دادامغا يېزىلغان خەت
نەسىر
يۈسۈپجان قېيۇم
قەدىرلىك دادا مەن ساڭا خەت يىزىش ئۈچۈن ئۈستەل ئالدىدا ئولتۇرغىلى نەچچەسائەتلەر بولدى.ئانامنىڭ ئوغۇز سۈتى كەتمىگەن لەۋلىرىم توختىماي شىۋىرلايدۇ.سېنىڭمىھرى مۇھەببىتىڭدە يالقۇنجىغان يۈرۈكۈمنىڭ مانا ئەمدى، ئاچچىق يىغىسى قۇلاقلىرىمغائاڭلىنىۋاتىدۇ. جېنىم دادا ساڭا نىمىلەرنى دەيدىغىنىم ئېنىق بولسىمۇ گەپنى زادىنەدىن باشلاشنى بىلمەي بىشىمنى چاڭگاللاپ ئولتۇرىمەن.
داداسەن دائىم ماڭا‹‹ بالام، سەن تۇغۇلۇپ مېنى ئالەمدىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەمگەئايلاندۇرغان ئىدىڭ.شۇڭا بارلىق ئارزۇ ئۈمۈتلىرىمنى ساڭا باغلاپ ئىسمىڭنى‹‹ئۈمۈت›› قويغان مەن›› دەپ يىرىك ساقال باسقان يۈزلىرىڭنى بۇدرۇق مەڭەزلىرىمگەسانجىپ تۇرۇپ مېھرىڭ بىلەن سۆيۈپ كىتەتتىڭ.مانا ھازىر ئەشۇ سۆيۈشلىرىڭنى تاراملاپتۆكۈلۈپ ئولتۇرۇپ سېغىنىۋاتىمەن. قەدىرلىك دادا سەن مېھرى مۇھەببەتلىك ئاددى- سادداياشاشقا كۆنگەن،بىر جۈپ بالاڭنى ئالەمدىكى ئەڭ زور بايلىغىم ھەم بارلىغىم دەپبىلىدىغان،بىز ئۈچۈن ھەممە نىمەڭنى ھەتتا ئەڭ قىممەتلىك بولغان ھاياتىڭنىمۇ تەغدىمئېتەلەيدىغان بىر ئادەم ئىدىڭ.سەن مىنىڭ بالىلىقنىڭ، سەبىلىكنىڭ گۈللىرى تىخى توزىمىغانقەلبىمدە ئەنە شۇنداق ئۇلۇغ ئاتا ئىدىڭ.
سەنتىلۋىزۇردا قويۇلغان تەسىرلىك فىلىملەرنى،يىتىملىك كوچىسىدا تەمتىرەپ يۈرگەنبالىلارنى كۆرسەڭ ئۆزەڭنى تۇتالماي يىغلاپ كىتەتتىڭ.ئەنە شۇنداق چاغلارداقۇچىقىڭغا چىقىپ سىنىڭ ئورۇق بىراق بىز ئۈچۈن قۇياشتەك ئىللىق بولغان يۈزلىرىڭنىبويلاپ ئاققان ياشلىرىڭنى سۈرتۈپ تۇرۇپ ‹‹نېمىگە يىغلايسەن دادا؟››دەپسورايىتتىم.سېنىڭ شۇ چاغدا تىخىمۇ تۆكۈلۈپ تۇرۇپ نېمە دېگىنىڭ يادىڭدا بارمۇ؟سەن شۇچاغدا ‹‹ جىنىم بالام مەن بوۋاڭدىن بەكمۇ كىچىك يىتىم قالغان،چوڭ بولۇپ ئەقلىمىزنىتاپقىچە كۆرمىگەن كۈنىمىز قالمىدى.موماڭ بىزنى باغرىغا تېڭىپ ئۆيدە ئانا سىرتقاچىقسا ئاتا بولۇپ ئانا مېھرىگە قاندۇرۇپ چوڭ قىلغان بولسىمۇ،يەنە بىر يەلىرىم مانامۇشۇ كۈنگىچە ئاچ تۇرىدۇ.ئەمدى ئويلىسام مانا بۇ ئاشلىق ئاتا مېھرىكەن.شۇڭائاتىسىز يىتىملارنى كۆرسەم،ئاتا دىگەنلەرنىڭ ئاغزىغا تەلمۈرۈپ چوڭ بولغان كۈنلىرىميادىمغا يىتىپ ئۆزەمنى تۇتالماي يىغلاپ سالىمەن ئوغلۇم.›› دىگەن ئىدىڭ.قەدىرلىكدادا شۇ سۆزلىرىڭ ھازىرمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ.
بىر يىل ئاۋۋال ئۇدۇل خوشنىمىز كېسەل سەۋەبى بىلەن تۈگەپ كەتتى.ئۇ سېنىڭ سىرداش خۇددىئاكا-ئىندەك ئۆتكەن يىقىن قىرىندىشىڭ ئىدى. سەنمۇ ئۇنى ئەنە شۇنداق كۆرەتتىڭ.شۇڭائۇنىڭ ئۆلىمى ساڭا بەكمۇ ئېغىر كەلدى.نەچچە كۈنلەرگىچە كۆزىڭدىن ياشقۇرىمىدى.دوستۇڭ جان ئۈزەر چىغىدا بىر جۈپ بالىسىغا ئۆزىنىڭ ئورنىدا قاراپقۇيۇشۇڭنى ئىيتىپتۇ.ئەنە شۇندىن بىرى سەن ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپكەلدىڭ.بالىلىرىغا مېھرىڭىنى يەتكۈزدۇڭ.ئانام بولسا ھەربىر ۋاق تامىقىنىڭ ئالدىنىئۇلارغا سۇنۇشنى ئۇنتىمىدى.مېنىڭ ئەنە شۇ چاغدا نىمىلەرنى ئويلىغىنىمنى بىلەمسەندادا.
مەنسىلەردەك مېھرى-مۇھەببەتلىك ئاق كۆڭۈل،باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خوشاللىق دەپبىلىدىغان ئاتا-ئانامنىڭ بولغانلىقىدىن سۆيۈنگەن ئىدىم.سەن ئۆلۈپ كەتكەن ئاغىنەڭبىلەن ئىسىمداش ئىدىڭ. شۇڭا بالىلىرىمۇ سېنى ئۆلۈپ كەتكەن دادىسىنىڭ ئورنىداكۆرەتتى. راستىمنى ئىتسام مەن شۇ چاغدا مېنىڭمۇ دادام بىر كۈنى ئۆلۈپ كىتەرمۇ؟سىڭلىم ئىككىمىزمۇ خوشنىمىزنىڭ بالىلىرىدەك يىتىم بولۇپ قالارمىزمۇ دەپ شۇنچىلىكقورققان ئىدىم.مەن تۇغۇلۇپ تۇنجى قېتىم ئۆلۈمنىڭ ۋەھىمىسى باغرىمنى ئەزگەنئىدى.ئەشۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە سەن ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يىتىپ قالدىڭ.مەن سەندوختۇرخانغا بالنىستتا ياتىدىغان بولۇپ ماڭغان چىغىڭدا ساڭا ئېسىلىپ شۇنچىلىكقاتتىق يىغلىدىم. قوشنىمىزمۇ ئەنە شۇنداق بالنىستتا يىتىپ بىرەر ئايدىن كىيىنئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.مەن شۇ چاغدا سىنىمۇ شۇنداق كىتىپ قالارمۇ سىڭلىم ئىككىمىزئەمدى دادىسىز قالارمىزمۇ دەپ يىغلىغان ئىدىم.سەن شۇ چاغدا كۆڭلۈمنى چۈشەنگەندەك‹‹ يىغلىما بالام مەن نەچچە كۈندىن كېيىن قايتىم كىلىمەن.›› دەپ سىڭلىم ئىككىمىزنىباغرىڭغا بىسىپ كۆز يىشى قىلغان ئىدىڭ.دوختۇرخانا ئادەم قۇتقۇزىدىغان،ئائىلىلەرنىخوشالىققا ئېرىشتۈرىدىغان يەر ئىدى. بىراق دوختۇرلار سېنىڭ تىنىڭدىكى كېسەلنىساقايتقىنى بىلەن،قەلبىڭدە ئاللىقاچان بىخلاپ بولغان خەتەرلىك ئۆسمىنىئېلىۋەتمەپتۇ.ئۇ خەتەرلىك ئۆسمىنىڭ سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭدىن نىمىلەرنى يوقاتقانلىغىنىبىلدىڭمۇ دادا.ئۇ سەندە ئەزەلدىن بار بولغان،ئايالىڭغا بولغان ساداقەتنى، بالىلىرىڭغابولغان مېھرى مۇھەببەتنى،ئائىلەڭگە بولغان مەجبۇرىيەتنى ئاللىقاچان يوقاتقان ئىكەن.چۈنكى سەن دوختۇرخانىدىن چىقىپلا باشقىچە ئادەم بولۇپ قالدىڭ.بەلكىم سەندوختۇرخانىدا يىتىپ ئاللىقاچان كاللاڭدا پىشىپ بولغان پىلانلىرىڭنى،بىزنى ئاپامبىلەن ئون ئالتە يىلدىن بىرى گۈللەتكەن ئىللىق ئائىلىمىزدىن قانداق قوغلاپچىقىرىشنى ئويلاشقان ئوخشايسەن دادا. قوشنىمىزنىڭ ئائىلىسىدە ئاپتاپتەكئېچىلغان،ئۆيگە كىرسەڭ يامغۇرلۇق بۇلۇتلاردەك تۇتۇلغان چىرايىڭغا قاراپ نىمىلەرنىئويلۇشۇم مۈمكىن.سېنىڭ دوسقا،قوشنا -قولۇملارغا بولغان مېھرى-مۇھەببىتىڭ بۇنداقتۈگەللەنسە سېنىڭ ئادىمىلىكىڭ زادى نەگە كىتىدۇ دادا.بىز سېنى ھەقىقىيسۆيگەن،قەدىرلىگەن ۋە ئاسرىغان ئىدۇق.بىراق سەن مانا ئەمدى ئاغىنەڭگە چىدىمايكەينىدىن بىرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن ئەزرائىلنى ئىزدەپ يۈرىسەن.
راسئاپام ئىككىڭلار مەن ئىسىمنى بىلگەندىن بىرى، پات-پات جىدەل قىلىپ قالىسىلەر، ئوتتۇرۇڭلارداكىچىك زىدىيەتلەرنىڭ بارلىغىنى بىلىمەن. ئاپامنىڭ ئاغزى ئىتتىكلىك قىلىپ ئېتقانبەزىبىر سۆزلىرىنىڭ سېنى ئازاپلىغانلىنىمۇ بىلىمەن.بىراق بۇ بىر ئائىلىنى خانىۋەيرانقىلىشىڭغا يىتەرلىك سەۋەپ بولالامدۇ.ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دادا،سەن بىزنى ئالدىغىنىڭبىلەن،سوتچىلارنى ئالدىغىنىڭ بىلەن ئەل يۇرتنى ئالدىيالمايسەن.سىڭلىم ئىككىمىزسىلەرنىڭ جىدىلىڭلار باشلانغاندا بەكلا ئازاپلانساقمۇ ئەتىسىلا يەنە باھارئاپتىپىدەك ئېچىلغان چىرايىڭلارغا قاراپ خاپىلىقلارنى تامام ئۇنتىيمىز-دەقۇچۇقۇڭلارغا چىقىپ ئەركىلەپ ئائىلىنىڭ ئىللىق مېھرىنى ھىس قىلىمىز.جىنىم دادا سەندوختۇرخانىدىن چىقىپ بىرنەچچە كۈندىن كىيىن ئاپام ئىككىڭلارنىڭ ئارىسىدا يەنەجىدەل باشلاندى.سىڭلىم ئىككىمىز بۇمۇ ئۆتۇپ كىتىدۇ ئەتىلا ئۇلار يەنە بىزنىئەركىلتىپ ئىللىق باغرىغا باسىدۇ دەپ ئويلۇدۇق.بىراق بۇ جىدەلنىڭ سىلەرنىئاجىراشتۇرۇپ بىزنى تىرىك تۇرۇپ ئاتىسىز قويىدىغان ھاڭغا ئاپىرىپتاشلايدىغانلىغىنى ئويلاپمۇ باقماپتىمىز دادا.
قەدىرلىك دادا،ئاپام ئىككىڭلارنىڭ بىر چاغلاردابىزنى بازارلاردا،باغلاردا يىتىلەپ خوشاللىققا چۆمدۈرگەن قوللىرىڭلارنىڭ بىزنىئەشۇ سۈرلۈك سوت مەيدانىغا يىتىلەپ بارىدىغانلىغىنى ئويلىماپتىمىز جىنىم دادا.
سەن سوت مەيدانىدا بىزگە قاراپمۇقويمۇدۇڭ،سىڭلىم ئىككىمىزنىڭ ئۆتىنىش ياغقان كۆزلىرىگە،‹‹جېنىم دادا سەن تىرىكتۇرۇپ بىزنى يىتىم قىلما بىز تىخى بىر سەبىي بالا بىز سىنىڭ بىزنى تەربىلىشىڭگەئاسىرىشىڭغا مۇھتاج.›› دەپ قىلغان ئۈنسىز نىدالىرىمىزغا قۇلاق سالمىدىڭ دادا.
سەن سوت مەيدانىدا ‹‹ ئاپامنى مېنى خارلىدى.مەنبۇنىڭ بىلەن ئەمدى ئۆي تۇتسام كېسەل بولۇپ ئەجىلىمدىن بۇرۇن ئۆلۈپ كىتىمەن.››دىدىڭ.سەن شۇ چاغدا يۈرىكىڭنىڭ پارىسى، ھاياتىڭنىڭ داۋامى بولغان بىر جۈپ بالاڭنىئويلىدىڭمۇ؟سېنىڭسىز ئۇلارنىڭ ئۈمۈت يۇلتۇزلىرى خىرەلەشسە مەيلىمۇ؟سېنىڭسىزئۇلارنىڭ كەلگۈسى قارا جۇدۇنلارغا يەم بولسا مەيلىمۇ؟ سەن بىزدەك كۆزقارچۈقلىرىڭنى ئازاپ دىڭىزلىرىغا غەرىق قىلىۋىتىپ،قانچىلىك ئۈزۈن ئۆمۈركۆرەرسەن،بىزنى زار-زار يىغلىتىپ سەن قانچىلىك خوشاللىق تىپىپ كىتەرسەن،سەن بىزنىئەنە شۇنداق يىتىملىكنىڭ خورلۇقنىڭ ئوتلىرىغا تاشلاپ قويۇپ،سەن قانداخمۇ خاتىرجەمئۇخلاپ بىغەم ياشارسەن دادا،سەن بىزگە بىرىشتىن ۋاز كەشكەن ئاتلىق مېھرىڭىنىكىملەرگە بىرەرسەن.
سەنئاجىرشىپ سىڭنىمنى ئاپامغا قالدۇرۇپ،مېنى ئۆزەڭ ئالماقچىكەنسەن.ياق دادا مەن سەنبىلەن بىللە تۇرالمايمەن.ساڭا شۇنچىلىك ئامراق سىڭلىمغا،ئون ئالتە يىلدىن بىرىقولىنى كۆسەي چېچىنى سۇپۇرگە قىلىپ ئائىلىمىزنى ئاۋات قىلغان ئاپامغا مۇھەببەتئۆچكەن قەلبىڭدىن مېنىڭ،ماڭا تەئەللۇق بولغان مۇھەببەتنى تىپىشىم مۇمكىنمۇ جىنىمدادا.
سىڭلىمساڭا شۇنچىلىك ئامراق ئىدى.ئۇ ھازىرمۇ كېچىلرى ئىسمىڭنى چاقىرىپ كىچىلەردەئويغۇنۇپ ‹‹دادامنى سىغىندىم دەپ››ئاپامغا يىغلاپ جىدەل قىلىدۇ.بىچارە ئاپام كۆزلىرىدىنياش تۆكۈپ تۇرۇپ ‹‹دادىڭىز تاڭ ئاتسىلا كېلىپ بىزنى ئۆيگە ئېلىپ كىتىدۇ.›› دەپئۇنى بەزلەيدۇ.بىزنى بۇنچىلا ئازاپلاغا قويغۇدەك نەچچە يىلدىن بىرى بىز ساڭا نىمەقىلغان بولغىيتتۇق. سېنى بۇنچىلا ئۆزگەرتىۋەتكەن نەرسە زادى نىمە دادا، پۇلمۇ؟ مەنپۇلغىمۇ ئۆچ بولدۇم.پۇلىمىز يوق چاغلاردا ئائىلىمىزدە ئىناقلىق مېھرى-مۇھەببەت بارئىدى.مانا پۇلىمىز بولغاندا بولسا ئەڭ مۇھىم نەرسىدىن بىز سۆيۈملۈك دادىمىزدىنئايرىلىپ قىلىۋاتىمىز.سەن بولساڭ ئاغزىدا گېپى جىق بولسىمۇ ساڭا ھەقىقىيكۆيىنىدىغان ئايالىڭدىن،سېنىڭ كەلگۈسىڭ بولغان،سېنىڭ ئۆز پۇشتۇڭ بولغانبالىلىرىڭدىن ئايرىلىپ قىلىۋاتىسەن.
ناۋادا سوت مېنى ساڭا بۇيرىسىمۇ مەن سېنىڭيىنىڭدا تۇرالمايمەن دادا.چۈنكى سېنىڭ مۇھەببتىڭدىن،كۆيىنىشىڭدىن،قوغدۇشۇڭدىنئايرىلىپ قالغان ئاپام بىلەن تىخى ئەمدىلا ئالتە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان سىڭنىمبۇندىن كىيىن مېنىڭ مېھرىمگە،مېنىڭ قوغدۇشۇمغا،ئاسىرىشىمغا مۇھتاج بولىدۇ دادا.
قەدىرلىك دادا،سەن بەلكىم قوشنىمىزدەك ئۆلۈپكەتكەن بولساڭ، قوشنىمىزنىڭ يىتىم قالغان بالىلىردەك بۇ تەغدىرگە تەن بىرىپ،سىڭلىمئىككىمىز قەلبىمىزدە مەڭگۈ سېنى ئۇلۇغلاپ روھىڭغا دۇئا قىلىپ ئۆتەر ئىدۇق.بەلكىمئاپام ساڭا بولغان مۇھەببىتىنى قەلبىدە ساخلاپ خۇددى مومامدەك بىزگە ئاتا-ئانابولۇپ بىلىنى غەيرەت كەمىرىدە باغلاپ ياشار ئىدى.بىراق سەن ھايات،سەن ھايات تۇرۇپبىزنى ئۆزەڭ تاتقان، ئازاپلانغان،بويۇن قىسىپ ياشىغان كۈنلەرگە قويىۋاتىسەن.كەلگۈسىدەسىڭنىم ئىككىمىز ياراملىق ئادەم بولساق بۇ سېنىڭ تەلىيىڭ دادا،ناۋادا ئەخلاقىبۇزۇلغان، جەمىيەت ئۈچۈنمۇ بىر يۈك بولىدىغان ئادەم بولۇپ قالساق سېڭنىمئىككىمىزنىڭ قىساسى سېنىڭ بوينۇڭدا دادا،ئۇ چاغدا سەن بىزدىن ۋاز كىچىپ ئىرىشمەكچىبولغان خوشالىققا بۇ دۇنيادىمۇ ھەم ئۇدۇنيادىمۇ ئېرىشەلمەيسەن.مەڭگۈئېرىشەلمەيسەن.
قەدىرلىك دادا،مەن خوشاللىق چىھرىدە بالقىپ تۇرغان ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئالدىدائۆزەمنى شۇنچىلىك چۈشكۈن ۋە بىچارە سېزىمەن.سېڭلىم بىرىنچى سىنىپتا ئۇقىۋاتىدۇ.دائىمخوشال غەمسىز كۈلۈپ يۈرگەن بىچارە سىڭلىم شۇنچىلىك جىمغۇرلۇشۇپ كەتتىكى كۆرسەڭئىچىڭ سىرىلىدۇ.بەلكىم سېنىڭ قېتىپ كەتكەن باغرىڭ بۇ سۆزلىرىمگىمۇ ئېرىماس.
بىراق بىر كۈنى ئېرىيدۇ.سەن بىزدىن كىچىپباغرىڭغا بالام دەپ تارتقان باشقىلارنىڭ بالىلىرى سېنىمۇ،سەن بىزنى خورلىغاندەكخورلىغان چاغدا پۇشايمان قىلىسەن.ھازىر بىزنىڭ كۆزىمىزدىن بىر تىمىم ياش ئاققۇزغانبولساڭ ئۇ چاغدا سېنىڭ كۆزىڭدىن مېڭ تىمىم بولۇپ تۆكىلىدۇ.بىراق ئۇ چاغدا ھەممىزكىچىكەن بولىمىز دادا.
ساڭايازغان بۇ ھەسرەتلىك خېتىمنى ئوبدان ساقلىغىن دادا،ئۇنىڭغا سەبىي ئوغلۇڭنىڭ كۆزياشلىرى تامغان،بىر كۈنى ئۇنىڭغا سېنىڭ كۆز ياشلىرىڭ تامىدۇ.
خەيىردادا،ساڭا ئازاپتا تولغۇنۇپ،تىرىك يىتىملىكتە مۇڭلۇنۇپ،سېنىڭ باغرى تاشلىق بىلەنبىزگە ئاتا قىلغان كۈنلىرىڭدىن زارلىنىپ تۇرۇپ ساڭا بەخىت خوشاللىق تىلەيمەن.
دەپ ھۆرمەت بىلەن: ئوغلۇڭدۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-5 06:07 PM