مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 289|ئىنكاس: 14

ئۈچ شېئىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1719
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-22 09:01:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا قەدرى


( بىر يىتىمنىڭ نالىسى )


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ



يورۇق تاڭلار قارا زۇلمەت سىز كېتىپ،
بەخىت - تەلەي تەتۈر قىسمەت سىز كېتىپ .
كۈنلەر باھار كۆكلەپتىكەن سىز بولغاچ  ،
يۈتتى شاتلىق ،مېھرى - شەپقەت سىز  كېتىپ.

گۈزەل ئالەم قىيامەتتۇر ئەجەپ ھال ،
سۈزۈك روھىم جاھالەتتۇر يوق ماجال  ،
يۈرەك قان - قان جاراھەتتۇر  نە ئامال ،
پۈتتى تەختىم شانۇ - شەۋكەت سىز  كېتىپ .

نادامەتتە ئۆرتىنىمەن ئاھ ئۇرۇپ ،
غېرىب باشىم ،زەھەر ئاشىم ياش تۇرۇپ ،
قاخشال دەرەخ كەبى قالدىم ھەم قۇرۇپ ،
قېنى دوسىت - يار كەتتى بەركەت سىز  كېتىپ .

پەرىشتىدەك چېھرىڭىزنى سېغىندىم ،
دىدار ئىزلەپ ئىزىڭىزغا تىۋىندىم ،
ئاھانەتتىن مىڭ ئۆلۈپ مىڭ تىرىلدىم ،
يامان بولدى ھالال مىھنەت سىز كېتىپ .

سەۋدايىمەن تەلمۈرىمەن ئانام دەپ ،
باستى غەملەر تەڭقىسلىقتا دادام دەپ ،
ئېگىلىمەن روزىغارىم ، بالام دەپ ،
غۇۋا مەنزىل ، ئۈمىت - نۇسرەت سىز كېتىپ .



راسىتچىللىق


ئىنسانىيلىق مىزانى شانۇ - شەۋكەت راسىتچىللىق ،
ھاياتلىقنىڭ قىممىتى تەۋپىق ، بەركەت راسىتچىللىق ،
گۈل ئۆمۈرنىڭ ئۇز ھۆسنى گۈزەل زىننەت راستچىللىق ،
مۇھەببەتنىڭ قۇت تەختى ۋىسال نۇسرەت راستچىللىق ،
ئىناقلىققا مەزمۇت ئۇل ئۇلۇغ شەرەپ راستچىللىق .


راسچىللىقتىن ئاۋاتتۇر يېزا - قىشلاق ، شەھەرلەر ،
راسچىللىقتىن پارلايدۇ نۇرانە تاڭ - سەھەرلەر ،
راسىتچىللىقتىن مەردانە باسقان ھەر ئىز -قەدەملەر ،
راسىتچىللىقتىن بەرباتتۇر ئاھانەتلىك ئەلەملەر ،
ئادىمىيلىك غورۇرى ئول ھەقىقەت راستچىللىق .


ئەدەب - ئەخلاق دۇنيانىڭ مەنىۋىيەت تۈۋرۈگى ،
سەمىمىيەت - راسىتچىللىق چىنلىق ، پاكلىق يۈرىگى ،
مىسال كۆزى ساپ ۋىجدان روھىيەتتۇر ئۈزۈگى ،
تۈز نىيەتلىك بەندىلەر بۈيۈكلەرنىڭ بۈيۈكى ،
ياخشىلىقنىڭ ئاساسى مېھرى - شەپقەت راستچىللىق .


ئۆم -ئىجىللىق ئەۋزەلدۇر راسىتچىللىقتىن يۈرەك توق ،
ئاسايىشلىق كۈنلەردە  روزىغارىمىز تولۇق ،
ھەر كۆڭۈللەر نەۋ باھار ۋەسلى گۈلگۈن ، يوپيۇرۇق ،
مەنزىل ئارا يول ئارا ئۈمىت كەبى خەمخان يوق ،
رىشتىمىزگە كاپالەت ھەم كامالەت  راسىتچىللىق  .



ئانا قەسىدىسى


مېھرىڭىزدىن نۇرانە تاڭلار ،
چېھرىڭىزدىن كۆكلىگەن باغلار .
بالام دەيسىز بىر ئۆمۈر تىنماي ،
جىسمىڭىزدىن مەزمۇتتۇر تاغلار .


قولىڭىزدا تەۋرەنسە دۇنيا ،
ئەجرىڭىز بار تامامى جاندا .
پەرىشتىدەك بەركەت ياغىدۇ ،
ھايات ئەزىز ئويغانغان ئاڭدا .


بالامنىڭ دەپ تاپقان تەرگەننى ،
بالامنىڭ دەپ ئېگەم بەرگەننى .
سىزنى يۈدۈپ مەككىگە بارسام ،
ئادا بولماس بىر رەت ئەمگەننى .


ئىزىڭىزدا جەننەت جىلۋىسى ،
روھىڭىزدۇر سۆيگۈ قىبلىسى .
مەڭگۈ سىزگە قەرزىدار ئىنسان ،
ئۈزۈلمەيدۇ ئوتلۇق رىشتىسى .



مەنبە ؛ قەلىمىم


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-23 12:37 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
ali1234 + 108 ئېسىل

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 108   باھا خاتىرىسى

كۈلۈشۈمنى كىملەر سېغىندى .
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104917
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2303
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2014-3-16
ئاخىرقى: 2014-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 12:55:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98590
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 771
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2013-10-9
ئاخىرقى: 2014-8-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 01:51:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولۇپ قالدىم يىتىم ئانا سىز كىتىپ
قاناتىمدىن قايرىلدىم،سىز كىتىپ
ئەمدى كىملەرگىمۇ يال ئۇرارمەن  
قەدىرىڭىزگە يەتتىم،سىز كىتىپ


ناھايتتى  ياخشى  يىزىپسىز .

قانداق  ياشىشىڭ  ئۈزەڭگە باغلىق.

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 784
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1558
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 604 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 01:59:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىسىل يېزىلغان شېرىكەن.

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106777
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2014-5-15
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 04:44:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
بېشىمدىكى دوپپامغا ھېچنىمىنى تەڭ قىلمايمەن. دوپپىسى يوقلارنىمۇ شۇ!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106777
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2014-5-15
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 04:46:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
بېشىمدىكى دوپپامغا ھېچنىمىنى تەڭ قىلمايمەن. دوپپىسى يوقلارنىمۇ شۇ!
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106777
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2014-5-15
ئاخىرقى: 2014-7-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-23 06:40:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
بېشىمدىكى دوپپامغا ھېچنىمىنى تەڭ قىلمايمەن. دوپپىسى يوقلارنىمۇ شۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10195
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 296 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-24 01:15:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇمكىن بولسا بەزى يەرلىرىنى ئازراق تەھرىرلىۋېتىڭ ئەمما ياخشى يېزىپسىز

شاھ زاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1719
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 07:28:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Manager يوللىغان ۋاقتى  2014-5-23 04:46 PM
ئانا دېگەننىڭ ئىككىنچى كۇپلېت، تۆتىنچى مىسراسىنى ئوڭش ...

‹ پۈتتى › سۆزىنىڭ يەنە بىر مەنىسى يوقالدى ، ۋەيران بولدى ، مەنىدە كېلىدۇ .

ئۇيغۇر گىرامماتكىسىغا ئوبدان قاراڭ قېرىندىشىم .

كۈلۈشۈمنى كىملەر سېغىندى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97620
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1719
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 48 سائەت
تىزىم: 2013-9-5
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-25 07:30:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Manager يوللىغان ۋاقتى  2014-5-23 06:40 PM
توۋا ھېچكىم ئەسەرنىڭ ئەدەبىي تىلى ھەم ئىملاسىغا دىققە ...

ئىملا ، بوغۇملاردا نۇقسان يوق  . پەقەت سىز شېئىريەتنى چۈشەنسىڭىزلا ، ئۇيغۇرتىلىنى بىلسىڭىزلا .

كۈلۈشۈمنى كىملەر سېغىندى .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش