پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆرپىسى تېرە بولۇپ، ئىچىگە خورما قوۋزىقى تىقىلغانىدى. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
بىر كۆرپە ئۆزى ئۈچۈن، بىر كۆرپە ئايالى ئۈچۈن، ئۈچىنچى كۆرپە مېھمان ئۈچۈن، تۆتىنچى كۆرپە شەيتان ئۈچۈندۇر. (مۇسلىم توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: بىر ئادەم كىيىمىنى تەكەببۇرلۇق بىلەن سۆرەپ ماڭسا ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا قارىمايدۇ. ئەبۇ بەكرى: ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! دىققەت قىلىپ تۇرمىساملا ئىشتىنىم سۆرىلىۋالىدۇ، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىز تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان ئادەملەردىن ئەمەس، دېدى. (بۇخارىي توپلىغان)
ئالتۇن ۋە يىپەك ئۈممىتىمنىڭ ئاياللىرىغا ھالال، ئەرلىرىگە ھارام قىلىندى. (نەسەئىي، تىرمىزىي توپلىغان)
بىر ئادەم ئۆزىنى باشقا بىر مىللەتكە زورلاپ ئوخشىتىۋالسا، ئۇ شۇ مىللەتتىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)
ئاللاھ تائالا بەندىسىدە ئۆزى بەرگەن نېئمەتلەرنىڭ ئەسىرىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. (تىرمىزىي توپلىغان)
ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئارىلاشما يىپەكتىن تىكىلگەن تون كىيىپ چىقتى ۋە بىزگە مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئاللاھ تائالا بىر ئادەمگە نېئمەت بەرسە، ئۇ بەرگەن نېئمىتىنىڭ ئەسىرىنى بەندىسىدە كۆرۈشنى ياقتۇرىدۇ. (ئەھمەد توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: كىبرى ۋە ئىسراپچىلىق ئارىلىشىپ قالمىسىلا يەڭلار، ئىچىڭلار، سەدىقە قىلىڭلار، كىيىڭلار. (ئەھمەد، نەسەئىي، ئىبنى ماجە توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەس دېيىلىدىغان رەخت (بۇ خىل رەخت مىسىرنىڭ قەس دېگەن يېرىدىن چىققاچقا شۇنداق نام بېرىلگەن) نى ۋە سېرىق، قىزىل ئارىلاش بويالغان رەختنى كىيىشتىن، ئالتۇن ئۈزۈك تاقاشتىن چەكلىگەن. (مۇسلىم توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈزۈكى كۈمۈشتىن ئىدى، ئۇنىڭ كۆزىمۇ كۈمۈش ئىدى. (بۇخارىي توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈزۈكى سول قولىنىڭ نامسىز بارمىقىدا ئىدى. (مۇسلىم توپلىغان)
ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىب مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ ئوتتۇرا ۋە كۆرسەتكۈچ بارمىقىمغا ئۈزۈك سېلىشىمنى چەكلىگەن. (مۇسلىم توپلىغان)
ئابدۇراھمان ئىبنى تەرەفەنىڭ بوۋىسى ئەرفەجە ئىبنى ئەسئەدنىڭ بۇرنى (ئىت كۈنى) ئۇرۇشىدا كېسىلىپ كەتكەن بولۇپ، كۈمۈشتىن بۇرۇن ياسىتىۋالغانىدى. بىراق ئۇنىڭ بۇرنى سېسىپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئالتۇن بۇرۇن بېكىتىۋىلىشقا بۇيرۇدى. (ئەبۇ داۋۇد، نەسەئىي، تىرمىزىي توپلىغان)
ئەگەر بىرىڭلار ئاياغ كىيىم كىيمەكچى بولسا، ئوڭ پۇتىدىن باشلاپ كىيسۇن، سالىدىغاندا سول پۇتىدىن باشلىسۇن، ئوڭ تەرەپ كىيىدىغاندا ئاۋۋال، سالىدىغاندا ئاخىرى بولسۇن. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
بىرىڭلار بىر تاللا ئاياغ بىلەن (بىر پۇتقا ئاياغ كىيىپ، يەنە بىر پۇتقا كەيمەي) ماڭمىسۇن. ياكى ئىككىلىسىنى كىيمىسۇن، ياكى ئىككىلىسىنى كىيسۇن. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
ئايىغىنىڭ يىپى ئۈزۈلسە ئۆزى ئوڭشىماي تۇرۇپ ماڭمىسۇن، بىر ئۆتۈكتە ماڭمىسۇن، سول قولىدا يېمىسۇن، بىر تاللا رەختنى ئورىۋېلىپ زوڭزىيىپ ئولتۇرمىسۇن. خالتىدەك ياكى ئۇيۇل تاشتەك قولىنى چىقىرىدىغان يېرى يوق كىيىمگە يۆگەنمىسۇن. (مۇسلىم توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆرە تۇرۇپ ئاياغ كىيىشتىن چەكلىگەن. (ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: مەن ھەيزدار ھالەتتىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ چېچىنى تاراپ قوياتتىم. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
قەدىمىي سۈننەت بەشتۇر: خەتنە قىلىش، كىندىك ئاستىدىكى موينى ئېلىش، بۇرۇتنى قىسقارتىش، تىرناق ئېلىش ۋە قولتۇق تۈكۈنى يۇلۇش. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
ئەنەس رەزىياللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: بۇرۇتنى قىرقىشتا، تىرناق ئېلىشتا، قولتۇقنىڭ مويىنى يۇلۇشتا، كىندىك ئاستىنى تازىلاشتا بىزگە ۋاقىت بەلگىلەنگەن بولۇپ، قىرىق كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىك ئىدى. (مۇسلىم توپلىغان)
ئۆمەر ئىبنى خەتتابنىڭ ئاچچىقى كەلسە بۇرىتىنى تولغاپ قوياتتى. (تەبەرانىي توپلىغان)
مالىك ئىبنى ئەنەستىن بۇرۇتنى چۈشۈرۈش توغرۇلۇق سورالغاندا، ئۇ: بۇ كىشىلەر ئارىسىدا پەيدا بولغان بىدئەت دېگەن. (بەيھەقىي توپلىغان)
يەھۇدىي ۋە ناسارالار ساقال – بۇرۇتىنى بويىمايدۇ، سىلەر ئۇلارنىڭ ئەكسىنى قىلىڭلار. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
ئاياللارغا ئۆزىنى ئوخشىتىۋالغان ئەرلەرگە، ئەرلەرگە ئۆزىنى ئوخشىتىۋالغان ئاياللارغا ئاللاھ تائالا لەنەت قىلسۇن! (بۇخارىي توپلىغان)
چاچ ئۇلىغۇچى ۋە ئۇلاتقۇچىغا، مەڭ چەككۈچى ۋە چەكتۈرگۈچىگە ئاللاھ تائالا لەنەت قىلسۇن! (بۇخارىي توپلىغان)
كۆز تېگىش ھەقتۇر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مەڭ چېكىشتىن چەكلىگەن. (بۇخارىي توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر كۈنى چاچ تاراشتىن چەكلىگەن. پەقەت بىر كۈن تۇرۇپ، بىر كۈن چاچ تارىسا كېرەك يوقتۇر. (تىرمىزىي، نەسەئىي، ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)
قېرىلىقنى ئۆزگەرتىشتە ئەڭ ياخشىسى خېنە ۋە كەتەم (چاچنى قارىغا بويايدىغان ئۆسۈملۈك) دۇر. (تىرمىزىي، نەسەئىي، ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدىن خېنە بىلەن ساقىلىنى بويىۋالغان بىر ئادەم ئۆتۈپ كېتىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇ ئادەم نېمە دېگەن چىرايلىق – ھە؟ دېدى. ئاندىن خېنە ۋە كەتەم بىلەن بويىۋالغان يەنە بىر ئادەم ئۆتىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇ ئىلگىرىكىسىدىنمۇ چىرايلىق ئىكەن، دېدى. ئاندىن سېرىق بويىۋالغان بىر ئادەم ئۆتىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بۇ ھەممىسىدىن چىرايلىق ئىكەن، دېدى. (ئەبۇ داۋۇد توپلىغان)
سېنىك بىلەن سۈرمە تارتىڭلار، ئۇ كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ، كىرپىكنى ئۆستۈرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈرمىدانى بولۇپ، ھەركۈنى ئاخشىمى سۈرمە سۈرەتتى. (تىرمىزىي توپلىغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-27 12:17 PM بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" d- }( y7 e4 T3 A
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ U. [5 I0 J; X- q* B6 N