ئانا تىلىم
ئەي ئانا تىلىم __ ئانامنىڭ تىلى!
ئانا تىلىم! ئەي ئانام بەرگەن تىل!
مەن سېنى ئانامدەك ئەزىزلەيمەن!
سېنى ئاڭلىسام، ئانامنىڭ ئوتلۇق يۈرەك خىتابىنى ئاڭلىغاندەك بولىمەن؛ سېنى سۆزلىسەم، شۇ خىتابقا جاۋاپ سادايىمنى ياڭراتقاندەك بولىمەن.
ئانام ماڭا تۇنجى قېتىم «بالام – باغرىم» دېگىنىدە سەن بىلەن __ دەل مۇشۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۆزلىگەن. مەنمۇ تۇنجى قېتىم «ئانا __ ئانام» دېگىنىمدە سەن بىلەن __ مۇشۇ تەۋەررۈك تىل بىلەن سۆزلىگەن.
ئانا تىلىم، سېنىڭ ھەربىر تاۋۇشۇڭدا ئاناممنىڭ يېقىملىق تىنىقلىرى بار؛ سېنىڭ ھەربىر ئۇرغۇڭدا ئانامنىڭ نەپىس ھېسسىياتىنىڭ ئۇرغۇشلىرى بار؛ سېنىڭ ھەربىر ياڭرىشىڭدا ئانامنىڭ غۇرۇرى بار، ئىپتىخارى بار.
مەن سەن ئارقىلىق ئانامنىڭ كەچمىشلىرىنى ئۇققان؛ سەن ئارقىلىقلا ئەجداتلارنىڭ كىملىكىنى ئۇققان؛ سەن ئارقىلىقلا ئانا ۋەتەننىڭ نېمەلىكىنى ئۇققان.
شۇنداق، سەن ئارقىلىق مېنىڭ ئۇققان _بىلگەنلىرىم جىق، ناھايىتى جىق:سەن ئارقىلىق ئۇرخۇن ۋادىسىدىكى مەڭگۈ تاشلارنىڭ سىرىنى ئۇقتۇم، ئەجداتلىرىمنىڭ گۈللىنىش ۋە خارابلىشىش تارىخى كۆز ئالدىمدا ئايان بولدى. ئۇنىڭدىكى غالىبلىققا بولغان مەدھىيە كۆڭلۈمنى يايراتتى، مەغلۇبىيەتكە ئوقۇلغان مەرسىيە يۈرۈكۈمنى قاقشاتتى.
سەن ئارقىلىق «ئوغۇزنامە» نى __ مەشھۇر قەھرىمانلىق داستانىنى ئوقۇدۇم. ئوغۇز خاقاننىڭ «ئاتلان» دەپ نەرە تارتىشلىرى يۈرۈكىمنى لەرزىگە سالدى، جەڭ تۇلپارلىرىنىڭ تاشقا تەگكەن تۇياقلىرىدىن چاچرىغان ئۇچقۇن كۆزۈمنى چاقناتتى.
سەن ئارقىلىق «ئالتۇن يارۇق»نىڭ نېمەلىكىنى ئۇقتۇم.بېشبالىقلىق تىلشۇناسىمىزنىڭ تاۋغاچ تىلىدىن ئۆرۈگەن بۇددا ھېكايىلىرى مېنى گۈزەل بىر ئەپسانە دۇنياسىغا باشلاپ باردى.بۈگۈنكى ئىدىقۇت خارابىسىگە قاراپ ئۆتمۈشتىكى ئاجايىب بىر سەلتەنەتنى كۆزئالدىمغا كەلتۈردۈم.
سەن ئارقىلىق «ئىككى تىگىننىڭ ھېكايە» سىمۇ، «چاستانى ئىلىگ بەگنىڭ ھېكايە» سىمۇ قەلب سھىپەمگە نەقىشلەندى.مەن ئۇلارنى ئانام ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەردەك زوق ئىشتىياق بىلەن ئاڭلىدىم.
سەن ئارقىلىق «مايترى سىمىت»تىن قەدىمقى بىر دراممىنى كۆرۈش بەختىگە مۇيەسسەر بولدۇم؛ مايترىتتىن مەسھكىچە، مەسھتىن ئىمام مەھدى ئاخىرزامانغىچە بولغان باغلىنىش مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى.
سەن ئارقىلىق «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى ئوقۇدۇم، «قۇتادغۇبىلىك»نى ئوقۇدۇم، «ئەتەبەتۇل ھەقايىق»نى ئوقۇدۇم، قەدىمقى شېئىر –داستانلارنى ئوقۇدۇم، نۇرغۇن –نۇرغۇن بىباھا ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى ئوقۇدۇم.
سەن ئارقىلىق «ئون ئىككى مۇقام»نى ئاڭلىدىم، سەن ئارقىلىق «ئون ئىككى مۇقام» نى توۋلىدىم، كۈي – مۇقام دېڭىزىدىكى ھېكمەت گۆھەرلىرى سەن ئارقىلىق، پەقەت سەن ئارقىلىقلا ئۆز قىممىتىنى، كارامىتىنى نامايەن قىلدى.
شۇنداق! ئانا تىلىم __ پاراسەتلىك، باتۇر، ئەمگەكچان مىللىتىمنىڭ تىلى ! سەن ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلدۈردۈڭ، سەن ماڭا نۇرغۇن ھېكمەتنى سىڭدۈردۈڭ.سەنسىز مەن مەۋجۇدىيىتىمنى تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن، سەنسىز مەدەنىيىتىمنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايمەن.
ئەي ئانا تىلىم __ ئانىلىرىم سۆزلىگەن تىل، ئاتىلىرىم سۆزلىگەن تىل؛ سەن ئاكىلىرىم سۆزلىگەن تىل، ئاچىلىرىم سۆزلىگەن تىل؛ سەن ئىنىلىرىم سۆزلىگەن تىل، سىڭىللىرىم سۆزلىگەن تىل؛ سەن بالىلىرىمنىڭ تىلى؛ سەن ھەممىمىزنىڭ تىلى! ھەممىمىزنىڭ تىلى سەن بىلەن، پەقەت سەن بىلەن چىققان.
ئاتامنىڭ «قارا، بالام» دېگەنلىرىدىن مەن خۇددى تەرەپنى پەرق قىلىدىغان كومپاسقا ئېرىشىمەن.
ئانامنىڭ «ئويلا، بالام»دېگەنلىرىدىن مەن خۇددى قاراڭغۇلۇقنى يورىتىدىغان مەشئەلگە ئېرىشىمەن.
جانانىمنىڭ «بېقىڭ، جېنىم»دېيىشلىرىدىن مەن گويا چاڭقىغان يۈرەكنى سۇغۇرىدىغان بۇلاققا ئېرىشىمەن.
بالامنىڭ «مانا، دادا» دېيىشلىرىدىن مەن گويا مېنى كۆككە ئۆرلىتىدىغان قاناتقا ئېرىشىمەن.
ھەر جۈملەڭدە بىر ھېكمەت، ھەر جۈملەڭدە زور قىممەت.
ھەر جۈملەڭكى بىر سەنئەت، ھىر جۈملەڭكى زور رىغبەت.
شۇنداق، سەن مەن ئۈچۈن قۇۋۋەت، سەن مەن ئۈچۈن قۇدرەت.
سەن مەن ئۈچۈن سۆلەت، سەن مەن ئۈچۈن دۆلەت!
ئۇيغۇرۇمنىڭ ئۆزگىچىلىكى دۇنيادا سەن بىلەن نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ. سەن گويا ئىنسانىيەت تىل دېڭىزىغا قۇيۇلۇپ تۇرغان بىر دەريا. ئىنسانىيەت دېڭىزىنىڭ شاۋقۇنلىرىدا سېنىڭ پىچىرلاشلىرڭ بار، ئانا تىلىم!
جاھان گۈلىستانىدا تۈمەن مىڭ قۇش ناۋا قىلىدۇ، سەنمۇ ئۇنىڭدا ئۆزگىچە سايراۋاتقان بىر قۇش. سېنىڭ سايرىشىڭدىن باشقىلارمۇ زوق ۋە بەھرە ئالىدۇ.
ئىنسانىيەت سىمفونىيىسى پۈتكۈل ئىنساننىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن مۇكەممەللىككە ئىرىشكەن. ئۇنىڭدا سېنىڭمۇ ئۆزگىچە ياڭرايدىغان كۈيىڭ بار.
ئانا تىلىم، سەن بىر گۈل، ھەرخىل تىلنى ھەرخىل گۈلگە ئوخشاتقانغا ئوخشاش، مەنمۇ سېنى بىر گۈلگە ئوخشىتىمەن. گۈلزار بىر خىل گۈل بىلەنلا رەڭدارلىققا ئىگە بولالمايدۇ. جاھان گۈلزارىنىڭ رەڭدارلىقىدا سېنىڭمۇ بىر ئۈلۈش جىلۋەڭ بار.
ئانا تىلىم __ ئانام بەرگەن تىل! مەن سېنى ئانام قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن، ئانامنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن. ئانامنى قەدىرلىگىنىم ئانىلارنى قەدىرلىگىنىم، ھەممە ئىنساننىڭ ئانىلىرىنى قەدىرلىگىنىم! ئاشۇ ئانىلارنى ئۇلۇغلاۋاتقىنىمۇ مېنىڭ تىلىم، مېنىڭ مۇشۇ ئانا تىلىم!
مەنبە: تالانتلىق نەسىرچى، ئەدەبىي تەرجىمان ئەخمەت ئىمىن نىڭ «جۇلدۇركېپەن خوتۇننىڭ ساداسى» ناملىق ئەسىرىدىن ئېلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 红柳 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-22 02:43 PM