1.
مېھرى بىلەن چىرايلىق ئادەم،
سېھرى بىلەن گۈزەلدۇر ئالەم.
گىرىلىكنى تاشلا يىراققا،
سېخى ياشاپ ئاتالغان ھاتەم.
2.
ھايات دىگەن دەھشەتلىك ئېقىن،
ياشلىق ۋال-ۋال چېقىلغان چېقىن.
سۆيگۈ بېغى چېچەكلىسىمۇ،
ئەجەل ئوقى ھەممەگە يېقىن.
.
3.
ياشاش يولى ئەقەللى ساۋات،
بۇنى بىزگە ئۆگىتەر ھايات.
مەيلى باي بول ياكى بىر گاداي،
ھەممىگە بار ئاخرى مامات.
4.
ھەر كىشىگە ئۆز يارى گۈزەل،
ئاڭلاڭ يارەي ئەمەستۇر مەسەل.
ساداقەتتە بەرسە قايناقسۇ،
جانانغا ھەم بىلىنەر ھەسەل.
5.
ھەر سەۋدالار چۈشىدۇ باشقا،
ئىشەنمىگىن ئەسلا كۆز ياشقا.
تۇلپارىغا مىنگىن ئەقىلنىڭ،
ئۇرما ھەرگىز تۇخۇمنى تاشقا.
6.
ھاستاياقتا يۈرسە بىر ئەما،
يول سورىدى ئۇنىڭدىن بەرنا.
ماڭ ئالدىڭغا! بەردى ئۇ جاۋاپ،
ئېيتىڭ قېنى زادى كىم دانا؟.
7.
نۇر چاچىدۇ كۆكتىكى قۇياش،
داۋام قىلار يەردىكى ياشاش.
ئامەت كۈلۈپ كەلمەس ئالدىڭغا،
جاپالارنى ئەتمىسەڭ باغاش.
8.
ئۇستىخانسىز بولغاچقا بۇ تىل،
بەزەن ئازار يەپ قالىدۇ دىل.
قۇلاقلىرى بولسىمۇ داپتەك،
شىكايەتتىن قاچار ئىمىش پىل.
9.
ياردى بىر زات قىلنى قىرىققا،
ئوخشاپ قالدى سۆزى تېرىققا.
سەردار بولساڭ مەجلىسلىرىڭدە،
يول قويمىغىن مۇنداق قىلىققا.
10.
ھايات يولى ئىكەن داۋانلىق،
يارەنلەرگە تىلە ئامانلىق.
ئەر ياشايدۇ ئەردەك يەنىلا،
يامانغىمۇ قىلماي يامانلىق
11.
ھەقىقەتكە ئىشىكىڭنى ئاچ،
مۇھەببەتكە كۈيلىرىڭنى چاچ.
دانالارنىڭ سۆھبىتىدە بول،
رەزىللىكتىن يىراقلارغا قاچ.
12.
ھورۇنلارغا ھەممە ئىش قىين،
كەيمىسەم دەر ھەتتاكى ئىگىن.
ھەركەت بىلەن دوستتۇر بەركەتمۇ،
چىچەنلەرگە جاپا بىر تىيىن.
13.
ھەر بىر جانغا ھايات قىممەتتۇر،
بويۇن قىسىپ ياشاش قىسمەتتۇر.
ئەل ئوتىدا كۆيىشنىڭ ئۆزى،
مەنچە بولسا ئىسىل خىزمەتتۇر.
14.
ئەيىپلەرنى ياپىدۇ داپچى،
ئابرويىنى تۆكىدۇ لاپچى.
سۆزلىرىدە«خۇدا ھەققى» دەپ،
قەسەم قىلار قەدەمدە قاپچى.①
15.
ھەر مىۋىنىڭ تەمى ئۆزگىچە،
بىلىنىدۇ پىشىپ كۈزگىچە.
كىمدىن كۆرەر چوپچوڭ بالىسى،
سانالمىسا ھەتتا يۈزگىچە.
16.
بۇ پەلەكنىڭ زامانى بەك تار،
ھەسرەت چېكىپ ئۇرمىغىن ئاھ-زار.
سەھەر تۇرۇپ باققىن قۇياشقا،
ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا بار.
17.
ئاشىق يىگىت تۆكتى ياشىنى،
ئەسلەپ گۈلى باغرى تاشىنى.
ئۇنى تاشلاپ كەتكەن ۋاپاسىز،
كىمگە ئېتىپ يۇرەر قاشىنى؟.
18.
ھەربىر تەندە بولۇر بىر يۈرەك،
چىن يۈرەككە ۋىجداندۇر بېزەك.
ۋىجدانسىزغا تەبىر بېرىپ ئەل:
دەيمىش قۇزغۇن چوقىغان تېزەك.
19.
خەلقىم ماڭا بەرمىسە مەدەت،
مەن قانداقچە قازىناي شۆھرەت؟.
قانىتىدىن ئايرىلسا قۇشمۇ،
ئۇچالماستىن چەكمەمدۇ ھەسرەت؟.
20.
ۋەتەن روھى ئاجايىپ قۇدرەت،
ۋەتەن بىلەن قۇچىسەن نۇسرەت.
ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىڭدىن كەچ،
ۋەتەن دىگەن بىباھا قىممەت.
قاپچى:قومۇل شىۋىسىدە يالغامچى.
مەنبە: ئۆزۈم.