قىزىمغا خەت
بالىق
قىزىم :
يىراقتائوقۇۋاتىسەن. ئائىلىمىزدىن ئايرىلىپ، سىرتتا، باشقا قەۋملەر ئارىسىدا، تاماقلىرىلائەمەس، دەرەخلىرى، گۈللىرىمۇ ئوخشىمايدىغان بىر جايدا تۇرۇۋاتىسەن، سەن مېنىڭئەقىللىق، ئەخلاقلىق، غۇرۇرلۇق، قەيسەر قىزىم، ھەممىگە چىداپ، باتۇرلۇق بىلەن ئوقۇۋاتىسەن،شۇڭا ئاناڭ ئىككىمىزمۇ خاتىرجەم.
سەندىنپەخرلىنىمىز، سىڭلىڭمۇ سەندىن قېلىشمايدىغاندەك تۇرىدۇ. ئۇمۇ ساڭا ئوخشاشلا بىزنىڭبەختىمىز، تەلىيىمىز .
تېلېفوندادائىم كۆرۈشۈپ تۇرساقمۇ، ساڭا خەت يازغۇم كەلدى. ئاناڭغىمۇ دائىم خەت يازاتتىم، خەتبىزنى بىر ئۆيگە جەم قىلغان، ئاناڭمۇ بەكلا قايىل مۇشۇ خەتلىرىمگە. شۇڭا مۇشۇخەتكە چۇڭقۇر ئىشتىياقىم ۋە ھۆرمىتىم بار، قولۇمغا قەلەم ئالسام ئېچىلىپلاكېتىمەن.
قىزىم،سەندىن ئەنسىرىمىسەكمۇ، ساڭا دېيىش ھاجەتسىز بولسىمۇ، ئاتىلىق مېھرىم ۋە بۇرچۇم بىلەنبەزى گەپلەرنى دېگۈم كېلىپ قالىدۇ، توغرا چۈشەنگىن .
قىزىم، خۇشاللىققاتوغرا مۇئامىلە قىلىشنى بىلىۋال.
خۇشاللىق —سەن ئېرىشمەكچى بولغان نەرسەڭگە ئېرىشكەنلىكىڭدىلا بولماستىن، كۆپىنچە ئاللىبۇرۇنئېرىشكەن نەرسەڭگە ئاۋالقىدەك تارتىشقانلىقىڭ، قوغلاشقانلىقىڭ، ئەسلىگەنلىكىڭ ۋەقەدىرلىگەنلىكىڭدە. كىشىلىك ھايات بىر ئىشىككە ئوخشايدۇ، بەزىلەر چۈشكۈنلۈكئىلكىدە ئىچىدىكى قاراڭغۇلۇقنى كۆرىدۇ، ئەكسىچە بەزىلەر شادلىق ئىلكىدە ئىچىدىكىخاتىرجەملىكنى كۆرىدۇ؛ يەنە بەزىلەر غەم ۋە مەيۈسلۈك ئىلكىدە سىرتىدىكى مۇشەققەتنىكۆرىدۇ، ئەكسىچە بەزىلەر خۇشاللىق ئىلكىدە سىرتىدىكى ئازادىلىكنى كۆرىدۇ. ھاياتئەمەلىيەتتە بىزدىكى تۇيغۇ، دائىم خۇشال – خورام روھىي ھالەتنى ساقلاشنى، تىنچياشاشنى، ئېرىشكەنلىرىنى قەدىرلەشنى بىلگەندە كىشىلىك ھايات دەل ھەممە يېرىدەئۈمىدلەر بىخلىنىپ، خۇشاللىق پورەكلەپ ئېچىلىپلا تۇرىدىغان مۇنبەت تۇپراققائايلىنىدۇ.
قىزىم ، زىددىيەتكەتوغرا مۇئامىل قىلىشنى ئۆگىنىۋال.
كىشىلەرئارىسىدىكى نۇرغۇن زىددىيەتلەر كۆپىنچە تەكەببۇرلۇقتىن كېلىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەرئۆزىنى مەن باشقىلاردىن ئەقىللىق، باشقىلاردىن كۆرگەن – بىلگەنلىرىم كۆپ، ئۆزەمنىڭتوغرا دەپ قارايدۇ، شۇڭا باشقىلارنى سەلچاغلايدۇ، زىددىيەت شۇنىڭدىن پەيدا بولىدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا زىددىيەتنىتۈگەتكىلى بولىدۇ؟ ئۆزىنى باشقىلار بىلەن باراۋەر ئورۇندا قويۇش، باشقىلارنىڭئارتۇقچىلىقىنى كۆپرەك كۆرۈش، قەلبىنى خۇش پىئىللىق ۋە ھۆرمەت بىلەن تولدۇرۇشنىئۆگىنىۋېلىش كېرەك. شۇنداق قىلالىساڭلا ئەتراپىڭ ئىناقلىققا تولىدۇ.
قىزىم، تۇرمۇشنىتوغرا چۈشەن.
كىشىلىك ھايات يولىدا توققۇزى تەل، ھەممە تەييار، ھەممىسىكۆڭۈلدىكىدەك بولۇشى؛ ھايات يولىمىز ھەشەمەتلىك، تەپتەكشى ۋە تۈپتۈز بولۇشى مۇمكىنئەمەس. پۇرسەتلەرنىڭ كېلىپ - كېتىشى، شادلىق ۋە قايغۇنىڭ ئالمىشىشى، كىشىلىك ھاياتمۇساپىسىدىكى بىر جەريان. ئۆزىمىزگە بولغان ئىشەنچىمىز بىزنىڭ قەددىمىزنى تىك،روھىمىزنى جۇشقۇن، قەلبىمىزنى نۇرلۇق قىلىدۇ، تۇرمۇشىمىزغا تەم ، رەڭ ۋە ھەقىقىيمەنە ئاتا قىلىدۇ.
قىزىم، ھەسرەتكەتوغرا مۇئامىلە قىلغىن.
يىغلىۋالغىن،قانغۇدەك بىر يىغلىۋالغىن! بىراق يىغلاپ بولۇپلا تېتىك، جۇشقۇن بولۇشۇڭ كېرەك، ھەممىدەيېڭىلگەن تەقدىردىمۇ تەبەسسۇمىڭنى يوقىتىپ قويما. ئەگەر ھېچكىم ئىشەنمىسە، ئۆزۈڭگەئۆزۈڭ ئىشەنگىن؛ ئەگەر ھېچكىم ماختىمىسا ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ماختىغىن؛ ئەگەر ھېچكىمساڭا بەخت تىلىمىسە، ئۆزۈڭنىڭ بەختىنى ئۆزۈڭ تىلىگەن؛ قەددىڭنى تىك تۇتۇپ بارلىق ئارمانلىرىڭبىلەن ئۆزۈڭگە تەۋە نۇرغا يۈزلەنگىن، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن ئۆزۈڭگە تەۋە ئۆمرۈڭنىياراتقىن، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ چۈشەنسەڭلا بەختكە شۇ يېتەرلىك. بىز ئۈمىدسىزلىكنى قۇبۇل قىلىشىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمى يەنە كېلىپ ئۇ ئاچچىق ۋە چەكلىك بولىدۇ. بىراق ھەرگىز ئۈمىدىمىزنىئۈزمەسلىكىمىز كېرەك، چۈنكى ئۇمۇ ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمى، ئۇ تاتلىق ۋە چەكسىزبولىدۇ .
قىزىم، باشقىلارغا توغرا مۇئامىل قىلغىن،
باشقىلار قانداق ئويلىسۇن، بىز ئۇنى كونترول قىلالمايمىز؛باشقىلار نېمە قىلسۇن بىز ئۇنىڭغا قاتتىق تەلەپ قويالمايمىز. بىردىن بىرقىلالايدىغىنىمىز— پۈتۈن كۈچىمىز ۋە پۈتۈن زىھنىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىشىنى ياخشىقىلىش، ئۆزىمىزنىڭ يولىدا مېڭىش، ئۆزىمىزنىڭ پىرىىنسىپى بويىچە تۇرمۇشىمىزنى ياخشىئۆتكۈزۈش.
قىزىم، نەپسىڭنى تىزگىنلەشنى بىل.
قەلبىمىزنى بىر پارچەمۇنبەت ئېتىزغا ئوخشاتساق، بىز ئۇنىڭغا ئەتىرگۈل تىكمىسەك خوخا، يانتاقلار ئۈنۈپچىقىدۇ. بىز ئەتىرگۈلنى قەيەرگە، قانداق تىكىشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئۆسۈپچىققاندا تىكىنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولىدۇ. خۇشاللىق دەل بىزنىڭ ئەتىرگۈلىمىز،نەپسىمىز بولسا ئۇنىڭغا ئۆسۈپ چىققان تىكەن. بىر قەلبىنى نەپسى ئىگىلىۋالغان كىشىبۇ دۇنيادىكى ئۆزى خالاپ قاتمۇ – قات تىكەنلەر ئارىسىغا كىرىۋېلىپ، تولغىنىپياشاۋاتقان ئەڭ جاپاكەش كىشىدۇر. قەلب ئېتىزىڭدا ئەتىرگۈللەر ئېچىلىپ تۇرغاي !!!
قىزىم، سەنمۇ بىزگە خەت ياز، سېنىڭ خېتىڭنىمۇ ئوقۇپ باقايلى،نېمىلەرنى يازارسەنكىن. تېلېفوندا سۆزلەشسەك باغرىمىز قانمايدىكەن، يا تېلېفوندادېيىشكەن گەپلەرنى ساقلىۋالغىلى بولمايدىكەن. يادىكار بولۇپ قالسۇن.
مۇشۇنچىلىك يازاي، ئالدىراش بولساڭمۇ نامازىڭنى...، چېنقىشنىمۇ...،تەتقىقات تېماڭنى قايسى تىلدا ئېلان قىلساڭ قىل، ئۇيغۇرچىدە تەڭلا ئېلان قىل،تەتقىقاتىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئاممىباب ماقالىلەرنىمۇ يېزىپ قوي.
خەتنى يېزىۋاتقاندا ئاناڭ ،سىڭلىڭمۇ يېنىمدا بار. گەپقۇ جىقتى. خەير، ئاللاھقا ئامانەت. — — — — — ئاتاڭدىن .
2013 – يىل 11 – ئاينىڭ 29 – كۈنى كەچ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىل گۈزەل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-30 01:10 PM