مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 519|ئىنكاس: 1

ياشاش ۋە ياشاپ بىرىش -بايانى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106069
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 4 سائەت
تىزىم: 2014-4-15
ئاخىرقى: 2014-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 07:18:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىزدىكى ياشاش ۋە ياشاپ بىرىش

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @. X) Z/ F$ i$ ~  p! ]  T# |" @

بايانى


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) b) l4 g- }% |5 n! c' ]

       ئىنسان تۇغۇلىشىدىنلا مەلۇم بىر ئاڭ بىلەن ياشاشقا ئىرادە قىلىنغان مەخلۇق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ياشاش ھوقۇقىغا ۋە قانداق ياشىشىنى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان ھەقىقەتتۇر . شۇڭلاشقا كىشلىرىمىز ئاڭسىز ، كىشىلىك سۈپىتىگە ماس كەلمەيدىغان ئىش قىلغان ياكى شۇنداق گەپ - سۆزدە بولغان ئادەمنى ‹ ھايۋان › دەپ تىللاشقا ئادەتلەنگەن.  بۇ خىل مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا قانداقتۇر بىراۋنى ھاقارەتلەش ياكى ئۇنىڭغا روھىي ئازار بىرىش بولماستىن بەلكى ئۇنىڭغا بىرىلگەن ئوبىيكىتپ باھا بولسا كىرەك . چۈنكى ھەر كىشى تۇغۇلىشىدىن ئادەم بولۇپ تۇغۇلغىنى بىلەن ئادەم بولۇپ ياكى ھايۋان بولۇپ ياشاش يەنىلا شۇ ئادەمنىڭ ئۆزى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ئەلۋەتتە . خۇددى بىر ئادەم تۇغۇلىشىدىنلا ئۇنى گەرچە بىز مۇسۇلمان ياكى خىرىستىيان دەپ بەلگىلىيەلمىسەكمۇ كىيىنكى ھايات جەريانى ھەم ياشاش مۇھىتى، ئائىلە تەربىيسى قاراتلىق جەھەتلەردە ئۇنىڭ قايسى دىننىڭ مۇرىتى بولىشى ئاندىن بەلگىلىنىدۇ. بىز ئۈچۈن ئۇيغۇرلار تۇغۇلىشىدىنلا مۇسۇلمان تۇغۇلىدىغان مىللەت كىشىلىرىدۇر. ئەمما ئۈرۈمچىدەك مەدەنىيەت سېسىقچىلىقى ھەم مەدەنىيەت پاكىزلىقى ، ئىتىقادتىكى ئىخلاسمەنلىك بىلەن چىرىك ئىدىيە گىرەلىشىپ كەتكەن، پاھىشىۋاز بۇزۇق بىلەن مەسچىتنىڭ ئىمامىمۇ مەلۇم بىر كىشىلىك مۇناسىۋەت يۈزىسىدىن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ قالىدىغان شەھەردە ئۇيغۇر خىرىستىئانلىرىنىڭ بارلىققا كىلىشى ھەم  بۇ سۆزىمىزنى ئاز- تولا ئىسپاتلاپ بەېرسە كىرەك. بەلكىم شۇلارمۇ ئەينى چاغدا دادىسى قۇلاق تۇتۇپ ، ئەرزان تولاپ تۇرۇپ ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ئات قويغان مۇسۇلمان پەرزەنتلىرى بولسا كىرەك. بەلكىم ئۇ چىركاۋغا پالاقشىپ ماڭغىنىدا ئۇنىڭ ئانىسى جەينامازدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا ئاللاھدىن ئىمان - ئىتىقاد، ئىنساپ ھەم بەخىت تىلەۋاتقاندۇر  .


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( S- m; _1 f' r! A# H8 ~4 [

     ‹ كىچىكنى ھۆرمەتلەپ، چوڭنى ئىززەتلەڭلار› دەپ ئەڭ چوڭ ئۇلۇغۋار يالغان گەپنى قىلىپ تۇرۇپ ئوقۇتۇش مۇنبىرىدە ‹ئۇستاز › سالاھىيتى بىلەن تۇرۇپ قىلتاق قۇرۇپ كەچتە قىز ئوقۇغۇچىسىنى قوينىغا تارتىدىغان بەزىبىز ئادەم تەلەت مەلئۇن ئوقۇتقۇچىلار دەل ئاشۇنداق ئىتىقادتا چىرىكلەشكەن بىر ئەۋلاتنىڭ گۇناھكارلىرى دەپ گۇمانىمىز باردۇر .  

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 w+ V! |6 a$ n8 h

ئىنسان ياشايدۇ، ئۆزى ئۈچۈن ياشاش قارىماققا ئۇلۇغ ھەم مەردانىلىكتەك تۇيۇلغىنى بىلەن ئەمما ئۇنىڭغا يەنە مەلۇم مەنىدىكى شەخسىيەتچىلىكنىڭ ئۇرىقى يوشۇرۇنغاندۇر .

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  U. j/ y3 N) ~7 O

   يىگانىلىقنىڭ ھارام قىينىشى كىشىلىرىمىزنى بۈگۈنگە بەخشەندە، ئەتىگە گۇمان بىلەن قارايدىغان، ئۆگۈندىن ئەندىشە قىلىدىغان قىلىپ قويغان، ئانىسى ئىتىپ بەرگەن تاماقنى يەۋاتقان، دادىسى بەرگەن پۇلنى خەجلەۋاتقان بىر سىتۇدىنتمۇ قانداقتۇر ئۆزى بىلىپ -بىلمەيدىغان يىگانىلىقنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ.  ئۆزىنىڭ زادى نىمىگە تەشنا ئىكەنلىكىنى ئىزدەيدىيۇ تاپالمايدۇ ، بۇ يىگانىلىق قانداقتۇر يات جىنىستىكى بىرسىدىن تەلەپ قىلىدىغان مۇھەببەتنىڭ يىگانىلقىمۇ ئەمەس ئىدى، قانداقتۇر ئۆزگە يۇرىتتا ياشاپ ئانا يۇرتىغا بولغان سېغىنىشنىڭ يىگانىلىقىغىمۇ ئوخشىمايتى، قانداقتۇر قېرىندىشىدىن ئايرىلىپ يىتىم قالغان يىگانىلقمۇ ئەمەس ئىدى. شۇنداق بىر ھىس قىلغىنى بولىدىغان، ئەمما دىگىلى بولمايدىغان، ياكى ئىپادىلەش تەس بولغان يىگانىلىق ئىدى .

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 n/ p5 {$ X! r+ [8 N+ b

     ‹ ھاياتتا قەيسەر ياشايمەن › دەپ ئۆز - ئۆزىگە ۋەدە بەرگەنلەر ھاياتتا ئۆزى ئۈچۈن ياشاشنىڭ شەخسىيەتچلىك ئەمەس بەلكى ئىنتايىن قىيىن ئىكلەنلىكىنى ھىس قىلغىنىدا ئۆزىنىڭ ياشاۋاتقان ئەمەس بەلكى تاكى شۇ دەقىقىغە قەدەر ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشقانلىقىنى ھىس قىلغان ئىدى. يەنى بۇ يىگانىلىق بىزنى ھەتتا ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشاشتەك بىر شەخسىيەتچلىكنىمۇ قىلالمايدىغان قىلىپ قويغان ئىدى .


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @  C4 U+ z7 c; N- H1 _" y- g( {* K

    قىززىقى شۇكى ئادەم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ زادى نىمە ئۈچۈن، ياكى كىم ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىشمۇ بىر ئەقەللىي ئىش ، ئادەم بولۇشنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەملىرىدىن بىرى ئىدى، ئەمما شۇنداق بىر كىشىمىز ئۆزىنىڭ زادى كىم ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىنىمۇ ئۆزىمۇ بىلمەيلا قالدى ، ئۆزۈم ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن دىسە تېخى ھېچبىر كۆڭلىدىكى ئۆزىگە ئوخشىمايۋاتاتتى ، ئاتا-ئانام ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن دىيىشكە نۇمۇس قىلاتتى، خوتۇن - بالام ئۈچۈن ياشاۋاتىمەن دەي دىسە ئۇلارغا ئەسلا يۈز كىلەلمەيتى ، بۇ كىشىمىز مۇشۇنداق بىر ئىزتىراپ بىلەن ياشايتى ، ىىزمەت قىلاتتى ، ئۆزى خالىمايدىغان سورۇنلارغا داخىل بولاتتى ، تەنھا قالغىنىدا ئەينى چاغدىكى ئۆزىنىڭ ئارمانلىرىنى ئويلايتى ، شۇ ئارمانلىرىدىن خۇشاللىق ئىزدەيتى، ئەمما ئىرىشكىنى تېخىمۇ كۆپ ئىزتىراپ بولاتتى .


بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @/ d) j8 u" C% N/ B9 I

   دىمەك - ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ياشىمايۋاتاتتى ، ھەم كىم ئۈچۈن ياشاۋاتقانلىقىنىمۇ بىلمەيتى .

بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' _3 b: j! k) ]( h5 V0 `

ھايات بىر سىكۇنىت ، بىر مىنۇت ، بىر سائەت ، ئاي ، يىللاپ ئۆتمەكتە ، ئارزۇلار ئارزۇلار پىتى قالماقتا ، كىلەچەك بارغانچە بىر مەۋھۇم ساندەك ، يەشكىلى بولمايدىغان مۇرەككەپ تەڭلىمىدەك تۇيۇلماقتا ، بايانى بايانلىرى داۋام ئەتمەكتە ....

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-4 09:38 PM  بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @3 W, P1 ^2 W. b
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 Y: E$ i7 U* M! @; _; S3 Q

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12676
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8024
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2014-6-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-6-4 09:43:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يىزلىپتۇ

ئادەم ھامان ئۈلىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش