مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1679|ئىنكاس: 25

تەپەككۇر مېۋىلىرى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

❤❤❤❤❤❤❤

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104115
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 336
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2014-2-26
ئاخىرقى: 2014-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 01:44:04 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر قانداق نەرسە ئۆز ئورنىنى تاپمىغۇچە ، ياكى ئۇنىڭ ۋاقتى كەلمىگۈچە ئېتىبارى بولمايدۇ.  
ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ باشقۇرالمىغانكەنسەن، باشقىلارنىڭ سېنى باشقۇرىشى زۆرۈردۈر.
خاپىلىق زىللىقتىن،خۇشلۇق بىغەملىكتىن ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.
دوستلار ئالدىدا كۈلۈش مۇھەببەتتىن ، رەقىبلەر ئالدىدا كۈلۈش نەپرەتتىن.
نەپىسىڭنى يىغ _ يۈزۈڭنى چۈشۈرىدۇ، تىلڭنى يىغ _ئوسال قىلىدۇ، غەزىپىڭنى يىغ _ پۇشايمانغا قويىدۇ.
چوڭلار《قىل》 دېگەن ئشتىن  نان چىقىدۇ، قىلما دېگەن ئىشتىن قان.
كۈلكە ئىچىگە يۇشۇرۇنغان ساختىلىق ھەسەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى.
قارىساڭ ھەممە نەرسە تەل، ئەمما قەلبىڭ قاغجىراقلىق ئىچىدە ياشايسەن، بۇ دەل بەخت ئىچىدىكى بەختسىزلىك.
ئۆتكەن كۈنلەر چۈشكە ئوخشايدۇ،ئوخشىمايدىغىنى ئەسلىمە.
سىرىڭنى بىر ئادەمگە دەپ بەرگىنىڭ شۇ ئادەمگە ئىشەنگىنىڭ ،لېكىن شۇنىڭدىن باشلاپ ، ئۇ ئادەم ئادىدا تىلىڭ قىسقىرايدۇ.
باشقىلارنىڭ تاشقى قىياپىتىگە قاراپلا بەختلىككەن دېمە، بەلكىم ئۇلار دەردىنى ئىچىگە سىغدۇرۇپ كېتەلىگەنلەردۇر.
ساختا مۇھەببەتتە قىزلار  مال مۈلۈك ، ئوغۇللار نام _ ئابروي قوغلىشىدۇ.
سەن ياخشى كۆرگەننىڭ ئارتۇقچىلىقنى ، سېنى ياخشى كۆرگەننىڭ كەمچىلىكىنى كۆرىسەن.
ئەرلەر ئاياللار ئارقىلىق كۆتۈرۈلىدۇ ۋە چۈشۈرىلىدۇ.
ئەر كىشى يوق ئۆيدە بالا بۇزۇلىدۇ، ئايال كىشى يوق ئۆيدە ئەر.
چىرايى گۈزەللەرنى شەھەردىن ئىزدە، قەلبى گۈزەللەر
نى سەھرادىن .
ئانا مېھرىدىن ئايرىلىش بەك بىچارىلىك،خۇتۇن مېھرىدىن ئايرىلىش بەك ئېچىنىشلىق ، دوستلۇق مېھرىدىن ئايرىلىش بەك تەنھالىق.
مۇۋەپپىقىيەت قازانغاندا ھەممە كىشى دوسىت، مەغلۇب بولغاندا پەقەت ئانىلا دوست.
ئاجىز ئادەمنىڭ كۆڭلىدە نەپرەت بولمايدۇ ،پەقەت ئازابلا بولىدۇ.
مېنىڭ سەندىن رەنجىپ قېلىشىم سېنىڭ مېنى ئالدىغانلىقىڭلا ئەمەس ،بەلكى ساڭا ئىشىنىشكە ئامالسىز قالغانلىقىمدىن.
ئەگەر سېنىڭ خاسلىقىڭ باشقىلارنى سەندىن يىراقلاشتۇرسا ، ئۇنداقتا سېنىڭ خاسلىقىڭ ئەغلۇب بولغان بولىدۇ، ئۇتۇقلۇق بولغان خاسلىق باشقىلارنى يەكلىمەستىن ، بەلكى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ .
تەقدىر پۇتۇڭنى سۇندۇرۇۋەتسە ، ئۇ يەنى ساڭا ئاقساقلاپ مېڭىشنى ئۆگىتىدۇ.
ئندىشە ئەتىدىكى قايغۇ - ئەلەمنى يوقىتالمايدۇ ، ئۇ پەقەت بۈگۈنكى كۈچىڭىزنى خورىتىدۇ.
ئەگەر دوستىڭىزنى ئەيىبلەشتىن ئۆزىڭىز ئازابلانغان بولسىڭىز ، توغرا قىلغان بولىسىز. ئەگەر دوستىڭىزنى ئەيىبلەشتىن زەررىچە خوشاللىققا ئېرىشكەن بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئاغزىڭىزنى باشقۇرۇۋېلىڭ.
بەزىلەر باشقىلارنىڭ يېتەرسىزلىك ،خاتالىقىغا باھا بەرگەندە ،ئۆزىنىڭ قولىنىمۇ شۇ تارازىغا قۇيۇپ باقمايدۇ.
ئەگەر سىز باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كۆرسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىڭىزنىمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كۆرگەن بولىدۇ.
تۇرمۇش بىر خىل چەت تىل ، ھەر قانداق ئادەم ئۇنى خاتا تەلەپپۇز قىلىپ قويىدۇ.
ئاجىز كىشىلەر تەلەيگە ، قەيسەر كىشىلەر سەۋەب- نەتىجىگە ئىشىنىدۇ.
بەزىدە چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇش  ھاجەتسىز ، دۈشمىنىڭىزگە مىڭ چۈشەندۈرسىڭىزمۇ ئىشەنمەيدۇ، دوستىڭىزغا بولسا چۈشۈندۈرۈش كەتمەيدۇ.
سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ قېلىش شىۇنىڭ ئۈچۈن ئازابلىقكى _ قارشى تەرەپ بولسا يۈرىكىنى قايتۇرۇۋالغان ، سىز بولسىڭىز يۈرىكىڭىزنى قايتۇرۇپ كېلەلمىگەن بولىسىز.
ئەرلەر بىلەن ئارىلاشمىغان ئاياللار بارغانسېرى چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ . ئاياللار بىلەن ئارىلاشمىغان ئەرلەر بارغانسېرى دۆتلىشىپ كېتىدۇ.
ئۇنتۇش ئاسان بولغان بولسا ، بۇ دۇنيادا ئازاب بولمىغان بولاتتى.
مۇھەببەت كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە، ئەمما ئۇ خەزمەت ،ئۆگىنىشىمىزگە پۇتلىكاشاڭ بولماسىتىن،ئالغا بېسىشىمىزغا ھەيدەكچى بولىدىغان سۈرئەت تېزلەتكۈچ بۇلۇشى كېرەك.
باشقىلارنى ئۆزۈڭگە قانداق مۇئامىلە قىلسۇن دېسەڭ، سەنمۇ باشقىلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىل.
سۆز لىباس ،مەنە ئۇنىڭدىكى يۇشۇرۇن سىر.
سەن ھەممىنى ئۇنتۇشۇڭ مۇمكىن، پەقەت بىر
نەرسىنى _ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلدىڭ،  شۇنى ئۇنتۇمىساڭلا بولغىنى.  


          مەنبە: تەرمىلەر ژۇرنىلى ،جالالىدىن رۇمى     
          ھېكمەتلىرى قاتارلىق كىتاب - ژۇرناللاردىن  
                               ساقلىۋالغانلىرىم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-3-19 03:35 AM  


❤❤❤❤❤❤❤

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104115
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 336
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 236 سائەت
تىزىم: 2014-2-26
ئاخىرقى: 2014-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 01:48:37 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنچە دىققەت قىلساممۇ ، تېلىغۇندا يازغاچقا يەنىلا بىر نەچچە جايدا ئىملا خاتالىقى كۈرۈلۈپتۇ، باشقۇرغۇچىلارنىڭ تۈزىتىپ قۇيۇشىنى سورايمەن، رەھمەت.

.Take hold your iman

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103962
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 76
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2014-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 04:38:48 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن بۇلىدىغان تەپەككۇر مىۋىللىرىكەن بۇ ھەممىنى ئىنكاسىم بىلەن ساقلىۋالدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80125
يازما سانى: 261
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3765
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2012-5-14
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 08:57:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104689
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2014-3-11
ئاخىرقى: 2014-5-12
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 10:10:24 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز، قەلىمىڭىز ھارمىغاي، مەنپەئەتلىك تىمىڭىزغا تەشەككۈر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 1715
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8967
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 10:25:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ياقتۇردۇم رەھمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99851
يازما سانى: 505
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1896
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 205 سائەت
تىزىم: 2013-11-20
ئاخىرقى: 2014-11-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 10:28:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تولىمۇ ياقتۇردۇم رەھمەت سىزگە،سىزدىن سورىمايلا ساقلىۋالدىم.

ھاياتتا ھېچكىمنىڭ قولىغا ئېسىلما،ھېچكىمنڭ تېمىغا يۆلەنمە،شۇنداق كۈنلەر كېلىپ ،ئۇ قوللار بوشىشىپ ،ئۇ تاملار يىقىلىپ كېتەر،يەنىلا ئۆزەڭگە  تايانغىنىڭ ئەۋزەلدۇر.

نېمىلەرنى ئويلا

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11976
يازما سانى: 739
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16174
تۆھپە نۇمۇرى: 3127
توردا: 349 سائەت
تىزىم: 2010-9-28
ئاخىرقى: 2015-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 10:30:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۈلكە ئىچىگە يۇشۇرۇنغان ساختىلىق ھەسەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى.


بەك ياخشى گەپلەركەن. يوللاپ يۇتۇڭ.

قاراڭغۇ زۇلمەتنى قاغىغاندىن كۆرە بىرەر چىراق ياققىنىڭ تۈزۈك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102551
يازما سانى: 1472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3916
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2014-1-20
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 10:33:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە،بەك ياخشى ھېكمەتلەركەن.....

بىلىم چەكسىز،بىلىش چەكلىك ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-19 10:34:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەن ھەممىنى ئۇنتۇشۇڭ مۇمكىن، پەقەت بىر بىر نەرسىنى _ دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلدىڭ،  شۇنى ئۇنتۇما

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش