مەستلىكىم
تۆت تېمىمنى ئۆمۈچۈكلەر تارتتى سوراققا مەستلىكىم ،
تەستىكى تەگدى ھاياتنىڭ ياغاچ قۇلاققا مەستلىكىم ،
پەگادا تاتىلاپ تىرنىقىم قويدى ئىزاغا مەستلىكىم ،
شەرىئەت بەردى باھا تەگكەن غىزاغا مەستلىكىم ،
ئەل نەزەرى ئوي -ئىناۋەت كەتتى يىراققا مەستلىكىم .
سىلكىمەي يۈرگەچ قاپاقنى قولۇمغا ئالدىم رومكىنى ،
تۆت كوچا يۈرسەم جالاقلاپ دىدى پىيەنچۈك خەق مېنى
بىغەرەز تۇرسا يۈرۈشۈم غۇرۇر ئاتالغان شاھ قېنى ،
مېغىزىدا تەمى كەتكەن بەرىكەتلەر ئاھ قېنى ؟
تاشلىدى زەبۇن ھالىمنى ئىشقى پىراققا مەستلىكىم .
شىر كەيىپ قىلسا گىرادۇس قولتىقىمنى يىرتىمەن ،
قىيامەت دوستۇم ئۈچۈن كونا چاپاننىڭ سىرتىمەن ،
لەھزىدە ئىزدەپ سورۇن ھەر خىل دېڭىزدىن ئۆتىمەن ،
بىھۇدە ئۆتكەچ كۈنۈم دەقىقىلەرنى يۈتىمەن ،
تاقالدى سەرسان روھىم ئۆتكۈر سىناققا مەستلىكىم .
ياۋا ئوتلار باستى باغنى بۇلبۇل تېنىدىن ئۆستى غەم ،
ئەرنى دەپ يىمەي غىزا سەكراتتا قالدى مەستۆرەم ،
بوسۇغامدا بارماق شوراپ قالغان ئىدى بىرجۈپ <بۆرەم >
ئادىمىيلىك خىسلىتىم كەل ، شەيتانلىرىم بەر تۆلەم !
چاچمىدىم مارجان ھارارەت بۇغداي -قوناققا مەستلىكىم .
بىۋاقىت يەتكەچ ئەجەل ماڭدى جىنازام قەبرىگە ،
كېچىكىپ يەتمەك ئېرۇرمەن ئاتا -ئانامنىڭ قەدرىگە ،
كىملەردىن قاچقاچ ھارارەت كىملەر چىلاشتى سەبرىگە ؟
ۋادەرىخ ،قانداق قاراي جەھەننەمنىڭ ئوت كۆزىگە ،
بىناۋات بەتتام سۈيۈمنى تۆكتۈم شىۋاققا مەستلىكىم .
ئۆتمۈشۈم شىر-شىر ئاۋازدا قۇم كەبىي كۆچمەكچىكەن ،
مۇڭلىنىپ ساناق ساناپ بىر چىراغ ئۆچمەكچىكەن ،
روھىمغا مايمۇن سىياق ئادەتلەر كۆنمەكچىكەن ،
ئۆزگىگە تەڭلەپ قوشۇق بىر ھەسەت ئۈنمەكچىكەن ،
قىيسىغان مايماق تېنىمنى بەردىم قىياققا مەستلىكىم .
ئويلىسام ھېجىر پۇچۇق كۆكلىدى قۇسۇرلىرىم ،
ئۈلگىسى بولدى غۇۋا ئۆي تۇتۇش ئۇسۇللىرىم ،
تىلىمدا بولغاچ زەھەر بۇلغاندى ساپ سۇلىرىم ،
بوتكىدا قىلدى ئېشەك بولغاچقا پارچە دوللىرىم ،
داغ چۈشۈردى ئەرلىك ھالىم ئاي زىناققا مەستلىكىم .
مۇڭلانغان دوقمۇشلىرىم ئەسلى ۋەتەننىڭ پارچىسى ،
ئەسلى بىز ئىدۇق ئەۋلادنىڭ شەمشادى ياكى ئارچىسى ،
باش كۆتىرىش تەس كېلىدۇ تەگكەندە ۋىجدان قامچىسى ،
قۇرۇپ كەتمەي كەتسۇن تۇتۇپ كۆڭۈلدە سۆيگۈ دانچىسى ،
بولدى بەس ، ئوقوپ ئەپسۇن سالما توزاققا مەستلىكىم .
ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bahwanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-27 02:24 AM