ئانا
كۆرمىدىڭ يىل بۇيى ھۇزۇرـ ھالاۋەت، ئائىلەڭ بەختىگە ئۇل سالدىڭ ئەبەد. ئەجرىڭگە قىلمىدىڭ قىلچىمۇ مىننەت ، پەرزەنتىڭ كۈلكىسى سەن ئۈچۈن جەننەت.
ئوخشاتتىم مەن سىنى بەزىدە ئايغا، كۈندۈزى قۇياشقا كېچە يۇلتۇزغا. چۈنكى سەن ئەجرىڭگە قىلچە ۋايسىماي، كۈچ بەردىڭ دۇنيادا جىمى ھەر جانغا.
پەرزەنتىڭ قىلىدۇ بەزىدە خاپا، بەزىدە سالىدۇ ئەركىلەپ جاپا. ئۈمىدىڭ شۇ سىنىڭ پەقەت ۋە پەقەت، ”قىلسىكەن خەلقىگە ساداقەت ،ۋاپا“.
بولسۇنكى ئەي دوستۇم نەسىھەت ساڭا، ”داۋاملىق قىلغىن سەن بۇرچىڭنى ئادا. ئاناڭنىڭ ئەجرىگە قايتۇرساڭ جاۋاپ، ئۇ ئۈچۈن نە ھاجەت بايراملىق سوۋغا“.
ئىنساننىڭ ئۆمرى زادى قانچىلىك ؟، مەلۇمكى بۇ ئۆمۈر چەكلىك گۈلچىلىك. ئاناڭمۇ تۇزۇيدۇ ئەمما شۇ مىھرى، دۇنيادەكك چەكسىزدۇر چەكسىز شۇنچىلىك.
مەنبە :ئىجادىيەت
سالام توداشلار! بۇ مىنىڭ تۇلۇقسىز ئوتتۇردا ئۇقىۋاتقان ۋاقىتتا يازغان شېئىرىم ئىدى.بۈگۈن بۇ مۇنبەرگىمۇ يوللاپ باقتىم.تەكلىپ ـ پىكىرلەرنى ئايىمغايسىلەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagbax009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-14 02:40 PM
|