مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 592|ئىنكاس: 4

مۇئەللىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 412
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 13673
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1217 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 12:30:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇئەللىم


(نەسىر)


مۇئەللىم سىز بىزگە تۈنجى قېتىملىق سىنىپ يىغىنىدا  مۇنداق دېگەن ئىدىڭىز : « باللىرىم ، سىلەر جاي-جايلاردىن بۇ بىلىم يۇرتىغا جەم بولدۇڭلار ، ئاتا-ئاناڭلار سىلەردىن چوڭ-چوڭ ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ بۇ يەرگە ئېۋەرتتى، ئەل-يۇرتتۇڭلارمۇ ياراملىق ئادەملەرگە بەك-بەك مۇھتاج! شۇڭا ئويۇن-تاماشاغا بېرىلىپ كەتمەي  ئۈگىنىڭلار ، ھەقىقى مايىتىنى چۈشىنىپ تۇرۇپ ئۈگىنىڭلار . ئۇنتۇپ قالماڭلار بىلىملا كۆز ئالدىڭلارنى توسۇپ تۇرغان تور-پەردىلەرنى يىرتىپ تاشلاپ ، سىلەرنى نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ، يۇرۇقلۇققا ئىرىشتۈرىدۇ. ۋاقتىڭلارنى ھەرگىزمۇ بوش ئۆتكۈزمەڭلار !  شۇ ئېسىڭلاردا بولسۇنكى ، ئادەملەر نېمە دەپ جار سالسا سالسۇن ، شۇنچە جەڭگىۋار شۇئارلارنى توۋلىسۇن ، ۋاقىتنىڭ قولىدىن بىر دەقىقە بولسىمۇ قۇتۇلالمايدۇ. شۇڭا  ئەڭ ئاۋال ۋاقىتنى كونتورۇل قېلىشىنى ئۈگۈنىۋېلىڭلار.

‹ ئارزۇ-ئارمانلىرىمغا يېتىمەن ، چوڭ ئىشلانى ۋۇجۇدقا چىقىرىمەن ›  دەيدىكەنسىلەر ، ئەركىن رىقابەتلىشىش ئېڭىڭلار كۈچلۈك ھەم ساغلام بولسۇن. باراۋەرلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ ، ئۆز-ئارا ھەمكارلىقنى تولۇق كاپالەتكە ئىرىشتۈرۈپ ، قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىشىڭلارغا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار بىلەن مۇھەببەت باغلاڭلار ،  ئىشەنچىڭلارنى مۇستەھكەملەڭلار ! » بۇ  دېگەنلىرىڭىز  داۋاملىق قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ ، مېنى ئادەمدەك ياشاشقا ئۈندەپ تۇرىدۇ مۇئەللىم !

ھېلىمۇ ئېسىمدە بىر ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا  سىز بىلەن بولغان بىر قېتىملىق كۆڭۈللۈك سۆھبەت. سىز ، بىزگە ئاتىلارچە مېھرىبانلىق ئىچىدە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ، چەكسىز كۆيۈنىش ئىچىدە :

-ئېسىڭلاردا بولسۇن باللىرىم ، بىلىمسىزلىك ئادەمنى نامرات قالدۇرىدۇ ، نامراتلىق ئادەملەرنى ھەر كويلارغا سالىدۇ. بىز كەڭ-كۇشادا پاراڭلىشايلى ، كۆڭلۈڭلاردىكىنى يوشۇرماي دەڭلار ، مەنمۇ دەي .- دېدىڭىز . ئارىنى بىر ئاز جىمجىتلىق باسقاندىن كېيىن ، كۆپ ھاللاردا جىمخور كۆرىنىدىغان ، ھالقىلىق چاغلاردا كۈتۈلمىگەن سۇئاللارنى سوراپ دەرس ئوقۇتقۇچىللىرىنىمۇ تەمتىرىتىپ قويىدىغان ياسىن :

- مۇئەللىم ، ھەممىمىز ساختا نەرسىدىن بىزار بولۇپ يۈرىيمىزۇ ، بەس-بەس بىلەن ساختىلىق قىلىدىكەنمىز. ياخشىلارغا ئارام بەرمەيدىكەنمىز ، ئۇتۇق قازانغانلارنىڭ كەينىدىن پىتنە – ئىغۋا تارقىتىدىكەنمىز. مۇشۇنداقلا كېتىۋېرىدىغان بولساق  ئەتكى ھالىمىزغا ۋاي بولماي قالمايدۇ ، شۇڭا ، بىزنىڭ ئارىمىزدا نېمىگە مۇھتاج ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلاردىن ، بىلمەيدىغانلار كۆپمۇ نېمە ؟ دېگەن تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم. ئارتۇقچە ئويلىۋالمىغاندىمەن.- دەپ سوراپ قالدى سىزدىن .

- سەن ئارتۇقچە ئويلىماپسەن ، بۇ ناچار ئادىتىمىز ئۆزگەرمەيدىكەن ھال كۈنىمىز ياخشىلانمايدۇ ، ھازىر خەلقىمىز ئەلنى دەپ  مۇش تۈگەلەيدىغان  دادىلارغا، مىللەتنى دەپ جاندىن كېچەلەيدىغان ئەركەكلەرگە ، مىللەت غېمىنى دەپ ياش تۆكەلەيدىغان ئانىلارغا بەكمۇ مۇھتاج !...  مىڭ ئەپسۇس ، تۈمەنمىڭ ئەپسۇس ، ئارىمىزدا ياخشىلارنىڭ ئارقىسىدىن پىتنە –ئىغۋا تارقاتقىنى يەتمەيدىغاندەك ، قاۋاپ غاجايدىغان ئىتلار بىلەن  قاۋىماي تالايدىغان ئىتلار كۆپۈيىپ كېتىۋاتىدۇ، تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا بۇمۇ بىلىمسىزلىكتىن ، نامراتلىقتىن .-دېگەنتىڭىز ئېغىر خۇرسىنغان ھالدا. شۇنداق دەۋاتقان چاغدىكى تۇرىقىڭىز ھېلىھەم كۆز ئالدىمدا مۇئەللىم . سىز بىرھازا سۈكۈت ئىچىدە جىم ئولتۇرغاندىن كېيىن ، سىزنى چۆرىدەپ ئولتۇرغان ھەر بىرىمىزگە بىرمۇ-بىر قاراپ چىققاندىن كېيىن يەنە مۇنداق دېگەنتىڭىز:

- ھەر قېتىم ئەتراپىمدىكى ئۈمىدسىز چىرايلارغا قارىسام ئىچ-ئىچىمدىن بۇقۇلداپ يىغلىغۇم كېلىدۇ. سىللەر تەرەپ-تەرەپكە ئۇچۇپ كېتىش ئالدىدا تۇرىۋاتىسىلەر ، بەلكىم ھەر خىل ئورۇنلاردا ئىشلىشىڭلار مۇمكىن. ھەر قانچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىساڭلارمۇ ئۈمىدسىز بولاماڭلار ، ئۈمىدسىزلىك ئادەملەرنىڭ ئەڭ چوڭ مەغلۇبىتى، داۋانلاردا ئۇچرىغان قورام تاشنى پەللەمپەي قىلىپ ، ئارقىغا چېكىنمەي جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلىسەڭلار كۆزىلگەن مەخسىدىڭلارغا يىتەلەيسىلەر . ئېسىڭلاردا بولسۇن تۇرمۇش داۋانلىرىدىمۇ ھەم شۇنداق.

ساختا ئىنسانپەرۋەرلىكتىن ھەزەر ئەيلەڭلار ، ساختا ئىنسانپەرۋەرلىك ئادەملەرنىڭ ئىدىلوگىىسىگە قىلىنغان ئەڭ قەبئى زىيانكەشلىك بولۇپ ، ئۇ پۇت-قولۇڭلارغا كۆرۈنمەس كويزا-كىشەن سېلىپ ، جەڭگىۋارلىقىڭلارنى يوقۇتىپ ، سىلەرنى قۇلچىلىق پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويىدۇ. ئۆزىنىڭ كۆچمەنلىرىنى ئەكىلىپ نۇپۇس قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپ ئاندىن نوپۇس ئۈستۈنلۈكىدىن پايدىلىنىپ   باشقىلارنىڭ ھالال رىزقىغا چاڭ سېلىش نامەردلەرنىڭ ئەزەل-ئەزەلدىن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان رەسۋالىقلىرىنىڭ بىر قىسمى.ئۆزىڭلارنى تەڭلىكتە قويىدىغان ئىشلاردىن نېرى تۇرۇڭلار ، باشقىلانىمۇ تەڭلىكتە قويماڭلار ، قىممەتلىك ھاياتىڭلارنى ئاخىرى چىقماس ئىشلارغا سەرپ قىلىۋەتمەڭلار !  مەڭگۈ ئېسىڭلاردا بولسۇن تىل گۈلىستانىڭلارنى زاۋال باسا ، دىلىڭلارنى زېمىستان باسىدۇ.- ئوتلۇق  مېھىر ، چوغدەك كۆيۈم بىلەن دېيىلگەن ھېكمەتلەرگە تويۇنغان گەپلىرىڭىز كۆڭلىمىزدە  ھىچقانداق چاغدا كۆرۈلمىگەن ئىسسىق بىر ئېقىم پەيدا قىلىپ ، بىزنى چەكسىز ھاياجانغا چۈمۈلدۈرگەنتى. بىر-بىرىدىن تېخىمۇ ئىللىقلىق ، يېقىنلىق ، مېھىر ئىزدەشكەن كۆزلىرىمىز ئۆز-ئارا ئۇچرىشىپ ،  چەكسىز قاراڭغۇلۇققا تولغان روھىمىز پاللىدى يورۇپ كەتكەنتى. دىللىرىمىزدىكى غەشلىك ، ئۆمىدسىزلىك ئالىقاياقلارغىدۇر يوقۇلۇپ ، چەكسىز بىر ئۈمىد ، ئىشەنچ بىزنى بۆلەكچىلا  تىتىكلەشتۈرىۋەتكەنتى . ھېلىھەممۇ شۇ ۋاقىتتا دېگەنلىرىڭىزنى پات-پات ئويلاپ ، بوشاشقان ئىرادەمنى چىڭىتىمەن .

مۇئەللىم ، ھېلىمۇ ھازىرقىدەك ئېسىمدە ، ئالىي مەكتەپ ھاياتىمىزنىڭ 3-يىلى بىر قېتىملىق دالا سەيلىسىدە سىز بىزگە مۇنداق دېگەنتىڭىز : « مەدەنىيەت ھادىسىسى تولىمۇ رەڭدار بولۇپ ، كۆزلەرنى قاماشتۇرىدۇ.توغرا مۇئامىلە قىلالمىغانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئالا چەكمەن قىلىپ ، ناتوغرا يولغا باشلاپ قويىشىمۇ مۇمكىن.چۈنكى مەدەنىيەت ئەزەلدىن يەككە ئامىلدىن تەركىپ تاپقان ئەمەس ، ئۆز ئارا بىرىكىش ، سىڭىشىش ، قوبۇل قىلىش ئاساسىدا كۈچلىنىپ ۋەياكى ئاجىزلاپ بارىدۇ .شۇڭا مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلغاندا شاكىلىنى تاشلىۋىتىپ ، مېغىزىنى ئايرىپ قېلىشىمىز كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۆزلىكىمزنى تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇپ ، كىملىك تۇغىمىزنى يەنىمۇ ئىگىزدە جەۋلان قۇلدۇرالايمىز. ئېسىمىڭلاردا بولسۇن باللىرىم ، دەسلاپقى مەخسەتنى ھەرگىزمۇ ئۇنتۇپ قالماڭلار. ئۇنتۇپلا قالدىمۇ بولدى كۈتۈلمىگەن ئاۋارىچىلىقلاردىن قۇتۇلالمايسىلەر. سىلەرمۇ ئاق –قارىنى ، ياخشى بىلەن ياماننى تەگى-تەكتى بىلەن پەرق ئەتكۈدەك بولدىڭلار ، ئىلگىركى يۇمران پەيلىرىڭلار بارا-بارا قېتىپ ئۇچۇشقا باشلىدىڭلار . ھازىر ئەۋلادلار ئىچىدە ئۆز مەقسىدىنى ئۆز ئانا تىلىدا راۋان ئىپادىلىمەك قىيىنلىشىپ ، ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغانلارمۇ كۈندىن-كۈنگە ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ . بۇ تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسا ئۇزاقققا بارماي مىللىتىمىز ھالاكەت پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ. تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى ، پاكىزلىقىنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى ھەم مەجبۇرىيىتى. ياپسام پىشارمۇ ، كومسەم پىشارمۇ دەپ دېلىغۇلۇپ بولۇپ پاساھەتلىك ، ئىپادىلەش كۈچىگە باي تىلىمىزنى خارلاپ قويساق  بولمايدۇ.  ئادەمدە چىن ئىتىقاد ، مۇستەھكەم ئىرادە بولسىلا تۇرمۇشنىڭ تۈرلۈك جاپا-مۇششەققەتلىرى ، بوران-چاپقۇنلىرى بوشاشتۇرىۋەتكەن ھېسىياتى كۈچىيىدۇ ، جاسارىتى ۋە ھېسداشلىقى ئۇرغۇيدۇ. قىسقىسى سىلەر ئاتا-ئاناڭلارنىڭ باللىرىغا ئەمەس ،  ۋەتەن-خەلقنىڭ باللىرىغا ئايلىنالىساڭلار قىممىتىڭلارنى ھەقىقى نامايەن قىلالايسىلەر. تەبىئىەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭلار قان بىلەن گۆشتەك بولسۇن ، جازاسىغا ئۇچرىمايسىلەر. باشقىلارنىڭ ھۆرمەتلەيمەن ديدىكەنسىلەر ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكىنى تارتىۋالماڭلار. ئېسىڭلاردا مەڭگۈ ساقلاڭلار ، چۈنكى ئەركىن ئادەم قىلىچقا ئوخشايدۇ ، ئەركىن ئادەم شەمشەرگە ئوخشايدۇ. باللىرىم ، ھەر قانداق بىر  ئىنساننىڭ  ئۆلىمىگە چوڭقۇر ھېكمەت يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئەقىدىمىزنىڭ مۈجىمەللىكى تۈپەيلى ، ئىرىشكەنلىرىمىز يوقاتقانلىرىمىزدىن كۆپ بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. يەنە مۇنداقلا كېتىۋىرىدىغان بولساق بۇنىڭدىنمۇ چوڭ زىيانلارنى تارتىمىز. ئادەم ھامان ئۆلۈپ كېتىدۇ ، بۇ قەتئى ئۆزگەرمەس مۇتلەق ھەقىقەت ! شۇڭا ئۆزىنىڭ ئۆلىمى ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلالىغان ئىنسان كۆزلىگەن نىشانىغا يېتەلەيدۇ. ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىشىپ كىمگە قارىشى تۇرۇشنى بىلمىگەن قەۋمگە لەنەتلەر ياغىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇۋال بولۇپ كېتىدۇ.

ھاياتىمىز بىزگە ئاتا قىلغان پۇرسەتلەردىن قانداق پايدىلىنىش ، قانداق ياشاش ئۆزىمىزنىڭ ئىلكىدە ، ياراتقان ئىگىمىز ئاتا قىلغان بۇ پۇرسەتنى قەدىرلەپ ، ئۆزىمىزنى تونۇش ، بىزنى ئوراپ تۇرغان مۇھىتنى دەڭسەپ ، نېمە قىلىشىمىز ، قانداق ئادەم بولۇشىمىزنى بىلىشنىڭ ئۆزى يۈرىكىمىزدىكى جاراھەتنى داۋالايدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك دورا . شۇڭا غەپلەت ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋەرمەي ، كۈتۈش ئىچىدە ، تەمەخورلۇق بىلەن كۈنى ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەرمەي ، ئۆزىمىزگە نەزەر سېلىپ ، ئەجداتلىرىمىز ئاتا قىلغان ئەخلاق –پەزىلەتكە مەھكەم ئېسىلىپ ، ھەر بىر قەدەمىمىزنى ئۈمىد ئىچىدە پۇختا باسايلى !...» گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ بىزنىڭ قەلبىمىزنى چەكسىز ھاياجان ، غەلىيان تۇيغۇسى چىرمىغان . شۇ چاغدا يۈرىكىمگە تۇتاش ئوت تا ھازىرغىچە ئۆچمىدى مۇئەلىم داۋاملىك گۈرۈلدەپ كۆيۈپ تۇرىۋاتىدۇ. ھەر قېتىم سىنىپقا كىرگىنىمدە ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختىيار ھىس قىلىمەن. ئۈمىد نۇرلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزلەرگە قاراپ ھاياجانلىنىمەن ، ئۈمىدسىزلىك قاپلىغان چىرايلارغ قاراپ مۇڭلىنىپمۇ قالىمەن...

مۇئەللىم ، ئىزىڭىزنى بېسىپ مېڭىۋاتقانلىقىمدىن بەكمۇ خوشال مەن ! ھېمەتلەرگە تويۇنغان سۆزلىرىڭىز ھەردەم قۇلاق تۈۋىمدە. بۇنداق چاغدا سىزگە بولغان سۆيگۈم  يۈرىكىمدىن ئېتىلىپ چىقىشقا باشلايدۇ ،  گويا سۈزۈك چەشمە بۇلاقتەك.

سىز ماڭا مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇردىڭىز . ياشاشنىڭ پارلاق مەنزىلىنى كۆرسىتىپ بەردىڭىز. ئادىمىيلىك قىممەتنىڭ ، سۆيۈش بىلەن سۆيۈلۈشنىڭ نېمىلىكىنى تونۇتۇپ قويدىڭىز. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇپۇقنى نۇۇرلاندۇرغۇچى نۇرلار ئىچىدىن ئۆزۈمنى ئىزدىگۈچى مەنگە ئايلاندىم. سىزگە بولغان سېغىنىشلىرىم  تىك قىيالارنى پەستە قالدۇرۇپ ، بۈركۈت بولۇپ كۆك قەھرىدە قانات قېقىشقا باشلىدى.

مۇئەللىم ،

ئۇپۇقتىن كۆتۈرۈلگەن قۇياش

سېنىڭ سىمايىڭ!...

سەن مۇنبەردە

ئاتەشلىك ئىشقىڭ خەتكە ئايلىنىپ

ۋۇجۇدلارنى سالار لەرزىگە.

سېنىڭ باسقان ھەر بىر ئىزىڭدىن

بىخلىنىدۇ ساناقسىز لالە.

قارچۇقىڭدىن چاچرىغان ئۇچقۇن،

يۈرەكلەردە ياندۇرار گۈلخان.

مەن ماڭىمەن ئالدىغا قاراپ ،

مۈشكۈللەرنى دېگۈزۈپ ۋاي دات ،

توساقلار پەنجىمدە پايخان...

سەن ئۆزۈڭنىڭ بارلىق مەنپەئىتىدىن ۋاز كېچىپ ، مائارىپ ئۈچۈن ھاياتىڭنى ئاتىۋەتتىڭ. بارلىق ۋاقتىڭنى ، زېھنىڭنى ئەۋلادلارنى تەربىيلەشكە بېغىشلىدىڭ. ئۇلارغا كۆزلىگەن نىشانىغا قاراپ ئىنتىلىش ۋە يېقىنلىشىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ قويدۇڭ. سېنىڭ يۈرىكىڭ مىننەتسىزلىككە تولغان.

مۇئەللىم،

سەن باغرى تاش ، مېھرى چەكسىز تەلەپچان ئاتا !

ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا

چاڭقىغان يۈرەكلەر

تاپار پەقەت سەندىنلا قېنىش.

قاراڭغۇ دىللار يورار كۈندۈزدەك

سەن ياندۇرغان بىلىم ئاتلىق مەشئەلدە.

خوراز بولۇپ چىللايسەن...

بۆرە بولۇپ ھوۋلايسەن...

يولۋاس بولۇپ ھۆكىرەيسەن...

تىترەر ئۇپۇق،

تىترەيدۇ تاغلار ...

سېنىڭ ئۆچمەس يېشىل ئىزىڭدا

يەلپۈنىدۇ رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر ،

ياپيېشىل نۇرلار...!!

بىلىم ئىنساننىڭ روھنى پاكلايدۇ . ئىنسان روھى پاكلانغانسىرى ، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش تۇيغۇسى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ . سېنىڭ ۋۇجدۇڭ ۋەتەن ، مىللەتتىن  ئىبارەت بۇ ئالىي نىشان ئۈچۈن ئاتالدى.

مۇئەللىم،

سەن ھېكمەتلەرگە تولغان كىتاپ

بەخت رىسالىسىدىن پۈتكەن.

سەن ئۆلمەس مېلودىيە

مىللەتنىڭ يۈرىكىدىن ياڭرىغان.

سەن جەڭگىۋار شېئىر

قان بىلەن يېزىلغان....

سەن باھاردەك ئىللىق  ، تۇلۇنئاي نۇرىدەك يېقىملىق كۈي

قەلبلەرنىڭ قات-قېتىدىن ئېتىلىپ چىققان.

شائىرلارنىڭ تېپىلغۇسىز ئىلھامى

تۈنلەرنى ئۇلايسەن تاڭغا

مەرىپەت يولىدا چامدايسەن ئالغا!...

ھېرىپ-چاراش يوق ۋۇجۇدۇڭدا ئەسلا...

سەن مىللەتنىڭ روناق تېپىشى ئۈچۈن ئۆزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، ئاۋام ئۈچۈن  ئەڭ زور تۆھپەڭنى قوشۇپ ، ئەجرىڭدىن خەلقىڭگە بال سۇندۇڭ .خىزىر كەبى شىۋىرلاشلىرىڭ ئىنسانلار ئېڭىغا ھاياتلىق قىممىتى ۋە گۈزەللىك توغرىسىدا تىنىمسىز ئېيتىلىۋاتقان جەڭگىۋار ۋەز !

قۇشلارنىڭ ئەركىن قانات قېقىشلىرىدا

كۆكنى تىترەتكەن ئۆلمەس پەرۋازىڭ بار.

روھىڭ يېتەكلەپ ماڭار ئىنسانىيەتنى

گۈزەل ئىقبالغا

ئۈمىدلەرگە قوشۇپ ئۈمىدلەر...

تۈنلەرنى قوغلايسەن مەشئەل ياندۇرۇپ،

تولدۇرماقچى بولۇپ مىڭ يىللىق بوشلۇقنى...

تىنىم تاپمايسەن ،

ھاياتىڭنىڭ ھەر تىنىقى-سەپەرلىرىدە!

مۇئەللىم !!!....

مەن شائىر يا يازغۇچى ئەمەستىمغۇ ،  نېمىلەرنىڭ يېزىپ كەتتىم، بۇ ئىلھام ماڭا نەدىن كەلدى ؟. توغرا دەپتىكەنسىز مۇئەللىم ، چىن سۆيگۈنىڭ قۇدرىتى چەكسىز بولىدىكەن ، ئادەمنى ئەقىللىق ، دانا قىلىۋېتىدىكەن ئەمەسمۇ مۇئەللىم !؟ سىزگە كۆڭلۈمدىكىنى دەۋېلىپ خېلىلا يىنىكلەپ قالدىم مانا .

كۆز ئالدىمدا سىزنىڭ  ، ئوقۇغۇچىللارنىڭ ، ۋەتەن ، مىللەت ، خەلقنىڭ  ئەتىسىدىن ، كەلگۈسى تەقدىرىدىن غەم   يەۋاتقان خىيالچان تۇرىقىڭىز، ئاپپاق چاچلىرىڭىز ، نۇرلىرى قاچقان ئەمما ئۈمىدكە لىق تولغان كۆزلىرىڭىز... « باللىرىنى ياخشى تەربىلىمىگەن ئاتا-ئانا ھامان بىر كۈنى ئەل-يۇرت ئالدىدا قارا يۈز بولىدۇ.مەكتەپلەردە ساننى قوغلىشىپ سۈپەتكە سەل قاراش بالايى ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. ‹ نەدىن كەلدىم ، نېمىش قىلىمەن ، نەگە بارىمەن  ؟ ...› دەپ پات-پات ئۆزىگە سۇئال قويۇپ تۇرمىغان ھەر قانداق ئىنسان كۈنلىرىنى چارىپايلاردەك ئۆتكۈزىدۇ ؛ باشقىلارنىڭ پايدىسى ئۈچۈن كەتمەن چاپىدۇ. ئۆزىنىڭ پايدا-مەنپەتى ئۈچۈن باشقىلارنىڭ بەختىنى قۇرۇپ قىلىۋېىتىدۇ ھەتتا ئۇلارنىڭ ھاياتىنى دوغا تىكىۋېتىدۇ. ئويۇنچىللىرى كۆپۈيىپ كەتكەن قەۋم ئېچىنىشلىق ھالدا ھالاك بولىدۇ. » بۇ سۆزلىرىڭىزنى ئويلىغانچە غەم-قايغۇغا چۆكىمەن، يۈرىكىمنىڭ  ئاللىقانداق بىر يەرلىرى چوغ يېقىلغاندەك ئېچىشىدۇ. بۇ سۆزلىرىڭىز ئۇخلاپ قېلىۋاتقان تۇيغۇلىرىمنى نۇقۇشلاپ ، روھىمنى سىزنىڭ روھىڭىزغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىنىمسىز تىرىشىشقا  چاقىرىپ تۇرىدۇ.

يېرىم كېچە. ھەممىلا دەردنى يۈدۈپ كەلگەن يۈرىكىم نېمىشقىكىن ئەنسىز سوقۇپ كەتتى. بىر-بىرىدىن توقۇناق خىياللار بىلەن ئەتىنىڭ سەھىرىنى كۈتۈپ ، ئۆينىڭ ئىچىدە توختىماي ئۇياندىن-بۇيانغا ، بۇياندىن-ئۇيانغا مېڭىشقا باشلىدىم . پات-پات دەرىزىدىن سىرتقا ، يىراق ئۇپۇققا قارايمەن...!

قۇلاق تۈۋىمدە ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىدا كۆزلىرىڭىزدىن ئېقىۋاتقان ياشلىرىڭىزنى تۇتىۋالالماي دېگەنلىرىڭىز : « باشقىلار بىلەن ئۆز-ئارا يول قويۇشۇپ ، بىر-بىرىنى مېھمان كىشىدەك ھۆرمەتلىشىپ ياشاش ، تاتىلىشىش ، ئازارلىشىش ، يەكلەش ، يالغانچىلىق قىلىشتەك يات قىلىقلارنى قىرىپ تاشلايدۇ ، ھالال ئەمگەك بىلەن تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە يىتەكلەيدۇ . مۇستەھكەم ، يىمىرلمەس  ئىتىقاد - ئەقىدە ئادەمگە مۇستەقىل ئىزدىنىش ئاتا قىلىپ ، ئۆمۈرنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرسا ، ئۆزلۈكسىز ئىزدىنىش ، بىلىمىنى يېڭىلاپ تۇرۇش  ئادەمگە ئەقىل ھەم قىممەت ئاتا قىلىدۇ. ئاددى-ساددىلىق بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى قەتئى داۋاملاشتۇرۇپ ، خاتىرجەملىك قوغلىشىپ ياشاڭلار ، ھەرگىزمۇ مال-دۇنيانىڭ كەينىگە كىرىپ كەتمەڭلار. ھاياتىمنى گۈزەللىك ھەم خاتىرجەملىككە تولدۇراي دېسەڭلار كەسكىن ، سالماق ، پاك بولۇڭلار، مۇھەببەت-نەپرىتىڭلار ئېنىق بولسۇن. كۈندىلىك تۇرمۇشىڭلاردا نېمەلەرنى يوقىتىپ ، نېمىلەرگە ئېرىشىۋاتقىنىڭلارغا ئاللاھىدە دېققەت قىلىڭلار . ئەڭ يېقىنىڭلارنى ئۆزۈڭلارنى ئۇنتۇپ تۇرۇپ سۆيۈپ بېقىڭلار بۇ چاغدىكى خوشاللىقنىڭ نەقەدەر لەززەتلىك بولىدىغانلىقىنى ئاندىن ھىس قىلالايسىلەر. ئۈمىد دەرىخىڭلارنى قۇرۇتۇپ قويماڭلار !  ھەر جايدا بولساڭلار بەختىڭلار سىللەر بىلەن بولسۇن !! ئاللاھنىڭ رەخمەتلىرى ئۈستۈڭلارغا يېغىپ تۇرسۇن !!!...»

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-21 12:31 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6403
يازما سانى: 1344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12155
تۆھپە نۇمۇرى: 358
توردا: 4588 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 08:37:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇئەللىم ----------مۇئەللىم
مۇئەللىم  ئۇ بىر قۇياش ،مۇئەللىم  بىر مەشئەل ..

ھەر كىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۇرچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1026
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2819
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 692 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 10:43:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇئەللىم ئەڭ قەدىرلەشكە تىگىشلىك ئىنسان...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 525
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1884
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 943 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-21 03:37:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 108598
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 299
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 71 سائەت
تىزىم: 2014-7-20
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 06:47:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش