|
|
|
|
مۇراجىئەتنامە جەمئىيەتتىكى ئاقكۆڭۈل قېرىنداشلارغا: مېنىڭ يولدۇشۇم «ئاشقازان راكى» كېسىلىگە گېرىپتار بولۇپ، نەچچە يىل داۋالىنىپ ئاخىرى كېسلى شىپالىق تاپالماي 1998-يىلى ئۆلۈپ كەتتى. يولدۇشۇمنى داۋالىتىش جەريانىدا نۇرغۇن ئىقتىسادىمىز داۋالىنىشقا سەرپ بولدى. ھەتتا باشقىلاردىن قەرز ئالدۇق، ئۆيدىكى بارلىق مال-مۈلۈكنى ھەم ئۆينىمۇ سېتىپ داۋالاتتۇق. ئەمما يولدىشىم ئاخىرى قارا تۇپراق قوينىغا كىرىپ كەتتى. يولدۇشۇم ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن كىچىك ئىككى قىزىم بىلەن بىرگە قىيىنچىلىق ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرۈپ كېلىۋاتاتتىم. ئەمما 2006-يىلىغا كەلگەندە تۇيۇقسىز «بالياتقۇ بوينى راكى» كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ دۇختۇرخانىغا كىرىپ قالدىم. كېسلىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قۇلىقىمغا ئىشەنمەي قالدىم، قىزلىرىممۇ ئۆزىنى بېسىۋالماي يىغلاپ كەتتى. تۇرمۇش ئەھۋالىمىز ناچار، باشقىلارنىڭ ياردىمىدە كۈن كەچۈرىۋاتقاچقا قانداق قىلارمىز، دەپ ئېغىر قايغۇدا قالدۇق. ئاخىرى كېسىلىمدىن خەۋەر تاپقان كەنتە كومىتېتى ۋە بىر قىسىم ئاقكۆڭۈل كىشىلەر ھەر تەرەپتىن ياردەم قىلىپ مېنى ئۈرۈمچى 2-دۇختۇرخانىغا يولغا سېلىپ قويدى. مەن ھازىرغىچە ئۈرۈمچى 2-دۇختۇرخانىدا كۆپ قېتىم داۋالاندىم. يۇرتقا قايتقاندا شەخسىي دۇختۇرخانىلاردا داۋالاندىم. ھازىر ئۈرۈمچى تېببى ئىنىستىتۇتى قارمىقىدىكى «ئۆسمە كېسەللىكلەر دۇختۇرخانىسى» دا خىمىيەلىك ئۇسۇلدا داۋالىنىۋاتىمەن. ماڭا ھازىرغىچە يۇرتۇمدىكى كۆپ كىشىلەر ساخاۋەت قولىنى سۇندى، شۇلارنىڭ ھىممىتىدە بۈگۈنگىچە ھايات ياشاپ كېلىۋاتىمەن. ھازىر مېنىڭ داۋالىنىشقا ھېچبىر ئامالىم، ھېچبىر ئىقتىسادىم قالمىدى. بالىلىرىم تېخى كىچىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە قىز. شۇڭلاشقا جەمئىيەتتىكى ئاقكۆڭۈل، ساخاۋەتلىك قېرىنداشلارنىڭ ماڭا ئاز-تولا ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھۆرمەت بىلەن: قاراقاش ناھىيە كۇيا بازىرى قارا قۇزۇق كەنتە 2-مەھەللىدىن ئالمىخان ئىبراھىم سودا سانائەت ئىدارىسىنىڭ ئالمىخان ئىبىراھىم نامىدىكى بانكا كارتا نومۇرى: 6210082035285239 ئالاقە نومۇرى: 15199744918
ۋاكالىتەن يوللىغۇچى: قايتماس
ئالمىخان ئىبىراھىمنىڭ ھازىرقى تەكشۈرۈلۈش قەغىزى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-1-21 02:44 PM
|
|
|
|
|
|