ئۇيغۇر ئوغلى
تەجىربىلىك ئەزا
بۇ دۇنيا ئىسپانىيەنىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتىنى كۈرۈپ… بۇ دۇنيا ئاجايىپ قىسمىتى نۇرغۇن، بەزىدە خۇشاللىق بەزىدە قايغۇ. شادلىقتىن كۈلىسەن ئامەت كەلگەندە، بەزىدە كۈندۈزمۇ بۇلار قاراڭغۇ. كۈلكىگە خاپىلىق بولغاچقا يانداش، بىر كۈلگەن بەزىدە يىغلار مىڭ قېتىم. كۈنىسەن ھاياتنىڭ قىسمەتلىرىگە، ھاياتلىق ئۆزگەرمەس بىر تەكشى رېتىم. تەلىيىڭ بەزىدە كەلگەچكە ئوڭدىن، قۇچىسەن شەرەپلەر ئۇتۇقلار سېنىڭ. ئايلىنار بۇ پەلەك بەزىدە تەتۈر. بەخىت، ئامەت بەزى بۇلىدۇ ئۇنىڭ. غادىيپ كەتمىگىن ئامەتلىرىڭگە، كۈلمىگىن ئۆزگىنىڭ يىغىسىغا ھەم. بۇ دۇنيا قسمىتى باقمايدۇ ساڭا، رەھىمسىز بەزىدە قىلمايدۇ ياردەم. بۇ دۇنيا بەزىدە كۈرىنەر گۈزەل. مېھىر بىلەن باقساڭ قىسمەتلىرىگە. بىلىنەر بەزىدە بەكمۇ زۈلمەتلىك، زارلىساڭ دۇنيانىڭ كۈلپەتلىرىگە. ئابدۇخېلىل قۇتتېكىن 2014-6-14 دىيارى قەشقەر
پاش قىلىش
دائىملىق ئــەزا
ئادەتتىكى ئەزا
تىرىشچان ئەزا
يىـڭى ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ