مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2182|ئىنكاس: 15

كېچىكىش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95580
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 652
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2013-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 02:30:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

كېچىكىش

‹ھېكايە›

  1

جىمجىت مەكتەپ.بىنانىڭ كەينىدىكى ھەم سالقىن ھەم دالدا بولىدىغان يەردە ئىككى ئوقۇغۇچى پاراڭلاشماقتا:

-دەرىسكە كىرمەپسەنغۇ ئاداش؟!

-خۇشياقمىدىغۇ.

-نىم دەرىسكەنتۇق ؟

-خىمىيە. سىلەگىچۇ؟

-بىزگىمۇ شۇ.

-...

-ھەي ئاداش ،ھىلقى يىڭى كەلگەننى سەن تونامسەن ،ھىلقى رىفات دىگەننى؟

-ھى نىمە سەنمۇ ئىلمۇنۇرنىڭ سەۋدايىسى ئوخشىمامسەن؟

-ھى ھى ھى    بىلىۋاپتۇ...ھەيييي    بۇ  رىفات  دىگەن ئەجەپ يامان  نىمىكەن ھە.مەن ئىلمىنۇرنى تولۇقسىز ئىككىنىچى يىللىقتىن  باشلاپ توپتوغرا ئىككى يىل ياخشى كۆردۈم.ئەمدى تولۇق ئىككىگە چىقىپ بىر ئاز يۈرەك كىرىپ ئەمدى ئىغىز ئاچاي دىيىشىمگە ئۇ رىفات دىگەن بىرلا كىلىپ...ھەي...

-كىلىپ ...ئاخىرىچۇ؟

-ئىلمىنۇر ئۇنىڭ ئالدىغا بىرىپ ،:‹‹مىنىڭ سىزگە كۈڭلۈم بار.مىنى قۇبۇل قىلىڭ››دەپتۇ ئەمەسمۇ .تىخى ئاڭلىسام ئۇ رىفات دىگەن ئىلمىنۇرنى  ياراتماپتۇمىش.بىزنىڭ مەكتەپنىڭ گۈلىنى  ياراتمۇغۇدەك قانچىلىك نىمىكىن ئۇ سىرىق تۈك لاۋزا .

-ھا ھاھا...بولدى خەقنى تىللىما  !تىللىساڭ ئۈزەڭنىڭ ئاغىزىڭنى مەينەت قىلىسەن شۇ ؛خەقنىڭ تۈكىمۇ تەۋرەپ قويمايدۇ.ساڭا دىسەم ھەممە ئىش  ئۆز يولىدا بولىدۇ .كىشىنىڭ ھەققى كىشىدە قالمايدۇ .ئۆزۈڭنى كۆپ ئاسىرا  ھە  مەن  كەتتىم .

2

   ‹‹ئۇنىڭ بۇ مەكتەپكە كەلگىنىگە تىخى ئەمدىلا ئىككى ئايچە بولدى .ئۇنىڭ ئۈگۈنىشى ئادەتتىكىچە چىرايىمۇ ھەم شۇ .مىنى ئۆزۈگە تارتقۇدەك ھىچقانداق ئالاھىدە يىرى يوق.بىراق...مەن زادى قانداق بوپ ئۇنى بۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ قالدىم ھە .ئەجىبا پەقەت بىر قىتىم مىنى يۆلىۋالغانلىقى ئۈچۈنمۇ ؟؟؟››ئىلمىنۇر نەچچە ھەپتە ئاۋالقى ئىشنى ئەسلىدى :

   ئۇ چۈش ۋاقتى ئىدى .ئىلمىنۇر بىر نەچچە دوستلىرى بىلەن ئويناشقاچ پەلەمپەيدىن  چىقىپ كىتىپ باراتتى .تۇيۇقسىز پۇتىنىڭ ئاستىدا بىر نەرسە تىيلىغاندەك قىلدى .‹‹ۋاي...››بەدىنى ئۇنىڭ ۋايجان دىيىشىگىمۇ يول قويماي كەينىگە ئۇچىۋاتاتتى .تۇيۇقسىز ئۈچ تال چوكىدەك بىر نەرسە كەينىدىن تىرىلىپ ئۇنى توختۇتۋالدى.بۇ دەل رىفاتنىڭ ئۈچ تال بارمىقى ئىدى .رىفات ئۇنىڭ يۆلەپ قويۇپ ،كۈلۈپ قويۇپلا كىتىپ قالدى .بىراق ئۇنىڭ شۇ كۈلۈمسىرىشى ئىلمىنۇرنىڭ قەلبىدە ئۆچمەس بىر ئىز قالدۇرۇپ كەتكەنتى .شۇ ئىشتىن كىيىن  ئىلمىنۇر ھەمىشە رىفاتقا دىققەت قىلىدىغان بولدى .بىر قىتىم ئۇ ئۆزىنىڭ يىقىن دوستىغا ئۆزىنىڭ  رىفات توغۇرسىدا بايقىغانلىرىنى ئىيتىپ بەردى.‹‹قارا ئاداش !››دىدى ئۇ چىرايلىق قاشلىرىنى ئوينىتىپ :‹‹پىچىر ...پىچىر...پىچىر...››شۇ چاغدا ئۇ دوستىغا :‹‹رىفات تاماقنى ئاغىزى بىلەن يەيدىكەن ››دىۋىدى دوستى كەينىگە  ئۇچۇپ  كەتكىلى  تاسلا قالغانتى .

   ھەي...ئۇ شۇنچە يىللاردىن قانداق مەغرۇر ياشىغان ئىدى ھە !شۇنچە يىگىتلەر كەينىگە كىرگەن ؛ئۇ ئۇلارغا نەزەر -قىرىنىمۇ سالماي بىر-بىرلەپ ،ئىككى-ئىككىلەپ رەت قىلىۋەتكەنتى .ئۇ دائىم باشقىلارغا مۇھەببەتكە قىىزىقمايدىغان ئۈگۈنۈشنىلا ئويلايدىغان قىز بولۇپ كۆرۈنۈشكە تىرىشاتتى .چۈنكى مۇشۇنداق بولغاندىلا ئاندىن ھەممە قالدىغان قىز ،قول يەتمەيدىغان ئۈزۈم بولغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايتتى.لىكىن تىشىدا چاندۇرمىغىنى بىلەن  ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئاق ئاتلىق شاھزادىسىنى ساقلايتتى.ئەجىبا ئۇ شاھزادە مۇشۇ يىڭى كەلداخۇن -ئوتتىرا بوي ،قوي كۆز ،قوشما قاپاقلىرى دائىملا تۈرۈكلۈك تۇرىدىغان رىفات ئىسىملىك يىگىتمىدۇ؟

   ئىلمىنۇر تاڭ سەھەر تۆتتىلا تۇرىۋىلىپ ھوجۇرسىدا مۇشۇنداق چىگىش خىياللارنى قىلىپ ئولتۇراتتى.زادى قاناق قىلىش كىرەك ؟رىفات ئۇنىڭغا ھىچ پەرۋا قىلمايۋاتاتتى ،قارماققا ئۇ بالىنىڭ تۇرمۇشى ئىنتايىن تەرتىپلىكتەك قىلاتتى ،ئەتتىگەندە بالدۇر كىلەتتى چۈشكىچە سىنىپتىن چىقمايدۇ‹خۇدايىم ئولتۇرغۇزۇپ قويغاندەك› چۈشتە مەكتەپنىڭ ئاشخانىسىدىن تاماق يەيدۇ ،چۈشتىن كىيىنمۇ سىنىپتىن چىقمايدۇ ،كەشتە ۋاقىت توشۇشى بىلەنلا ئۆيۈگە قايىتىدۇ .ئۇنىڭ ئۆيۈنىڭ نەدىلىكىنىمۇ ھىشكىم بىلمەيدۇ .ئۇنىڭغا گەپ قىلغۇدەك پۇرسەتمۇ يوق .ئىلمىنۇر  ئۆزىنىڭ رىفاتنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىنى تولۇق جەزىملەشتۈرگەندىن كىيىن،ھەممە كىتابىنى ئۆيۈنىڭ يەر  ئاستىغا سولىۋىتىپ ،ھەر كۈنى ھەر سائەت ئارلىقىدا رىفاتلارنىڭ سىنىپىغا كىتاپ سوراپ بارىدىغان بولدى .‹ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭ گۇمانلىنىپ گەپ تىپىشى بىلەن ئۇنىڭ كارى يوق ئىدى ›بىراق رىفات بىرەر قىتىم بولسىمۇ بىشىنى كۆتۈرۈپ  ئۇنىڭغا قاراپ باققىنى يوق .يە ئۆزى بىرىپ  گەپ  قىلالمايدۇ .قىز  بالا دىگەننىڭمىغۇ مۇشۇنداق يەرلەردە كۈنى تەس .

   ئەمدى ئۇ مەكتەپكە ماڭمىسا بولمايتتى .ئىلمىنۇر ئايىقىنى كىيىپ ،ئەينەككە قاراپ  ئۆزىنى ئانچە -مۇنچە  تۈزەشتۈرۈپلا سىرىتقا ماڭدى .سىرتقا چىقىپلا نەمخۇش ھاۋا ئۇنىڭ دىمىقىغا ئۇرۇلدى .بۇنىڭدىن  ئۇ ئۆزىنى بىر ئاز ينىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلغان بولسىمۇ كۈڭلىدە يەنىلا بىر تۇمان مەۋجۈت ئىدى .ئىككى ئەتىراپى دەرەخلەر بىلەن قورشالغان تار كوچا سالقىن ھەم جىمجىت قارغاندا بۈگۈن قۇشلار ئۇيقۇسىنى ئاچالمىغان بولسا كىرەك.ئىلمىنۇر تۇيۇقسىز قەدەملىرىنى توختاتتى .ئون مىتىرچە ئالدىدىكى بىر ئۆينىڭ دەرۋازىسى ئىچىلىپ ئۇنىڭدىن ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىر ئوغۇل بالا چىقىۋاتاتتى ،كەينىدىن قارىغاندا ئۇ چوقۇم ...ئۇ ...ئۇ  رىفاتكەن .ئەنە رىفات ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپتۇ .رىفات كۈلۈپ قويۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش يۆنۈلۈشتە مىڭىشقا باشلىدى .‹‹دىيىش كىرەك .ھازىرنىڭ ئۆزۈدىلا دىيىش كىرەك !››ئىلمىنۇر كاللىسىغا تۇيۇقشىز كەلگەن بۇ خىيالدىن چۆچۈپ كەتتى .بىراق يۈرىكىنىڭ بىر يەرلىرى ‹‹مۇشۇ قارارغا كەلگىنىڭ توغرا ››دەپ ئۇنى دەيدەيگە سالماقتا ئىدى .ئىلمىنۇرغا ئايان بۇنداق پۇرسەتنىڭ  يەنە بىر كىلىشى بەكمۇ تەس ئىدى .بۇ كوچىدا ھازىر ئىككىسىدىن باشقا ئادەم بولمىغاندىن كىيىن...قىزلارنىڭ تەشەببۇسكار بولۇپ مۇھەببەت ئىزھار قىلىشىنى كىم خاتا دەپتىكەن ئۇنىڭ ئۈستىگە...ئىلمىنۇر  ئاخىرى غەيرەتكە كىلىپ چاقىردى :

-رىفات؟-،رىفات خۇددى مۇشۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەكلا ئىتتىك كەينىگە بۇرۇلدى ھەم كۈلۈمسىرىدى .رىفاتنىڭ ئىنتايىن ئاز ئۇچىرايدىغان بۇنداق كۈلۈشىنى كۆرگەن ئىلمىنۇر بىر ئاز جۈرئەتلىنىپ ئۇنىڭ يىنىغىراق بىرىپ توختىدى.

-بىرە ئىشىڭىز بامىتى ؟-،سورىدى رىفات.

-ھە .ھە يوق .ياق ياق بار-،ئىلمىنۇر راستلا بەك ھودۇقۇپ كەتتى .گەپ قىلامىش تىخى ،قىزلارمۇ مۇھەببەتتە تەشەببۇسكار بولسا بولىدۇ دەپ ئويلاپ كەتكەنلىرى قۇرۇسۇن .

-جىددىلەشمەڭ .قانداق گەپ بولسا ئىيتىۋىرىڭ .-،رىفات ئەمدى ئۇنىڭ بىشىدىلا پەيدا بولۇپ قالغانتى .ئىلمىنۇر چۆچۈپ كەينىگە داجىپ كەتتى.

-ھەي بۇ خاتا چۈشەنمەڭ .مەن بىلىمەن سىز...ھەي بولدىلا ..باشقا گەپ بولمىسا مەن ماڭاي ئەمسە .

-ياق توختاڭ !سىزگە دەيدىغان گىپىم بار  گىپىم بار.-،ئىلمىنۇر ئۆزۈگە غايىپتىن بىر جۈرئەت كەلگەندەك ھىس قىلدى ھەم ھەممە گىپىنى بىراقلا دەۋەتمەكچى بولدى.-،رىفات مەن...مەن  سىزنى ياخشى كۆرۈمەن .مىنىڭ ...مىنىڭ ھەر كۈنى سىنىپىڭلارغا نەچچە قىتىم كىرىشىممۇ سىزنى كۆرۈش ئۈچۈن ...سىز ئۈچۈن نەچچە پارچە خەت يازدىم بىراق بىرەلمىدىم ،مەن ...ھەر كۈنى سىز ئۈچۈن خىيال قىلىمەن ،سىز ئۈچۈن تاماق يەيمەن ،سىز  ئۈچۈن ئۈگىنىمەن بۇلارنىڭ ھەممىسى سىز ئۈچۈن ...ئۇف كۆپ سۆزلەپ كەتتىم .ساراڭدەك سۆزلەپ كەتتىم .رىفات سىز مىنى قۇبۇل قىلارسىزمۇ ؟

   رىفات ئۆزىنى يول بويىدىكى چىملىققا تاشلاپ ئولتۇردى ھەم يانچۇقىدىن بىر تال تاماكا چىقىرىپ تۇتاشتۇردى .رىفاتنىڭ شۇ تاپتىكى تاماكا چىكىۋاتقان ھالىتىنى بىرەر مىليۇن ئادەم كۆرگەن بولسا ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىرەرسىمۇ ئىلمىنۇردەك  ھەيران قالماس بولغىيتى .چۈنكى ھىلقى ۋاقىتتا رىفات ئۇنى يۆلىۋالغىنىدا  ئۇ رىفاتنى پەقەتلا ئۈچ بارمىقىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئۇنىڭ ئىنتايىن ئەخلاقلىق ئىكەنلىكىدىن دەپ چۈشەنگەندى.ئەمدى  كۆز ئالدىدىلا بولۇۋاتقان ئىش ئۇنى ردستلا ئەجەپلەندۈرۈپ قويۇۋاتاتتى.

-سىز ھازىر ھازىرمۇ مىنى ياخشى كۆرەمسىز؟-،سورىدى رىفات تاماكا چىكىۋاتقان قولىنى ئىما قىلىپ تۇرۇپ .

-ھەئە -،ئىلمىنۇرنىڭ ئاۋازى ناھايتى كەسكىن چىقىۋاتاتتى ...ئۇ ئۆزىنىڭ نىمىشقا بۇنداق دىگەنلىكىنى  بىلمەيتتى.ئىلگىرى ئۇ يىقىن دوستىغا ئۆزىنىڭ يىگىت تاللاش شەرتلىرىنى دىگىنىدە پىچىر پىچىر لارنىڭ  ئارىسىغا ‹‹ھاراق  ئىچمەسلىكى ،تاماكا دىگەننى تۇتۇشتىنمۇ قوقۇدىغان بولۇشى كىرەك ››دىگەننىمۇ قوشۇپ قويغاندى .لىكىن بۇنداق ۋاقىتتا ئۇ ئىشلارنى ئويلايدىغانغا نەدىكى ۋاقىت.ئىلمىنۇر  شۇ تاپتا رىفاتنىڭ قانداق جاۋاپ بىرىدىغانلىقىغىلا قىزىقاتتى .

-سىزنىڭ ئىسمىڭىز نىمە ؟

-ئل...ئلمىنۇر

-ئەمسە  كەچۈرۈڭ مەن كۈڭلۈڭىزنى قۇبۇل قىلالمىغۇدەكمەن .

-نىمىشقا نىمىشقا ئەمدى مىنى ياراتمامسىز  ياكى مىنى غورۇرى يوقكەن دەپ قالدىڭىزمۇ    نىمىشقا نىمىشكا زادى ؟-،ئىلمىنۇر  راستلا بەك جىددىلىشىپ قالغانتى .

-ياق ياق بۇلارنىڭ ھىچقايسىسى ئەمەس .سىزگە راس گەپنىلا قىلاي   مىنىڭ مۇھەببىتىمنىڭ ئىسمى چوقۇم نادىرەبولۇشى كىرەك.

-مۇنداق دەڭ مەن نادىرە ئىسىملىك بىرسىنى تونۇيمەن بىراق ئۇ مىنىڭ ...

-بولدى .سىز مىنىڭ  ئىشىمغا ئارلاشمىسىڭىزمۇ بولدۇ .مەن  كەتتىم .

-نىمە بۇ  نىمە دىگىنىڭىز ئەمدى ؟تازىمۇ بىمەنىلىكقۇ بۇ

-شۇنداق بىمەنىلىك .مەن شۇنداق بىمەنە ئاشۇنداق ساراڭ.گىپىڭىز باما ؟مەن...مەنمۇ سىزدەك  قىزلارنى ياخشى كۆرمەيمەن .مەن...مەن كەتتم.

   رىفات كەتتى .ئىلمىنۇر بولسا تىخىچىلا بايىقى جايىدا داڭقىتىپ تۇراتتى .ئۇ رىفاتنىڭ تۇرۇپلا بۇنداق ئاچچىقلىنىپ  كەتكىنىنى راستلا چۈشۈنەلمىدى.ئەجەپ ‹‹سىزدەك قىزلارنى ››دەپ كەتتا ئىلمىنۇر قانداق قىزكەن ،ئەجىبا ئۇنىڭ بىرسىنى ياخشى كۆرۈش ھوقۇقى يوقمىكەن ؟ياخشى كۆرگەندىن كىيىن دەيدىغان گەپ شۇ .ئەجىبا بۇمۇ خاتامۇ ؟خاتا بولغان تەغدىردىمۇ ،رەت قىلسىمۇ چىرايلىق رەت قىلسا بولاتتىغۇ ،نىمىشقا بۇنداق خاپا بولىدۇ ؟ئىشقىلىپ ئىلمىنۇر  رىفاتنىڭكىنى خاتا ئۆزىنىڭكىنى توغرا قىلىپ بۇ ئۇڭايسىزلىقتىن قۇتۇلماقچى بولاتتى بىراق ھەر قانچە قىلسىمۇ قۇتۇلالمايۋاتاتتى.بايامتىن قىتىپ  قالغاندەك چىقمىغان  ياشلىرى ئەمدى تاراملاپ چىقىشقا باشلىغاندى.ئۇ بىشىنى كۆتۈرۈپ رىفات كەتكەن تەرەپكە قارىدى .بىر قىز خۇددى بايىقى ئىلمىنۇردەك سومكىسىنى سۆرىگىنىچە كىتىپ باراتتى .ئىلمىنۇر ئۇنى تونۇدى ،ئۇ خوشنىسى  مىھىرگۈل ئۇچىغا چىققان ...ئەجىبا بايىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەنمىدۇ ؟؟ ئەھۋال چاتاق.ئىلمىنۇر تىزدىن بىرىپ ئۇنىڭغا يىتىشۋىلىشى ئابرويىنىڭ تۆكۈلۈش  يولىنى يىلتىزىدىن ئۈزۈشى كىرەك.ئۇ سومكىسىنى يۇلۇپ ئىلىپ يۈگۈرمەكچى بولدى يۇ     مھىرگۈلنىڭ تاكسى توسۇپ كىتىپ قالغىنىنى  كۆرۈپ توختاپ قالدى.ئەمدى ئۇ ماڭمىسا بولمايدىغان بۇ يولنى سومكىسىنى بايامقىدىنمۇ بەكىرەك سۆرەپ مىڭىشقا مەجبۇر ئىدى .

3

   يەنە شۇ مەكتەپ  يەنە شۇ جاي.يەنە ھىلقى ئىككى  .ئوغۇل بالا مۇشۇ يەردە قايتا ئۇچۇرشۇپ قالدى.

-ھوي ئاداش قانداق ئەھۋالىڭ ؟

-ياخشىغۇ ئۈزەڭچۇ؟

-ھە  مەنمۇ ياخشى .بۈگۈن يەنە دەرىسكە كىرمەپسەنغۇ؟

-شۇ خىمىيەدەرىسكەنتۇق سىلەگىچۇ ؟

-بىزگىمۇ شۇ

-ئىلمىنۇر بىلەن ئىشلىرىڭ قانداق بوپ كەتتى ؟

-ۋاي قويە ئاداش مىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن نىمە ئىشىم بولماقچىتى .مەن ئۇنىڭغا گەپمۇ قىلىپ باقمىغان تۇرسام .رىفات ئۇنى  رەت قىلىۋەتكەندىن كىيىن  ئۇ تىخىمۇ ۋەھشىلىشىپ كەتتى .ئەگەر بىرە  ئوغۇل بالا ئۇنىڭغا مۇھەببەت توغۇرلۇق گەپ قىلىدىغان  بولسا ئاغىزىنى بۇزۇپلا تىللايدۇ .ئاڭلىسام ئۇ رىفات ھازىر يەتتىنچى سىنىپتىكى نادىرە دىگەن قىزنى قوغلۇشۋىتىپتەك .سەنمۇ بىلىشىڭ مۇمكىن بىزنىڭ مەكتەپتە شۇ بىرلا نادىرە دىگەن قىز بار .ئۇ ئىلمىنۇرغا نادىرە ئىسىملىكنى تاپىمەن دەپتىكەنغۇ   قىنى قانداق كەلتۈردىكىن ئۇ بۇزاقىنى

-ھەي ھەي نىمىشقا بىر قىزنى بىكاتىن بۇزۇق دەيسەن ؟

-سەن بىلمەيسەنكەندە قارغاندا.ئۇ نادىرە دىگەن قىز بۇرۇن ئۇنداق  ئەمەستى .ھازىر نىم بولدىكىنتاڭ بىراقلا ئۆزگۈرۈپ كىتىپتىۇ.تىخى ئۆتكەندىلا ئۇنى بىر نەچچە ئوغۇلنىڭ ماشىنىغا سىلىپ ئەكەتكەنلىكىنى كۆردۈم .قارغاندا جەمىيەتنىڭ بالىلىرىدەك  قىلىدۇ .شۇ چاغدا  رىفات يىنىمدا ئىدى.چىرايى تام بوپ كەتتى .ھەي  ھازىر زامان نىم بوپ كىتىپ  بارىدىكىنتاڭ.

-پاھ ئەجەپ ئۇزۇن سۆزلەپ كەتتىڭغۇ .قارغاندا بۇ ھەقتە خىلى تەپەككۇر يۈرگۈگەندەك قىلىسەن ھە .ھى ھى   ساڭا دىسەم  ھەممە ئاسەمئەممە نەرسە ھامىنى  ئۆزگۈرىدۇ .بىر ئىشلارنى بۇنداق چوڭقۇر ئويلاپ كەتمە .بەزىدە‹‹ۋاقىت ھەممىنى ھەل قىلدۇ ››،‹‹بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ›› دىگەندەك سۆزلەرنى ئۈزەڭگە شۇئار قىپ قويساڭمۇ ياخشى .ئىشقىلىپ زىيىنى يوق دىگىنە .ئەمسە مەن ماڭدىم ئۆزۈڭنى كۆپ ئاسىرا ھە.

-ھەي ھەي سەن تىخى ماڭا ئىسمىڭنى دەپ بەرمىدىڭغۇ  ؟سەن قايسى سىنىپتا ؟

-ئسمىم يوق

-نىمە؟؟؟

4

   ساۋاقداشلىرىنىڭ شۇنچە  نەسىھەتلىرى  رىفاتقا  ئازىراقمۇ تەسىر قىلمىدى .ئۇ كۈنبويى گەپ قىلماي سىنىپنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئورۇنىدا ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان ئىدى.ھەر كۈنى بىر  پارچە خەت يىزىپ نادىرەگە بىرەتتى .ئەلۋەتتە ئۇ خەتلەرنى ئۇنىڭ كۆزىنىڭ ئالدىدىلا يىرتىۋىتەتتى .ئۇ  خۇددى ھىچنىمىنى كۆرمىگەندەك  كۈلۈمسىرەپ قايىتىپ كىتەتتى ۋە يەنە شۇ جايىدا ئولتۇرۋالاتتى .

-ئاداش!-، دىدى ئۇنىڭ بۇنداق بۇتتەك ئولتۇرىۋىرىشىدىن ئىچى پۇشقان بىر ساۋاقدىشى ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ  ئولتۇرۇپ -،ساڭا دىسەم خەت يىزىپ قىز كەلتۈردىغان ئىشلار ئاللىقاچان مودىدىن قالدى .بىلىمەن سەن نادىرەنى راستلا بەك ياخشى كۆرىسەن .بىراق نادىرەدەك بۇنداق  كەلتۈرۈشتە خەت يىزىش راسلا ئاقمايدۇ .

-ئەمسە قانداق قىلسام بولىدۇ ؟

-ماڭقارا -،دىدى رىفاتنىڭ گەپ قىلغانلىقىدىن  جانلانغان ساۋاقدىشى -،بۇ خىلدىكى قىزلارنى كەلتۈرۈشتە ئەڭ موھىمى پۇل .بۇ سەندە بامۇ ؟بولمىسا مەن ...

-ياق ياق  بار .پۇلدا چاتاق يوق دەۋەگىن.

-ھە ئەمسە ياخشى .ئىككىنچىسى بىر ئاز شوخلۇق.مۇنداق بولسۇن مەن سىنى كەشتە دىسكوخانىغا ئاپىراي .شۇ يەردە ئۇسۇل ،دىسكو  ئويناشنى ،پۇلنى قانداق خەجلەشنى  ئۈگۈنۈپ قوي قانداق؟-رىفات ئويلۇنۇپ قالدى .-،بىراق مەن بۇرۇن ئۇنداق يەرلەرگە زادىلا كىرىپ باقمىغان .

-ئەستا بۇرۇن كىرمىگەن بولساڭ ئەمدى كىرىسەن .بىلمىسەڭ ئەمدى ئۈگۈنىسەن.‹‹بىلمەسلىك گۇناھ ئەمەس ،ئۈگەنمەسلىك گۇناھ ››دىگەن گەپ بارغۇ ھەي بولدې شۇنداق كىلىشتۇق .كەشكە ياخشى تەيارلىق قىل ھە .بۇنداق تۈرۈلۈۋالماي ئىچىلىپىراق ئولتۇرە  نادىرە ئۈچۈن ھە .-،رىفات زورىغا كۈلۈمسىرەپ قويدى .قارغاندا ئەمدىكى ئىشلارنىڭ باشلىنىشى بۈگۈن كىچە بولۇپ قالىدىغاندەك تۇراتتى .

   كەش سائەت يەتتە يىرىمدا رىفات دىيىشكەن جايدا ساۋاقدىشى تۇرسۇن بىلەن كۆرۈشتى .

-ھوي ئاداش بەك شاشقۇ -،دىدى تۇرسۇن ئۇنى كۈلۈپ قارشى ئالغاچ .تۇرسۇن كۈنبويى مەكتەپ فورمىسىدىن باشقا كىيىم كىيمەيدىغان بۇ  كەلداخۇننىڭ بۇنچىلىك سالاپەتلىك ئىكەنلىكىنى تىخى بۈگۈن كۆرۈۋاتاتتى.‹‹ئىلمىنۇرنىڭ  بۇنىڭغا كۆيۈپ يۈرگىنى بىكار ئەمەسكەن ››دەپ  ئويلىدى ئۇ ئىچىدە

-ياقەي ئۇنچىمۇ ئەمەس -،رىفات بىر ئاز خىجىل بولغاندەك قىلاتتى .

-ھا ھا ھا  ...قارا خىجىل  بوپ كەتكىنىڭنى قىز بالىدەك .يۈر كەتتۇق قالغىنىنى بارغاندا دىيىشىمىز -،ئۇلار تاكسى توسۇپ  شەھەردىكى ئەڭ چوڭ دىسكوخانىغا قاراپ ماڭدى .

   دىسكوخانا ئالدىنى ھەر خىل داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلار قاپلاپ كەتكەن،ئىچى بولسا گۇپپاڭ -گۇپپاڭ ،غالدۇر -غۇپپۇر قىلىپ تازا قىزىپ كەتكەندەك قىلاتتى .

-ئاداش يۈرە ئىچىگىرەك كىرەيلى!-،دىدى تۇرسۇن .بىراق جاۋاپ بولمىدى .كەينىگە قارىغىنىدا بولسا رىفات ئاللىقاچان بىر نوقتىغا تىكىلىپ قىتىپ قالغان ئىدى .تۇرسۇن ئۇ  قاراۋاتقان تەرەپكە قارىدى .ئۇ ياقتىكى كەڭرى ئۇزۇن سافادا نادىرە قارماققا ئۆزىدىن خىلىلا چوڭ كۆرۈنىدىغان بىر ئوغۇل بالىنىڭ بوينىغا گىرە سىلىپ تۇراتتى .نادىرە رىفاتقا كۆدۈڭمۇ دىگەندەك قاراپ قويۇپ ئۇ ئوغۇلبالىنىڭ يۈزىگە سۆيۈپ قويدى .بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ  تۇرسۇن زادىلا چىداپ تۇرالمىدى،بىراق كىم بىلسۇن ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتە چىداپ تۇرالمىغانلار باركەن ئەمەسمۇ؛رىفات كەينىگە بۇرۇلۇپلا مىڭىۋىدى ،تۇرسۇنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ماڭدى .ئۇلار باشقا بىر يەردىكى قاۋاققا بىرىپ گەپ سۆزسىزلا چىلاشقۇچە ئىچىشتى ھەم مىھمانخانىدىن ياتاق ئاچقۇزۇپ يىتىپ قىلىشتى .‹تۇرسۇن ئۆيىدىكىلىرىگە كەشتە دوستۇمنىڭ ئۆيۈگە بارىمەن دەپ قويغانتى›

   شۇ كۈندىن كىيىن بىر نەچچە كۈن ئىچىدە رىفات مەكتەپتە كۆرۈنمىدى .كەلگەن كۈنى بولسىلا تۇنجى سائىتىلا مۇئەللىمگە  ئۆزىنىڭ ئەمدى ئوقۇمايدىغانلىقىنى،باشقا يەرگە كىتىدىغانلىقىنى ئىيتتى.ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسىنىڭ كىملىكى ،نەدە ئىشلەيدىغانلىقى ساۋاقداشلىرىغا نامالۇم ئىدى .ئۇلار پەقەت شۇنىلا بىلەتتى :رىفات بۇ مەكتەپكە كەلگەندىن بىرى  بىرەر سائەت بولسىمۇ دەرىس ئاڭلاپ باققىنى يوق .دائىملا كەينىدىكى ئورۇنىدا تىلفۇن ئويناپ ئولتۇرىدۇ.‹كىيىنكى كۈنلەردە ئانچە مۇنچە نادىرەگە خەت يىزىپ قويغىنىنى ھىسابقا ئالمىغاندا ›ئۇنىڭكىدەك ئىلغار تىلفۇن مەكتەپتىكى ھەر قانداق بىر مۇئەللىمدە يوق.ئەڭ ئەجەپلىنەرلىك يىرى مۇئەللىملەر ئۇنىڭ تىلفۇن ئويناۋاتقىنىنى كۆرسىمۇ ئۇنىڭغا  گەپ  قىلمايدۇ . ئىشقىلىپ بۇ بالا مەكتەپتىكى باشقا بالىلار ئۈچۈن بىر تىلسىىماتتىنلا ئىبارەت.

   رىفات ھىچنىمىنى ئالماي ئىتتىك مىڭىپ كتىپ باراتتى .ئەمدىلا بىرىنچى قەۋەتكە چۈشۈشىگە  كەينىدىن بىر قول ئىسىلدى .-رىفات توختاڭ كەتمەڭ .-،بۇ ئىلمىنۇرنىڭ ئاۋازى ئىدى .رىفات كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇنىڭغا قارىدى .ئىلمىنۇر-ھەممىلا ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى كەلتۈردىغان ئۇماق قىز ،چاچلىرى چۇۋۇلۇپ كۆزلىرى قىزىرىپ  شۇنچىلىك بىچارە بولۇپ كەتكەنتى .ئەسلى ئۇمۇ مەكتەپكە كەلمىگەن بولۇپ  رىفاتلارنىڭ سىنىپىدىكى بىر دوستىدىن رىفاتنىڭ كەتمەكچى بولغانلىقىنى ئاڭلاپ يىتىپ كەلگەندى .رىفات ئۇنىڭغا تىخىمۇ ئىنچىكىلەپ قارىدى .ئىلمىنۇرنىڭ ئىشىتىنىنىڭ  تىزلىرى يىرتىلىپ بىر ئاز قان قىتىپ قالغاندى .قارغاندا شۇنچە يەردىن يۈگرەپ كەلگەندەك  قىلاتتى.رىفاتنىڭ بىردىنلا ئۇنىڭغا ئىچى ئاغىرىپ قالدى.كۈڭلۈدە بىر نىمىلەرنى ئويلاپ ئاخىرى ئىغىز ئاچتى :

-سىز مەن بىلەن كىتىشكە رازىمۇ ؟

-ھەئە  مەن رازى ..نەگە دىسىڭىز شۇ...

-ئەمسە يۈرۈڭە!-،ئىلمىنۇر شۇ تاپتا ئۆزىنى مۇھەببەت ئۈچۈن ھەممىە نىمىسىدىن كىچەلەيدىغان مۇھەببەت قەھىرمانلىرىغا ئوخشاتماقتا ئىدى .ئۇنىڭ شۇ تاپتا كۆپ ئويلاشقا مۇئەللىملەرنىڭ سۆزى بويىچە ئىيتقاندا :‹‹مۇھەببەت مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەندەئۆزىنى تۇتىۋىلىپ ،پايدا زىياننى ئۇبدان دەڭسەپ نىمىلەرگە ئرىشىپ نىمىلەردىن ئايرىلىپ قالغىنىنى ئەستايىدىل ئويلىشىش››قا زادىلا ھەپلىسى  يوق ئىدى.ئۇ پەقەت شۇنىلا بىلەتتى .ئۇ ئۆزى ئىرىشىشنى ئويلىغان مۇھەببەتكە ئىرىشتى .ئۇ بەختىنى تاپقاندى.

5

   يەنە شۇ مەكتەپ  ...ئىككى ئوغۇل بالا پاراڭلاشماقتا :

-ئاداش خىمىيە دەرىسكە كىرمەپسەندە ھە.

-سەنمۇ شۇدۇ.ئىلمىنۇر  بىلەن بوغان ئىشىڭ قانداڭ بوپ كەتى؟

-ۋاي قويە ئۇ رىفات بىلەن كىتىپتۇ .نەگە كەتتىكىنتاڭ

-پاھ ياخشىغۇ ئەمسە مەنمۇ كەتسەم بولدىكەندە

-سىنىڭ ئۇلار بىلەن نىمە مۇناسىۋىتىڭ ئەمدى.مەن ئۆتكەندە ساڭا دىمەپتىمەن ؛ئىلمىنۇر بىلەن نادىرە ئەسلى يىقىن  دوسلاردىن ئىدى .كىيىن رىفات كىتىپ ئاز ۋاقىت ئكتكەندىن كىيىنلا تۇيۇقسىز يامان بوپ كىتىپتۇ.مەن ساراڭ ئۈزەمچە رىفات بىلەن نادىرە ئارلاشسا ماڭا پۇرسەت چىقىپ قىلىشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ رىفاتقا ئازىراق ئىش ئۈگۈتۈش ئۈچۈن ئۇنى دىسكوخانىغا ئاپىرىپتىمەن.كىم بىلسۇن ئۇ يەردە نادىرە باشقىلار بىلەن قۇچاقلىشىپ يۈرۈپتۇ ئەمەسمۇ ؛شۇنىڭ بىلەن رىفات  ئىلمىنۇرنى تاللىغان گەپ ،ھەي...ئۈزەمنىڭ پۇتۇمغا ئۈزەم پالتا چپتىم دىگىنە .

-مەنمۇ ساڭا بىر مەخپىيەتلىكنى ئىيىپ بىرەيمۇ

-ھى نىمە مەخپىيەتلىك ئىيتە

-ئۇ نادىرە بىلەن ئىلمىنۇر ھىلىمۇ شۇنداق يىقىن دوستلاردىن نادىرە بولسا مىنىڭ مۇھەببىتىم بولىدۇ.

-نى...نىمە  سەن نادىرەنىڭ ھەممە ئىشىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنە ئۇنىڭ بىلەن ئارلىشامسەن ؟

-ئۇنىڭ ھىچ ئىشى يوق .سەن دىسكوخانىدا كۆرگەن نادىرە قۇچاقلاپ تۇرغان بالا ئۇنىڭ بىر نەرسە ئاكىسى بولىدۇ .

-ھەي  بۇ قانداق ئىش بوپ كەتتى زادى چۈشۈنەلمەيلا قالدىمغۇ.

-شۇ مۇشۇنداق چۈشۈنۈكسىز.ئىلمىنۇر مىنىڭمۇ ،نادىرەنىڭمۇ يىقىن دوستىمىز شۇڭا بىز ئۇنىڭغا ياردەملىشىش ئۈچۈن بۇ ئويۇننى ئويناپ چىقتۇق.قارا ئاخىرى مۇۋاپىقىيەت قازاندۇق.

-ئەمسە ...ئەمسە ئىلمىنۇرنۇڭ تۇيۇقسىزلا رىفاتنى ياخشى كۆرۈپ قالغىنى قانداق ئىش ؟

-ھەي ئەخمەق ،كۈڭۈل دىگەن پادىشاھ چۈشۈپ قالسا  تاتىشا دىگەننى ئاڭلىمىغانمۇ سەن .

بىراق...

-مەن ئەسلى مەكتەپتە ئوقۇمايمەن .بۇ يەر نادىرە ئىككىمىزنىڭ كۆرۈشىدىغان يىرىمىز .ئۇ تىخى بايىلا كىپ كەتتى .

-ھەي مەن سىنى زادىلا تونالمىدىمغۇ سىنىڭ ئىسمىڭ نىمە زادى؟

-ئەستا مەن ساڭا بۇرۇن دىگەنغۇ بىر ئىشلارنى كۆپ ئويلاپ كەتمە دەپ ،ساڭا دىسەم بۇ رىفاتنىڭ كىلىپ چىقىشى  نامالۇم .ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپتىكى ئىشلارمۇ تازا  نورمال ئەمەس .ئويلاپ باقە مۇشۇنداق تۈزۈمى چىڭ بىر مەكتەپتە ،شۇنچە بالىنىڭ ئالدىدا بىر قىز بىر ئوغۇلغا ئىسىلىپ يىغلىسا نىمىشقا ھىچبىر مۇئەللىمنىڭ كارى بولمايدۇ .مەن بۇ ئىشلارنى ئىنىقلىشىم كىرەك .ھە راس ئىسمىمنى سورىغانتىڭ ھە ئىسمىم ئادىل  .ئۈزەڭنى قىينىما  بەرىبىر تونۇمايسەن ئۈزەڭنى كۆپ ئاسىرا ئەمسە مەن كەتتىم.

-ھەي سەن مەكتەپتە ئوقۇمىساڭ ئەجەپ ھەممە ئىشلارنى بىلىدىكەنسەنغۇ ؟؟
-ھازىر دىگەن ئۇچۇر دەۋىرى تۇرسا بىلمىسەم قانداق بولدۇ.خوش ئەمسە

-خوش

6

   ئۇلار بۈگۈن قانغۇچە ئويناشتى .ئىلمىنۇر ،پۈتۈن شەھەر بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان بۇ  باغچىدا خۇددى رىفات ئىككىسىلا باردەك ،ياق  پۈتۈن دۇنيادا ئككىسىلا باردەك  ھىس قىلماقتا ئىدى.مانا ھازىرمۇ ئۇلار بىرلىكتە ئولتۇرۇپ تاماق يىمەكتە ،ئەلۋەتتە ئۈمۈرىدە بۇنىڭدىنمۇ بەخىتلىك ۋاقتىنىڭ بولغانلىقىغا ياكى بولدىغانلىقىغا ئىلمىنۇر ھەرگىز ئىشەنمەيتتى.‹رىفاتمۇ شۇنداقتۇ بەلكىم›.

-ھەي رىفات .مەن سىزدىن بىر ئىشنى سوراپ باقاي دىگەن ....-،دىدى ئىلمىنۇر رىفاتقا يەر تىگىدىن قاراپ .

-نىمىشتى سوراۋىرىڭ .

-بىز ...ھەي سىز ئاۋال ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ ھەر گىز خاپا بولمايمەن دەپ ۋەدە بىرىڭ.

-شۇنچىۋالا نىمىشتى ئۇ .سوراۋىرىڭە بولدى  سىزدىن ھەرگىز  خاپولمايمەن.

-ئەمسە سورىدىم ھە ...بىز بۇ يەردە ئويناپ يۈرگىلى نەچچە كۈن بولدى .مىنىڭغۇ ئاپام -داداملار  تۇغقان يوقلىغىلى كەتتى .مىنى باشقۇرىدىغان ئادەم يوق..بىراق سىز مىنى كۈندە ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇپلا مىھمانخانىدا يىتىۋاتىسىز .ئەجىبا سىزنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئادەم يوقمۇ ؟مەسىلەن  ئاپا -دادىڭىز دىگەندەك .ياكى بولمىسا نەچچە كۈنسىن بىرى شۇنداق كۆپ پۇل كەتتى ،سىزنىڭ پۇلىڭىز شۇنچىلىك جىقمۇ .ھە رھس يەنە بىر ئىش بار تىخى،ئادەتتە مەكتەپتە بىرە چۈپ قىز ئوغۇل مۇنداقلا پاراڭلىشىپ قالسىمۇ مۇئەللىملەر سىلەرنىڭ  زادى نىمە مۇناسىۋىتىڭلار بار  دەپ سوراپ تويغۇزۋىتەتتى.بىراق  ھىلقى كۈنى نىمىشقا ھىچقايسى مۇئەللىمنىڭ بىز بىلەن كارى بولمايدۇ؟

-...

-رىفات؟

-بۇ ئىشلارنى كۆپ ئويلىماڭ .مەن كىينچە ھەممىنى سىزگە دەپ بىرىمەن  .ئاپىلىرىڭىز قاچان كىلىدۇ ؟

-ئەسلى ئىككى كۈن ئاۋاللا كىلىپ  بولاتتى.لىكىن يەنە بىر تۇغقانلىرىمىز كەلمىسەڭلا بولمايدۇ دەپ تۇرۋاپىكەن شۇ  يەرگە كىتىپتۇ  ئەتىلەتىن كىپ قالامدىكىن ..نىم بولدىبۇنى سوراپ قالدىڭىزغۇ  ؟

-ھىچنىمە .ھە راس بۈگۈن بىز ئايلىنىپ يۈرگەن نەچچىنچى كۈنى ؟

-ئۈچىنىچى .نىم بولدى  رىفات  .ئەجەپ غەلىتىلا  سۇئاللارنى سورايسىزغۇ.

-ھىچنىمە .ھىچ ئىش بولمىدى ..تامىقىڭىزنى  تىزىراق يەڭ .

-ھە ماقۇل.

   تاماق يىيىلىپ  بولغاندىن كىيىن بىلال ئىلمىنۇرنى ئۆيۈگە ئاپىرىپ قويۇپ ئۆزى مىھمانخانىغا كىرىپ كەتتى.

   ئەتىسى دىيىشكەن ۋاقىتتا رىفات ئىلمىنۇرنى ئالغىلى كەلمىدى . تىلفۇن ئۇرۇپمۇ قويمىدى .ئىلمىنۇر  ئۆزى ئۇرۇۋىدى ئېتىق چىقتى .مىھماخانىغا كىرىۋىدى رىفاتنىڭ  ياتىقى قايتۇرۋىتىلگەن ئىدى .ھىلقى كۈنى رىفات چىققان ئۆيگە كىرىپ باقماقچى بولدىيۇ قوقتى .چۈنكى  ئۇ ئۆيدە نەچچە يىللاردىن بۇيان ھىچكىم تۇرۇپ باقمىغان .رىفاتنىڭ ئۇ ئۆيدە قاچانلاردا پەيدا بوپ قالغىنىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ .ئۇ ئاخىرى ئادىلغا تىلاۇن قىلدى

-ئەسسالام ئەلەيكۇم

-ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ئادىل ئاكاممۇ ؟

-ھە ئە مەن شۇ

-ئاكا بىزنىڭ ئۆيگە بىر كەلگەن بولسىڭىز بوپتىكەن ...

-نىمىش بولدى ؟بىرەر چاتاق چىقمىغاندۇ ؟

-سىز كەلگەندە دەي تىزىراق بولۇڭە !

-ھە مانا .

   ئىلمىنۇر  ئادىلغا ھەممە ئەھۋالنى چۈشەندۈردى .ئۇلار بىرلىكتە رىفاتنىڭ ئۆيۈگە كىرىپ باقىدىغان بولدى.دەرۋازىدىن كىرىپلا ئۇلارنىڭ تۇنجى كۆرگىنى ھەممىلا يەردە چىچىلىپ ياتقان ھاراق بۇتۇلكىلىرى بولدى .ئۆينىڭ ئىشىىكى تىشىدىن قۇلۇپلاپ قويۇلغان دىرىزىلەر بولسا ئىچىدىن تاقالغان ئىدى .ئادىلنىڭ كۈڭلى بىرنىمىنى تۇيغاندەك قىلىپ قۇلۇپنى چاقىدىغان تاش ئىزدەشكا باشلىدى .

    ‹‹‹ئا!!!›››ئىشىك ئىچىلىشىغىلا ئىلمىنۇر ۋاقىراپ تاشلىدى.ئادىل بولسا تاياقتەك قىتىپلا قالغانتى .رىفات ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدلا ئىسىغلىق تۇراتتى .ئادىل ئۆزىنى تىزلا ئوڭشىۋالدى ھەم رىفاتنى چۈشۈرۋالماقچى بولۇپ پىچاق ئىزدەشكە باشلىدى .تالادا ئەلۋەتتە يوق ئۇ رىفاتنى بىر ياققائىتتىرىپ تۇرۇپ ئۆيگە كىردى .‹رىفاتنىڭ مۇزدەك پۇتلۇرىنى تۇتقاندىكى شۇ دەقىقىلەرنى ئۇ بىر ئۈمۈر ئۇنتۇيالمايدۇ .›ئۆينىڭ ئىچىدىمۇ ئارغامچىنى كەسكۈدك  بىرەر نەرسە تىپىلمىدى .ئادىل ئىزدەپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۈتەلدىكى تاماكا قالدۇقلىرى ئارىسىدىن بىر چاقماقنى تاپتى .

   ئادىل رىفاتنىڭ جەسىتىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىمۇ ئىلمىنۇر يەنىلا لاغىلداپ تىتىرەپ ئولتۇراتتى.ئادىل ئۇنىڭ بىرەر ئىش چىقىرىپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ  گەدىنىگە بىرنى ئۇرۇپ ،ھوشىدىن كەتكۈزۈپ شۇ يەرگىلا ياتقۇزۇپ قويدى .‹ئۇ بۇ ھۆنەرنى ساقچى مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقىنىدا ئۈگۈنىۋالغان ئىدى ›ئۆزى بولسا  سىرتقا جامائەتنى چاقىرغىلى چىقىپ كەتتى.

7

   رىفاتنىڭ  نامىزى چۈشۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كىيىن  ئادىل ئىلمىنۇرىڭ ئۆيۈگە باردى .ئىلمىنۇر بىشىغا ئاق  ياغلىق تىڭىۋالغان دوستى نادىرە بىلەن ھەدىسى نادىرە ئىككىلىسىنى ئۇنىڭ  يىنىدا ئولتۇراتتى.

-ئىلمىنۇر-، دىدى ئادىل -،ئۈزەڭنى بۇنچىلىك ئازاپلىما ، بۇنى رىفاتنىڭ ئۆيۈدىن تىپىۋالدىم ...ئۈستىگە سىنىڭ ئىسمىڭ يىزىقلىقكەن شۇڭا ئەكىلىشىم ..ئەمسە مەن ماڭاي ...ئۈزەڭنى كۆپ ئاسىرا.-،ئادىل پەقەت شۇنچلىكلا بىر نەرسە دىيەلىدى .ئۇ كەتكەندىن كىيىن ئىلمىنۇر يىنىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى چىقىرۋىتىپ قۇتۇنى ئاچتى .قۇتىدا بىر پارچە خەت تۇراتتى .ئۇ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدى :

‹‹ئەسسالام ئەلەيكۇم گۈلۈم  ئىلمىنۇر .

  بىلىمەن سەن ھازىر يىغلاۋاتىسەن .لىكىن ساڭا ئالدى بىلەن شۇنى دەي ئەگەر مىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرۈدىغان بولساڭ يىغاڭنى دەرھال توختات.ھە توختىدىڭما.ئەمسە گىپىمنى باشلاي ؛سەن  مىنىڭ كەچۈرمۈشلۈرۈمگە بەك قىزىقاتتىڭغۇ مەن بۇ خىتىمدە ساڭا ھەممىنى دەپ بەمەكچى ...ھىمم   گەپنى قانداق باشلىسام بولا ...مەن ئالتە ياش ۋاقتىمدا مىنى ئادەم بىدىكلىرى   ئىشكىرگە ئەپكىرىپ كەتكەن .ئالداپ ئەمەس ،دادام ئىشكىردە سودا قىلدىغان بىرلىرىگە ناھايتى كۆپ قەرىز بوپ قاپتىكەن .بىر كۈنى قەرىز ئىگىلىرى بەش ئالتە ئادەمنى  ئۆيۈمىزگە باشلاپ كىلىپ ئاپامنىمۇ دادمنىمۇ  ئۆلتۈرۋىتىپ مىنى ئىپ كەتكەن .شۇ چاغدىكى ئالتە ياشلىق ماڭا نىسبەتەن ئۇ كۆرۈنۈش ھەقىقەتەنمۇ بەك ۋەھشى ئىدى.بىراق ھازىر ئويلىسام چۈشتەكلا بىلىنىدۇ .مەن ئىشكىرگە ئىلىپ بىرىلغاندىن كىيىنلا ئۈزەم تۇرۋاتقان ئۇ شەھەرنىڭ گۇاڭجۇ دەپ ئاتىلدىغانلقىنى بىلدىم.مەن شۇ يەردە ئالتە يىشىمدىن باشلاپلا ئوغۇرلۇق بۇلاڭچىلىقتا مەخسۇس تەربىيلىنىشكە باشلىدىم.بىزنىڭ باشلىقىمىز سەردار ئىسىملىك بىر قىزىل كۆز ئىدى .ئۇنىڭ  كۆزى پۇلنىلا تونۇيدىغان بولۇپ كىم كۈندىلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىسا شۇنى بالىلارنىڭ ئالدىدىلا ئۇرۇپ يەرگە چاپلىۋىتەتتى.شۇنداق قىلى ئون ئالتە ياشقا كىرگەن  ۋاقتىمدا ھەقىقى كەسپى ئوغۇرى بولۇپ قالدىم.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىز بەشىمىز بىر بولۇپ بىر باي خىنىمنىڭ سومكىسىنى ئوغۇرلاپ ئاتمىش مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن بەش مىليۇننىڭ چىكىنى بىراقلا قولغا چۈشۈردۇق .قاتتىق خوش بوپ كەتكەن سەردار قولۇمىزغا پۇل تۇتقۇزۇپ بىزنى ئويناپ كىلىڭلا دىدى...ھەممىزلا  ئون بەش ئون ئالتە ياشلىق بالىلار نەگىمۇ بارالايتتۇق.تالىشىپ تالىشىپ ئاخىرى تورخانىغا كىرىپ كەشكىچە ئولتۇردۇق .ھەم كەشتە سەردارغا تىلفۇن قىپ قويۇپ مىھمانخانىغا كىرىپ يىتىپ ‹‹ھايات پەيزىنى سۈرمەكچى››بولۇشتۇق.ئەلۋەتتە مىنى ئۇنداق بالىلارغا ئوخشۇتۇپ قالما مەن قوشۇلمىغان بولساممۇ قالغان تۆتىنىڭ گىپى كۈشلۈك  كىلىپ  ئاخىىرى شۇنداق بىر مىھمانخانىغا كىردۇق ...بولدىلا  گەپنى سوزماي  مەن شۇ يەردە نادىرە ئىسىملىك بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ...ئۇ قىز مىندىن ئىككى يىرىم ياش چوڭ ئىدى..راستىمنى دىسەم مەن ئۇنى بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدىم ...ىبر نەچچە كۈندىن كىيىن مەن بىر  قارارغا كىلىپ  ساقچىخانىغا قىچىپ بىرىپ شۇلارنىڭ ياردىمىدە ئۈزەمنىمۇ  نادىرەنىمۇ  قۇتۇلدۇرماقچى بولدۇم .بىراق ئىشلار مىنىڭ ئويلۇغۇنۇمدەك بولمىدى .مەن ساقچىخانىنىڭ ئالدىغا بىرىپ بولغىچە سەردارنىڭ ئادەملىرى مىنى تۇتۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ بىرىشتى .تاياقنى شۇنچىلىك يەپتىمەنكى بىھوش بولۇپ نەچچە كۈن يىتىپتىمەن.ھوشۇمغا كەلگىنىمدە بولسا پۈتۈن بەدىنىم چىدىغۇسىز قىچىشۋىتىپتىكەن .كىيىن ئۇقسام ئۇلار ماڭا زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇۋىتىپتۇ .شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇ ئالۋاستى ئۇۋىسىغا تىخىمۇ بەك  باغلىنىپ قالدىم .ھىلقى مىھمانخانىغا قايتا بارغىنىمدا نادىرەنى بىر چەت ئەللىك بايۋەتچە ئىلىپ  كەتكەنكەن،مەن مىھمانخانا خۇجاينىغا  يالۋۇرۇپ  پارا بىرىپ  يۈرۈپ ئاران دىگەندە نادىرنىڭ تىلفۇن نۇمۇرىنى تاپتىم ...شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ مۇھببىتىمىز تىلفۇندىلا باشلاندى باشلاندى .بىر كۈنى سەردار مىنى چاقىرتىپ بىر چوڭ سودا بارلىقىنى  ،ئەگەر شۇنى ياخشى قىلالىسام  كەتسەم بولدىغانلىقىنى يەنە تىخى پۇلمۇ بىرىدىغانلىقىنى ئىيتتى...مەن ئۇنىڭ دىگىنى بويىچە مەلۇم بىر مىھمانخانىغا بىرىپ ئۇنىڭغا بىر قۇتىنى ئەكىلىپ بەردىم ..ئۇ تىلفۇنۇمنى  تاتىۋىلىپلا مىنى بىر قاراڭغۇ  ئۆيگە سولاپ قويدى ..كىچىدە بىر  ئاغىنەم   تامنىڭ تۆشۈكىدىن ماڭا ئۆزىنىڭ  سەردارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ قاغانلىقىنى ،مىنىڭ ھازىرلا قىچىپ كىتىشىم كىرەكلىكىنى بولمىسا ئەتە مىنىڭ ئىچكى سۇغۇرۋىلىندىغانلىقىنى ئيتتى ....ھۆنەر دىگەن يەنە ھۆنەركەن ،،،مەن  كونا   ھۈنىرىمنى ئىشقا سىلىپ ئۇ يەردىن ئاسانلا قىچىپ چىقتىم .ھەم ئۇدۇللا سەردار ياتىدىغان ئۆيگە كىردىم ...ئۇ  كارۋىىدا مەن ئەكىلىپ بەرگەن قۇتىنى  قۇچاقلاپ  تۇرغانكەن .ئۈستەلنىڭ  ئاستىدا بولسا بىر  كىچىكىرەك پالتا تۇراتتى .بەلكىم مىنى  چاناش ئۈچۈن قوپ  قويۇلغان بولسا  كىرەك .شۇنى ئالدىم-، دە سەردارنىڭ  نەپىسى بالا كانىيىگىلا ئۇردۇم .مىنى بەك رەھىمسىزكەنسىز دەمسىز ؟سىزگە دىسەم ئۇ بەلكىم مىنىڭدەكتىن بىرە يۈزنى چانىغان بولسا كىرەك .ئۇنىڭ قولۇدىكى قۇتىنى ئىلىپ سىرتقا قىچىپ چىقتىم .ئۇنىڭ  ئادەملىرىنىڭ مىنى ھەممىلا يەردىن ئىزدەيدىغانلىقىنى بىلەتتىم؛ شۇڭا  ئۈچ كۈن شەھەرنىڭ بۇلۇڭ -پۇچقاقلىرىدا يوشۇرنۇپ يۈردۈم .تۆتىنچى كۈنى نادىرەنى ئىزدەپ بارسام  ئۇنى چەت ئەللىك خۇجايىنى ئۆزى بىلەن بىللە چەت ئەلگە ئىلپ چىقىپ كىتىپتۇ .راستىنى دىسەم سەردارنى ئۆلتۈرۋەتكەندىن كىيىن بىرىپلا نادىرەنىڭ خۇجايىنىنىمۇ ئۆلتۈرۋىتىپ بىشىمغا كەلگىنىنى كۆرمىگىنىمگە تا ھازىرغىچە پۇشايمان قىلىمەن .كىيىن ئۈرۈمچىگە قايىتىپ كەلدىم .ئۇ قۇتىىنىڭ ئىچىدىكى نىمىكەن دىمەمسىز .لىقمۇ لىق بىر قۇتا ئالماسكەن ...ئۈرۈمچىدە بىر مەزگىل ياخشى يەپ -ئىچىپ ئويناپ يۈردۈم.باشىلارنى ئۆزۈڭىزگە قانداق ئىشەندۈردىڭىز دەمسىز ؟بىزنىڭ جۇڭگۇدا پۇلى بىلەن كىملىكى بار ئادەمدىن ھىچقانداق ئادەم گۇمانلىنىپ يۈرمەيدۇ .ئۇلار  ئىشلارنىڭ ئاسان بولۇشى ئۈچۈن ماڭا كىملىك بىجرىرپ بەرگەنتى .ئۈرۈمچىدە چەت ئەلنىڭ قىممەت باھالىق دورىسىنى ئىشلىتىپ  زەھەرنىمۇ ئاسانلا تاشلىۋالدىم .بىراق كىيىنچە نورمالسىزلىق  ھىس قىلىشقا  باشلىدىم .دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرۈتسەم ئەيدىز كىسىلىكەنمەن ...بىراق مەن ئۇنچىلىك ئازاپلىنىپمۇ كەتمىدىم ...نادىرەدىن ئايرىلىپ  مىنىڭمۇ تاتىشقۇدەك ھىچنىمەم قالمىغانتى ...شۇنىڭ بىلەن كۈڭلۈمدىكى  نادىرەرىم بىلەن ئاشۇ مەن كىچىككەن ئۈچ كۈننى خوشال ئۆتكۈزۋىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە كەلدىم .قالغان ھەممە ئىشلار سىزگىمۇ ئايان ...مەن ھامىنى ئۆلۈپ كىتىمەن ئىلمىنۇر ..سىزنىڭ  ئاغىرىق ئازابىدا ئۆلگۈنۈمنى كۆرۈشىڭىزنى مەن بىلەن تەڭ ئازاپلىنىشىڭىزنى خالىمىغانلىقىم ئۈچۈن  مۇشۇ يولنى تاللىدىم ...مىنى كەچۈرۈڭ ...راستىنلا ...سىزگە چەت ئەلگە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان بىلىتى ئىلىپ قويدۇم .سىز ئوقۇڭ ئىلمىنۇر .ئوقۇپ  ياراملىق ئادەم بولۇڭ باشقىلارغا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەتلا ناخشا-ئۇسۇلچى مىللەت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇڭ...ۋاقتىم ناھايتى قىز بولغاچقا بۇ خەتنى مۇشۇنداق ئاددىيلا يىزىپ قويدۇم .ئەمدى مەن مىڭىشىم كىرەك .مەن ھەقىقىي تەۋە بولغان شۇ ئازاپسىز دۇنياغا مىڭىشىم كىرەك ...ھە راست يەنە بىر  ئىىشنى ئەسكەرتىپ قوياي ئەگەر سىز ياخشى ياشىمايدىغان بولسىڭىز ،سىزنى مۇھەببىتىمىزگە  ئاسىيلىق قىلدى دەپ بىلىمەن سىزدىن ھەرگىز  رازى بولمايمەن ....

          سىزنى  سۆيۈپ :رىفات ››

    خەت مانا مۇشۇنداق يىزىلغانتى ..ئىلمىنۇر خەتنى يۈرۈكىگە يىقىپ تۇرۇپ  قۇتىغا قارىدى .قۇتىنىڭ ئىچىدە بىر پارچە سۆرەت ھەم ئايرۇپىلان بىلىتى تۇراتتى ..قالغىنى ساپلا دانچە -دانچە ئالماسلار ئىدى  .ئۇ رەسىمنى ئىلىپ قارىدى .رەسىمدىكى دەل ئۇنىڭ ھەدىسى نادىرە ئىدى .

خاتىمە

   رىفاتنىڭ قەبىرسىنىڭ ئالدىدا ئىلمىنۇر يۈكۈنۈپ تۇرۇپ سۆزلاۋاتاتتى ...رىفات سىزنى بۇنچىلىك ئەخمەق دەپ ئويلىماپتەنمەن .نىمىشقىمۇ يەنە بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ تۇرمىغانسىز ...سىز سۆيگەن ئۇ نادىرە مىنىڭ ھەدەمكەن ئەمەسمۇ ..ھى ھى بەك قىززىق ھە ...ھى ھى  ھۆ ھۆ    -،ئىلىمنۇر  ئۆزۈنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتى -،.سىزگە دەپ بىرەي ھەدەمنى ئۇ چەت ئەللىك  ئۆزى بىلەن ئەپكەتمەپتىكەن .ھەدەم بەك يىغلاپ تۇرۋالغاچقا ئىچى ئاغىرىپ شىنجاڭغا يولغا سىلىپ  قويۇپتىكەن .ھەدەم  خىلىلا چوڭ ۋاقتىدا ئىلىپ كتىلگەشكە ئۆينى تىپىپ كىلەلەپتۇ ...سىزگە بۇرۇن نىمىشقىمۇ ھەدەمنىڭ گىپىنى قىلىپ بەرمىگەندىمەن ..ياق  بولدى ئۈزەمنى ئالدىماي مەن قەستەن دىمىگەن چۈنكى ھەدەمنىڭ  ئىسمىمۇ نادىرە ئەمەسمۇ .مەن سىزدىن ئايرىلىپ قىلىشتىن قوققانتىم ...مەن راستىنلا دۆتكەنمەن ...ھە راسىت مەن ئەتە يولغا چىقىمەن  .چەت ئەلگە چىقىدىغان ئىشنى ئادىل  ئاكام  ئۆيدكىلەرگە چۈشەندۈرىدىغان بولدى ...سىزنىڭ ئىشىڭىزنى ھەدەمگە دىمىدىم .مەندىن رەنجىسىڭىزمۇ مەيلى ...مەن ..مەن سىزنىڭ مەڭگۈ مىنىڭلا بولۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن .....سىز ماڭا قالدۇرغان پۇل بەكلا كۆپكەن ئۇنىڭ كۆپ قىسىمىنى بالىلارنى قۇتقۇزۇش جەمىيىتىگە ئىئانە قىلىۋەتتىم ..خوش بولغانسىز ھە ......راستىنى دىسەم  ھەممە ئىشلارنىڭ مۇشۇنداقلا تۈگىگەنلىكىگە زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيدۇ ...سىزمۇ ھەدەممۇ مۇھببىتىڭلاردا ئۈچ كۈن كچىكتىڭلار ...ئەمدى مەن سىلەردىن ساۋاق ئىلىشىم كىرەك ..ئۈچ مىنۇتمۇ كىچىكمەسلىكىم  كىرەك ...ئەمدىكى ھاياتىمدا  سىزنىڭ ئۈمىدىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياشايمەن ..سىزگە ۋەدە بىرەي چوقۇم ياخشى ياشايمەن _،ئىلمىنۇر  قولىنى دۇئاغا كۆتۈرۈپ خىلى ئۇزۇن دۇئا قىلدى ۋە كىيىمىنىڭ توپىسىنىمۇ قاقماي كىتىپ قالدى .

تۈگىدى

مەنبەسى :ئۆزۈم


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-31 08:01 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104918
يازما سانى: 152
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1011
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 181 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 04:39:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس يېزىپ قويىدىغان بولدۇم ئۆزۈر....

مىسرانىمنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى مەن بىلەنلا قالدىمۇ قانداق بىر بولسا تېمامنى تەستىقلىمىغان يەنە بىر بولسا تەستىقلاپلا ئارقىدىن ئۆچۈرۋەتكەن بۇ قانداق ئىش ؟
مېنىڭ يوللىغان ‹ئۆچكىنىڭ ساقىلى › دېگەن تېمام ئىزدېرەكسىز نەگە يوقاپ كەتتى ياكى ئەخلەتخانىغا تاشلانماپتۇ؟ بۇ نېمە دېگەن مەسئوليەتسىزلىك نۇرغۇنلىغان جىدەل-ماجرا چىققان تېمىلار مۇنبەر يۈزىدە تۇرىدۇ مېنىڭ تېمىلىرىم.........ئەپسۇس...............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95580
يازما سانى: 89
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 652
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2013-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 04:49:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۆرمەتلىك  ئاكىلار  ھەدىلەر   مەن  بولسام  بىر  ئوقۇغۇچى  ئەمدى  17  ياشقا  كىردىم  ..ئەدەبىياتقا  بەكلا  قىززىققىنىم  ئۈچۈن  بىر  نەرچە  پارچە  ئەسەر  يازدىم  ..بىلىمەن  بۇ  ئەسىرىمدە  يىتەرسىزلىكلەر  بەك  كۆپ ....شۇڭا  سىلەرنىڭ  كۆرۈپ  قويۇپلا  چىقىپ  كەتمەي  ئاز - تولا  تەكلىپ  پىكىر  بىرىشىڭلارنى  سورايمەن ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108622
يازما سانى: 370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1383
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 357 سائەت
تىزىم: 2014-7-21
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 05:38:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇف  ئاخىرى  ئوقۇپ بولدۇم

ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا كىيىكنىڭ خۇداسى  بار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108270
يازما سانى: 535
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1662
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 146 سائەت
تىزىم: 2014-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 07:25:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلى راۋان، ۋەقەلىكى مۇرەككەپ ئىكەن. بەزىدە ئېزىپمۇ قالدىم. داۋاملىق تېرىشىڭ.

تەر تۇكۇپ چاچساڭ ئۇرۇق، يەر سېنى قويماس قۇرۇق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 08:29:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھىكايىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئادەم ئۆلدىغۇ؟

ئاچىسى تازا ئەخلاقسىز، سىڭلىسىمۇ تازا لايىقىدا قىز ئەمەسمۇ نىمە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2183
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5404
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1317 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 08:29:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ناھىيدە ئىچكىردىن يىنىپ چىققان بىر جۇۋان، ھازىر بۈۋى بوپ قالدى.

ئىچكىرگە كىرىپ- چىققانلاردىن يىراقراق تۇرۇش كىرەك.  بولمىسا ئەيدىزگە ئوخشاش كىسەللەر بلەن توقونۇشۇپ قىلىشى مۇمكىن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بانكىر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-8-31 08:31 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1010
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2789
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 685 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-8-31 08:30:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىراز ئويلىنىپ بىر نەرسە دەي...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 107189
يازما سانى: 533
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1885
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 153 سائەت
تىزىم: 2014-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 02:55:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇبارەك بولسۇن 1

the wolf , he used to be

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1579
يازما سانى: 2350
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 355820
تۆھپە نۇمۇرى: 626
توردا: 3048 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-9-1 03:59:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھېكايىنىڭ سۆزلۈكى بەك كەمچىلمۇ يا ؟ نېمە ئۇ ھى ھى ھۆ ھۆ دېگەن ... ئاللا كارامەت ...
تەكلىۋىم ، يازارمەنلەر يېزىشتىن بۇرۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى پىششىق ئوقۇپ سۆزلۈكىنى ۋە سۆز ئىشلىتىش ماھارىتىنى سەل قىلىپلاشتۇرۇپ كەلسە ...

گەپ ئوتۇندەك بولۇپ قالدى ، يارىمىسا دېمىگەن بولاي .
سۈف~

مېنى مەجنۇن دەيدۇ بەزىلەر ، لەيلىسى باردەك تېخى . مېنى كەتتى دەيدۇ بەزىلەر ، كەتكۈسى باردەك تېخى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش