىن ئادەمنىڭ قورسقى تويسىمۇ، كۆزى تويمايدۇ.

-ئەمدى قانداق قىلىمىز، خەزىنە قۇرۇقدىلىپ قالدىغان بولدى!-دەپ ئۆكۈنۈپتۇ پادىشاھ.

-مەن خالتىنى توشقۇزۇشنىڭ ئامالىنى بىلمەن،- دەپتۇ ۋەزىر ۋە پادىشاھنىڭ يىنىغا كېلىپ ئۇنىڭ خالتىسغا بىر چىمدىم توپا سالغانكەن، ھېلىقى خالتا شۇ زاماتلا لىقمۇ لىق توشۇپتۇ.

مەنبە:بۇلاق ژورنىلىنىڭ 1992-يىلى ئومومىي 41-سان


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105604
يازما سانى: 189
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1921
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 375 سائەت
تىزىم: 2014-4-2
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 11:06:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ئاز يىگەن توق يەيدۇ ، جىق يىگەن پوق يەيدۇ›› دىگەن ھەقىقەت مۇشۇدە ...
جا پا تاتىپسىز رەھمەت سىزگە .

ئارقامغا ياكى ئالدىمغا قارىغۇم يوق. چۇنكى ئارقامدا غەمكىن ئۆتمۇشۇم ، ئالدىمدا تەشۋىشلىك كەلگۇسۇم بار ! يەنىلا ئۇستىگە قاراشنى لايىق تاپتىم،چۇنكى ئۇيەردە ماڭا ھەقىقى بەخىت ۋە خۇشاللىق بىرىدىغان ئۇلۇغ رەببىم بار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98158
يازما سانى: 402
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1594
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 690 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-4 11:26:01 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنىڭ كۇزىنى پەقەت تۇپراقلا تۇيغىزالايدۇ،،،!!! يەنى قەۋرىسىگە يەتتە كەتمەن تۇپا چۇشكەندە!!!

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، « رەسۇل » بولۇشتىن بۇرۇن « ئەمىن » بولغان بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتى بىز. ئىمانىڭنى يوقۇتۇپ قويساڭمۇ ئەمىنلىك سۈپىتىڭنى يوقۇتۇپ قويماسلىقىڭ كېرەك. يەنە شۇنى ئوبدان بىلىشىڭ كېرەككى، ئەڭ چوڭ خىيانەت ئىمانغا قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمىنلىك سۈپىتىگە ئىگە

..... ئىنكاس شاھى ..

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3619
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9650
تۆھپە نۇمۇرى: 347
توردا: 221 سائەت
تىزىم: 2010-7-9
ئاخىرقى: 2014-10-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 12:07:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ ئىنكاس يازاي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87942
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 188
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-12-1
ئاخىرقى: 2014-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 10:42:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھېكمەتلىك  ھىكايىكەن بۇ،
زادى ئادەمنىڭ نەپسىنى  تۇپراق  توشقۇزىدۇ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5003
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1819 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 11:26:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشىلىقلار مىھنەتسىز نىيەتتە بولسا ئۆز قىممىتىنى يارىتالايدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100568
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 747
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2013-12-7
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 12:17:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى تېما بوپتۇ ،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،بەلكى ئىنساننىڭ تويماستىن نەپسىدىن پۈتكەن ئاچكۆزلۈك خالتىسى، خام سۈت ئەمگەن ئادەم بالىسنىڭ مال-دۇنياغا تويماسلىقنىڭ سەۋەبى دەل شۇنىڭدا.  شۇ ۋەجىدىن ئادەمنىڭ قورسقى تويسىمۇ، كۆزى تويمايدۇ  دېمىسىمۇ راست گەپلەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102879
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2014-1-28
ئاخىرقى: 2015-1-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 12:22:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيا ئۈچۈن بولۇپ پاتپاراق،
ئىنسان ئۆتەر تويماي ئاشۇنداق.
ھاياتلىقتا تويمىغان كۆزنى
تويدۇرىدۇ پەقەتلا تۇپراق.....


ئى رەببىم مېنىڭ غېمىم بار دېمەي،ئى غەم مېنىڭ رەببىم بار دېگىن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 05:00:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توپا تەگسە كىيىملىرىگە،
تىللاپ كەتتى سەھرا-توپىنى.
بەس شۇ توپا بولمىسا ئەگەر،
قانداق تويار ئۇنىڭ پوكىنى.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106374
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 461
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 209 سائەت
تىزىم: 2014-4-24
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-5 06:46:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخش تېما بوپ تۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش