ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار ، ئەتىگەندە مۇنبەرگە چىقىپلا بىر تېمىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى كىرىپلا ئوقۇدۇم بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ، ھې ھې مەنمۇ قاملاشمىسىمۇ شۇنىڭغا قارشى قىلىپ يىزىپ باقتىم . لىكىن مەن بۇنىڭدا يىزىلغىنى بىلەن پەقەتلا ئوخشىمايمەن جۇمۇ ، مەنمۇ ئۆيلەنمىگەن تېخى ، مۇنداقلا يىزىپ باقتىم . پەقەت مۇنبەرنى قىزتىش ئۈچۈنلا يىزىپ باقتىم ، باشقىچە خاتا قاراشتا بولماڭلار جۇمۇ
ئۆيلەنمىسەم بوپتىكەن
18 گە كىرمەيلا ئۆيلەنمىسەم بوپتىكەن،
قىزىل بولاق ئاپىرىپ ئۆيلەنمىسەم بوپتىكەن .
ئاتا - ئانام نارازى بولۇپ قالغان تويۇمغا،
رازى قىلماي ئانامنى ئۆيلەنمىسەم بوپتىكەن.
ئۆيلىنىپ مەن ئۆيۈمدە جىدەل پەقەت قۇرمىدى،
تاللاپ ئالغان ئايالىم يا نامىزىغا تۇرمىدى.
ئانام دەيدۇ دادامغا بىرە تەستەك ئۇرمىدى ،
رازى قىلماي دادامنى ئۆيلەنمىسەم بوپتىكەن .
ئانا تۇرۇپ ئەتىگەن تەييار قىلار ناشتىنى،
دادام يەيدۇ زاغرنان خوتۇن يەيدۇ كاكچىنى.
ئايلار ئۆتۈپ بىرەر ۋاق سۈرۈتمەيدۇ تاكچىنى،
بۇنداق ھورۇن قىز بىلەن ئۆيلەنمىسەم بوپتىكەن.
كۈندە ئون ۋاق قارايدۇ زىرىكمەيدۇ ئەينەككە،
قۇرۇپ كەتسە كارى يوق سۇ ئالمايدۇ چەينەككە .
ئىشتان بەكمۇ يارشامىش خوپ كەلمەسمىش كۆينەككە،
ئىش بىلمىگەن قىز بىلەن ئۆيلەنمىسەم بوپتىكەن .
ئۇرۇپ باقتتىم نەچچە رەت تاياق كارمۇ قىلمىدى،
يىمىگەن مۇش پەشۋا ،تىپىك كالتەك قالمىدى.
يەنە يۈرەر پەرۋاسىز تاياق كۆكى چانمىدى،
بۇنداق ناچار قىز بىلەن ئۆيلەنمىسەم بوپتىكەن.
چىرايىغا كۆيۈپ مەن ئۆيلەنمىسەم بوپتىكەن،
يېشىم كىچىك تۇرۇپلا كۆيمىسەممۇ بوپتىكەن .
دادام دىدى ئۇھ سىنىپ ئۆيلەنمىسەڭ بوپتىكەن،
مەنمۇ دىدىم دادامغا ئۆيلەنمىسەم بوپتىكەن.
مەنبە : ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا پەرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-22 03:12 PM