ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي باش كىيىمى
دوپپا
بادەم دوپپا ، چىمەن دوپپا... گۈزەل ئۇيغۇرغا شان دوپپا ،
جېمى ئالەمگە مەشھۇر بول ،بەخت - ئارزۇمغا جان دوپپا .
جاھان ئارا سىنىڭ كەبى ياراشىملىق تاجىم نەدە ؟
كۆزۈمگە مىڭ سۈرەي سىنى ،كۆزۈم نۇرى بايان دوپپا!!!
كۆپلەر ئىزدىشەر كىملىك قۇرۇق قەغەز ۋاراقىدىن ،
مىنىڭ ھەقىقى كىملىكىم بىرسەندە ئايان دوپپا.
ئۇزاق ئەسىر كى يىل بۇيى ئېزىز ئەجدادىمىز كەيگەن،
كۆرمىگىم بۈگۈن بەك تەس ، كىتىپ قالدىڭ قايان دوپپا.
قارايمەن سىنجىلاپ ھەرچاغ : ئۇ كىم ، قايسى مىللەت بۇ ؟؟؟
بىلەلمەي گاڭگىراپ دەيمەن : مەڭگۈ بول ئامان دوپپا.
كىيىپ باقسۇن ژىگىت –قىزلار گۈزەللىشەر ئەجەپ ھەيۋەت ،
كىشىنىڭ مەسلىگى كېلۈر ،بولۇر ھەم شادىمان دوپپا.
گۈھەرىم سەن، گۈزەلىم سەن ،سېنىڭسىز ياشىماق زۇلمەت!
قاراڭغۇ تۈن كېچىلەرمۇ يۈرەك ئوينار جانان دوپپا !
سېنىڭدە بار ئەجەپ مەنا ،قىلىچ ، قورغان ، گۈلى رەنا،
چۈشەنگەنلەر بولۇر دانا ،ئېقىلغا پاسىۋان دوپپا .
سېنىڭ ئۆزگە سىياقىڭدىن ،ئەجەپ گۈزەل سىمارىڭدىن ،
ۋە بەلكى ئوت –پىراقىڭدىن كۈيەر ماھى تابان دوپپا .
ئاتا– ئانام كى ئەجدادىم بىلەتتى تۇتىيا سېنى ،
ئايرىلماس ئىدى ئەسلا دالايۇ ـ تاغ – داۋان ، دوپپا.
شۇڭا باشتىن چۈشۈرمەيمەن،دۇنياغا تىگىشمەيمەن ،
ھىكمىتىڭ كى خىسلىتىڭ ،كۈيلىسەم داستان دوپپا.
خەپ دەيمەن ئاشۇ گىلدىڭ چاكاندا باش سەتەڭلەرگە ،
قانداقمۇ ياشايدىكىن، سېنى تاشلاپ ھامان دوپپا .
گاھ بەكمۇ ئېچىنىمەن ،قايغۇغا چۆكۈپ ئاندىن ،
ۋاقرايمەن، ئۆزلۈك ئۆلسە ھالىمىز يامان دوپپا !!!
ئاگاھ بولغاي جېمى خەلقىم بۇ قىسمەتنىڭ ئازابىدىن.
كۇلاھۇ - جەندىدىن ئارتۇق كۆرۈلگەي ھەرزامان دوپپا.
تىلەيمەن ئەي ئۇلۇق ئاللاھ !ئايرىما ئەبەت ئەسلا ،
قەدىردان مىللىتىم ئۈچۈن بولۇپ قالغاي ياران دوپپا..... !!!
* * * * * * * * * * * * * ** * * * * * * * * * * *
مۇبارەك ئەي گۈزەل دوپپا، ھىكمەتلىك مەسەل دوپپا ،
ئۇيغۇرلۇق شەرەپىگە مەڭگۈلۈك غەزەل دوپپا !!!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا AbdulQuddus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-6 03:57 PM