مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 427|ئىنكاس: 5

ئىككى شېئىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23902
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7702
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1264 سائەت
تىزىم: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 12:47:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(1)
سۇلار ئاقار دولقۇنلار ياساپ،
بىر-بىرىنى ئەركىن قوغلىشىپ.
جۈپ كۆزلەردىن ياشلار تۆكىلەر،
ئاجىز تىترەپ مەڭىز بويلىشىپ.

ئاجىز تىترەپ ئاققان ياشلاردىن،
تۆكىلىدۇ ئالەمچە مۇڭلار.
يۈرەكتىكى دەرتنى باغاچلاپ،
ياش تۆككەچ ھەم ئاقىدۇ ياشلار.

شۇ دەمدە ھەم تىترەيدۇ يۈرەك،
ئاجىز تىترەپ قىلىدۇ نالە.
مەنزىل يىراق يوقتۇر ھېپ ئىمكان،
نالە قىلماي ئۇندا نە چارە؟

پۈتۈن جاھان تەڭ بولدى يوققا،
ياشىماقتا ياش ۋە شۇ يۈرەك.
بىرى چىراق بىرى ماي بۇلۇپ،
ماڭار يولنى يۇرۇتسا كېرەك...
2013.10.20
(2)
ئولتۇرىمەن خىيالغا پېتىپ،
توختاپ قالغان ۋاقىتمۇ تىمتاس.
لىكىن قورقۇنىچ چىرمايدۇ مېنى،
ۋاقىت چۇقۇم ئالىدۇ قىساس.

ئۈچ كۈن ئۆمۈر ئالتە كۈن ئالەم،
مۇشۇ قىسقا ھايات ئىسپاتى.
شۇنى بىلىپ تۇرغان مەن ئىنسان،
بۇ تۇرمۇشنىڭ بولدى قۇربانى.

قەدىمدە ئۆتكەن سانسىز قەھرىمان،
ئۆزى كەتسىمۇ نامى ئۆچمىدى.
مەنمۇ ئۇلارغا ئوخشاش يارالغان،
كەتمىدىم ئەمما ناممۇ قالمىدى.

بويۇن قىسىپ قالغان ئارزۇلار،
تەلمۈرۈپ باقىدۇ ھەر كۈنى ماڭا.
مەنمۇ ھەريان يۈرىمەن چېپىپ،
ئارمانغا دەرمان يوق بولىدۇ ئەمما.

ۋاقىت چۇقۇم ئالىدۇ قىساس،
'ئارزۇ' ئالىدۇ ياقامدىن بىر كۈن.
شۇلارنى ئويلاپ غەملەر ئىلكىدە،
ئۇيقىدىن بىدار ئۆتىدۇ ھەر كۈن.
2013.12.12

مەنبە:ئۆز قەلىمىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-13 05:46 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23902
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7702
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1264 سائەت
تىزىم: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 06:19:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇلارنى ئويلاپ غەملەر ئىلكىدە،
ئۇيقىدىن بىدار ئۆتىدۇ ھەر تۈن.

خەت ئۇرۇش جەريانىدا «تۈن»نى «كۈن»يېزىپ ساپتىمەن.كۆپچىلىكنىڭ تۈزىتىپ ئۇقۇشىنى سورايمەن

شىرىن

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79492
يازما سانى: 2029
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8682
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 939 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 08:27:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھارمىغايسىز. ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز.    تۈزىتىپ چۈشەندۇق .  

ئالەم سىغار مۇشتەك يۈرەككە ،
بۇ دەرتلەرمۇ سىغىپ كېتىدۇ .
رەنجىشلەردىن بولدى  قىل كۆڭلۈم ،
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93562
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 338
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 42 سائەت
تىزىم: 2013-3-19
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-13 11:48:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
snowdrop يوللىغان ۋاقتى  2013-12-13 06:19 PM
شۇلارنى ئويلاپ غەملەر ئىلكىدە،
ئۇيقىدىن بىدار ئۆتىدۇ  ...

《ياش تۆككەچ ھەم ئاقىدۇ ياشلار›                           .


بۇ مىسرانى چۈشەنمىدىم

تۈن قانچە قاراڭغۇلاشقانسىرى يۇلتۇزلار شۇنچە رۇشەنلىشىدۇ

ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4232
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1675 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-14 12:17:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز، ھارمىغايسىز

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23902
يازما سانى: 69
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7702
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1264 سائەت
تىزىم: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-16 05:35:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jin213 يوللىغان ۋاقتى  2013-12-13 11:48 PM
《ياش تۆككەچ ھەم ئاقىدۇ ياشلار›                           .

ئازاپلىرىمنى كۆرۈپ ياشلىرىممۇ ماڭا ئەگىشىپ ياش تۆكىدۇ ....

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش