مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1075|ئىنكاس: 16

قىرتاق پاراڭلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89699
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 375
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 85 سائەت
تىزىم: 2013-1-7
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               تىلەمچىلەرنىڭ ئىستىقبالى پارلاق

                                                          ماھىرە مەخسۇت

   جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ ، يىڭى - يىڭى كەسىپلەر ۋۇجۇتقا كىلىۋاتىدۇ ۋە كۇنسىرى جانلىنىۋاتىدۇ . نەچچە يىللاردىن بۇيانكى كۇزۇتۇشۇمگە ئاساسەن شۇنداق بىر پىكىرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئويلاۋاتىمەن ، يەنى تىلەمچىلىك يىقىن كەلگۇسىدە رەسمىي كەسىپ سۇپىتىدە جامائەتچىلىكنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشەلەيدۇ .
   بۇ خىل ئوينىڭ پەيغا بولۇش سەۋەپلىرىنى تىلغا ئىلىپ ئوتسەم ، ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مەركىزى ئۇرۇمچى شەھىرىنى ئارىلايدىغان بولسىڭىز ، تىلەمچىلەر ھەر كۇنلۇك تىجارەت سورۇنىنى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئولتۇراقلىشىش ئالاھىدىلىكى ، تۇرمۇش سەۋىيەسى ، تىلەمچىلەرگە « مۇھتاجلىق » نىسبىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن تاللايدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە تىلەمچىلەرگە « مۇھتاجلىق » دىگەن ئاتالغۇنى چۇشەندۇرۇپ ئوتسەم ، ئۇلار ئالدى بىلەن قانداق كىشىلەرنىڭ سەدەقە بىرىشنى ياخشى كورىدىغانلىق پىسخىكىسىغا ئاساسەن  ، كوپىنچە دوختۇرخانا ئەتراپىغا مەركەزلىشىدۇ . چۇنكى ، مەيلى بىمارنىڭ ئۇرۇق - تۇققىنى بولسۇن ياكى بىمار ئوزى بولسۇن ، بالدۇرراق ساقىيىشنى ئۇمىد قىلىپ سەدىقە بىرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئاغرىقلار يىنىدىن چىققانلارنىڭ كوڭلى يۇمشاپ ، « مىيىپ ، كىسەللەر » گە تىزلا ئىچ ئارىتىدۇ .بۇنىڭ بىلەن تىلەمچىلەر كوزلىگەن مۇددىئاسىغا يىتەلەيدۇ . تىلەمچىلەر يالغۇز ھەرىكەت قىلمايدۇ . بىر ئورنىدا ئۇزاق تۇرمايدۇ . ئۇلار كوپ ھاللاردا ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئوخشاش ئورۇننى تاللىۋالمايدۇ . بىر دائىرىدە ھەممىسى ئوخشاش ئۇسۇلدا تىلىمەيدۇ . بۇ سەپكە يىڭى قوشۇلۇپ قالغانلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، تىلەمچىلىك قىلىۋاتقىنىغا ئۇزاق بولغانلار ئاساسىي جەھەتتىن بۇنداق ئەقەللىي خاتالىقلاردىن مۇستەسنا . ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا ئۇندىداردا ئاغزىغا تاماكا چىشلىۋالغان ئىككى ئايالنىڭ كوچىدا ئولتۇرۇپ پۇل ساناۋاتقان سۇرىتى تارقىلىشى بىلەن ، « مۇشۇنداق قەلەندەرلەرگىمۇ پۇل سەدىقە قىلىۋاتامسىز ؟ » دىگەن مەزمۇندا مۇنازىرە بولدى . ھەممىمىزگە ئىنىق ، « ئىش » ئۇستىدىكى تىلەمچىلەرنىڭ ياسىنىشى ، تۇرقىغا قاتتىق تەلەپ قويۇلىدۇ ، بولمىسا جامائەتنىڭ ئوتكۇر كوزلىرى ئۇلارنىڭ ساختىلىقىنى بايقاپ قالىدۇ . دىمەك تىلەمچىلىك بارغانسىرى بىر توپنىڭ پىلانلىق ھالدا يۇرگۇزۇۋاتقان ، تىجارەت شەكلىنى ئالغان ھەرىكىتى .
   شۇ سەۋەپتىن تىلەمچىلىكنى بىر خىل كەسىپ نامى ، تىلەمچىلەرنى بۇ كەسىپنى قىلغۇچىلار دىيىش تازا مۇۋاپىق .
   مىنىڭچە ، بۇ كەسىپنىڭ ئىستىقبالى پارلاق . بۇ سوزۇمنى مۇنۇلار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ باقماقچىمەن .
   1 . ئىختىسات تەرەققى قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئوستى . بۇنىڭ بىلەن تىلەمچىلەرگە ھىسداشلىق قىلىدىغانلار ، قوللايدىغانلار ، قىلالايدىغانلار كوپەيدى ،ھىسداشلىق سەۋىيسى ئوستى .
   2 . كىشىلەر تۇرمۇشتىن زوقلىنىشقا ماھىر بولۇپ كەتتى .  مەسىلەن ، ئادەتتە چارچىغان نىرۋىلىرىنى ھەرخىل رەڭلىك چىراق ئاستىلىرىدا تىنىچلاندۇرۇدىغان ، ئەتىسى سەھەردە سەدىقە بىرىپ ، ئاخشام ئوتكۇز گەن گۇناھلىرىنى يىنىكلىتىشكە مەبلەخ سالىدىغان بولدى . كىشىلەر ئوزىنى گۇناھقا قانچە ئىغىر پاتتىم  دەپ ئويلىغانسىرى ، سەدىقە مىقدارىنى شۇنچە ئوستۇردى .
   3 . ئارىمىزدا ئالدىراش ساخاۋەتچىلەر كوپەيدى . بۇ دىگەنلىك دىلى يۇمشاق ساخاۋات ئىشلىرىنى قىلغۇسى بارلار كوپەيدى - يۇ ، بەك ئالدىراش بولغانلىقتىن كىسىلىنى داۋالىتالماي باشقىلارغا قول ئۇزۇتۇشقا نۇمۇس قىلىۋاتقانلار ، بالا - چاقىسى باقماي يولەكسىز قالغان بوۋاي - مومايلاردەك ھەقىقى مۇھتاجلارنى تىپىشتىن ئىرىنىپ ، تىلەمچىلىك كەسپىنى گۇللەندۇرۇشكە ھەسسە قوشىدىغانلار كوپەيدى .
   4 . تىلەمچىلىك كەسپىنىڭ نۇرغۇن ئەۋزەللىكلىرى بار ، مەسىلەن ، ياش ، مىللەت ، جىنىس چەكلىمىسى يوق . خىزمەت ۋاختى ، ئورنى ئەركىن . يالغانچى ، يۇزى قىلىن بولۇشتىن باشقا قابىلىيەت تەلەپ قىلىنمايدۇ . تىجارەت ئورۇن ھەققى ۋە باج ئىلىنمايدۇ ، ۋاھاكازالار .
   قارايدىغان بولساق ، بۇرۇنلاردا قىرى ، مىيىپ ، ئاجىزلارلا تىلەمچىلىك قىلغان بولسا ، ھازىر بۇ كەسىپتىمۇ رىقابەت كۇچىيىپ ، ھەقىقى مۇھتاجلار بازاردىن شاللىنىپ ، كۇچلۇكلەر ، يەنى بازار ئەھۋالىنى چۇشەنگەنلەر ، يىڭىلىق يارىتىش روھىغا ئىگىلەر  ئۇستۇنلۇكنى ئىگىلىدى . بۇنىڭ بىلەن بۇ كەسىپنىڭ تۇرلىرى خىلمۇ - خىل بولۇپ كەتتى . نوۋەتتە كوپ ئۇچرايدىغانلىرى : بالا قۇچاقلاپ تىلەش ، بالىنى ھارۋىغا تۇرغۇزۇپ قويۇپ ياكى ياتقۇزۇپ قويۇپ تىلەش ، چوڭلارنى ھارۋىغا  ياتقۇزۇپ تىلەش ، باداشقىنىنى قۇرۇپ ، پۇتىنى پۇچقاققا تىقىپ قويۇپ تىلەش ، چۇمپەردىدىن ماراپ تىلەش ، مۇراجىئەتنامىنى ئالدىغا يىيىپ تىلەش ، دوختۇرخانىنىڭ ئىچىدە بىرەر زەخمىسىنى كورسىتىپ ، ئۇيان - بۇيانغا مىڭىپ تىلەش ، يۇرتىغا كىتىدىغانغا پۇلى يوق سەۋەپلىك تىلەش قاتارلىقلار .
   ئومۇمەن جامائەت تىلەمچىلەرنى مۇشۇنداق قوللاپ - قۇۋەتلەيدىغانلا بولسا ، يىقىن كەلگۇسىدە بۇ كەسىپ مۇنتىزىملىشىپ ، تورلاشقان زەنجىرسىمان بولۇش يولىغا كىرىشى مومكىن . بۇنىڭ بىلەن ئوقۇش دىسە بىشى ، ئىش دىسە بىلى ئاغرىيدىغان ھورۇن ، نان قىپى ، بىكار تەلەپلەرنىڭ خىزمەت تىپىش پۇرسىتى كوپەيگۇسى .

                                          شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتىدىن ئىلىندى .

                                              2014 - يىل 18 - يانۋار .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99876
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 312
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2013-11-21
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تەھلىللەر جايىدا  بوپتۇ،بىراق بۇ كەسپنىڭ راۋاجلىنىشىدىن خۇدايىم ساقلىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8118
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 925 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2014-1-22
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ipar1 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 05:08 PM
بۇ تەھلىللەر جايىدا  بوپتۇ،بىراق بۇ كەسپنىڭ راۋاجلىنى ...

دىگنىڭىز دۇرۇس .

ئالتۇن

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 913
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3096
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 230 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ipar1 يوللىغان ۋاقتى  2014-1-18 05:08 PM
بۇ تەھلىللەر جايىدا  بوپتۇ،بىراق بۇ كەسپنىڭ راۋاجلىنى ...

قوللايمەن

ئى رەببىم،ماڭا كۆڭۈل خاھىشىمنىڭ تۇمشىقىغا سېلىنغان يۈگەننىڭ چۇلۋۇرىنى ئەقىل ئىدراكىمنىڭ قولىغا تۇتقازغۇدەك جۈرئەت ۋە ئىقتىدارنى مەندىن ئايىمىغايسەن.........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 158
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئۇيغۇر ئىككى قولىنى شۇنداق كۆتەرسە بىرىگە مۇسۇلمان بىرىگە تېلەمچى بولالايدۇ .....

مەن سەردار !

سەن سۆيگەننىڭ قۇلى بولغىچە سىن

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98969
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 409
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2013-10-25
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلەمچىلىك قىلغۇچە مەدىكار ئىشلىسىمۇڭ بۇلىدۇ ئەمەسمۇ ،ئۆز مىھنىتى بىلەن تېپىپ ئىشلىسە نىمانداق ياخشى ھە ، ئاڭلىسام بەزى تىلەمچىلە كىچىسى قىما ئوينامىش ، راسمۇ ياكى يالغانمۇ بىلمىدىم .   بۇ ئىشتىن خۇدايىم ساقلىسۇن .

ئى قېرىندىشىم ئىسىڭدە بولسۇن  ،   ئاللاھ بىزنىڭ  ئىبادىتىمىزگە مۇھتاج ئەمەس ئۇ پەقەت ئۆزىمىزنى جەھەننەم ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈندۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3257
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 355 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     تىلەمچى توغرىسىدىكى پاراڭلار يەنە باركەندە?
   سۇبھاناللاھ, قارىغاندا مەن خاتالىشىۋاتقان ئوخشايمەن. شەھەردە ياشىمىغاچ تىلەمچلەرنى بەك يۈزە ئويلاپ قالدىممىكىن?

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 4939
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29028
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2630 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ مۇنبەردە ‹دىۋانىلار دۇچ كەلگەن ئۈچ مەسىلە›دىگەن بىر ئەسىرىم بار ئوقوپ قويارسىز.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89563
يازما سانى: 951
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5229
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 198 سائەت
تىزىم: 2013-1-4
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ كەسپنىڭ راۋاجلىنىشىدىن خۇدايىم ساقلىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101790
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 90
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 33 سائەت
تىزىم: 2014-1-4
ئاخىرقى: 2014-1-23
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ھەقىقى قىيىنچىلىقى بار تىلەمچىلەرنى پەرىقلەندۈرمەك تەس.  ساختا مىيىپ بولىۋالغان  يۈزى قىلىن تىلەمچىلەرنى پەرىقلەندۈرىدىغان ئاددى ئۇسۇللار بولغان بولسا مىللىتىمىزدىكى بۇ ئۆسمىنى يوقاتقىلى بولاتتى.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش