مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 813|ئىنكاس: 10

ئۆگىنىش ئىبادىتى ۋە ئىنسان سائادىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106060
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 489
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2014-4-15
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 03:56:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئۆگىنىش ئىبادىتى ۋە ئىنسان سائادىتى
(نەسىر )
ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي


   مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس كىتابى قۇرئان كەرىمنىڭ بىرىنچى ئايىتى « ئىقرا بىسمى رەببىكە ( پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن ئوقۇ - ئۆگەن!)» دەپ نازىل بولغانىكەن. دېمەككى، ئىنسان ئۈچۈن، ئۆگىنىش ئەڭ مۇھىم، ئۆگىنىش تولىمۇ زۆرۈر، ئۆگىنىش بەك مۇقەددەس؛ ياشامنى ئەھمىيەتلىك، تۇرمۇشنى مەنىلىك ۋە ھاياتنى قىممەتلىك قىلىدىغان قوراللار ئىچىدە ، ئۆگىنىشنىڭ ئالدىغا ھېچ قاندىقى مەڭگۈ ئۆتەلمەس!
  مۇسۇلمانلىق ئىمان پرىنسىپى بويىچە ئېيتقاندا، ئاللاھنىڭ دېگىنىنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش يولىدىكى پائالىيەت ئىبادەت جۈملىسىگە كىرىدۇكى، بۇ پائالىيەتلەر ئىچىدە، ئۆگىنىش پائالىيىتى ئەڭ باشتا تۇرىدىغان مۆتىۋەر پائالىيەت سانىلىدۇ. ئېچىپ دېسەك، ئۆگىنىش بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھېلىقىدەك قىلسىمۇ بولىدىغان، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئۇ ئاللاھ ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئىبادەت قىممىتىدىكى پەرز ئىشتۇر، دېسەك ئوشۇق كەتمەس!
  ئىنساننىڭ ئىبادەت قىلىشتىن مەقسەت-مۇددىئاسى مەڭگۈلۈك سائادەتنى قازىنىش ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، ھەر قانداق سائادەت، بولۇپمۇ بىز دەۋاتقان مەڭگۈلۈك سائادەت ئەمگەكسىز، رىيازەتسىز ۋە جاپا-مۇشەققەتسىز قولغا كەلمەس.
  دېمەكچىمىزكى، ھەر قانداق ئىبادەتنىڭ جاپاسى-رىيازىتى بار، ئوخشاشلا ئۆگىنىش ئىبادىتىنىڭ ھەم مۇشەققىتى بار. ھەتتا، ئۆگىنىش ئىبادىتىنىڭ رىيازىتى ۋە مۇشەققىتى باشقا ئىبادەتلەرنىڭكىدىن قىلچىمۇ قېلىشماس.
  رىيازەتتىن قاچماي، مۇشەققەتتىن قورقماي، ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ھەر قانداق ئىبادەتنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ھالاۋىتى، شاراپىتى ۋە مۇكاپاتى بولىدۇ. ئەمدى، ئۆگىنىش ئىبادىتىنىڭ مۇكاپاتى شۇكى، ئۇ ئىنسانغا بىلمىگەننى بىلدۈرىدۇ، ئۇقمىغاننى ئۇقتۇرىدۇ، ئىنساننى بىلمەس مەخلۇقتىن بىلگىن ئالىمغا، مىسكىن مەغلۇبتىن مەغرۇر غالىبقا ئايلاندۇرىدۇ.
  يەنە دېسەك، ئىنساننىڭ تۇرمۇشى ئۆگىنىش بىلەن زىننەت تاپىدۇ: زىننەتلىك تۇرمۇش، گۈزەل ھايات ئەمەلىيەتتە، ھەر قانداق ئىنساننىڭ بىرىنچى ئارزۇسى، ئەڭ باشتا تۇرىدىغان ئارمىنىدۇر. ھالبۇكى، ئىنساننىڭ بۇ ئارزۇسى ۋە بۇ يۈكسەك ئارمىنى پەقەت ۋە پەقەت ئۆگىنىش-ئوقۇش بىلەنلا رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.
  كىشىلىك ھايات ئۆگىنىش بىلەن لەززەت تاپىدۇ: شۇنىسى ئېنىقكى، تەمسىز ھاياتنى ھېچكىممۇ ياقتۇرمايدۇ؛ لاۋزا تۇرمۇشنى ھېچكىممۇ ياراتمايدۇ. ھالبۇكى، ئۆگىنىش-ئوقۇش ئىنسان تۇرمۇشىغا تەم كىرگۈزىدىغان خاسىيەتلىك تۇزدۇر؛ تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئىجتىھات قىلىش بولسا، كىشىلىك ھاياتنى تەملىك، تاتلىق، ياشىغانسېرى ياشىغۇسى كېلىدىغان مەززىلىك قىلىدىغان سېھىرى كۈچنىڭ دەل ئۆزىدۇر.
   ھەر قانداق ئادەمنىڭ ھاياتى پەقەت جاپالىق ئۆگىنىش بىلەن، ئىخلاسلىق ئوقۇش بىلەن ئۆزىگە تېگىشلىك قىممەت تاپىدۇ؛ ئىنساننىڭ ئۆزى بولسا، ئۆگىنىش بىلەن، ئوقۇش بىلەن ئۆزىگە لايىق ھۆرمەت، ئىكرام ۋە ئىززەت تاپىدۇ.
  شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، بۈگۈنكى دۇنيادا، ستودېنت بولمىغان، بىلىك ئېڭىدا ستودېنت سەۋىيىسىنى ھاسىل قىلالمىغان مۇسۇلمان نېمىلا دېگەنبىلەن بىر ناچار مۇسۇلماندۇر. بۈگۈنكى ئالەمدە، كومپيوتېر بىلمىگەن، بىلىك، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى قوللىنالمايدىغان مۇسۇلمان بولسا، سېپى ئۆزىدىن بىر ناكار مۇسۇلماندۇر.
   ‹‹ياشلىقتا قىلغان ئىبادەت تاشقا مۆھۈر باسقاندەك». ئوخشاشلا، ئۆگىنىش ئىبادىتىمۇ ئۆمۈر مەۋسۇمىنى بەك تاللايدۇكى، ياشلىق-نەۋقىرانلىق ئۆگىنىش ئىبادىتىنىڭ ئەڭ پەيز مەۋسۇمىدۇر.
  ئى، ياش مۆمىن! ئى، ياش نەۋقىران مۇسۇلمان! ئۆگىنىش-ئوقۇش ئىبادىتىدىن ھەرگىز نېسىۋىسىز قالما، تىرىشىپ ئۆگەن! ياشلىق-بەڭباشلىق ۋە قاششاقلىق ئېتىڭنىڭ بېشىغا دەرھال سال يۈگەن!   ئىلىم-پەن كىتابلىرىنىمۇ ئاشۇ قۇرئان-ھەدىس كىتابىنى ئوقۇغاندەك مۇھەببەت بىلەن، سۆيگۈ بىلەن ۋە چىن ئىخلاس تەسبىھىڭ بىلەن ئوقۇ! چۈنكى، ئۇ كىتابلاردا سۆزلىنىۋاتقىنى دەل ئاللاھ مۆجىزاتلىرىنىڭ تەسۋىرىدۇر؛ ئۇ پەن ۋە ئۇ تېخنىكىلارنىڭ بىلدۈرىدىغىنى بولسا، بەلكى پەرزىي بىلىملەرنىڭ جەۋھىرىدۇر! خۇللەس كەلام، ئۆگىنىش ئىبادىتى مۆمىن ئىنسان سائادىتىنىڭ خاسىيەتلىك ئاچقۇچىدۇر. ھالبۇكى، پەقەت ئۆگىنىش ئىبادىتىنى ئىخلاس بىلەن قىلغان ئىنسانلا، ئاخىرقى ھېسابتا، ئىككى دۇنيالىق سائادەتلىك ياشام ئۇپۇقىنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىپ كىرەلەيدۇ ۋە ئۇ يەردە، ئىنسانىي ھاياتنىڭ پەيزىنى راۋرۇس سۈرەلەيدۇ.

2010 - يىل 20 - يانۋار، بېيجىڭ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-29 06:12 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 05:56:12 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىم ئىلىش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز !ھەممە ئەجرى كاتتا ئىبادەت،
بىلىم ئارقىلىق ماددى تۇرمۇشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ مەنىۋى ھاياتىنى بىيىتىپ باشقا ئىبادەتمەرنى تىخىمۇ توغرا قىلغىلى بولىدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1471
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1128 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 06:31:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ناھايىتى مەدەتلىك ، ئىلھاملىق بىر نەسىر بوپتۇ. بەكمۇ ياخشى يېزىپسىز!
زوردۇن سابىرنىڭ مۇنۇ گېپىنى قايتىدىن ئويغا سالدى:
ياشلىق ــ ئۆگىنىش، ئىزدىنىش دەۋرى. بۇچاغدا ئىگىلىگەن بىلىم بويىقى ئۆڭمەس، غولى چىرىماس چوكا ئالتۇندەك بىلىم بولالايدۇ.
                                                                           ‹ئىزدىنىش› رومانىدىن

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 07:30:03 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىم ئىلىش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز !ھەممە ئەجرى كاتتا ئىبادەت،
بىلىم ئارقىلىق ماددى تۇرمۇشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ مەنىۋى ھاياتىنى بىيىتىپ باشقا ئىبادەتمەرنى تىخىمۇ توغرا قىلغىلى بولىدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106093
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 660
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 226 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 07:31:27 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىم ئىلىش ھەربىر مۇسۇلمانغا پەرز !ھەممە ئەجرى كاتتا ئىبادەت،
بىلىم ئارقىلىق ماددى تۇرمۇشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ مەنىۋى ھاياتىنى بىيىتىپ باشقا ئىبادەتمەرنى تىخىمۇ توغرا قىلغىلى بولىدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105524
يازما سانى: 755
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2121
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 652 سائەت
تىزىم: 2014-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 07:38:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رىيازەتتىن قاچماي، مۇشەققەتتىن قورقماي، ئىخلاس بىلەن قىلىنغان ھەر قانداق ئىبادەتنىڭ ئاخىرقى ھېسابتا ھالاۋىتى، شاراپىتى ۋە مۇكاپاتى بولىدۇ. ئەمدى، ئۆگىنىش ئىبادىتىنىڭ مۇكاپاتى شۇكى، ئۇ ئىنسانغا بىلمىگەننى بىلدۈرىدۇ، ئۇقمىغاننى ئۇقتۇرىدۇ، ئىنساننى بىلمەس مەخلۇقتىن بىلگىن ئالىمغا، مىسكىن مەغلۇبتىن مەغرۇر غالىبقا ئايلاندۇرىدۇ..
   ...ئىلىم-پەن كىتابلىرىنىمۇ ئاشۇ قۇرئان-ھەدىس كىتابىنى ئوقۇغاندەك مۇھەببەت بىلەن، سۆيگۈ بىلەن ۋە چىن ئىخلاس تەسبىھىڭ بىلەن ئوقۇ! چۈنكى، ئۇ كىتابلاردا سۆزلىنىۋاتقىنى دەل ئاللاھ مۆجىزاتلىرىنىڭ تەسۋىرىدۇر؛ ئۇ پەن ۋە ئۇ تېخنىكىلارنىڭ بىلدۈرىدىغىنى بولسا، بەلكى پەرزىي بىلىملەرنىڭ جەۋھىرىدۇر!

  دىنسىز ئىلىم-پەن ئاجىز بولىدۇ،ئىلىمسىز دىن قارغۇ-ئەمادۇر .(ئېينىشتېيىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 08:52:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇرەئۇپ ئۇستاز. بەك ئىسىل ئەسەرلەرنى يوللاۋاتىسىز! ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرگەي!

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-29 08:56:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەئوپ ئاكا،  شۇنداق ئېسىل نەسىردىن بىرنى سۇنىپسىز، رەھمەت سىزگە ئېسىل ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ھەر ئىشتا بىر خەيىر بار !

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12341
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 11323
تۆھپە نۇمۇرى: 1449
توردا: 1102 سائەت
تىزىم: 2010-10-1
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 12:34:39 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
<<ئوقۇ>>نى ھەر ۋاقىت ئېسىڭدە چىڭ تۇت ،
شۇ يولدا ئىزدىنىپ ماڭسۇن ئىككى پۇت .
چۈشەنسەڭ بۇ سۆزدۇر بىباھا ھىكمەت ،
ئىشەنسەڭ ئاشۇ يول ئېپ كەلگۈسى قۇت .

2013-11-02 مۇھەممەتئەلىجان.چۇڭقۇرچاق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 939
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 537 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-30 10:16:05 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىلىمسىزلىك  ئەڭ قورقۇنۇشلۇق  نەتىجە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش