مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1092|ئىنكاس: 16

سەنئەت ــ تەبىئىي ۋە زۆرۈر روھىي پائالىيەت ( 1) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91567
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 160
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2013-2-12
ئاخىرقى: 2014-7-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 01:19:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەنئەت ــ تەبىئىي ۋە زۆرۈر روھىي پائالىيەت(1)

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% R7 w  L; q; k

يۈسۈپجان ياسىن

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, v# C- T/ D# J: ~

   يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە سەنئەت ھەققىدە ھەر خىل پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا، يەنى سەنئەتنى خاتا تەرىپلەيدىغان، سەنئەتكە سەل قارايدىغان، سەنئەتكە قارشى تۇرىدىغان، ھەتتا سەنئەتنىڭ مىللىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتىكى رولىنى ئىنكار قىلىدىغان پىكىرلەر باش كۆتۈرمەكتە. بولۇپمۇ بۇ خىل پىكىرلەر ناخشا – ئۇسسۇل ۋە ھەيكەلتىراشلىق سەنئىتىگە بولغان قاراش مەسىلىسىدە بەكرەك ئىپادىلەنمەكتە. بۇنداق پىكىرلەر بىر قارىماققا ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ياكى ئېتىقادىنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ ئېيتىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ سەنئەت بىلەن ھاياتنىڭ، سەنئەت بىلەن پەننىڭ، سەنئەت بىلەن ئېتىقادنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭلاشتۇرالمىغان، جەمئىيەتتىكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ ئىلمىي ۋە مەنىۋىي ئاساسىنى تىكلىيەلمىگەن، سەنئەتنىڭ مىللىي ئىستىقبالدىكى قۇدرىتىنى چۈشەنمىگەن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ سەنئەتكە تۇتقان مەۋقەسىدۇر. بۇ ھالەت ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇر ساھەسىدە كەسكىن پىكىر كۆرىشى پەيدا قىلغۇدەك بىر ئېقىمغا ئايلانمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئېڭىنى زىدىلەش، ئورتاق بىر مىللىي ۋە ئىجتىمائىي غايە تىكلىشىگە مەلۇم دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىش رولىنى ئوينىماقتا. شۇنى ئېيتىش كېرەككى، بىر جەمئىيەت مۇپتىلا بولغان ئەڭ ئېغىر كېسەللىك ھەر نەرسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئورتاق بىر مەقسەتنىڭ بولماسلىقىدۇر. بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىي قىياپىتى ئالدى بىلەن شۇ مىللەتنىڭ ئومۇمىي پىكىر سەۋىيەسىگە ۋە جەمئىيەتتىكى مەۋجۇت مودا ئېقىم چۈشەنچىسىگە باغلىق بولىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە سەنئەت ھەققىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ھەر خىل قاراشلارمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى ئومۇمىي پىكىر سەۋىيەسىنىڭ بىر خىل ئىنكاسىدۇر. ئەلۋەتتە، بۇ خىل پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا بەزى سەۋەبلەرمۇ بار. ئۇيغۇرلارنىڭ سەنئەت ساھەسىدە سەنئەت نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى ھەققىدىكى ئىزدىنىشنىڭ ئاجىز ھالەتتە قېلىشى، سەنئەت تەتقىقاتى ۋە سەنئەت تەنقىتىنىڭ يوق دېيەرلىك بولۇشى، سەنئەت ئىجادىيىتىدە خاسلىقنىڭ ئاجىز تەقلىتچىلىكنىڭ كۈچلۈك بولۇشى، نۇرغۇن سەنئەتكارلارنىڭ سەنئەت چۈشەنچىسىنىڭ مىللىي زوق بىلەن بىرىكمىگەنلىكى، زىيالىيلارنىڭ بولۇپمۇ ھەر خىل پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ سەنئەتكە بولغان تەلىپىنىڭ كۈچلۈك بولماسلىقى، جەمئىيەتنىڭ سەنئەت ئۈستىدىن نازارىتىنىڭ يوقلۇقى، سەنئەت ساھەسىدىكى كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە سەل قارىشى، سەنئەتنى تاۋارغا ئايلاندۇرىۋالىدىغان ھەرىكەتلەرنىڭ كۈچىيىشى، سىرتقى مۇھىتتىن كىرگەن بەزى ئىجتىمائىي پىكىر ۋە غەيرى ئەقىدىلەرنىڭ تەسىرى قاتارلىق بىر  مۇنچە  مەسىلىلەر جەمئىيەتتە سەنئەت ھەققىدە ھەر خىل قاراشلارنىڭ مەيدانغا چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* u! Z% Q$ i+ k) D) l   مەلۇمكى، تەقدىرى ۋە كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىۋاتقان ھەر قانداق بىر مىللەت ئاۋۋال ئۆزىنىڭ مىللەتلىك سۈپىتىنى تونۇش، مىللىي ھاياتىنى يېڭىدىن يارىتىش ۋە دۇنيا بىلەن تەكشى قەدەم ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىشى، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەش، تارىخىنى قېزىش، كۈلتۈر پاسىلىنى ئايرىش، مەدەنىيەت مەنتىقىسىنى ئېنىقلاش بىلەن بىرلىكتە، يەنە ئىلمىي  چۈشەنچە تىكلەش، ئىلغار مەدەنىيەتكە يۈزلىنىشتەك ئەقلىي ۋە ئىلمىي پائالىيەتكە مۇراجىئەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تونۇپ يېتىشى كېرەك. مىللىي ھاياتنىڭ ئۇلىمۇ دەل مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن قۇرۇلىدۇ. سەنئەتنى چۈشىنىش ۋە سەنئەتكە قانداق پوزىتسىيە بىلەن قاراشمۇ بىزنىڭ ئىلمىي چۈشەنچە تىكلەش ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىمىزدىكى مۇھىم بىر تېما. ئەلۋەتتە، بۇ ماقالىنىڭ مەقسىتىمۇ سەنئەتنىڭ شەكىللىنىشى، ئالاھىدىلىكى، پەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە  سەنئەتنىڭ ئىنسان ھاياتىدىكى رولى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىش ئارقىلىق سەنئەتتىن ھىدىرقايدىغان ياكى ئۇنىڭغا قارشى مەيداندا تۇرىدىغان كىشىلەرگە ئازراق بىر چۈشەنچە بېرىشتىن ئىبارەت. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# g0 R) ~0 O, Y7 _5 |, y9 l. W5 d# W0 F, _
   ئىنساندا تەبىئىي تۇيغۇ ۋە ئادەتتىكى چۈشەنچىدىن باشقا، يەنە بىر خىل گۈزەللىك تۇيغۇسى ۋە يۈكسەك تەپەككۇر بولىدۇ. سەنئەت ئىنساننىڭ ئاشۇ گۈزەللىك تۇيغۇسى ۋە يۈكسەك تەپەككۇرىنىڭ نەتىجىسى. بىر  نەرسىنىڭ ياكى بىر ھەرىكەتنىڭ گۈزەل، مۇكەممەل ۋە تەسىرلىك بىر شەكىلنى ئېلىشى سەنئەتتۇر. سەنئەت ئىنساننىڭ تەبىئەت، دۇنيا، ئىنسان، ھايات ھەققىدىكى تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىسىنى سىزىق، يېزىق، رەڭ، شەكىل، ئاۋاز، سۆز ۋە رېتىم قاتارلىق ئامىللارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق، گۈزەل، تەسىرلىك بىر شەكىلدە ۋە خۇسۇسىي بىر ئۇسلۇبتا ئىپادە قىلىشىدىن پەيدا بولغان بىر روھىي پائالىيەت. شۇڭا، ھەر قانداق بىر سەنئەت ئەسىرى ئىنساننىڭ تۇيغۇسىغا خىتاب قىلىدۇ. ئۇ يىگانە بولىدۇ، ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان يەنە بىر خىل ئەسەرنى تاپقىلى بولمايدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 F$ n  G" j1 W2 U' a2 u
  سەنئەت ئىنسان ئۈچۈن بىر خىل ئېھتىياج. يەنە كېلىپ بۇ ئىنسان ئۈچۈن ھەم تەبىئىي ھەم زۆرۈر بولغان بىر ئېھتىياج. شۇ سەۋەبلىك، ئىنسان سەنئەتسىز ياشىيالمايدۇ، سەنئەتسىز جەمئىيەتمۇ ئالغا باسمايدۇ ۋە مەدەنىيەتلىك جەمئىيەت ھېسابلانمايدۇ. بۇ جەھەتتە 1981 – يىلى ب د ت تەرىپىدىن ‹‹ئىنسانىيەت ئۈچۈن غۇرۇر ۋە شەرەپنىڭ سىمۋولى›› دېگەن نام بىلەن خاتىرىلەنگەن مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ سەنئەت ھەققىدە دېگەن سۆزلىرىنى تىلغا ئېلىش كۇپايە. ئاتاتۈرك مۇنداق دېگەن : ‹‹بىر مىللەت سەنئەتكە ئەھمىيەت بەرمىگەندە زور ئاپەتكە مەھكۇم بولىدۇ››، ‹‹بىر مىللەت سەنئەت ۋە سەنئەتكاردىن مەھرۇم بولسا مۇكەممەل بىر ھاياتقا ئىگە بولالمايدۇ››، ‹‹سەنئەتسىز قالغان مىللەتنىڭ ھاياتلىق تومۇرىدىن بىرى ئۈزۈلگەن بولىدۇ››، ‹‹بىر مىللەت رەسىم سىزمىسا، بىر مىللەت ھەيكەل ياسىمىسا، بىر مىللەت پەننىڭ زۆرۈر نەرسىلىرىنى ياراتمىسا، ئېتىراپ قىلىش كېرەككى، شۇ مىللەتنىڭ تەرەققىيات يولىدا ئورنى يوقتۇر.›› ئىنسانىيەت ھازىر غەرب مەدەنىيىتى دەۋرىدە ياشاۋاتىدۇ. غەرب مەدەنىيىتىنى ياراتقان ئامىل بولسا 14~16- ئەسىرلەردە ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن ۋە ھاياتنىڭ ھەر ساھەسىدە زور ئۆزگىرىش ياسىغان رۆنېسانىس ھەرىكىتىدۇر. بۇ ھەرىكەت دەل سەنئەتتىن باشلانغان. شۇڭا، بۇ ھەرىكەت يەنە ‹‹سەنئەتنىڭ تىرىلىشى›› دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مانا بۇ سەنئەتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتتىكى رولىنى چۈشىنىشتە ئەڭ ياخشى بىر مىسال. شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، سەنئەت ۋە ئۇنىڭ رولى ھەققىدە گەپ قىلغاندا، ئۇنى ھەرگىزمۇ ئىلىم - پەن، ئىقتىساد، تېخنىكا، ھەربىي كۈچ ۋە سىياسەت قاتارلىق ئامىللار بىلەن بىر قاتارغا قويۇپ باھالاشقا بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ سەنئەتنىڭ ۋەزىپىسى مەۋجۇت ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئەمەس. سەنئەت ئىنسانغا مەلۇم بىر نەرسىنى ئۆگىتىشنى ياكى مەلۇم بىر نەرسىگە ئېنىقلىما بېرىشنى مەقسەت قىلمايدۇ. سەنئەت ئىنسانغا پەقەت سەزدۈرۈش، ھېس قىلدۇرۇش، تۇيدۇرۇش، ئەسلىتىش، چاقىرىق قىلىش ئارقىلىق ئىنساننى مۇشۇ ئامىللارنىڭ دائىرىسىدە ئويلاندۇرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىنساننىڭ روھىنى ئويغىتىپ، ۋۇجۇدىنى جانلاندۇرۇپ، تەپەككۇرىنى قوزغايدۇ. باشقا ساھەلەردىكى ئىزدىنىش، يېڭىلىق، ئىسلاھات ۋە ئىنقىلاپلار سەنئەتنىڭ غىدىقلىشى، ئىلھامى ۋە قوزغىتىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، بىر مىللەتنىڭ ئويغىنىشى ۋە كۈچىيىشىدە تۇنجى قەدەم سەنئەتتىن باشلىنىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 e9 s, x# k! F) y   سەنئەت ئىنسان ئۈچۈن مەۋجۇتلۇق شەرتلىرىدىن بىرى. ئىنسان بار يەردە چوقۇم سەنئەت بولىدۇ. ئىنسان تەبىئەت دۇنياسىدا ھەر خىل رەڭ، شەكىل، ئاۋاز، تاش، قۇم، سۇ ۋە باشقا تەبىئەت ھادىسلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ. ئىنسان مۇشۇ مەۋجۇتلۇقلارنى ۋە تەبىئەت ھادىسلىرىنى كۆزىتىش، تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بۇلارغا ئۆز ئېھتىياجى بويىچە شەكىل بېرىدۇ. سەنئەت سەنئەتكارنىڭ تەبىئەتكە ۋە ھاياتقا يېڭى تەرتىپ ۋە يېڭى شەكىل بېرىش ئىستىكىدە ئوتتۇرىغا چىققان. شۇ سەۋەبلىك، سەنئەتنى ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئىپادىلەش شەكىللىرىدىن بىرى دەيمىز. ئەگەر سەنئەتكار بولمىسا سەنئەتمۇ بولمايدۇ. سەنئەتكار باشقىلارنىڭ تۇيغان، ھېس قىلغان، كۆرگەن ۋە ئويلىغانلىرىنى ئۇلاردىن پەرقلىق بىر شەكىلدە تۇيغان، ھېس قىلغان، كۆرگەن، ئويلىغان ۋە ئۇنىڭغا يەنە ئۆزىنىڭ زوقى ۋە چۈشەنچىسىنى قوشۇش ئارقىلىق ئۇنى پەرقلىق بىر شەكىلدە ئەكس ئەتتۈرگەن كىشىدۇر. شۇڭا، سەنئەتكار ئىدراكى تەرەققىي قىلغان كىشى دەپ قارىلىدۇ. مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ ‹‹ئەپەندىلەر، ھەممىڭلار مىللەت ۋەكىلى بولالايسىلەر، مىنىستىر بولالايسىلەر، ھەتتا جۇمھۇررەئىس بولالايسىلەر، لېكىن سەنئەتكار بولالمايسىلەر›› دېگەن سۆزى دەل مۇشۇ مەنىدە ئېيتىلغان. دېمەك، سەنئەتكار بىر ئىجادكاردۇر. ئۇ ئاددىيلا بىر ئىنسان ئەمەس، بەلكى يۈكسەك خاراكتېرگە ئىگە بىر شەخس. ئۇ ئاخىرىلاشماس بىر يولنىڭ پىدايى يولۇچىسى. ئەلۋەتتە، بۇ يولنىڭ ئېگىز-پەس، تار ۋە تىكەنلىك يەرلىرىمۇ بار. سەنئەتكارنىڭ بۈيۈكلۈك دەرىجىسى بۇ يولنى قانچىلىك باسقانلىقىغا باغلىق.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% _2 i1 D8 G+ x9 o: k    ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹‹سەنئەت›› سۆزى ئەرەبچىدىن كىرگەن سۆز بولۇپ، ئەسلى مەنىسى ‹‹ھۈنەر››، ‹‹كەسپ››، ‹‹ئۇستىلىق››، ‹‹ماھارەت›› دېگەنلىك بولىدۇ. ئىلمىي ئوقۇم بويىچە ئېيتقاندا، ھازىر دۇنيادا ‹‹سەنئەت›› دېگەندە كۆزدە تۇتۇلىدىغىنى ‹‹گۈزەللىك›› دېگەن مەنىدۇر. ئەلۋەتتە ئۇيغۇرلاردىمۇ مۇشۇ ئۇقۇم ئومۇملىشىشى كېرەك.  ‹‹قۇرئان كەرىم››دە ئاللاھ بۈيۈك بىر سەنئەتكار سۈپىتىدە تەرىپلىنىش بىلەن بىللە، يەنە ئاللانىڭ كائىناتنى ۋە كائىناتنىڭ ئەڭ كىچىك بىرلىكى بولغان ئىنساننى ‹‹ئۈستۈن ئىقتىدارغا ئىگە›› قىلىپ ‹‹ئەڭ گۈزەل شەكىلدە›› ياراتقانلىقى سۆزلىنىدۇ. ‹‹ئاللاھ گۈزەلدۇر، گۈزەللىكنى سۆيىدۇ››، ‹‹ئاللاھ  سەنئەتنى ۋە سەنئەت مەشغۇلاتىدا ماھارەتلىك بولغانلارنى ياخشى كۆرىدۇ›› دېگەن ھەدىسمۇ مۇسۇلمانلاردا  گۈزەللىكنىڭ، يەنى سەنئەت پائالىيىتىنىڭ جانلىنىشىغا يول كۆرسەتكەن. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئىسلام دىنىدا سەنئەتكە قارشى تۇرىدىغان بۇيرۇق يوق. سەنئەت كەڭ دائىرىلىك بىر ئۇقۇم، ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ساھەلىرىمۇ كۆپ. سەنئەت سەنئەتكارنىڭ قوللانغان ماتېرىيالىغا قاراپ ‹‹ئاۋازلىق سەنئەت››(ئەدەبىيات، ناخشا-مۇزىكا)، ‹‹تەسۋىرىي سەنئەت›› (بىناكارلىق، ھەيكەلتىراشلىق، رەسساملىق، خەتتاتلىق قاتارلىق)، ‹‹دىراماتىك سەنئەت›› (تىياتىر، ئۇسسۇل، تاڭسا، كىنو، بالېت، ئوپېرا قاتارلىق) دېگەن ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئاۋازلىق سەنئەتنىڭ ماتېرىيالى تىل ۋە ئاۋاز، تەسۋىرىي سەنئەتنىڭ ماتېرىيالى ماددا، دىراماتىك سەنئەتنىڭ ماتېرىيالى بولسا ھەرىكەتتۇر. ئىنسان تەپەككۇر، ھەرىكەت، ئىجادىيەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان، شۇنىڭدەك ئېتىقاد، ئىستەك ۋە غايىسى بار بىر بىيولوگىيەلىك ۋە پىسخولوگىيەلىك جانلىق بولغاچقا، تەبىئىي مەۋجۇتلۇقلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى تەرتىپ-قانۇنىيەتنى ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىشنى خالايدۇ. نەتىجىدە ئىنسان تەبىئەت دۇنياسىدىكى ماددا ۋە ھادىسلەرنى كۆزىتىش، تەھلىل قىلىش ۋە تەجىرىبىدىن ئۆتكۈزۈش  ئارقىلىق ئومۇمىي جەھەتتىن كۈچكە ئىگە بولغان بىر يۈرۈش پىرىنسىپلارنى ياراتقان. بۇ پائالىيەتلەر تۈرلۈك پەنلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن. مانا شۇ پەن بىلەن سەنئەت ئوتتۇرىسىدا مۇنداق پەرق بار:بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% t0 g1 Z8 x/ [3 v
   1. سەنئەت جانلاندۇرۇش، پەن ئېنىقلىما بېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. پەن تامامەن ھەقىقىي ۋە ئوبيېكتىپ بولىدۇ، سەنئەت بولسا خىيالىي ۋە سۇبيېكتىپ بولىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 A9 d* h; R! e4 d4 l$ O  ^
   2. پەن كونكرېت ھەقىقەتلەرنى ئابىستراكت فورمۇلا، نەزەرىيە ۋە قانۇنىيەت ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ. سەنئەت بولسا ئابىستراكت تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلەرنى كونكرېت ھالدا ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) w0 F4 {" |; S6 s# \2 S9 L   3. پەن ئەھلى توغرا نەتىجىگە ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ. تەبىئەت دۇنياسى ھەققىدىكى بارلىق پائالىيىتىنى مۇشۇ مەقسەتتە ئېلىپ بارىدۇ. سەنئەتكار بولسا تەبىئەتتىكى مەۋجۇتلۇقتىن تەسىرلىنىپ گۈزەللىك يارىتىدۇ. يەنى پەندە توغرىلۇق، سەنئەتتە گۈزەللىك مەقسەت قىلىنىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ D, X% y! s* Y% O" Z
   4. پەن ئومۇمەن توغرا نەتىجىلەرگە ۋە سىستېمىلىق تەجرىبىلەرگە تايانغان زىھنىي پائالىيەتلەرنىڭ تامامىنى تەشكىل قىلىدۇ. سەنئەت ئىنساننىڭ بۇ ئوبيېكتىپ ھەقىقەتلەر بىلەن بولغان ئېستېتىكىلىق ئالاقىسىدۇر.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 Z% @4 A7 c0 s* M) M   5. پەن شەيئىلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ، سەنئەت بولسا ئۇلارنىڭ شەكلىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* m* e% H0 a+ Z- [- j
   6.  پەن ئومۇمىي بولىدۇ، كىشىنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزگەرمەيدىغان ھەقىقەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. سەنئەت خۇسۇسىي بولىدۇ، شەخسنىڭ تۇيغۇ ۋە خىياللىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- z0 E5 ]  S5 f1 d: Z- q  f   7. پەن تەنگە، سەنئەت روھقا خىتاب قىلىدۇ. ئىنسان ماددىي ئېھتىياجلىرىنى قامداش جەرىيانىدا پەندىن كۆپ پايدىلىنىدۇ. روھىي دۇنياسىدىكى تەشنالىقنى بولسا سەنئەت ئارقىلىق قامدايدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 X6 w* D  H& I$ w! R7 p
   8. پەن سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق ئېرىشىلگەن ھەقىقەتلەرنى مەركەز قىلىدۇ. تۇيغۇ، خىيال، قورقونچ ۋە ئېتىقاد قاتارلىقلار سەنئەتكە چېتىلىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! G' l" |9 q, q: T+ k+ t  9. پەننىڭ ئىجتىمائىيلىقى سەنئەتتىن كۆپ بولىدۇ. ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ داۋاملىشىشىدا پەنگە بولغان ئېھتىياج سەنئەتكە بولغان ئېھتىياجدىن كۈچلۈك بولىدۇ. بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 J/ X* Y; G8 S3 e
  بۇنىڭدىن مەلۇمكى، پەن ‹‹ئومۇمىي تېمىلار›› بىلەن مەشغۇل بولىدۇ، تەجرىبە، تەتقىقات ۋە ستاتىستىكىلىق پاكىتلارغا تايىنىپ، ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە كۈچكە ئىگە بولغان پىرىنسىپلارنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، ئۆگىتىشنى ۋە بىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. سەنئەت ماكان ۋە زامانغا قاراپ ئۆزگىرىدىغان ‹‹خۇسۇسىي تېمىلار››نى سەزدۈرۈش ۋە تۇيدۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن قولغا ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۆزگۈرىۋاتقان نەرسىلەرنىڭ ئارقىسىدىكى ئۆزگەرمەي داۋاملىشىدىغان  مۇھەببەت، ئۆلۈم، جۇدالىق، سېغىنىش، ھايات سۆيگۈسى قاتارلىق ئالەمشۇمۇل بولغان قىممەت سىستېمىسىنى تېما قىلىدۇ. سەنئەتنى ياشاتقان نەرسىمۇ دەل مۇشۇ ئۆزگەرمەس، ئىزچىل داۋام قىلىدىغان قىممەت سىستېمىسىغا تايانغانلىقى، ياخشىلىقنى تېخىمۇ مۇھىمى گۈزەللىكنى مەقسەت قىلغانلىقىدۇر. سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئومۇمەن ئوخشاش تېمىلار تەسۋىرلەنسىمۇ، ھەر بىر سەنئەت ئەسىرىنىڭ پەرقلىق بىر ئىپادىلەش شەكلى بولىدۇ. شۇڭا، سەنئەتنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتى گۈزەللىك، تەسىرچانلىق، خاسلىق، دېداكتىكىلىق، ئالەمشۇمۇللۇق ۋە ئىجادىيىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت، دېيىلىدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* h& i4 h+ b: V+ v" I  X
داۋامى بار.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-12 02:21 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" ^6 M2 D7 v% _! y4 p0 m

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# f% N' I/ U! s$ K3 U/ B/ d

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103496
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 316
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2014-2-12
ئاخىرقى: 2014-7-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 03:05:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇمكىن بولسا ھەدىسلەر ئارقىلىق چۈشەندۈرسىڭىز ياخشى بولاتتى، ئاڭلىمىغان ھەدىسلەر بولسا ئاڭلىۋالساق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 839
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2399
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2014-7-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 03:43:03 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇستاپا كامال (بىر مىللەت سەنئەتكە ئەھمىيەت بەرمىگەندە
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* }, H  I# s# \زور ئاپەتكە مەھكۇم بولىدۇ) دىگەن گەپنىڭ ئورنىنىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- g& f2 N, e. v  c  y
ئالماشتۇرۇپ قويدىمۇ قانداق؟
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 w3 E0 N: X* g: A1 _. e( E4 {بۇ سۆزنى تەتۈرسىگە ئايلاندۇرۇپ باقساق بولىدۇ،بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" i% Y8 K& S, _- M
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @6 N& F) j3 ~% d' i4 V" _/ |
بۇ تىمىدىكى مۇستاپا كامالنىڭ گەپ_سۆزلىرىدىن
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ G2 K6 s2 ^/ l: Aئۇنىڭ قايسى ئىقىمدىكى ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 R" A0 G# u. K+ Rبولدۇ.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @% ]5 q+ K' D; V4 B
ئۇنى تىخىمۇ ئىچكىرلەپ چۈشەنمەكچى بولغانلاربۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 w& p- C9 z) b0 w5 m. ^
(ئەردوغاننىڭ ئەڭ تولۇق تەرجىمھالى) دىگەن ئەسەرنىبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 {1 V6 n9 p# C
ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 N' _. C) d/ W& c5 A1 H# {) Y) Sقىزىققۇچىلار مىنى ئۈندىدارىڭلارغا قىتىۋالساڭلاربۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ S" H9 g% G1 y; O
ئۇ تەرجىمھالنى يوللاپ بىرىمەن. 1395484024

دۇنيا ئۈچۈن بولۇپ پاتپاراق،
ئىنسان ئۆتەر تويماي ئاشۇنداق.
ھاياتلىقتا تويمىغان كۆزنى
تويدۇرىدۇ پەقەتلا تۇپراق.....


مىنىڭ تىمىلىرىمنى كۆرمەكچى
بولسىڭىز ھويلامغا مەرھەمەت قىلىڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105880
يازما سانى: 65
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 142
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 54 سائەت
تىزىم: 2014-4-10
ئاخىرقى: 2014-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 03:55:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەنئەتچى سەنئەت بىلەن شۇغۇللانسۇن،  تەنھەركەتچى تەنھەركەت بىلەن شۇغۇللانسۇن، يازغۇچى يازغۇچىلىقىنى قىلسۇن.  بىر مىللەتنىڭ ئۆزىگە خاس سەنىئىتى بولىدۇ، شۇڭا ئوتتاسا قوپسا سەنئەتكە قارشى تۇردىغانلا ئاڭ ياخشىسى سىز ئۆز كەسپىڭىزدە نەتىجە يارتىڭ، باشقىسى بىلەن كارىڭىز بولمىغىنى ياخشى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88122
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1183
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 43 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2014-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 04:20:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇرسەت تىرىشقانلارغا مەسۈپ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 21530
يازما سانى: 477
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8295
تۆھپە نۇمۇرى: 450
توردا: 733 سائەت
تىزىم: 2010-12-9
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 04:21:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە ئىش ئۆز لايىقىدا، ئۆز نورمىسىدا بولسا ياخشى.

كۈلۈۋېلىڭ! ئۈندىدارنىڭ ئىزدەش كۆزنىكىگە NURISTANنى كىرگۈزۈپ نۇرىستاننى قوشۇڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1425
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 671 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 04:40:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقا ئىلغار مەدىنىيەتلىك ،ساپالىق مېللەتلەردە بار بولغاندەك بىزدىكى ئۆزلۈك ،مەدىنىيەت ،سەنئەت ،تەنتەربىيە ،ئۆرۈپ -ئادەت،قول-ھۆنەرۋەنچىلىك مەلۇم دىنىي ئىتىقاد تۈپەيلى ئۆزگۈرۈپ كەتمەسلىكى كىرەك .ھەم دىنى پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەرنىڭ يەرلىك مەدىنىيەت ۋە يەرلىك ئۆرۈپ ئادەتلەرنى ھۆرمەت قىلىشى كىرەك .ئەڭ مۇھى نىيىتى يامان قىلىپ دىنىي ھەيۋە بىلەن مەدىنىيەت ئۇرۇشى قوزغىماسلىق كىرەك .مانا بىرنەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر جەمىئىتىدە بىسىقمايۋاتقان سەنئەت ۋە نوۋروز بايرىمى ھەقىقىدىكى تالاش-تارتىش دەل مۇشۇنداق ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىشمىغانلىقتىن ،دىنىي زاتلارنىڭ پەيغەرمبەرلىرىمىزنىڭ يولىنى شاخلىتىپ .ئىش قوشۇپ ،بېزەپ بىر مېللىي جەمىئەتتە تالاش-تارتىش بىسىقماي .چۈشكۈنلىشىش ،بىدئەتلىشىشكە يول ئىچىپ بىرىۋاتىمىز .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 D) g+ D5 b  @( i4 S) a" E
    دىن،ئىسلام ھەربىر ئاللاھنى تونۇغۇچى ئىنسانغا ھەق ئىشتۇر .لىكىن مېللەت دىگەن ئۇقۇم جۇغراپىيىلىك رايونى بولغان ،ئىدىيە يىقىنچىلىقى ،ئورتاق خۇلقى ،ئورتاق تېلى ۋە يىزىقى بولغان بىر ياكى بىرقانچە قەۋمنىڭ ئىشى .دىمەك دىنىي -ئىتىقادچىلىقنى مېللىي ئورتاقلىققا كۆتۈرۋالماسلىق كىرەك .مېللەتدىشىڭىز ياد دىنىي ئىتىقادى ئۈچۈن دۈشمەنلىك نەزەردە قارىماسلىق . مېللەت دىگەن ئۇقۇم  كىملىكىڭىزدە ماۋۇ دەپلا يىزىپلا قويسا بولىدىغان ئۇنداق ئاددى ئىش ئەمەس .مېللەت دىگەن ئورتاق ھورۇرغا ،ئورتاق مەدىنىيەتكە ،ئورتاق تېلغا ئىگە بولۇش ،مەسئۇل بولۇش دىگەن گەپ .شۇڭا بىرقىسىم مۇنبەرداشلارنىڭ يەنە قايتا -قايتا دىنىي ھەيۋە قىلىپ سەنئەتكە پەتىۋا بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @# A4 J3 T! @- B/ b& {2 ~
(ئىتىقادىمدىن ،ئىمانىمدىن گۇمانلانغۇچىلارنىڭ ئىنكاسى قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sardor0908 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-12 04:40 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ Z* Z: J4 L+ {1 D( Pبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ Z$ D0 F/ n+ q& \, p+ o

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10551
يازما سانى: 273
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9107
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1138 سائەت
تىزىم: 2010-9-16
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 04:50:43 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەممە كىشى ئۆز كەسپىدە نەتىنجە يارىتىشقا تىرىشسۇن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105999
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 489
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 92 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2014-7-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 04:56:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
..... بۇنىڭدىن مەلۇمكى، بىر مىللەتنىڭ ئويغىنىشى ۋە كۈچىيىشىدە تۇنجى قەدەم سەنئەتتىن باشلىنىدۇ.........بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @, }* n, c7 M( j6 e
بۇيەكۇننى چىقىرىشتا، يەنىمۇ كونكرىت ئىسپات ،دەلىللەر ، ئەمەلىي مىساللار ئېلىنغان بولسا بوپتىكەن، مەسلەن: ھازىر دۇنيادا ئىلغار سانىلىۋاتقان  مىللەتلەر نىڭ تارىخىدا سەنئەت زادى قانچىلىك رول ئوينىغان؟ ( ياپۇن، گىرمان، يەھۇدى، ئىنگىلىس قاتارلىق مىللەتلەر)دىگەندەك. مەن ھازىرغىچە بىرەر مىللەتنىڭ ناخشا-ئۇسۇل، رەسىم، ھەيكەلتارشلىق..... ئارقىلىق  دۇنيادىكى ئىلغار مىللەت بولغانلىقىنى تېخى ئاڭلاپ باقمىدىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1414
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3561
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1177 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-12 05:09:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئورۇن ئەپ قوياي.ئاخىرى بار دەيدۇ.ئاخىرغىمۇ ساقلايمىز.ئاندىن ئورتاقلىشىمىز.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگە ئادەمنىڭ ئىللىتى خىسلەت بىلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خىسلىتى ئىللەت بىلىنىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش