|
|
|
|
ۋيېتنام Viet Nam
جەنۇبتىكى زېمىن
ۋيېتنامنىڭ تولۇق نامى <ۋيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى> بولۇپ ،ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان .رىۋايەتلەردە خاتىرىلىنىشىچە، ۋيېتنام ئۆزىنى ئەڭ بۇرۇن <ۋىنلاڭ>دەپ ئاتىغان ،<ۋىنلاڭ> نامى ھازىرقى خۇڭخې دەريا دىلتىسى رايونىدا ياشىغان بىر قەبىلىنىڭ نامى بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىن . مىلادىدىن بۇرۇنقى 257-يىلى،ۋيېتنام نامىنى ۋىنلاڭدىن <لاكۋېت>قا ئۆزگەرتكەن . خۇڭخې دەرياسى دېلتىسىدىن تېپىلغان قەدىمىي تۇچ قوراللار مەدىنىيىتىگە ئائىت يادىكارلىقلار ئىچىدىن مىس دۇمباققا بىر خىل قۇشنىڭ سۆرىتى ئويۇلغان بولۇپ ، ۋيېتنام ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ، بۇ خىل قۇش < لاك > قۇشى بولۇپ ، كىن مىللىتىنىڭ ئاتا - بوۋىسى بولغان <كۋېت> لارنىڭ توتىمى ھېساپلىنىدىكەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ،مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئۇچىنچى ئەسىردە لاكۋىتلار ۋىنلاڭنى يەڭگەندىن كىيىن قۇرۇلغان يېڭى دۆلەتكە مىلادىدىن ئىلگىرىكى 257-يىلى ئۆز نامىدا < لاكۋېت > دەپ نام قويغان .
دۆلىتىمىز تارىخنامىلىرىدىكى جانپور ۋيېتنام تارىخىدىكى دۆلەت .1010-يىلى بۈيۈك يۆ دۆلىتى قۇرۇلۇپ ، كىيىنچە لى سۇلالىسى ، چىن سۇلالىسى ۋە كىيىنكى لى سۇلالىلىرى قۇرۇلغان .ئۇلار بەزىدە جۇڭگونىڭ بېقىندى دۆلىتى بولغان ، 1802 -يىلى رۇەن فۇيىڭ ئىمپىراتور ئاتىلىپ ،دۆلەت نامىنى <نەنيۆ> دەپ ئاتىغان . ئىككىنچى يىلى < ۋيېتنام>غا ئۆزگەرتكەن بولۇپ ،ۋيېتنام نامى شۇندىن باشلانغان . < ۋيېتنام>سۆزى ۋيېتنام تىلىدا <جەنۇپتىكى زېمىن >مەنىسى بىلدۈرىدۇ . 1858-يىلى فىرانسىيە ۋيېتنامغا تاجاۋۇز قىلغان .1884-يىلى ياپونىيە تەرىپىدىن بېسىۋىلىنغان .1954-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋيېتنام دىموكراتىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1976-يىلى 7-ئايدا ،ۋيېتنام بىرلەشمە پارلامېنتى بىرىنچى قېتىملىق يىغىنى دۆلەت نامىنى < ۋيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى> گە ئۆزگەرتكەن .
ۋيېتنامنىڭ يەر مەيدانى 329.556مىڭ كۋادرات كىلومېتىر .ئاھالىسى 75 مىليون ، بۇنىڭ ئىچىدە %85 تى ۋيېتنام مىللىتى ، قالغىنى تەزۇ ، كىخمىر ، خەنزۇ قاتارلىقلار بار . پايتەختى خانوي . پۇل بىرلىكى دۇڭ .
مەنبە : دۆلەت ۋە رايونلار نامىنىڭ كېلىش تارىخى .( شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى نەشىر قىلغان)
كۈندە بىر دۆلەت توغرىسىدا يوللىنىدۇ
|
|
|
|
|
|